- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 28
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 28
- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-19
- UID
- 49687
- يازما
- 28
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 28
- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-19
- توردا
- 49 سائەت
|
ھەر قېتىم سېنىڭ كەلگىنىڭنى ئاڭلىغىنىمدا ئالدىڭغا چىقىپ سېنى كۈتۈۋالغۇم، مېھىرلىك قوللىرىڭدىن يېتىلەپ مەھەللىمىزنىڭ ئايىغىدىكى ياپيېشىل باغۇ-بوستانلىقنى سەيلە قىلغۇم،كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن كۆل بويىدا بېشىمنى يەلكەڭگە قويۇپ،دەرەخلەردىكى قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى، بېلىقلارنىڭ پىلتىڭلاپ ئۈزۈشلىرىنى، قويۇق ئۆسكەن قومۇشلۇقلار ئارىسىكى ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ خاتىرجەم ئۈزۈپ چىقىشىنى تاماشا قىلغۇم كېلىدۇ.ئەمما، بىلمەيمەن،قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى توسۇپ قويىدۇ. تاكى سەن كەتكۈچەقەلبىمنى قويۇق تۇمانلار قاپلاپ،بىئاراملىق ئىلكىدە يۈرىمەن.
سېنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈم،مۇڭداشقۇم،بىللە ئولتۇرۇپ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان ئۆتمۈشنى ئەسلىگۈم كېلىدۇ.ئەمما، بىلمەيمەن،قانداقتۇر بىر كۈچ مېنىڭ پۇتۇمنى باغلاپ قويىدۇ.
توۋا،ھەيرانمەن، ئەزەلدىن ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلماي قويمايدىغان بۇ مىجەزىم قايسى زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەندۇ؟
مەندىكى ئاياللارغا خاس ئەدەپ-ئەخلاق،شەرمى-ھايامۇ؟! مەندىكى ئانىلىق بۇرچ تۇيغۇسىمۇ؟ مەندىكى ئائىلىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىمۇ؟
بىلمەيمەن،يەنىلا بىلمەيمەن. بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسىدۇ ۋە ياكى ھەممىسى ئەمەستۇ؟
توۋا،مەن قاچانغۇچە بۇنداق جاۋابسىز سوئاللار قاينىمىدىن چىقالماي تەمتىرەپ يۈرىدىغاندىمەن؟
سەن كەلدىم دىدىڭ،كەتتىم دېدىڭ. يەنە كەلدىم دېدىڭ،يەنە كەتتىم دېدىڭ. خۇددى بۇ تەكرارلىنىش مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغاندەك......
مانا ئەمدى ھېس قىلدىم،بۇ تەكرارلىنىشنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلۇپتۇ.بىر دانە چېكىت نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
تۇيۇقسىزلا قەلبىمنى پۇشايمان ئوتلىرى چولغىۋالدى.ئېسىت،ئېسىت......
نېمىشقىمۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ئالدىڭغا چىقىپ سەن بىلەن كۆرۈشمىگەندىمەن؟
ئېسىت نېمىشقىمۇ شۇنچە يىللاردىن بېرى سېنى'' ئۇنتۇپ كەتتىم'' دېگىنىمنىڭ ئۆزۈمنى نىقابلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىۋەتمىگەندىمەن؟
ئېسىت،نېمىشقىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر رەت بولسىمۇكۆزلىرىڭگە كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈۋالمىغاندىمەن؟
بەلكىم سەنمۇ مېنىڭ بىرەر رەت بولسىمۇ ئالدىڭغا چىقىشىمنى شۇنچە ئۈمۈد قىلغانسەن ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش ئىزتىراپلىق خىياللار ئىلكىدە پۇچىلىنىپ ئۆتكەنسەن؟
ھەر قېتىم بېكەتكە كىرگەندە خۇددى مۆجىزىدەك تونۇش بىر سىمانىڭ كۆز ئالدىڭدا پەيدا بولۇشىنى شۇنچە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنسەن؟يوللارغا بويۇنداپ-بويۇنداپ قاراپ كەتكەنسەن؟
بەلكىم سەنمۇ ماڭا ئوخشاشلا كۆرۈشمەسلىك ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ بىلگەنسەن ۋە ياكى قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈلگەن بەختكە تولغان ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىڭنى قايتا ئەسكە ئېلىشنى خالىمىغانسەن؟
مەن قورقىمەن...بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.قانداقتۇر سەن بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈشكە قايتىپ قېلىشىمىزدىن ئەمەس بەلكى قەلبىمىزدىكى شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ مەڭگۈلۈككە يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
قەلبىڭدىكى سىمايىم،مېنىڭ كۈلكەم،مېنىڭ يىغام،مېنىڭ شۇنچە ئاسانلا سەندىن خاپىلىشىم...بۇلارنىڭ ھەممە ھەممىسى قەلب ئەينىكىڭدە شۇ پېتىچە قالسىكەن دەيمەن.
ماڭا شۇ نەرسە ئېنىق،سەنمۇ ھەم مېنىڭ قەلب ئەينىكىمدە مەڭگۈ ئەسلىنىپ تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىسەن،ئۇنتۇلۇپ قېلىشنى خالىمايسەن.
ئەمدى ساڭا دەپ بېرەي قۇلاق سال: شۇنچە يىللاردىن بېرى سېنى ئۇنتۇپ كەتتىم دېگىنىم يالغان،شۇنچە يىللاردىن بېرى سېنى سېغىنمىدىم دېگىنىم يالغان،شۇنچە يىللاردىن بېرى سەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىمايمەن دېگىنىم يالغان.
شۇنداق،يالغان،يالغان،ھەممىسى يالغان...
شۇنچە يىللاردىن بېرى ئازاپلانغاندا قەلىمگە تەسەللىي بېرىشىنى، مۇڭلۇق كۈيلەردىن ئېزىلگىنىمدە ماڭا ھەمنەپەس بولۇشىنى، قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلگەندە ماڭا يار-يۆلەك بولۇشىنى ئىزدىگەن ئادىمىم دەل سەن.
تاتلىق خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنىپ،غايىبانە سېغىنغان ئادىمىم دەل سەن. بەلكىم بۇنى مەنمۇ تېخى كېلىپ-كېتىشىڭگە چېكىت قويۇلغان شۇ دەقىقىلەردە ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكەن بولسام كېرەك.
بەلكىم مۇھەببەت دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك. مەن مەڭگۈ سېنىڭ قەلبىڭدە تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى بولۇشنى خالايمەن،سېنىمۇ مەڭگۈ مېنىڭ بولسىكەن دەيمەن...
|
|