- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 20
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1821
- تىزىملاتقان
- 2011-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-4
- UID
- 10275
- يازما
- 20
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1821
- تىزىملاتقان
- 2011-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-4
- توردا
- 35 سائەت
|
ئىككى لىكسىيە ئۆچۈرۈلسۇن!
يىغىندا دەپ قويىدىغان يەنە بىر جىددىي گەپ،دۈشەنبە كۈنى كەچ قىزىم بۈگۈن مەكتىۋىدە ئېچىلغان ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يىغلىغانلقىنى ئېيتتى.نېمىشقا يىغلىدى دېسەم،
مۇئەللىم تىلىۋىزور قويۇپ بەرگەن،دەيدۇ.قانداق چىقىدىكەن دېسەم،ئېيتىپ بېرەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىلا قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ،خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشالماي قالغانلىقىمنى ئېيتىپ،شۇ كۈنى بالىلارغا ۋە ئاتا-ئانىلارغا تېلىۋىزوردا نېمە قويۇپ بەرگەنلىكنى سورىسام،
خوتەندىكى بىر مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان مىننەتدارلىق پالىيىتىڭ فىلىمىنى قويۇپ بەرگەنتىم دەيدۇ.نەدىن ئالدىڭىز دېسەم،توردىن چۈشۈردۈم دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بارماق دېسكامغا كۆچۈرگۈزۋېلىپ ئىشخانامغا ئېلىپ كېلىپ ئازىراق كۆرسەم،ساپلا ياغلىق،ساپلا ئۇزۇن كۆڭلەك.ئۈم!-دېدىم-دە،جۈيجاڭنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئەھۋالنى دوكلات قىلدىم.جۇيجاڭ ئۇنى كۆرۈپ ئاچچىقىنى بېسىۋالالايماي قالدى. بىز ئىككى يىلدىن بېرى ناھيىمىز تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش كېيىم كېيىشىنى تولۇق چەكلەپ بولالمايۋاتساق،مۇشۇنداق فىلىمنى ئوقۇتقۇچىلار كۆرسە،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا قويۇپ بەرسە ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ!بۈگۈنلا بارلىق مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىڭلار«مىننەتدارلىق پائالىيىتى لېكسىيەسى»نى قويۇپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.كومپىيوتېر،بارماق دېسكىلاردىن دەرھال ئۆچۈرسۇن،دېدى.بىز مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ فىلىمنى ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بەرگەنلىكنى ئىگەللىدۇق.يەنە بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئاتۇشتىكى بىر مەكتەپتە سۆزلەنگەن يەنە شۇنداق بىر فىلىمنىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. بىز بۇ ئىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى تۇنجى قېتىم دەپ چارە كۆرمىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى فىلىم ۋە مۇشىنىڭغا ئوخشاش فىلىملەر مەكتەپلىرمىزدىكى كومپىيوتېرلاردا بولۇپ قالسا ياكى ئوقۇغۇچىلارغا قويۇپ بېرىلىپ قالسا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۆزى جاۋاپكار بولۇپلا قالماي مەكتەپ مودېرىمۇ جاۋاپكار بولىدۇ. بەك قويۇپ بەرگۈمىز كېلىپ كەتسە،سۈرىتىنى ئۆچۈرۋېتىپ MP3گە ئايلاندۇرۇپ ئاۋازىنى قويۇپ بەرسەك بولىدۇ…
|
|