ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى


ئەلكۈيى تورى باھار 17-كۈنى خەۋىرى: ئامېرىكا ئورېگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى 15-ماي ئامېرىرىكىدىكى ئىلىم-پەن ژۇرنىلى بولغان‹ھۈجەيرە›ژۇرنىلىنىڭ تور نۇسخىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ‹بەدەن ھۈجەيرىسى(زوماتوپلازما)نى كىلونلاش تېخنىكىسى›دىن پايدىلىنىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئىچىگە باشقىلارنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، بۆلۈنۈپ ھەرخىل توقۇلمىلارنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى تۇنجى بولۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى خاسلىقى بويىچە داۋالاشقا نىسبەتەن ياردىمى زور.
تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسىنى چىقىرىۋېتىش جەريانى
بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كاردىن چىققان ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ
ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى ياساشتا قوللىنىلغان كىلون تېخنىكىسى 1996-يىلى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان دۇنيا بويىچە تۇنجى كىلون قوي ‹دوللىي›نىڭ بارلىققا كەلتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ‹بەدەن ھۈجەيرىسىنى كىلونلاش تېخنىكىسى› بولسا تەمىنلىگۈچى تەنچە ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى ئېلىپ، يادروسى چىقىرىۋېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈدىغان مۇھىم تېخنىكا. بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالىملار تەمىنلىگۈچى تەنچە ھۈجەيرە ئېرسىيىتى بىلەن ماس كېلىدىغان تۆرەلمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى، ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپShoukhrat Mitalipov
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇر پىروفىسسورى شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەتقىقاتچىلار 122 نەپەر ياش ساغلام ئايال تەقدىم قىلغان تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنىڭ يادروسىنى چىقىرىۋېتىپ، ئورنىغا باشقىلارنىڭ تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈپ، ئېلىكتىر ئېقىمى ئىشلىتىپ قوزغىتىش(ئاكتىپلاش) ئارقىلىق بۇ تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىنى تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرى قىلىپ يېتىلتۈرگەن. بەش-ئالتە كۈندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 21 دانە تۇخۇم ھۈجەيرىسى يېتىلىپ بلاستۇلا يەنى خالتىلىق تۆرەلمە باسقۇچىغا كىرگەن، داۋاملىق يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 ھۈجەيرە تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلانغان.
تەتقىقاتتىن بارلىققا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغان تۆرەلمىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، خىروموسۇمدا ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن، بۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ نورمال گېن ئاكتىپلىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە ھۈجەيرە تۈرلىرىنى بۆلۈندۈرۈپ يېتلدۈرگىلى بولىدىغان بولۇپ، زەخمىلەنگەن، كاردىن چىققان توقۇلمىلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

شۆھرەت مۇتەللىپ
پرىمات تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەتقىقاتى ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى شۆھرەت مۇتەللىپ مۇنداق دېدى:‹بىزنىڭ بۇ بايقىشىمىز توقۇلما ۋە ئەزا ئىقتىدارى نورمالسىز ياكى زەخمىلەنگەن(كاردىن چىققان)بىمارلارنى غول ھۈجەيرىنىڭ يېڭى مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.›
بۇ خىل تېخنىكا ئىنسانلارنى كىلونلاشقا بولغان ئەنسىرەشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ئىنسانلار گېن تەتقىقاتى تارىخىدا، شەك-شۈبھىسىزكى بۇ بىر ئابىدە خاراكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئېگە نەتىجە. بىراق،بۇ نەتىجە يەنە بەزى ‹چېكىدىن ئاشقان›ئالىملارنىڭ كىلون بوۋاققا يەنە بىرقەدەم يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
‹ئىنسانلار ئېرسىيەت ئىلمىنىڭ تېرۋوگاسى›دەپ ئاتىلىدىغان مۇستەقىل نازارەت ئورگىنىنىڭ مۇدىرى داۋىد.كىم دوكتۇر خەلقئارا جەمىيئەتنى ئىنسانلارنى كىلونلاشتىن چەكلەشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، كىلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ياساشنىڭ ئىنچىكە ھالقىسىنى ئاشكارە ئېلان قىلىش <ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىز> قىلمىشكەن.ئۇ مۇنداق دېدى: ‹نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ دېگەن ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى، بەزى ئالىملار ئۇزاقتىن بۇيان كۈتكەن نەتىجە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن كىلون ئادەم تۆرەلمىسىنى ياساشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمىنى بېسىپ بولدى.›.
ئىنسانلارنىڭ كىلون تۆرەلمىسى بەدەن سىرتىدا يېتىلدۈرۈپ خالتىلىق تۆرەلمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئايال كىشىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرگەندە، ئەگەر بۇ تۆرەلمە داۋاملىق نورمال يېتىلىپ ھامىلىگە ئايلىنالىسا، كىلون ئادەم دۇنياغا كەلدى دېگەن گەپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى تېخنىكىلار ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس، پىروبىركىدا بوۋاق يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئوخشاش.

ئۇيغۇر ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مايمۇننىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان
ئەنگىلىيە قانۇنىدا ‹ تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ كىلون ھۈجەيرىسى يېتىلدۈرۈلۈپ 14 كۈن بولغاندا چوقۇم يوقىتىۋېتىش كېرەك، ئايال كىشىنىڭ بالياتقۇسىغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.› دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى بەلگىلىمىلىرى نىسبەتەن كەڭچىل.
بىراق، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق ئادەمنى كىلونلاش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك، چۈنكى ئۇ2007-يىلى ئوخشاش تېخنىكىنى قوللىنىپ مايمۇننىڭ غول ھۈجەيرىسىنى كىلونلاپ چىققان بولسىمۇ، ئاخىرىدا مۇكەممەل مايمۇن ھامىلىسى يېتىلمىگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ساھەدە، كورىيە سېئول ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سابىق پروفىسسورى
خۇاڭ ۋۇـ سۇك(Hwang Woo-suk) ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، بىراق كېيىن ساختا تەتقىقات ماقالسىسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەنبە: ئەلكۈيى تورى باش بەت خەۋەرلەر قانىلى
http://news.alkuyi.com/show.php?mid=18362