دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالنى كۆرۈپ باقامسىز ؟
ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىز ئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق. ئەمما سىز ئانىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:
ئانىڭىز بىرئۆمۈر سىزگە نېمە قىلىپ بەردى؟ بىلەمسىز؟ بىر ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە سۈت بېرىپ پەپىلەپ باقتى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز.
ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئېتىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىڭىز.
تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىپ قويدىڭىز.
بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چىرايلىق كېيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردى،ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەرلەردە ئوينىدىڭىز.
يەتتەياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە توپ ئېلىپ بەردى،ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە توپ بىلەن قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چېقىۋەتتىڭىز.
توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سىزگە رويال ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئىككى قېتىم چېلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.
11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنى كىنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمماسىز بۇنىڭ بەدىلىگەئاپىڭىزنى باشقا رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدىڭىز .
13 ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزگە چېچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەمماسىز ئانىڭىزنى ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان چاچ پاسونلىرى بىلمەيسەن دېدىڭىز.
14ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىڭىزنى تۆلىۋەتتى، ئەمماسىز بۇ بىر ئاي ئېچىدە بىر قېتىممۇ ئانىڭىزغا تېلفون قىلىپ قويمىدىڭىز.
15ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىرقوچاقلاپ قوياي دىۋىدى، ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كېرىپ كەتتىڭىز.
17ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز بىر مۇھىم تېلفوننى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئەمماسىز تېلفوننى قۇچاقلىغان ھالەتتە دوستىڭىز بىلەن بىر كېچە پاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.
18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يېشى قىلدى، ئەمما سىز سىرتتا دوستلىرىڭىز بىلەن بىركېچە ئولتۇرۇش ئويناپ كەلدىڭىز.
19 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى، ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خېجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سېلىپ قويدىڭىز.
20 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزدىن:" كۈندە نەگە بېرىۋاتىسەن؟" دەپ سورىسا، " سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.
23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.
30 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە بالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى، ئەمما سىز "ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.
40 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزتوغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.
50 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ئەمما سىزبالىلىرىڭىزنىڭ غېمىدەئالدىراش.l
ئاخىرى ئانىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، سىز توساتتىن ئانىڭىزئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز.
ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىز ھايات بولسا بۇندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ بەك كۆيۈنۇڭ، قەدىرلەڭ.
مۇبادا ئانىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا مېھىرى دۇنيادا ھەممدىن ئۇلۇغ. ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ھەممىدىن مىھرىبان ئايال!
ئىگىمىز اللە ھەممەيلەننى ئانىلىرىمىزنى قاخشىتىشتىن ساقلىسۇن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-13 13:48
|