تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3864|ئىنكاس: 38

يوپۇرغا ناھىيە ھاكىمىنىڭ جاۋاب خېتى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50973
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 02:17:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار ياخشىمۇ سىزلەر!
مەن يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇم بولىمەن.بەزى تورداشلار مېنىڭ كۆرمەسلىكىمدىن، كۆڭۈل بۆلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ، توردا ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ھەممىنى كۆردۈم، ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇردۇم. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى بىر تورخۇمار كىشى ئىدىم.  ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىگىڭلارغا رەخمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرلۈك تەنقىت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇنىڭلارغا تېخىمۇ رەخمەت ئېيتىمەن. مەن يوپۇغا ناھىيىسىنڭ ھاكىمى بولغىلى تېخى 5 ئاي بولدى. يوپۇرغا ناھىيىسىگە كېلىشنىڭ ئالدىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومدا خىزمەت قىلغان ئىدىم. مېنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاساسىي قاتلامدا ئۆزەمنى چېنىقتۇرۇپ مادارىمنىڭ يېتىشىچە پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، پۇخرالارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ خوشال-خورام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى. سىلەر ئېيىتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىگىلەپ، ھەل قىلىمەن. ئەمما بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن، بەزەن ئىشلارنى پەقەت ئۆزەملا ھەل قىلىشقا ئامالسىز قېلىشىم مۈمكىن. كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ئاندىن ھەل بولىدۇ. ئەمما قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر كەڭ تورداشلارنىڭ ماڭا ئىشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! مەن پۇخرالار ئىشىنىدىغان ۋە قوللايدىغان ياخشى ھاكىم بولۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن! كۆپچىلىككە رەخمەت!
مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم: keyiser@163.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-16 19:12  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
15736
يازما
31
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 09:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوپۇغا ناھىيەسىدە خەلقپەرۋەر پارتىيە، ھۆكۈمەتىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟
يېقىندا، مەلۇم بىر تورداش يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى قەيسەر قېيۇمغا بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، بۇ ناھىيەدىكى بىر قىسىم ئورۇن، خادىملارنىڭ كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا ساقلانغان كەسىپ ئىستىلى،خىزمەت ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ۋە بىر قىسىم تۈرلەرنى يېڭىدىن يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بۇ ئوچۇق خەتنى كۆرگەندىن كىيىن، بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سالماق، ئەستاھىدىل قاراپ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى ھەمدە خەتتە تىلغا ئېلىنغان كەسىپ ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، خادىملارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ، بۇ  مەسىللەرنى مەخسۇس تۈزەش، تەرتىپكە سېلىشنى، مەسئۇلىيەتنى چۇقۇم ئېنىق سۈرۈشتە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى. تۈر تۇرغۇزۇش، يۇقۇرىغا يوللاش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە  ھەل قىلىشتوغرىسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىنى، قوللىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. ھەمدە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاختىدا ھەل قىلىشقا تۇتۇش قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەۋزەلقۇم غەربىي يولىنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدىكى بىرىنچى ئۆتۈشمە يولىنى ئاساس قىلغان پۈتكۈل  ئۆتۈشمە يوللارغا قاتناش يول چىرىقى، پىيادىلەر يول چىرىقى ۋە كۈزۈتۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلدى. بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە يوپۇغا ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بىرى خەلق تۇرمۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ،  ئومۇمىي خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىشلىگەن تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە ماس ھالدا يەرلىكتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا پايدىلىق بىر تۈركۈم سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئەمەلىي،كۆپ قاتلاملىق مەنپەئەتلەندۈرىۋاتقان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى خالاس..

UID
6825
يازما
576
تېما
44
نادىر
0
جۇغلانما
11837
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
355 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 10:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاكىمنىڭ جاۋاب بەرگەنلىكى ئاممىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى ۋە تۇرمۇشىغا كوڭۈل بۈلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ،ھازىرقىدەك جەمىيەت ئۇچقانداق تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋرىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئالدىغا ئوتىغان باشقا ھچقانداق مۇھىم ئىش بولمىسا كېرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاكىم ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەرگىزى ھۈكۈمىتىدە خىزمەت قىلىغان قېرىدىشىمىز بۇلۇپ،مىنىڭچە ئۇنىڭ پارتىيەمىزنىڭ قانۇن-نىزانلىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ يۇرۇق نوقتىلىرىدىن تۇلۇق خەۋىرى بار بولىشى مۇمكىن،مەن تور يۈزىدە ھاكىمغا ھۆرمىتىمنى بىلىدىر بىلەن بىرگە جەنۇبىي شىنجاڭ ناھيىلىرىدىكى قاتمال باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ،يېڭىچە ھۈكۈمەت-ئامما مۇناسىۋىتىنى تىكلەشتە ئۈلگە يارتىپ،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ،ھەرگىزمۇ قېىنداشلارنىڭ قارغىشى ئاستىدا باشقىلارغا ۋاكالىتەن ھۇقۇق يۈرگۈزۈپ قالماسلىقنى،مۇستىقىل،يېڭىچە پىكىر يۇلى بىلەن يۇرتقا ئاتا بۇلۇلۇشىنى قېرىداشلارچە ئۈمۈت قىلىمەن.
مەن يۇپىرغىلىق بولمىساممۇ شۇ ئېزىز قېرىداشلىرىم نامىدىن ھاكىم قېرىدىشىمىزغا چىن دىلىمدىن ھۆرمەت تىلەيمەن،ھەم ھۆرمەتنىڭ خەلق بەردىغان نىممەت ئىكەنلىگىنى ئارتۇقچە بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىسىگە سالىمەن!
سىزگە سالاملار بولسۇن ھاكىم قېرىدىشىم!

UID
6471
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
222
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 10:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىقنىڭ پىكىرىگە   توردا  بولسىمۇ  جاۋاپ بەرگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ  ھاكىم،
مۇشۇ جاۋابىڭىزنى ئاڭلاپ ئاز ساندىكى خەلىق ھەقىقەتەن خوش بولدى،
كۆپ ساندىكىسى يەنىلا ھاكىمنىڭ دېگەنلىرى ئەمەليەتكە ئايلىنارمۇ دەپ
ئىككىلىنىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ،ئەلۋەتتە خەلىق ئوتتۇرىغا قويغان كۆپ ساندىكى
مەسىلىلەرنى سىزدەك ھاكىمنىڭ بىر تەرەپ قىلىشقا تامامەن كۈچى يېتىدۇ،لىكىن
ئاز ساندىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشقا  كۈچىڭىز يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە،بۇنى ئەقلى كاللىسى
جايىدا ھەر قانداق ئادەم چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ،شۇڭا خەلققە قولىڭىزدىن كېلىدىغان ياردەم
بولسا ئايىماڭ،چۈنكى خەلىق دىگەن ئۆركەشلەپ ئىقىۋاتقان دەريا،سىز بولسىڭىز شۇ دەريادا
توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر كىمە،بۇ سۆزۈمنىڭ  داۋامىنى دېمىسەممۇ سىز ياخشى بىلىسىز،
ئادەم ئۆلگەندە پەقەت نەچچە مىتىر رەخىت بىلەن كىتىدۇ،مەيلى ھارام يول بىلەن تاپقان مال دۇنيا
بولسۇن  ياكى ھالال  يول  بىلەن تاپقان مال دۇنيا بولسۇن ھەممىسى مۇشۇ دۇنيادا قالىدۇ،
لىكىن ياخشى  نام  مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ،تىمىدا  دىيىلگەن  سۆزلىرىڭىز  ئىچىدىكى قۇربىڭىز يەتكەن
مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغاندىلا ئاندىن خەلىق سىزنىڭ مەيدىڭىزگە
گۈل تاقايدۇ،نامىڭىزنى مەڭگۈ  ياد ئېتىدۇ، مەيدىڭىزگە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل گۈلنى تاقاش بىلەن
بىرگە خەلىقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئىلىپ ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن سۇنغان گۈلىنى تاقاشقا تىرىشىڭ.

UID
48201
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-3-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 12:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا

UID
50997
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 12:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىڭ ياخشى بىر كادىر ھەم ياخشى بىر ھاكىم بولۇشىڭزغا ھەممەيلەننىڭ ئىشىنچىسى زور ،مۇمكىن بولسا ناھىيىڭز تەۋەسىدىكى باشقا يۇرتلاردىن كىلىپ ئىشلەۋاتقان كادىرلىرىنىڭىزنىڭ يۆتكىىلش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز

UID
2304
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
501
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 12:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاكىمىغا يېزىلغان ئوچۇق خەتنى مەنمۇ كۆرگەندىن كېيىن بۇ ئوچۇق خەتنىڭمۇ خۇددى باشقا ئوچۇق خەتلەرگە ،ئىنكاسلارغا ئوخشاشلا جاۋاپسىز قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، چۇنكى توردىكى رەھبەرلەرگە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يېزىلغان خەتلەر نۇرغۇن ھاللاردا جاۋاپسىز قېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، بۈگۈن ھاكىمنىڭ جاۋاپ قايتۇرغىنىنى كۆرۈپ گەرچە مەن يوپۇرغىدىن بولمىساممۇ ،خەلققە كۆڭۈل بۆلىدىغان،  ھەر ۋاقىت پۇقرالار غېمىنى يەيدىغان مۇشۇنداق خەلقپەرۋەر ھاكىمنىڭ بارلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم.
ماڭغان ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي..............

UID
21067
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 12:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھقانلاردىن تارتىپ كادىرلارغىچە بۇ ھاكىمنىڭ گىپى ، ئاڭلىسام خېلى كەسكىن ئىش بىجىرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاكىم چوڭ شەھەردە ، ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنكەن، بۇرۇن غۇلام ئىسىملىك ھاكىم بۇلۇپ شۇمۇ شۇنداق ياخشىتى ئەمما شۇ يوپۇرغا شاڭخەي ئۇ ھاكىمنى ھالسىرتىپ قويغان.

قەيسەر ھاكىم تىنىڭىز  سالامەت ، مەرتىۋىڭىز تېخىمۇ يۇقۇرى بولغاي  ، سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ،ئۆمۈدىمىز .

UID
51003
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 13:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر قېتىم چوڭ ئاپامنىڭكىگە بارسام، چوڭ ئاپام ماڭا ئىلگىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ۋە مەن تۇغۇلغان مەزگىلدىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرەتتى، ھەمدە ماڭا سىلەر پاختىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىرقى ياشىغان زاماندىن خوش بولۇشۇڭلار كېرەك دەپ ھازىرنى ماختايتتى. مەن تۇلۇقسىز، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىمۇ (2000-يىلىنىڭ ئالدى-كەينى) بىز يەيدىغان تاماقتىنمۇ قىسىلاتتۇق. ئەمما ھازىر يوپۇغىنىڭ ئەھۋالى مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەقىقەتەن ياخشى. يەيدىغىنىم، كىيىدىغىنىم تەل، ئىنى-سىڭىللىرىم مەكتەپكە بارسا ۋېلىسپىتنى ياراتماي قۇيىدۇ تېخى. مانا مۇشۇ قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدىكى ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن زور. ‹داۋامى بار›

UID
51003
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 13:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ناھىيە رەھبەرلىرىنى تۇنىمىساممۇ ئۇلارنىڭ بىز دېھقانلارنى ئويلايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم، ھاكىمنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، ھەم مېنىڭ ۋە كەلگۈسىدە تۇغۇلىدىغان باللىرىمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. رەھمەت سىلەرگە. مەنمۇ تىرىشىپ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇمەن. ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشايلى. يېقىن كەلگۈسىدە بىزنىڭ يوپۇغا چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش