كۆرۈش: 1248|ئىنكاس: 6

قايتۇرۋىلىنغان بەخىت ‹قىزخاتىرىسى› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
45398
يازما
104
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
104
تىزىملاتقان
2012-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
173 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 10:54:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇنجى قىتىم ئۆزەمنىڭ ھەقىقكەتەن ئەخمەقلىق قىلغىنىنى  تەن ئالدىم،
چۈنكى<توردىكى مۇھەببەت -گۆردىكى مۇھەببەت >ئىكەنىلىگىنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن،
يىشىم چوڭايسىمۇ ،ئەقلىمنىڭ كىچىكلىگىدىن ئاسانلا ھىسىياتنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ،مىنىڭدىن شۇنچە يىراقتا بولغان ساڭا ئىشنىپ ئۆز ھىسياتىمنى ئاسانلا ئاشكارلاپ قويغۇنۇمدىن ئۈكۈنىمەن،
كونىلاردا <مەيلىم دىگەن مەي بۇلار كۆڭلۈم دىگەن كۈل >دىگەن تەمسىل بارغۇ؟
ئەجىبا رىئال تۇرمۇشۇمدا خىزمەت ، ئائىلە شارائىتى سىنىڭدىن ،مىنىڭدىن ياخشى .پىچەت  كىلىشكەن يىگىتلەرنى ئۆزەمگە تەلمۈرتۇپ ،مەغرۇر قەدەم بىلەن ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلماستىن ئالدىدىن گۈس-گۈس دەسسەپ ئۈتۈپ كىتىشىم سەن ئۈچۈنمىدى؟
مەن شۇنچە قەيسەر قىز ئىدىمغۇ؟
ئۆزەم خالىغان كەسىپ ،سۇيگەن خىزمىتىم ،مىنى مۇھەببەت ئالىمىدىن  ئاللا بۇرۇن خىلى يىراقلاشتۇرغان بولسىمۇ ،ساڭا كەلگەندە مۇھەببەتنىڭ ئاجىز بىر قۇلىغا ئايلاندىم،
ئىنسان بەزىدە ئاجايىپ قەيسەر ،چىدامچان بولسا ،بەزىدە ئىنتايىن ئاجىز ،نازۇك بۇلۇپ كىتىدىكەن،
ئۆزەمگە تۆۋە دەيمەن!
بىزنىڭ يۇرتقا نىسبەتەن ،ئەمدى توي قىلىش يېشىغا  يەتكەن مەندەك بىر قىز ئۈچۈن ،بۇ ئىش گۇيا ماڭا چۈشتەك بىلىنەتتى.
بۇرۇن مەيلى تەڭتۈشلۈرۈم ،ياكى مەھەللەمدە ،ساۋاقداش ،خىزمەتداشلىرىم ئارسىدا بولسۇن ،مۇھەببەت توغرىسىدا بىرەر گەپ بولسا ،شۇلارنى قاتتىق گەپ بىلەن ،بۇرنى-قۇلىقىغىچە تىقىپ تويغۇزۇپ ،گەپ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتەتتىم،
بۇ ئىشنىڭ ئايلىنىپ مىنىڭ بىشىمغا كىلىشىنى. كىممۇ ئويلاپ باققان دەيسەن؟
مىنىڭ بۇرۇندىن تور خۇمارىم بار،
تورغا بولغان قىزىقىشىم ماڭا يىڭى ھەۋەسلەرنى ئىلىپ كەلگەن،
مەنمۇ سەن بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن ،توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۈم دۇنيادا، نۇرغۇن يىڭى دۇس تۇتقان،
ئۇلارنىڭ ئارسىدا ھەتتا مىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىرىمۇ بار،
ئەمما مەن رىئال تۇرمۇشتىكى ھەقىقى كىشلەرگە ئىشەنمىگەن يەردە، ئەشۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى ساختا ئىسىم، ساختا ئادەم،ساختا سۆرەتلەرگە سىنىڭچە ئىشنەرمەنمۇ؟
دۇستۇمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بىر مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ ،شۇ مۇنبەرنى پات-پات زىيارەت قىلىدىغان بولدۇم ،چۇنكى ئۇ مۇنبەرنىڭ بىرلا ئالاھىدىلىگى بار بۇلۇپ ،باشقا مۇنبەردەك سىنى يەكلىمەيدۇ، تىما يازساڭ ساڭا مەدەت بىردۇ، سىنى سۆكمەيدۇ ،سوقۇشمايدۇ ، تىللىمايدۇ ،كەمچىلىكىڭنى كۆرسۇتۇپ، ياخشى تەكلىپ پىكىر بولسا سىنىڭدىن ئايىمايدۇ، مانا بۇ ھەقىقى ئۇيغۇرلار مۇنبىرى بولۇشقا مۇناسىپ مۇنبەر،
شۇ مۇنبەردە سەن بىلەن تەساددىبى تۇنۇشۇپ قالدىم، ئاۋال سەن بىلەن مۇڭداشقۇدا ئانچە-مۇنچە سالاملىشاتتۇق،
كىيىن مۇناسىۋىتىمىز بارغانچە قۇيۇقلىششقا باشلىدى.
ئەمما مەن يەنىلا مۇھەببەتكە ئىشەنمىگەچ  مەندە ھىچقانداق غەيرى خىيالى تۇيغۇ يوق ،سەن بىلەن تەبىئى پاراڭلىشاتتىم ،
كىيىنچە سىنى ئۇندىدارغا قوشتۇم ،ھەممە ئىش شۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەردى.
ئادەتتە مەن ئىشەنچىسىز دەپ قارغان، ۋەياكى يىڭى تۇنۇشقان دوسلۇرۇمنى ئۇندىدار ئەمەس ، مۇڭداشقۇمغىمۇ يىقىن يۇلاتمايتىم،
لىكىن نىمىشقىدۇر سىنى سەندىن بىسوراقلا قۇشتۇم،شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ پارىڭى ئۈزۈلمىدى.
مەن ئۇيدە بولۇپ گەپ قىلىش قۇلايسىز بولسا ،ساڭا خەت يازاتتىم ،سەن بولساڭ ماڭا ئاۋازلىق گەپ قىلاتتىڭ، مەن ئۇندىدارنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ تۇۋەن چەككە چۇشۇرۇپ ،يوتقانغا ئورۇنۇپ ،تىلۋىزۇر كۆرگەن بولۇپ يىتىۋىلىپ ،سەن بىلەن مۇڭدىشاتتىم،
كۆڭلۇم يىرىم ۋاقىتلاردا ماڭا ئۇزۇندىن -ئۇزۇن تەسەللى بىرەتتىڭ،
خوشال ۋاقىتلىرىمدا مىنى تېخىمۇ رىغبەتلەندۇرەتتىڭ،
مەن مەيلى خوش بۇلاي، ياكى خاپا بۇلاي ،ھەممىسىنى خۇددى سەن مىنىڭ باشلىقىمدەك ،ساڭا دوكىلات قىلاتتىم،
سىنىڭ ئەرلەرگە خاس سالماق ئاۋازىڭ، سىلىق تەلەپپۇزۇڭ ،ئورۇنلۇق سۆزلىرىڭ ،ئاخىر مىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلدىمۇ ؟ساڭا ئۆزلۈگۈمدىن يىپسىز باغلىنىپ قالدىم،
لىكىن مەن بۇنى دوسلۇق دەپلا چۇشنەتتىم خالاس،
كۇنلەر ئۆتكەنسىرى سىنى غايىۋى سىغىنىشقا باشلىدىم،ئەسلىدە بۇ ،دۇسلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت ئىكەن .بۇنى كىيىن ھىس قىلدىم
،مەن سىنىڭدىن رەسىم تەلەپ قىلغاندا ،سەن مىنىڭ ئۇندىدارىمغا ئەۋەتكەن رەسمىڭنى كۆرۈپ ،كۆزلىرىمگە ئىشەنمىدىم،
چۇنكى سەن قارماققا ئەمدىلا 22 گە كىرگەندەك كۆرنەتتىڭ ،چىرايىڭمۇ ئادەتتىكىچىلا ،كىيىملىرىڭمۇ بەكلا ئاددى.
مەن رەسمىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ، مىنىڭ كەينىمدىن ماڭا پەرۋانە بولىۋاتقان يىگىتلەر بىلەن سىنى سىلىشتۇرۋاتاتتىم،
دىمىسىمۇ ئۇلار بىلەن سىنىڭ ئوتتۇراڭدا ئاسمان -زىمىن پەرىق بار ئىدى.
ئەمما مۇھەببىتىم يەنىلا خىيالىمدىن غالىپ كەلدى.مەن جەزىملەشتۇرۇپ بولغان ئىدىم،
مەن سىنى تاللىغان ،ھەممە نەرسەمدىن ۋاز كىچىپ بىرلا سىنى تاللىغان ئىدىم،
ئاردىن نەچچە كۇن ئۇتۇپ ،سەنمۇ ماڭا مۇھەببەت پۇرقى پۇرايدىغان سۆزلەرنى قىلىپ،ماڭا ياۋا ئەتتىرگۈل سۇندۇڭ،
بىراق قىزلىق غۇرۇرۇم بىلەن  كاپالەت بىرىمەنكى، مەنمۇ باشقىلاردەك نۇمۇسچان ئىدىم،شۇڭا سىنى رەت قىلدىم،
كۆڭلۈمدە بولسا سىنى يەنە بىرقىتىم قايتا ئىغىز ئاچسىكەن دەپ ئۈمۈت قىلاتتىم، ئەمما سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ، بەلكىم مىنى مەسخىرە قىلىپ ئۇ سۆزلەرنى ماڭا قىلغان بولۇشۇڭ مۇمكىن،
مەن ئەمدى تاقەت قىلالمىدىم ، سىنىڭ يۇشۇرۇن ،غايىۋى مۇھەببىتىڭ مىنى قىينايتى .ئازاپلايتى.
مەن ئاخىر ئۆزەم دادىللىق بىلەن ئىغىز ئاچتىم ،سەن بەلكىم مىنى ئىلىشىپ قاپتۇ دەپ ئۇيلىغانسەن ؟ مىنى زاڭلىق قىلىپ كۈلگەنسەن ؟ مەن بۇنى پەرەز قىلىپ ،كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن،توغرا مەن ھەقىقەتەن ئىلىشىپ قالغان ئىدىم.سىنىڭ مۇھەببىتىڭ مىنى ساراڭ قىلىۋەتكەن ئىدى.
كىچە-كۈندۈز ئىسى-يادىم بىر سەندە ،ماڭا بارغانچە خىزمەت ،دوسلار يىغىلىشى .ساۋاغداشلار ئولتۇرۇشى .خىزمەتداشلار كۇللىكتىپ پائالىيەتلىرى خوش ياقماس بۇلۇپ ،ئۇلاردىن ھەتتا سىسىق گەپمۇ ئاڭلىدىم ،بۇنىڭ ھەممىسى بىر سەن ئۈچۈن ئىدى.
خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقىم ،ئاكتىپچانلىقىم ،نەلەرگىدۇر غايىپ بۇلغان،
بۇ تۇغۇرلۇق باشلىقىمدىن تەنقىد-تەنبىھ ئاڭلاپ ئۈلگۈردۈم،ئەمما مەن ھەممىگە رازى ئىدىم، بىر سەن ئۈچۈن رازى ئىدىم،
ئاخىر چىدىماي ساڭا يالۋۇردۇم،بۇ قىزلارغا نىسبەتەن قانچىلىك قىيىن ئىش بىلەمسەن؟
سەن ئارلىقىمىزنىڭ يىراقلىقىنى .ئۆزەڭنىڭ ئاددى يىزىدا ئىكەنلىگىڭنى. مىنىڭ شەھەر قىزى ئىكەنلىگىمنى ئەسكەرتىپ ،مىنىڭدىن ئۇزەڭنى قاچۇرۇشقا ئورۇندۇڭ،
لىكىن مەن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتىم،تۇرمۇش ئادەمنى نىمىگە كۆندۈرمەيدۇ؟
سەن دىدىغۇل بۇلۇپ تۇرغىنىڭدا، مەنمۇ سىنى يامان يەردىن قىستاپ، <مىنى ياخشى كۆرمىسەڭ ھىچقىسى يوق ،مەن بەرداشلىق بىرەلەيمەن، ئۇچۇغىنى دىگىن> دىدىم،
ئاخىر سەنمۇ مىنى ياخشى كۆردىغىنىڭنى دىدىڭ،
ئۇف....خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى!
بۇ ئىش شۇنداق قىلىپ مىنىڭ زورۇم بىلەن ۋۇجۇتقا چىقتى.
مەن ئۇزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك ،خوشال ھىس قىلاتتىم،سەندىن پەخىرلىنەتتىم ،ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ۋاقىرغىم كىلەتتى.
مەن ئەنە شۇنداق غايىۋى مۇھەببەتتىن  خىيالى مەس بۇلۇپ يۇرگەن كۈنلىرىمدە ،سەندە تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش بولدى.
بىر كۈنى مەن ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ چۇشلۇك تامىقىمنى يىگەچ ،مۇڭداشقۇمنىڭ بۇشلىقىنى ئارلاۋىتىپ، سىنىڭمۇ مىنىڭ بۇشلۇقۇمغا كىرگىنىڭنى كۆرۈپ، ئۆزەمچە قىزىقىپ سىنىڭمۇ بۇشلۇقۇڭنى ئارلاپ باققىم كەلدى.
بۇشلۇقۇڭنى كۆرگەنسىرى قەلبىمنى بىر ئازاپ چىرماپ ،ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتۇنۇپ ،مىنى يىغا باستى.
چۈنكى بوشلۇقۇڭ پۇتۇنلەي مۇھەببەت پاراڭلىرى بىلەن تولغان بولۇپ ،بۇ خەتلەرنى قەستەن يەنە كىلىپ مىنى كۆرسۈن دىگەندەك ،ئۆزەڭ قالدۇرغان ئىدىڭ،
خەتلىرىڭدىن بىر قىزنى تۇلىمۇ ياخشى كۆردىغىنىڭ، خۇددى مەن سەن ئۈچۈن جېنىمنىمۇ ئايىمىغاندەك ،سەنمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن ھىچنىمەڭنى ئايىمايتىڭ،ئۇندىن باشقا قۇلۇپلاغلىق نەچچە پارچە رەسىم بار ئىدى.<بۇ بەلكىم شۇ قىز بىلەن ئىككىڭلارنىڭ سۆرىتى بولىشى مۈمكىن!>
بۇلارنى كۆرۈپ گۇيا بىشىمغا چاقماق چىقىلغاندەك بولدى.
خەتنىڭ ۋاقتىغا قاردىم، بۇ ئىككىمىز تۇنۇشۇشتىن خىلىلا بۇرۇن يىزىلغان خەتلەر ئىدى.
ئەمما سەن بۇ خەتلەرنى ئەتىۋارلىق گۇھەرلەرنى ئاسرىغاندەك ساقلاپ قۇيغان ،مىنىڭ كۇڭلۇمگە يارشا بىرە ئېغىز بىرنىمە يىزىلمىغان ئىدى.
شۇندىلا مەن ئالغان قەدىممنىڭ تۇلىمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن بىسىلغىنىنى ھىس قىلدىم ،ئەمما مەن تولىمۇ كىچىككەن ئىدىم، چۈنكى بۇ چاغدا مىنىڭ كۆڭلۈم ئاللا قاچان ساڭا مايىل بۇلۇپ بولغاندە؟
تىزراق كەچ بۇلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم ، كەچمۇ بۇلدى .ئۇنىڭغىچە ساڭا نەچچە قىتىم ئۇچۇر قالدۇردۇم، ئەمما سەندىن خەۋەر كەلمىدى.
ئىككىلىمىزنىڭ خىزمىتى ئوخشاش بولغاچ ،بۇ خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق سالمىقىنى چۈشىنەتتىم، شۇڭا ساڭا  ئانچە بەك چەك قۇيۇپ ،ياكى سەندىن رەنجىمەيتىم،تولىسى ئىشلارنى توغرا چۈشۈنۈش بىلەن ،ئۆزەمگە تەسەللى بىرەتتىم،
سەن ئاخىر ئۇندىدار ئارقىلىق ماڭا جاۋاپ قايتۇردۇڭ،
ئۆزەمنى قاتتىق يىغىدىن ئاران تۇتۇپ ،سىنىڭدىن مۇڭداشقۇڭدىكى خەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىغىر بىسىقلىق بىلەن سورۇدۇم،
سەنمۇ ماڭا راسچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدىڭ، مەن راسچىللىقىڭدىن ئالەمچە سۇيۇنۇپ ،كۆڭلۈمدىكى گۇمانلىرىم ئاللا قاياقلارغا غايىپ بولدى.سەن ئۇنى مۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىگىنى ئىيتتىڭ،
سىنىڭ ئىيتىشىڭچە ئۇ قىز سىنى تاشلاپ كەتكەندىن كىيىن، سەن قىزلارغا ،مۇھەببەتكە خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ئىشەنمەس بۇلۇپ قاپسەن،
ساڭا تۇرۇپلا ئىچىم ئاغرىدى. ئۇ قىزنى ئىچىمدە قارغىدىم، ھەم ساڭا بۇندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم،
بىراق سەن، مەن ساڭا قانچە يىقىنلاشقانسىرى ئۆزەڭنى مەندىن تارتاتتىڭ ،مىنىڭدىن خۇددى ۋابا كىسىلىدىن قاچقاندەك قاچاتتىڭ،
چۈشلۈك دەم ئېلىش ،ۋە كەچتە ئۆيگە قايتقىنىمدا جۇپ-جۇپ بۇلۇپ كىتىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنى كۆرسەم، سەن بىلەن خىيالى مۇڭدۇشۇپ كۆڭلۇمنى ئاۋۇندۇراتتىم،
تۇرۇپلا بارغانچە ئارمىزنىڭ يىراقلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم،
بۇرۇن  ماڭا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتىڭ ،مانا ئەمدى مىنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، تىلفۇنۇمنى ئالمايدىغان، خەتلىرىم جاۋاپسىز قالىدىغان بولدى.
ئاخىر مەنمۇ چىشىمنى چىشلەپ ئۈتىۋىرىشكە چىدىمىدىم ،دىمىسىمۇ تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇدە؟
سىنىڭدىن ئىنىق جاۋاپ ئىلىش، سىنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن ئۇرۇندۇم،
ئەمما يىشىڭ مەندىن بىر ياش كىچىك بولغىنى بىلەن ،مىنىڭدىن ئۇتە قاقۋاش، ئەينو ئىدىڭ،
سەن ماڭا قۇيرۇق تۇتقۇزمۇدۇڭ،لىكىن مەنمۇ بۇش كەلمىدىم،چۈنكى سەن ئوقىغان مەكتەپتە مەنمۇ ئوقىغان،
ئىككىمىز يۇرۇپ بىر-بىرمىزگە ئۈندىدار ئارقىلىق ئەۋەتكەن سۆرەتنى سەندىن، <ماڭا قايتا ئەۋەتىپ بەر ،مۇھىم ئىشقا ئىشلىتەتتىم ،بەك جىددى> دەپ سۆز يوللۇدۇم، خىيالىمدا <ئەگەر مىنى ئۇ راسلا ياخشى كۆرسە سۆرۈتۈمنى ساقلاپ قۇيدى .بولمىسا يۇيىۋەتتى >دەپ پەرەز قىلدغان ئىدىم،پەرزىم توغرا چىقتى.
سەن ئاللا قانداق يوق باھانىلەرنى كۆرسۇتۇپ، سۇرەتنى يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ دىدىڭ،
بۇنىڭدىن ماڭا ھەقىقەتەن كۆڭلۈڭ يۇقلىغىنى .يەنە بىر قىتىم ھىس قىلدىم،
مەن تازلىق ئۇيىدە بىردەم  يىغلاپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن ،سىنى راس گەپ قىلىشقا قىستىدىم، سەن يىغامنى كۆرەلمەيتىڭ ،ئاۋازىمنىمۇ ئاڭلىيالمايتىڭ، سەن ئۈچۈن خۇرلانغان مۇھەببىتىم ،پۇچىلانغان قەلب يىغامنىڭ قانچىلىك ئىچىنىشلىق ، نالا-پەرياتلىق ئىكەنلىگىنى سەن ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتىڭ،چۇنكى بىز ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشىۋاتاتتۇق ، بۇنداق ۋاقىتتا مەنمۇ يىغلىغىنىمنى ساڭا بىلدۇرمەيمەندە ئەلۋەتتە،
مەن يەنىلا ساڭا كۆلۈپ تۇرۇپ، <ئۇنداقتا ماڭا ئۆزەڭنى زۇرلاپ نىمىش قىلاتتىڭ؟ مىنى ياخشى كۆرمىسەڭ ئازاپلىنىشنىڭ نىمە ھاجىتى> دىدىم،
سەن<مەن كۆپ تىرىشتىم ،ئەمما ئامال بولمىدى .ساڭا كۆڭلۈمنى بىرەلمىدىم ،مىنى كەچۈر ،كىيىنكى ئازاپتىن ھازىرقى ئازاپ ياخشى .بولدى سەنمۇ بەخىتلىك بۇل>دىدىڭ،
بۇ گەپنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغىنىنى بىلەمسەن؟
مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز ،نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنى ھاياتتىن مەھرۇم قىلىپ ،ئەجەل دەرۋازىسىغا سۆرەپ ئاپارغان،
بۇ سۆز ، بىگۇناھ بىر كىشىنىڭ ،ئۇزىنىڭ ئۈلۈم نامىسىنى ئۆزى كۆتۇرۇپ كىتىۋاتسىمۇ، ھاياتلىققا تەلپۇنىۋاتقان ئەڭ  ئاخىرقى ھالىتىگە ئوخشايدۇ، بەلكىم بۇ سەندەك مۇھەببەت مۇتەخەسسىسى ئۈچۈن،  ھىچ گەپ ئەمەستۇر، ئەمما قىزلار ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس،
شۇ سۇزدىن كىيىن سىنى ئۇندىدار ۋە مۇڭداشقۇمدىن سۈرگۈن قىلماقچى بولدۇم، ئەمما قۇلۇم بارمىدى.
مەن ئۇچۇن سىنىڭ مەۋجۇتلۇغۇڭ ماڭا چوڭ تەسەللى ئىدى.
مەن ھەجەپمۇ ئىرادىسىز قىز ئىكەنمەن،
مەن ئاخىر ئامال قىلالماي، بۇ سۇزنى ساڭا قالدۇردۇم،<مىنى قەلىب دەرۋازاڭدىن سۈرگۈن قىلالىغان ئىكەنسەن ،ئۇندىدار ،مۇڭداشقۇڭدىنمۇ چىقىرۋىتەلەيسەن ،ئەمدى مەندەك كىرەكسىزنى تۇرمۇشۇڭدىن بىراقلا يۇق قىلۋەت،>
لىكىن سىنىڭدىن ئىرىشكەن جاۋابىم، مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.<چىقىرۋەتكىڭ بولسا ئۆزەڭ چىقار ،مەن چىقارمايمەن،>
بۇ نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ مىنى ياخشى كۆرگىنىڭدىنمۇ؟ ياكى مىنى قەستەن قىينىغىنىڭدىنمۇ؟
ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ بولمىغاندەك ،ياخشى كۆرۈشمۇ گۇناھ ئەمەس،
مىنى قەلبىڭگە سىغدۇرالمىغان ئادەم ،نىمىشقا باشتا ماڭا شۇ ياۋا ئەتتىر گۈلنى پۇرتۇپ ،مىنى شۇ گۈلگە ئىنتىلدۈرسەن؟
سۇغا تەشنا قەلبىمنى مايىل قىلىپ ، مىنى بۇلاق بۇيىغا باشلاپ  بىرىپ ،ماڭا تامچە قەترە بەرمەي مىنى بۇلاق بۇيىدىن قۇغلۇغۇنۇڭ ئادىل بۇلمىدى .مىنى ۋاقىتلىق خوشاللىققا ئىگە قىلىپ، يەنە نىمىشقا ئو خۇشاللىقنى مەندىن تارتىۋالىسەن؟
يەنە تىخى دوستىمىزنىڭ  قۇرغان ئۇندىدار تۇپىدا ،ساڭا يان بىسىپ ئىككى ئىغىز سۆز قىلىپ قۇيغىنىمغا،<بىرمۇنچە ئادەم ئالدىدا> كۆزى كىچىك ،شەخسىيەتچى، بىلىمسىز، ئاق-قارنى پەرىق قىلمايدىغان ناچار، ساپاسىز چاكىنا دەپ ،ئوچۇقلا بايانات ئېلان قىلىپ ،مىنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋەتتىڭ،بۇ تەربىيە كۆرگەن ئەركەكنىڭ ئىششى ئەمەس، ئايرىم دىسەڭمۇ قۇبۇل قىلالايتىمغۇ؟
توپتىكى قىزلار ئالدىدا ئۆزەڭنى كۆرسىتىۋىلىشقا پۇرسەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مىنى شۇنچە ئادەم ئالدىدا ئوسال قىلدىڭ،
ئەگەر سەن مىنىڭ ئورنۇمدا بولساڭ قانداق قىلاتتىڭ؟
ئايرىم سۆز قالدۇرۇپ شۇنچە چۈشەندۇرسەم پەرۋايىڭغا كەلمىدى.
ئاخىر ساڭا تىلفۇن قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ تىلفۇن قىلسام ،ئەشۇ يېرىم كىچىدە كىملەر بىلەندۇ سۆزلىشىۋىتىپسەن،
ئەتىسى بىلىسەم توپتىكى نەچچە قىز بىلەن ،كىچىنچە تىلفۇنلىشىپ چىقىپسەن،
چۈشتىن كىيىن بولغاندا ساڭا قايتا تىلفۇن قىلسام ،تىلفۇنۇم سىنىڭ قاراتىزىملىكىڭگە چۈشۈپ بوپتۇ،
ماڭا ئۆزەڭ بىر قىتىم تىلفۇن قىلىپ باقمىغان ئىدىڭ توۋا،
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى .ئەسكى تامنىڭ خىشلىرى دەپ، كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى .كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولىدىكەن!
ئۇنۇتما جىنىم ،بۇ ئۆتنە ئالەم ،ماڭا قىلغانلىرىڭ بىر كۈنلەردە ئۆزەڭگە يىنىپ قالمىسۇن،
ئاخىردا ساڭا پەقەتلا دىيەلەيدىغىنىم:
پەقەت ئۆزەڭگىلا تەۋە بولغان ،مىنى مەھرۇم قىلغان ،ئەشۇ بەخىت ۋە مۇھەببىتىڭنى ساڭا قايتۇرۇپ بىرەي،
مەن كۆيگىنىمگە قۇل بولغىچە، ماڭا كۇيگەنلەرگە گۈل بۇلۇپ ئۈتەي،
خەيىر ئامان بول، ساڭا  مەڭگۈ بەخىت تىلەيمەن،
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50834
يازما
77
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-20
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 18:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى ،ئەسكى تامنىڭ خىشلىرى دەپ، كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولىدىكەن!

UID
13292
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 19:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيمىگەنلەرگە كۆڭۈل بەرگىلى بولامدۇ؟؟

UID
15957
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2011-10-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 07:46:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئوخشاشلا بولۇپتىكەنسىز،              بۇ جاھان ئەنە شۇنداق ئىكەن ، كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرنىڭ ئالدىدا خار بولىدىكەن

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 12:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرۇشۇپ باقمايلا توردا رەسىمىنى كۈرەپلا ياخشى كۈرۈپ قالىدىغان ئىشلامۇ بۇلامدۇ توۋا !

باھا سۆز

arwah-kiz  بۇ پەقەت قىز خاتىرىسى .ئاپتۇر بىلەن بىرلەشتۇرۋالماڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 16:25:25

UID
20399
يازما
67
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-12-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 18:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا راستلا بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن.

UID
50017
يازما
14
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 20:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمنىڭ  ئىچىدە  ئادەم  بار  .  كىشىلەرنىڭ  نىم  ئويلايدىغانلىقىنى  بىلگىلى  بولسىتى  كاشكى...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش