ئەرلەرنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان 5 تۈرلۈك ئايال
ياخشى ئەرلەرنىڭ ھاياتىدا نەتىجە قازىنىش-قازىنالماسلىغى، جەمىئەتتىكى ئابرويىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بولىشى ، بەخىتلىك بولۇش-بولالماسلىغى، مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ قانداق ئايالنى مەڭگۈلۇك ھەمراھ بولۇشقا تاللىغانلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۆۋەندىكى بۇ ماقالىدا بەش تۈرلۈك ياخشى ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا كورسىتىدىغان رولى ۋە تەسىرى سوزلەنگەن.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش بولغان يەردە تۇرمۇش تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ. ئەمما مۇھەببەت بولغان يەردە، بىر خىل كوز بىلەن كورگىلى بولمايدىغان زەرەتلەش تۈرتكىسىدە ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدا مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى ئىنتايىن كۈچلۇك ھەقىقى ئىنسانغىلا خاس بولغان ھىسىيات شەكىللىنىدۇ. مۇھەببەت بىزگە چەكسىز خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ، يەنە بىزنى چوڭقۇر ئازاپلار غا مۇپتىلا قىلىدۇ. مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ كۈچىدۇر. مۇھەببەتنىڭ ئاچچىغى ۋە تاتلىغى، خوشاللىغى ۋە قايغۇسى ئورتاقتۇر. ئۇ ئىنسانىيەت روھىيىتىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ،ئەڭ نازۇك بولغان ئىلھام ۋە سەزگۈنىڭ ئىنكاسىدۇر. شۇڭا ئۇلۇغلار :«مۇھەببەتلىشىش ئادەم بولۇش دىمەكتۇر» دىگەن. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا فېرباخ ئېيتقاندەك، قانداق قىلىپ نەتىجە قازىنىدىغان مۇھىتنى يېتىلدۇرۈش ۋە يېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم شەرت، ئۇنىڭ يېنىدا مۇلايىم ھەم ئادەمنى چۈشۈنىدىغان لاتاپەتلىك ياخشى ئايال بولۇشتۇر، چۈنكى بارلىق ياخشى ئەرلەر ئەنە شۇ ياخشى ئاياللارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، ياردىمى ۋە پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن. ياخشى ئاياللار بولمىسا ياخشى ئەرلەر نىمىش قىلسۇن؟ تۇۋەندىكى بەش تۈرلۇك ياخشى ئايال، ياخشى ئەرلەر ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم:
ياخشى ئاياللارنىڭ 1-خىلدىكىسى: ساددا، بەلگىلىك تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، بىلىملىك ئايال.
بارلىق ئوزىنى توختاتقان ئاياللارغا ئوخشاش، بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭمۇ ياشلىق-ئوسمۇرلۈك ۋاقىتلىرىدا ساددا، نازاكەتلىك، ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان سۆيۈملۈك ۋاقىتلىرى ھەمدە زېرىكىشلىك كەچۈرمىشلىرى، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىزدىنىش جەريانلىرى بولغان. كۈلگەن ھەم ئازاپلانغان، ياخشى كۆرۈپ باققان، ھەم قايمۇققان . ئۇنىڭ دەل مۇشۇنداق خاتىرە ۋە تۇرمۇش كەچۈرمۈشلىرى بولغانلىقتىن، نەزەر دائىرىسى تار، يەڭگىلتەك، چۈشۇنۇكسىز، كېپىنەككە ئوخشايدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا تەمكىن، ئىللىق، ھىسىياتقا باي، كۆكسى قارنى كەڭ، ئۈمۈتلىك ھەم سەمىمى -ساغلام بولىدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى كۆپ بولۇپ «يەتتە ئولچەپ بىر كېسىدۇ». سۆيگۈگە سادىق، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى، ھەقىقى سەزگۈگە ئىشىنىدۇ، كىچىك ئىشلاغا ھاياجانلىنىپ قايمۇقۇپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار ئىنتايىن چېچەن، ئىنچىكە، قانداق ئىزدىنىشنى، تاللاش-تاللىنىشنى، كۆپچىلىككە قانداق سىڭىشنى، ياخشى - ياماننى قانداق ئايرىشنى بىلىدىغان بىلىملىك ئاياللار بولۇپ، توپىدىن ئالتۇننى قانداق ئايرىشنى بىلىدۇ، ئەقىل كۆزى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا ماھىر كىلىدۇ.
ياخشى ئاياللارنىڭ 2-خىلدىكىسى: ئېغىر-بېسىق، خاسلىقى بار ئاياللار:
كۆپ كىتاپ ئوقىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەنىۋىيىتى باي، دۇنيا قارىشى ئېنىق، بىلىملىك، كەمتەر، ئىچكى سەزگۈ-ھىسىياتىغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدىغان، ئادەتتىكى ئادەملەگە ئوخشىمايدىغان خاراكتىر ۋە ئىشلانى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەتتا مۇھەببەتنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقىدىكى كىيىم -كېچەك، يەپ-ئىچىشتەك ماددىي تۇرمۇش شارائىتىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان سۆيۈملۈك ئايالدۇر. باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ئادىمىگەرچىلىك ۋە ئەخلاقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى ئەرلەر گەرچە داڭلىق شەخىسلەردىن بولمىسىمۇ، ئەمما جاسارەتلىك ئەرلەردۇر. گەرچە نەتىجە قازىنالمىغان بولسىڭىزمۇ، ئۇ باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزنىڭ جاپالىق كۈرەش ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئىلھام بېرىدۇ، يولسىز تەلەپ قويۇپ سىزنى ئەيىپلىمەيدۇ، چۇنكى ئۇ ئەر بولماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ، گەرچە گېنرال بولۇشنى خالىمايدىغان ئەسكەرنىڭ لاياقەتلىك ئەسكەر ئەمەسلىگىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھەممە ئەسكەرنىڭ ناپالىئوندەك داڭلىق گېنرال بولۇپ كېتىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىگىنى، كۆپ پۇل تاپالمىغان ئەرنىڭ تەبىئىي ھالدا نەتىجە قازانغان ئەر بولالمايدىغىنىنى بىلسىمۇ، ئەمما ھەممە ئەرلەرنىڭ بېل.گايتىستەك باي بولۇپ كېتەلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ سىزنىڭ ھاياتلىق كۈرەش جەريانىڭىزدا سىزگە كۆيۈنىدۇ، مۇھەببەتلىك قاراشلىرى بىلەن سىزگە مەدەت بېرىدۇ. ھەتتا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغى، ياردىمى، ئىلھامى ۋە ئىشەنچىنى سىزگە ئاتايدۇ. چۇنكى ئۇ ھەقىقى بەخىت ۋە خوشاللىقنىڭ ئىىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىغى ئاساسىدا قولغا كېلىدىغانلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق خاراكتىر ۋە سۇپەتكە ئىگە بولىشى تامامەن سىزنى سۆيگەنلىگىدىن بولىدۇ. مۇھەببەت ئادەمگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ. سىزنىڭ يېتەرسىزلىگىڭىزنى كەچۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت مۇھەببەت ئىچىدە تويىنىدۇ، مۈكەممەللىشىدۇ.. ئەلۋەتتە ھەرقانداق نەرسە ئۆزگىرىدۇ، جۈملىدىن ھېسسىيات ۋە مۇھەببەتمۇ شۇنداق. بۇنداق ئاياللانىڭ ئارتۇقچىلىغى شۇ يەردىكى، بىر كۈنلەر كېلىپ سىلەر ئايرىلىشقا توغرا كەلسە، سىزنى ئازاپلاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، سىزگەھۆرمەت بىلەن ئارلىق قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق ئاقىللار يېنىڭىزدا بولسا، سىز غەلىبە قىلىدۇرسىزكىن، يېڭىلمەيسىز.
ياخشى ئاياللارنىڭ 3 -خىلىدىكىسى: تەمكىن ۋە كۆزى توق ئايال.
بۇنداق ئايالغا ئۇچرىغان ھەرقانداق ئەر دۇنيادا ئوزىنى ھەممىدىن بەخىتلىك دىسە بولىدۇ. بۇنداق ئايال بىرقەدەر تەمكىن ھەم قانائەتچان كىلىدۇ. ئۇلار سەمىمى، پاك قەلىبنىڭ قىممەتلىك ماددى نەرسىلەردىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى دەۋىر كىشىلىرىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، ھەمدە ئىسىل بولغان مىجەز خاراكتىردۇر، ئۇلار ئېتىقاتلىق ھەم كەمتەر، مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ھەر خىل رىقابەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. باشقىلانىڭ ئەقىدىسىنى قەدىرلەيدۇ، پۇل -مالنى كورۇپ باشقىلانىڭ سۆيگۈ-ئەقىدىسىنى خارلايدىغانلادىن ئەمەس. ھەممىدىن سويۇنۈشكە ئەرزىيدىغىنى مال- دۇنيانى دەپ قىيىنچىلىقتا قالغان سۆيگۈنىنى تاشلاپ، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دىگەندەك ئىشلارنى قىلمايدۇ. سىز بىلەن بىرگە بولغان بەخىتلىك كۈنلەدە ئۇ سىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرىڭ ئۈچۈن خوشال بولۇپ مەغرۇرلانسا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇ سېزنى ئۈمۈتسىزلەنمەسلىككە رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئۇنىڭ سىزنى سۆيگىنى سىزنىڭ بارلىغىڭىزنى قۇبۇل قىلغىنىدۇر. سىز بىلەن بىرگە بولۇشنى قارار قىلغاندا بەخت، خوشاللىق، قانائەتلىنىشنى تاللاش بىلەن بىرگە يەنە نامراتلىق، ئوڭۇشسىزلىق، جاپالىق شارائىتلارغىمۇ تولۇق تەييارلىق قىلغان بولىدۇ. ھەقىقى ئەركەك بولسىڭىز شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئۇنى ھەرگىز ئۈمۈتسىزلەندۈرمەڭ! چۈنكى ئۈمۈتسىزلىك ئايال كىشىگە بەك چوڭ تەسىر قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئەقلى- ھۇشى جايىدا، ياخشى بىر ئايالغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق! سىز سەت بولسىڭىز بولىدۇ، نامرات بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۇنى ھەرگىز ئۈمۇتسىزلەندۈرمەڭ! چۇنكى ئۆزىنى توختاتقان، تەمكىن، كۆكسى-قارنى توق بىر ئايالغا نىسبەتەن ئۈمۈت-ئارزۇ ئۇنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى!
ياخشى ئاياللارنىڭ 4-خىلدىكىسى: كەڭ قورساق، مەرت، سەمىمى ئايال.
بۇنداق ئايال كىشىلىك تۇرمۇشقا چۆكۈش، چېنىقىش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، سىزنىمۇ توختىماي چۆكۈپ بېقىشقا، ئۆزلۈكسىز ئىلگىرلەشكە، مۈكەممەللىشىشكە ئۈندەش بىلەن بىرگە سىزگە سەمىمىيلىك،مەرتلىك، خوشاللىقنىڭ نىمىلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ئايال مىھرىبان، قائىدىلىك، كەڭ قورساق، قانائەتچان بولۇپ لايىقىدا ئىش قىلىدۇ. گەرچە ئۇششاق گەپ قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولسىمۇ، بۇ پەقەت خاتا ئىش قىلغان چاغلىرىڭىزدا سىزنى ھورمەتلىگەنلىگى سەۋەبىدىن گەپنى ئۇدۇل قىلماي نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى خالاس. ئۇ سىزگە ئىشەنچ، غەيرەت، جاسارەت ئاتا قىلىدۇ، لېكىن سىزنى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەنى قولغا كەلتۈرۇشكە قىستىمايدۇ، لېكىن سىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بەدەل بېرىپ، بەلگىلىك نەتىجە قازىنىشىڭىنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپ چاغلادا ئۇ سىزنىڭ خوشال -خورام ياشىشىڭىزنى، سەمىمى، ۋىجدانلىق بولىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بارلىق ئاجىزلىغىڭىزنى، ئاددىلىغىڭىزنى كۆزىگە سىغدۇرىدۇ.
ياخشى ئاياللانىڭ 5-خىلدىكىسى: پەزىلەتلىك، چىۋەر، كىشى قەلبىنى چۈشۈنىدىغان ئايال.
بۇنداق ئايال بىلەن بىرگە ئۆتسىڭىز سىز باھار شامىلىدەك ئىللىقلىق ۋە خوشھاللىقنى ھىس قىلىسىز! ھەر قاچان ئەركىن-ئازادە، خوشال-خورام، خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا. مەقسەتلىك ھالدا ئەسلىڭىزنى يوشۇرۇپ ئاۋارە بولمايسىز! سىزنىڭ ھارغىنلىغىڭىز، غەم-قايغۇلىرىڭىز، بارلىق كۆڭۈلسىزلىك ۋە تۇرمۇش بېسىملىرىڭىز تامامەن ئۇنىڭ ئادەمنى چۇشۇنىدىغان شۇ كەڭ، سۇپ-سۇزۇك، مۇلايىم قەلىپ ئېتىزى تەرىپىدىن سۇمۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇ سۇغا ئوخشاش سىزنى ئېرىتەلەيدۇ، ئوتقا ئوخشاش سىزنى كۆيدۈرۈپ كۈل قېلىۋىتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇنداق كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ مەنبەسى پەقەت بىرلا: ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ تەبىيىتىدىكى تەبىئى مىھرىبانلىق !
يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش تۈرلۈك ئايالنىڭ ھەرقانداق بىرى بىلەن باش قوشۇپ قالسىڭىز كېسىپلا ئېيتىشقا بولىدىكى ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ بەختىڭىز . دەرھەقىقەت ھازىر دەۋرىمىزدە مودا بولىۋاتقان «ئەرلەر شوخ بولمىسا، ئاياللار ياخشى كۆرمەيدۇ» دىگەندەك كوز قاراشلار مودا بولسىمۇ، ھىچ بولمىغاندا مۇتلەق كوپ ساندىكى يۈزلىنىش مۇشۇنداق بولىشى كېرەك. گەرچە بۇرۇن بۇنداق ياخشى پۇرسەت بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەڭگۈ بولمايدۇ دىيىشكە ھىچ قانداق ئاساسىمىز يوق! بىراق بىر نۇقىتىنى ئەسكەرتمەي تۇرالمايمىزكى، ئۇ بولسىمۇ نورغۇن ئەرلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا بۇ نۇقتىنەزەرگە «قىزىقمايمىز» دىگەن سوزلەرنىڭ ئىزناسى ئورناپ كەتكەن! يېقىندىن بېرى جەمىيەتتە غەيرى كۆز قاراشلار شەكىللەندى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: «ئەسكى ئەرلەر پۇل تاپالايدۇ دىيىشنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس، كىم يوۋاش، سادىق، تىنچ ئەرلەرنىڭ كۆپ پۇل تاپالىغىنىنى كۆرۇپتۇ؟! ھازىر پۇل بولسا ئاندىن مۇھاببەت بولىدۇ!... شۇڭا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پۇلى بار ئەرلەر ھىسىياتچان، شۇنداق يېقىشلىق، شۇڭا پۇلى بار ئەرلەرگە توي قىلىڭ »دىگەن سوزنىڭ ئاساسى بار، چۇنكى رومانتىك ياشاش ئۈچۈن پۇل بولۈشى كېرەك دىگەندەك...
بۇ خىل كوز قاراشلار ئالدىدا يوقىرىدا ئېيتقان بەش تۈرلۈك ئاياللاغا ،نۇرسىز ۋە چاپاق باسقان نەزەرلىرىمىزدە قارىساق، ئۇلار ھەقەقەتەن جۈپتى يوق «ئەخمەقلەردۇر»، نۇرغۇن پۇل ۋە ئورۇن-مەرتىۋېگە ئىنتىلىدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ئىنتايىن روشەن سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە. ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەخمەق ئاياللار ئەرلەرنىڭ يانلىرىدىكى تېپىلماس ئەڭگۈشتەردۇر. ئەگەر سىز ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى «ئالتۇن تەخىت» لىك پارىخور ئەمەلدارلار ۋە نۇرغۇن مەغلۇپ بولغان ئىقتىدارلىق ئەرلەرگە قاراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ يېنىدا پۇلغا چوقۇنىدىغان، ئاچكوز ئاياللار يوق؟ بۇ ئاياللار شىردەك ھۆكىرەپ يۈرگەن بۇ ئەركەكلەنى زەھەرگە خۇمار قىلغاندەك كونتىرول قىلىپ ۋەيران قىلماقتا. شۇڭا سىزگە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ ھەم ياخشى قەدىرلەڭ !
ئىزاھات: نىسبى بۇلغانغان جەمئىيەت، نامراتلاشقان مەنىۋىيەت، قىممىتىنى يوق دۇنيا قاراش ۋە ئىقتىسات قارىشى روھىيىتىمىزنى بۇلغاپ بىزنىڭ ساغلام تاللىشىمىزغا ئېغىر سەلبى تەسىر كورسەتمەكتە. نۇرغۇن ئەر-ئاياللىرىمىز ئومۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا ئاقىلانىلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمۇ بىر نىمە دەپ بېرەلمەيدىغان بىر قاتار بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ۋە قىزىقىشلار تۇرتكىسىدە بىلىپ-بىلمەي خاتا تاللاشلاغا يول قويغاچقا، نىكاھ تۇرمۇشى بەخىتلىك بولماي ئاجرىشىدىغانلار سانى كوپىيىپ ھەتتا نىكاھ ئويۇنغا ئايلانماقتا. جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بۇ سەۋەپلىك يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر تېخىمۇ سوزلەپ تۈگەتكۈسىز! مەيلى ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى دىننى ئېتىقات نۇقتىسىدىن بولسۇن نىكاھ ئىشلىرىدىكى بۇ قاششاقلىق ۋە يېنىكلىك ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەم جىنايەتتۇر. چۈنكى بۇنىڭ ئاخىرى بىر پۇتۇن مىللەت سۈپىتىگە،جەمىيەتكە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىغا تەسىر كورسىتىدۇ! ...
بۇ ئەسەرنى بىر دوستۇمنىڭ تور بوشلىغىدىن كورۇپ قېلىپ خېلى ئىلمى ئاساسى بارلىغىنى ھىس قىلدىم ھەمدە تورداشلاغا مەنپەئەت قىلىپ ئوزىگە ماس كېلىدىغان ئومۇرلۇك جۆرە تاللىشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇپ قالارمىكىن دىگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىپ دوسلارغا سۇندۇم . ياقتۇرىشىڭلانى شۇنداقلا بىرلىكتە ئويلىنىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن...
|