كۆرۈش: 5769|ئىنكاس: 13

كادىر نەدىن كەلگەن،نەگە بارىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49870
يازما
11
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-12
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 15:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كادىر نەدىن كەلگەن؟نەگە بارىدۇ؟

   مەن 1984-يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا دېھقانچىلىق قىلىدىغان خوشنۇللۇرۇم بىلەن ئوقۇش ئۈستىدە پاراڭ قىلىشسام،ئۇلار ئۈمۈتسىز ھالدا ماڭا:-سەن كادىر ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققاچقان، ياخشى ئوقۇمىساڭمۇ كادىر بولىسەن،بىزنىڭ پەرزەتلىرىمىز ھەرقانچە ياخشى ئوقۇسىمۇ بىز دېھقان بولغاندىكىن باللىرىمىز يەنىلا دېھقان بولىدۇ،شۇڭا ئۇلار مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغاندىن ئۆي ئىشلىرى ۋە ھاششار-مەدىكارغا بېرىپ بىزىنىڭ جاپايىمىزغا يۈتۈك بولغىنى ياخشى، دىگەندەك بىچچارىلارچە پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىمنى تىڭشاپ نىمە دىيشىمنى بىلمەي جىم بولۇپ قالاتتىم. مانا بۇ 1923-يىل ناھىيىمىزدە تۇنجى قېتىم مەكتەپ قۇرۇلغان يۇرتىمىزدىكى نادانلىق بىلەن خوشلۇشالمىغان ئاددى پۇخرالارنىڭ پارىڭىدىن ئاخىرى كاللامدا ‹‹كادىر نەدىن كەلگەن،نەگە بارىدۇ؟›› دىگەن سۇئال تۇغۇلدى.
   كۆپ ئىزلەندىم،ماتىريال كۆردىم.ئەينى چاغدىكى سەۋىيەمنىڭ تۇلىمۇ چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن بۇ تىما ئۈستىدىكى ئەرزىمەس نەتىجەمنى دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش مەقسىدىدە بىر بىرىگە باغلىنىشچانلىقى يوق بىر نىملەرنى يېزىپ سىنىپ مەسئۇلۇمغا سۇندۇم.بۇ تىما مەكتەپتە داغ-دۇغا قوزغاپ، مەكتەپ مۇدىرى بۇ تىما ئۈستىدە چوڭ يىغىنمۇ چاقرىدى.لىكىن مىنىڭ بۇتىمىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە قۇربىتىم يەتمىدى.ئاخىرى خام ماتىريال توپلاش ئۈچۈن شىڭشىسەي،گومىنداڭ ۋە گۇڭچەنداڭغا خىزمەت قىغان مەرھۇم دادام بىلەن پاراڭلىشىپ ئازراق ماتىريالغا ئىگە بولدۇم.دادامنىڭ سۆزلەپ بىرىشچە، ‹‹ئەينى چاغلاردا كىشىلەر پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە(دىنى مەكتەپ) ئوقۇتۇدىغان ئوقۇتقۇچىللىرىغا ھەر پەيشەنبە كۈنلىگى نان،ئاشلىق،گۆش دىگەندەك ئوزۇغلۇق مەسئۇلاتلىرىنى ئەكىلىپ بىرىپ ئۆزىنىڭ يېرىم ئاچ قېلىشىغا قارىماي پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن بەدەل تۆلەيتتى. 1934-يىلدىن كىيىن دىنى مەكتەپلەر پەن بىلەن دىن بىرلەشكەن مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەنتەربىيە،ناخشا،مۆۋلۇد قاتارلىق دەرىسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغان،كىيىنچە شىڭشىسەي مەرىپەت پەرۋەر ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى بى ئەجەل قەتلە قىلغاندىن كىيىن، كىشىلەر ئوقۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ گۇمان بىلەن قاراپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئىتىبار بەرمەيدىغان بولغان ،بۇ قارا بوراندىن ئامان قالغان ئاز بىرقىسىم مەرىپەت پەرۋەر كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ  كۆپ بەدەل تۆلىگەنلىكىنى سۆزلەپ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈردى،مەن 1954-يىلى ناھىيىمىزدىن توققۇز نەپەر بالىنى قەشقەرگە ئىمتىھانغا ئېلىپ ماڭماقچى بولۇپ ئۈچ ئات ھارۋىسى بىلەن يولغا چىقتىم.دەل شۇچاغدا بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى كىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ يولۇمنى توسۇۋالدى،قارىسام بۇلارغا تەربىيە كار قىلىدىغاندەك ئەمەس.شۇنۇڭ بىلەن قولۇمغا قۇرال ئېلىپ ‹‹ئەمدە قارشىلىق قىلساڭ ئاتىمەن›› دەپ مەجبۇرلاپ ئوقۇشقا ئىبەرتكەن، (بۇ ۋاقىتتا دادام مائارىپ بۆلۈمىنىڭ بۈلۈم باشلىقىكەن). ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قانچىسى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك كادىر›› ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.ئويلاپ باقسام كادىرلارنىڭ كادىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن رىيازەت بەدىلىگە ھازىرلاپ بەرگەن شارائىتلىرى،ئائىلە ئىچىدىكى ئەخلاق تەربىيەسى،شۇ پەرزەنتلەرنىڭ كۈۋەجەپ تۇرغان غەيرەت-جاسارىتى ۋە تىرىشچانلىقى بەدىلىگە قولغا كەلگەنكەن.بۇ چاغلاردا كىشىلەر قەلبىدە  قانۇن-تۈزۈم مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە دىنى جەھەتتىكى ‹‹يامان بولىدۇ›› بىلەن ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ جەمئىيەتتىكى قاتىللىق قىلىش،مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش،مۇقۇملۇقنى ئاساسى ئورۇنغا قۇيۇش قاتارلىق جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇردىغان ئىش-ھەركەتلەردىن چەكلەپ كەلگەنكەن.شۇڭلاشقا ئۇلار باشقىلارنىڭ رىسقىغا قول سۇنماي، ئۆزىنىڭ نىسىۋىسىگە قانائەت قىلپ ياشىغان ئىكەن.ئەينى يىللىردىكى كادىرلارنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلىتى، شەرمى-ھاياسى، نۇمۇسنى شەرەپلىك ھىس قىلىدىغان ئىنسانى پەزىلىتى مىنى تولىمۇ سۈيۈندۇردى.ئويلىسام ئۇلارنىڭ بۇ ئادەمنى سۈيۈندۇردىغان پەزىلىتى يوقسىزلىقنىڭ ۋە ئائىلە تەربىيەسىدىكى‹‹يامان بولىدۇ››لارنىڭ گۈلخانلىرىدا تاۋلىنىپ يىتىشىپ چىققانكەن.
   ئەمدىكى زاماننىڭ ئىنسانلار تەرەققىياتىدىن ھەيران قېلىۋاتىمەن.ھازىر جۇڭخۇا جەلق جەمھۇرىيتىنىڭ مۇكەممەل بولغان قانۇنى،پارلاق پاراۋان تۇرمۇشى بار تۇرۇقلۇق،مائارىپ تەربىيەسى يىتەرلىك بولسىمۇ، كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى يىتەرلىك بولماي،ئاچ كۆز،ياۋۇز،نەپسانىيەتچى،ھەسەتخور بۇلۇپ يىتىلىپ،بىلىمنى ئەتراپلىق ئۈگەنگەن بولسىمۇ قانۇننى ياخشى ئىگەنلىمىگەن بىر قىسىم ئادەملەر، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلۇشۇپ كۆپلىگەن ھىتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىشماقتا.قانۇندا ئېنىق بەلگۈلەنگەن بەلگۈلمىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەمەل-ھۇقۇقى رەت قىلىپ،پۇخرالارنىڭ قانۇنلۇق ھىشكايەتلىرىمۇ ئىزچىل دەپسەندە بولۇپ جەمىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.‹‹ئاقىللار خاتالىقىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ،نادانلار خاتالىقىنى باشقىلاردىن كۆرىدۇ››.يەنىلام ئاۋام گۇناھ كار.
   جەمئىيەتتە ئازراق قالايمىقانچىلىق كۆرۈلسە بىردەم پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى،بىردەم ج خ ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىنى،بىردەم دېھقانچىلىقنى،بىردەم ئورمانچىلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››دا بەلگۈلەنگەن تەتىل كۈنلىرىنى قۇربان قىلىپ ئەمگەك قانۇنىغا ئىتىبارسىز قاراپ سىياسى ئۈگۈنىشكە تەشكىللەپ‹‹سەنلەرنىڭ تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىللىرىڭ›› دەپ  ئاچچىقىنى چىقارغاندا، سىلەردەك چوڭ ئەمەل تۇتقان كىشلەرنى قايسى ئورۇن تەربىيەلىگەن بولغىيدى؟ئەمەلدا بولۇش سىلەرگە تۇغما قەبىلىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن بولغىيمىدى؟ دەپ سورۇغۇم كىلىدۇ.بىراق ئۇلاردىن مۇنداق بىمەنە سۇئاللارنى سوراپ ئۈگۈنىشنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى خالىمايمەن.ئەگەر بىرەر ئالىم ئىلىم-پەن ساھەسىدە زەپەر قۇچسا ئۇ شەرەپ دۆلەتكە تەۋە بولۇپ مائارىپ تىلغا ئېلىنمايدۇ،جەمئىيەتتە كىچىككىنە قالايمىقانچىلىق چىقسا نىمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ھاقارەتلىنىدۇ؟مانا بۇ جەمئىيەتنى تەھلىل قىلمىغان ۋە قانۇننى چۈشەنمىگەن بەختىيار كىشىللىرىمىزنىڭ قۇدرەتلىك تەلىماتىدىن  ئىبارەت.
   خىزمىتى جاپالىق بولغانلارغا راھەت ئەزەلدىنلا يارشىپ باققان ئەمەس.دېھقانلار قىشنىڭ زىمىستان سوغقىدا توڭلىدىم دىمەي،يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدا چاڭقىدىم دىمەي ئىشلەپمۇ غۇجاملارنىڭ رازىلقىغا ئېرىشكىنى يوق ئىدى. مەركەز دېھقانلارغا نىسبەتەن ئەمىن ئۆي قۇرلۇش يارىدىمى،ياشانغانلار يارىدەم پۇلى،تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى قاتارلىق  بىربۆلۈك ياخشى سىياسەتلەرنى تۈزۈپ قاراتمىلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرسىمۇ،تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغا دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ئىشلەش كۈنلىرىگە خاتىمە بىرىلگىنى يوق......
   ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى،قۇرغۇچىللىرى ۋە ئۈمۈدى ئىدىغۇ.
   كادىر نەدىن كەلگەن؟نەگە بارىدۇ؟

غېرىپجان شەيدائى

UID
21971
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-28
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 01:57:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل

UID
49797
يازما
70
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 10:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كادىرمۇ شۇ سىز بىزگە ئوخشاش ئىنسانغۇ،  ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن كەلگەن ئاخىردا يەنىلا شۇ يەرگە قايتىپ ھىساپ بېرىدۇ...
    ئەمما ھەممە كادىرنى بىر تاياقتا ھەيدەش ياخشى ئىش ئەمەس. ھازىر جەمئىيتىمىزدە كادىرلارنى كۆزگە ئىلمەيدىغان، ھەتتا كادىر بولغانلارنى قابىلىيەتسىز، ئەخلەت، مۇناپىق دەپ تىللايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.  ئەجىبا كادىر بولغان گۇناھمۇ؟   ھەممىمىز تىجارەتچى، سودىگەر بوپ كەتسەك بولامتى؟  تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان ئېسىل، خەلىقپەرۋەر، خەلىقنى دەپ جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ ئۆتكەن رەھبىرى ۋە ئادەتتىكى كادىرلىرىمىز ئاز ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە توخۇ پۇقىدەك ئوتۈپ كەتكەنلەرمۇ بار. خەلقىمىزنىڭ كۆزى ئىنتايىن ئۆتكۈر ۋە باھاسى ئىنتايىن ئادىل.   قايسى كادىرنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىغا خەلقىمىز ياخشى باھا بىرەلەيدۇ...

UID
50799
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 10:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىپجان، ئوقۇتقۇچى ئوخشىمامسىز؟

يېڭى يۇلتۇز

http://parixta.com/

UID
35261
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 15:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارخان فىلىمنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى
تىماە يوللىسام تەستىقلانمىدى شۇڭا مۇشۇ يەرگە قىستۇرۇپ قويدۇم............

باھا سۆز

بۇلاق  ئەخلەت! ئەخلەت! ئەخلەت!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 14:42:42

UID
50606
يازما
71
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
71
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-14
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 15:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېرىپچانننىڭ بەزى سۆزلىرى مىنى خېلى سەگىتتى

UID
50916
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 16:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىنى ھەر بىرىمىز بېشىمىزنى ئوبدان سىلكىۋېتىپ ئويلاشقا تىگىشلىك. ئۇقۇتقۇچى جەمىئەتنىڭ گۇناھكارى ئەمەس.

UID
31144
يازما
982
تېما
7
نادىر
1
جۇغلانما
987
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
309 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 16:08:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانارخان فىلمىنىڭ ئاخپارات ئېلان قىلىش يېغىنىنى كۆرگۇم بارتى ، نىمە سەۋەبىتىن پەقەت ئېچىلمايۋاتىدۇغۇ !

UID
29309
يازما
236
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
246
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-28
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 13:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئانارخان›› دەك بۇنچىۋالا ئېسىل فىلىمنى پەقەت ۋە پەقەت بىزنىڭ ئاشۇ تالانىتلىق رېژىسسورلىرىمىز يەنە ئارتىسلىرىمىزلا ئىشلەپ چىقالايدۇ!! ۋاي ئاللا ! بۇ كىنونىڭ ئېسىللىكىدىن ئاشۇ ئارتىس ۋە سېنارىيە يازغۇچىلىرى،ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىغا كۆز تېگىپ،ئوت تۇتۇپ قالغىيدى!! قانداق ئەتىۋارلىق كىنودۇ بۇ دەپ!!  ئۇ ئارتىسلىرىمىزمۇ ئېسىل ئادەملەر بولغاندىكىن ئىشلەپ چىققان فىلىمىمۇ ئۆزىدەك ئېسىلكەن.

UID
29309
يازما
236
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
246
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-28
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 13:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ كارامەت،بەك،شۇنداق،ناھايىتى،قاتتىق،چوڭقۇر تەسىرلىنىپ كېتىمىزكى، ئۇنىڭ گېپىنى بىر قىلماڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش