- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 43
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 43
- تىزىملاتقان
- 2012-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-17
- UID
- 37851
- يازما
- 43
- تېما
- 12
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 43
- تىزىملاتقان
- 2012-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-17
- توردا
- 48 سائەت
|
ئۇنتۇلمىغان چۈش
( نەسىر )
قەلەمىي
سېنى ئۇنۇتاي دەپ قانچە تىرىشتىم ،لېكىن كۆكتىكى ھىلالدەك نۇرلۇق كۆزلىرىڭنىڭ يارقىن سىماسى ئەقلىمنى نەچچە قەدەم ئارقىمغا ئىتتىرىپ ئىزچىل ھېسسىياتىمنىڭ قۇلى قىلىپ كەلدى . لەۋلىرىڭدىن لېۋىم ئارقىلىق سۈمۈرۈلگەن شەربەتلىرىڭ زەھەر بولۇپ ئاستا -ئاستا جېنىمنى ئالسا كېرەك ،كۈلكە جىلۋىلنىپ تۇرغان مەغۇرۇر ،ئوماققىنە ھالىتىڭنى كۆز ئالدىمدىن دەقىقىمۇ نېرى قىلالماي ، ئۈنسىز ھالسىراشقا باشلىدىم .
- ئۇنتۇپ كېتىڭ دىگەن ئاشۇ- گىلاستەك لەۋلىرىڭ ئارىسغا يوشۇرۇنغان سەدەپتەك چىشلىرىڭ ئارىسدىن ھېجيىپ چىقۋاتقان كىبىرانە سۆزلىرىڭ~ ئىشقى -ئوتۇڭنىڭ غېرىبانە ئاشىقىغا ئايلانغان جىسمىمنى ئەسلىدىكى بەسىتلىك ،قاۋۇل ھالتىدىن رەھىمسىزلەرچە ۋىجىكلەتمەكتە ئىدى . سېنىڭ قىپقىزىل ئالمىدەك ئوماققىنە مەڭزىڭدە جىلۋىلەنگەن بىر كۈلكەڭ بىلەن ئالامشۇمۇل چاپچىپ تۇردىغان زىھنى - قۇۋۋىتىممۇ بارا -بارا ئاجىزلاپ ،سېنى ھامىنى يېنىمغا قايتىپ كېلدىغاندەك بىر تۇيغۇغا ئالدىنىپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىم .بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغان ،مۇبارەك جامالىڭنى كۆرگەن بولسامچۇ كاشكى ،ئۇنتۇش ئازابىدا پۇچۇلۋاتقان قەلبىم ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي تاپار ئىدى . تولمۇ ئەپسۇس ،ئۇنداق قىلمىدىڭ ، بەلكى مەندىن كۈنسىرى يىراقلاپ كەتتىڭ . بىراق مېنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈم ھېلھەم ئۆچكىنى يوق . ئېھتىمال سەن ماڭغان يوللارنىڭ بىرىدە ساڭا ئالەمچە خۇشاللىق ھەم تېچ ئامانلىق تىلەپ سېنى كۈتۈۋاتقاندۇر . ...
|
|