كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 1

ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىكتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 19:26:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىكتۇر


قولدىن كەتكەن ھەممە نەرسە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن،ئەما ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ.ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئەخمەقلىقتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،ئىنساننىڭ قولىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ۋاقىتتۇر.ئەھۋال بۇنداق ئىكەن ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر بىر ئىنسان ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يېتىشى،ئۇنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەسلىكى،ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىشلىتىشنى بىلىشى تولىمۇ مۇھىمدۇر.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:<<كۆپنچە كىشىلەر قەدىرىنى بىلمەيدىغان ئىككى نەرسە باردۇر:بىرى تەن ساقلىق،يەنە بىرى ۋاقىتتۇر>>دەپ كۆرسەتكەن.(بۇخارى رىۋايىتى)

مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غەززالى مۇنداق دەپ يازىدۇ:<<بىرىمىز ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ھېس قىلغان چېغىدا،ئۆتكەن كۈنلىرىنى ھېسابلاب،ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى بىلىش ئۈچۈن كەينىگە قارىغان ۋاقتىدا،تەپەككۇر ئۇزۇنغا بارمايدۇ.چۈنكى ئۇ پەقەت سىرلىق باشلىنىش ۋە ئەگىشىپ كەلگەن ئۇزۇن يىللار ۋە كەڭ كېچىلەردىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ.ئويلىنىشتىن قايتقاندا بولسا،ئۆتكەن ئاشۇ يىللار گويا دائىرسى غۇۋا ھادىسىلەر بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىر كۈندەكلا تۇيۇلىدۇ.ئىنسان ۋاقىتنىڭ ساقلاپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى غەپلەتتە زايا قىلىدۇ.بېشىغا ئېغىر كۈنلەر ياكى ئۆلۈم سائىتى كەلگەنگە قەدەر بىخۇتلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ.ھاياتى ئاخىرلىشىپ ھەممە ئىش قولدىن كەتكەن ۋاقىتتا ھوشىنى تاپىدۇ،بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟!>>

ئەقىللىق كىشىلەر ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ

ئۆزىنىڭ پايدا-زىينىنى بىلىدىغان،ئەقىللىق كىشىلەر چۇقۇم ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ،چۈنكى ۋاقىت ئۇنىڭ ھاياتى.ئەگەر ئۇ ۋاقىتنىڭ قولدىن كېتىشىگە يول قويسا،ئۇنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتسە،نادانلىق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانغا ئوخشاش بىلىدۇ.ئىنسان تىنىمسىز ھالدا ئالدىغا ئىلگىرلەپ مېڭىۋاتىدۇ..پەلەكنىڭ ھەر بىر ئايلىنىشى ئۇزۇن يولدىكى باسقۇچلارنىڭ بىرى ھېسابلىندىغان يېڭى تاڭدىن دېرەك بېرىپ بىزلەرنى ئىختىيارسىز قىيامەتكە سۆرەپ ماڭماقتا.ئىنساننىڭ مانا بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئۇنى كۆز ئالدىدا ئايان بولىۋاتقاندەك سېزىشى،ئىلگىرى بولغان ۋە كېيىن بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىشى ئاقىلانىلىق ئەمەسمۇ؟!

ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ

كىشىنىڭ ۋاقىت مېڭىۋاتقان بولسىمۇ،ئۆزىنى توختاپ تۇرغاندەك ھېس قىلىشى ئۇنىڭ ئالدانغانلىقىدۇر.بۇ خۇددى پويېزدا ئولتۇرغان يولۇچىنىڭ ئۆزىنى جىم تۇرغاندەك،پەقەت سىرىتتىكى شەيئىلەرلا مېڭىۋاتقاندەك سەزگىنىگە ئوخشايدۇ.ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئىنسان خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن،ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ھامان كۆزلىگەن نىشانغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ.مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ قەدىرىنى ياخشى بىلىدۇ.ئۇلار<<ۋاقىت قىلىچقا ئوخشايدۇ،سەن كەسمىسەڭ،سېنى ئۇ كېسىدۇ>>دېگەن ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<قىيامەت مەيدانىغا بەندىنىڭ قەدىمى قويۇلغان ھامان تۆت نەرسىدىن سورلىدۇ:ئۆمرىنى نېمە بىلەن تۈگەتكەنلىكىدىن،ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىدىن،پۇل-مالىنى نەدىن تېپىپ،نەگە ئىشلەتكەنلىكىدىن،ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن>>(ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى)

قىسقىسى كۆزلەر ۋاقىتنىڭ چەكلىك تەسىرىنى يۈزەكى كۆرنۈشتىلا كۆرىدۇ،ئەمما ۋاقىت چىرايلارغا قورۇق،بەدەنلەرگە ئاجىزلىق،چاچ ۋە ساقاللارغا ئاقلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە ئاخىرى ئەجەلنىمۇ چاقىرىپ كېلىدۇ.ۋاقىتنى يۈرۈشتىن توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.ئىنسان قۇدرىتى ئۇنى ئارقىغا چېكىندۈرەلمەيدۇ.ئۇ مەدەنىيەت ۋە گۈللىنىشلەرنى خارابلاشتۇرغان ھالدا ئۆزىنىڭ ھاجايىپ قۇدرىتى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.مانا بۇ-ۋاقىت.مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزى بىلىم ئېلىش،ئىجاد قىلىش،دىنى ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش،ياخشى ئىشلارنى قىلىش،ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ياخشىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئەقىللىقلارنى ئويغىتىش پەيتىدۇر.

دېمەك،بۇ ھاياتلىق مۇساپىسى ئۇزۇن مۇسابىقىلەرگە تەييارلانغان مەيدان بولۇپ،ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەنلەر ۋە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانلىق بۇرچىنى جايىدا ئورۇنداپ،نەتىجە يارتىش بىلەن ئاللاھنى مەمنۇن قىلالايدىغانلار ئۇتۇپ چىقىدىغان مۇسابىقىدۇر.

مەنبە:مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ"ئىسلام ئەخلاقى"ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49697
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 17:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش