كۆرۈش: 1352|ئىنكاس: 3

نىكاھ سەپىرىمىزدە نېمە كەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 18:15:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىكاھ سەپىرىمىزدە نېمە كەم ؟



     بىر-بىرى بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان يىگىت بىلەن قىز ھاياتنىڭ قايسى بىر ئاچاللىرىدا تاسادىبىي ھالدا ئۇچرىشىپ قالدى ،كۆزلەر قەلبلەرنىڭ ئورتاقلىغىنى تونۇپ يېتىدۇ ،نىكاھ مۇراسىمىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھىجرانغا خاتىمە بېرىلىپ ،شېرىنلىك ھەم ئازابقا تولغان ،ئۇزاققا سوزۇلغان نىكاھ سەپىرى داۋاملىشىدۇ . بۇ سەپەر تۈرلۈك تىكەنلەرگە ،قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرگە تولغان ئىككى كىشىلىك سەپەر بولۇپ ،ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈچىلەر يولدا ئۇچرىغان قىزىلگۈللەردىن ھوزۇرلانغاچ سەپىرىگە مەنا تاپقۇچىلاردۇر . يېرىم يولدا سەپەردىن ۋاز كەچكەنلەر يولدا ئۇچرىغان تىكەنلەرنىلا كۆرۈپ ،قىپقىزىل گۈللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچىلاردۇر .ھاياتلىق ئالىمى ئەزەلدىن تېپ-تېنچ بولغان ئەمەس ،ئائىلە ھاياتلىق ئالىمىدىكى مۇھىم بىر ھۆجەيرە ۋە دۇنيادىكى بارلىق پائالىيەت ۋە ھەركەتلەرنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرولۇق رول ئويناپ كەلدى . تالاي ئىختىرالار ،تالاي قەھرىمانلار ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن تەركىپ تاپقان ئىللىق ئائىلىلەردە ۋۇجۇتقا كەلدى .
مەلۇم بىر مەملىكەتكە ياۋ تاجاۋۇز قىلىپ ،كۆزلەردىن ياش ،تەنلەردىن قان ئاققۇزۇپتۇ . يۈرەكلەرنى خۇن ،كۈندۈزلەرنى تۈن قىلىپتۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىمدار بولۇپ ھالىدىن كېتىپتۇ . ئاخىرى ئەقىلدار ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سۇلھىگە كېلىشىپتۇ . ياۋ قارشى تەرەپتىكى بالىلار ،ئاياللار ، ياشانغانلارنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىغا ئىجازەت بېرىپتۇ . ئايرىلىش ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرلا نەرسىنى ئېلىۋېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .ياشانغانلار ،ئاياللار بىر –بىرىنى يۆلۈشۈپ يۇرتىدىن ؛ئايرىلىپتۇ . ئەجەبلىنەرلىكى ،ھەر بىر ئايال بىردىن يوغان بوپىنى يۈدۈۋالغان بولۇپ ،ئىنتايىن تەسلىكتە كېتىۋاتقان ئىكەن . ياۋ لەشكىرى ئەجەبلىنىپ ،بىر ئايالنىڭ بوپىسىنى يېشىپ قارىسا ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرى تۇرغۇدەك . ئەسلىدە بۇ ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىپ ، ئەرلىرىنى بوپا ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان ئىكەن .
دېمەك ، ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللىرىغا نىسپەتەن يۆلىنىدىغان تېغى ،يايرايدىغان بېغىدۇر . شۇڭا خەلقىمىزدە «خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى ،ئەردە بولمىسا يەردە ياخشى »دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان .ئەي لاتاپەتلىك مېھرىبان خانىم ،سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ،يوللاردا ماڭغاندا قامەتلىك تېنى بىلەن سىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ،خىزمەتتىن كەچ قايتىپ سىزنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كۆرگەن چېغىدا ،پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ،بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا تۇنجى بولۇپ ئېسىڭىزگە كېلىدىغان ئادىمىڭىز دەل ئېرىڭىز ئەمەسمۇ ؟ سىز پەخىرلەنگەن ، ياشلىق يالقۇنلىرى يېنىپ تۇرغان چاغلىرىدا تالاي قىزنىڭ ئىچىدىن سىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللاپ ،جامائەتنىڭ ئالدىدا سىزنى قوغداشقا ، سىزنى بەختلىك قىلىشقا ۋەدە قىلغان ، ئاينى چاغدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە» ڭىز دەل ھازىرقى سىز بىزار بولغان ،كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئارتۇق بولغان ،بەزى ئەرلەردەك قولىدىن ئىش كەلمەس كۆرۈنۈپ قالغان يولدىشىڭىز ئەمەسمۇ ؟

ئەي سالاپەتلىك ئەر ، جاسارەتلىك ئەركەك ،ئائىلىڭىزنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بىر قولىنى سۈپۈرگە ،بىر قولىنى نوغۇچ قىلىپ ، سىزنى تەملىك غىزالار بىلەن غىزالاندۇرۇۋاتقان ،ئۈزۈلۈپ چۈشەي دېگەن تۈگمىڭىزنى چىڭىتىپ قويۇۋاتقان ،ئايىغىڭىزنى مايىلاپ قويۇۋاتقان ،ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزنى ئانىلىق مېھرى بىلەن ئەركىلىتىپ ،ئائىلە بوستانىڭىزنى يېشىللىققا پۈركىگەن ،ۋاھالەنكى ،ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرەلمەي چىرايى سۇلغۇن ،چاچلىرى رەتسىز بولۇپ قېلىپ سىزگە باشقىچە كۆرۈنۈپ قالغان كىم ؟ ئۇ دەل ئەينى چاغدا سىز قوغلاشقان ، سىزگە رازىلىق بىلدۈرگەندە شادلىقتىن بېشىڭىز كۆككە يەتكەن ،پۈتكۈل ئەلەمگە «مەن بەختلىك» دەپ جاكارلاشقا تاس قالغان ، تالاي گۈلنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئۈزگەن خۇش پۇراق گۈلىڭىز ،ھازىرقى قەدىردان خانىمىڭىزدۇر .
ئائىلە قۇرۇلغان ئىكەن ، تۇرمۇشتا رومانتىكلىق تەم سۇسلىشىدۇ . قولىغا بىر دەستە گۈل تۇتۇپ مەھبۇبىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھاياجانلىق دەقىقىلەر ئاخىرلىشىپ ھەقىقىي تۇرمۇش باشلىنىدۇ . ئەرنىڭ ،ئايالنىڭ كەمچىلىكلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ . ئەرمۇ ،ئايالمۇ ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئەمەسلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . تۇرمۇشتىكى ئۇششاق –چۈششەك ئاۋارىچىلىقلار ئايالنى كوت-كوت ،ئەرنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالىدۇ .ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئايالنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشى بىلەن مۇرەككەپلىشىدۇ . ئەقىللىق ئايال ئائىلىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى ئۇ ئانىنىڭ دەردىنى يەنىمۇ ئاۋۇتۇشنى خالىمايدۇ . يەنە بەزى ئاياللار بەخت ئىچىدە تۇرۇپ قولىدىكى بەختنى ھېس قىلالماي، نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەتنى قەدىرسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ .ئۇلاردىن ئاياللىق نازاكەت ئەمەس ،ھازازۇللۇقنىڭ داشقاللىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .
مېنىڭچە ، نىكاھلىق تۇرمۇشتا مۇۋەپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدۇ . شۇنىڭدەك نىكاھتا غەلبە قىلغان ئايال ھەقىقىي غەلىبە قىلغان ئايالدۇر .
خاتىرجەم ھالەتتە غىزالىنىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ . تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ ،خىزمەت ياكى تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ ،دەردىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمڭىزگە تۆكتىڭىز ،سىزنىڭ چوقۇم ياخشى قىلالايدىغىنىڭىز ،ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز ھەققىدە سىزگە تەسەللى بېرىپ ،ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىدىن قايتۇرۇپ ،قەلبىڭىزنى ئىشەنچ ،مۇھەببەتكە تولدۇرغان ئايال بىلەن سىزنى «يارىماس» ئەرگە چىقىرىپ ،غورورىڭىزنى ئاياغ ئاستى قىلغان ،قەلبىڭىزگە زىمىستاننى چىللىغان ، ئاخىرىدا سىزنى قاۋاقخانىغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ئايالنىڭ ئارىسىدا پەرق ئىنتايىن چوڭ .ئەتراپىمىزدىكى ئېرىگە ھەم بالىلىرىغا چىن مۇھەببىتىنى بېرىپ ئۆتۈۋاتقان ئاياللار ئائىلىسىنىلا ئەمەس ،دۇنيانىمۇ ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ .
مەلۇمكى ،تۇرمۇش رېتىمىمىز تېزلەشمەكتە . ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىشەنچ كىرزىسى نىكاھقا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ،قىسمەن ياش ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھنىڭ قىممىتى ،مۇقەدەسلىكىگە بولغان تونۇشى سۇسلاشماقتا .
ـــ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئىشلەۋاتىمەن ، ساڭا ئوخشاش پۇل تېپىۋاتىمەن ، ـــ دەيدۇ ئايال سومكىسىنى كارۋاتقا تاشلاپ .
چارچىغان ئەر تەييار چۆپ يېيىشكە مەجبۇر . ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت ،تەبەسسۇم بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئىككى تەرەپنىڭ جاھىللارچە تىركىشىشى نەتىجىسىدە ئويلىمىغان نەتىجە بىلەن تۈگۈنلەنمەكتە .
تەنھالىقنىڭ بىپايان دالىلىرىدا ئادەم ئاتىنىڭ غېرىپلىقىنى قەلبىگە سىغدۇرۇپ ئوتۇۋاتقان ئەرلەر كۆپەيمەكتە. قىسمەن ئاياللاردىكى كوت- كوتلۇق ،ناشۈكۈرلۈك ،زىيادە كۈنلەمچىلىك ،ئەرنى مۇنۇپۇل قىلىش ئىستىكى ئوغۇزخاندەك غەيرەتلىك ،ھاتەمدەك قىممەتلىك ئارلەرنى ھاياتتىن بەزدۇرۇپ ، گاھىلىرىنى ھاراقكەش ،گاھىلىرىنى غايىسىز بىكار تەلەپلەرگە ئايلاندۇرماقتا.
بەزى ياش چوكانلار ئەسلىدىنلا پەزىلەتلىك ،ياخشى تەربىيە كۆرگەن تۇرۇقلۇق يولدىشىنىڭ بىر مەزگىللىك خاتا قەدەم بېسىشلىرىنى كەچۈرەلمەي «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇۋاتىدۇ»،بۇ ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس.
ئاجىرىشى نىسپىتىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىشى ، تىرىك يېتىملەرنىڭ كۆپىيىشى ، ئائىلە ئىللىقلىغىنىڭ كەم بولۇشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا .ئىناقسىز ئائىلە مۇھىتى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنىڭ ،جىنايەتلەرنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇشى مۈمكىن .ئىلگىرى بىر ژورنالدا «نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ ،ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم .ئەينى چاغدا ماقالىدىن كۆرە تېمىسى مېنى بەكەرەك جەلب قىلغان ئىدى . نىكاھ بىلەن كەسپ ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككى چوڭ تاللاشتۇر . كەسپنى خاتا تاللىسىڭىز ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولۇشى مۈمكىن، لېكىن جۆرىنى خاتا تاللىسىڭىز يېرىم ئۆمرىڭىز زايە كېتىشى مۈمكىن ،پەقەت ۋە پەقەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نىكاھ قەسىرىنى يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقانمەن .
يېقىندا خىزمىتى بار بىر ئەرنىڭ زارىنى ئاڭلىدىم ،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايالى ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى كونتۇرول قىلغان بولۇپ ،بۇ ئەر سىرتتا بىر ۋاخ تاماق يېيىشكە لازىملىق ئازغىنە پۇلنىمۇ ئايالىدىن سوراپ ئېلىشقا مەجبۇر ئىكەن . ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشكە ئامالسىز ئىكەن . ئۇنىڭ ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قىياپىتىدىن غورورى ئاياغ ئاستى قىلىنغان بىر ئەرنىڭ پاجىئەلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ يەتتىم .

ئىللىق بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر .گەرچە ئىللىق بولمىسىمۇ بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى يەنىلا بەختىڭىزدۇر . پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ بەختىيار كۈلكىلىرى ھە چۈچۈك قىلىقلىرى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور بەختتۇر .
قانائەت ــ نىكاھلىق تۇرمۇشتىكى بەختنىڭ ئاساسىدۇر .
ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان نىكاھ ماجرالىرىدىن ئايانكى ،زىددىيەتلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ . ئىقتىساد مۇھىم،لېكىن ئىللىق ئائىلە تېخىمۇ مۇھىم. پۇلىڭىز ئازراق بولسا ئائىلە ئىستىمالىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشىسىڭىزلا بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ . ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قارىتا مەلۇم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا ئائىلىڭىزدا كۈلىدىغان كۈلكىلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ،داستىخىنىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز .
ئائىلە بىر كىچىك ۋەتەن . سىز نىكاھلىق تۇرمۇشىڭىزنى تىرىشىپ پەرۋىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەمەلىيەتتە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈلگۈسىنى پەرۋىش قىلغان بولىسىز .بۈگۈنكى ئەجىر ئەتىكى ھوسۇلنىڭ ئاساسى. ھەر بىرىمىزگە ئائىلە گۈلىستانىمىزنى تىرىشىپ قوغدايدىغان ، گۈللەندۈرىدىغان مەسئۇلىيەتچان روھ نىسىپ بولسۇن .ئائىلە ئۈچۈن كۆيگەن ئەشۇ مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر مەڭگۈ ئامان بولسۇن .

                                                                              مەنبە :«شىنجاڭ ياشلىرى »ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 19:10  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
26931
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-1-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 11:01:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز

UID
49697
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 17:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . ئاللا  ئەجىرىڭىزنى بەرگەي . رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
163
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3973
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 01:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.......

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش