كۆرۈش: 6205|ئىنكاس: 31

بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
138
تېما
63
نادىر
0
جۇغلانما
138
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-12
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 09:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟



1980 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە -ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە – ئەسەرلەردە بولسا «ئۇيغۇرلار ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت » دەپ تەرىپلىندىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى ، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم2005 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇرياۋۋىي خانىم 1- بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە، ئۇيغۇرلار «ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغاندى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم. «پىسخىكىلىق ھالەت» دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت – ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467 نەپەر ئۇيغۇرنى ئوبىكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.
تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۆۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بېقىش تەلەپ قىلىنغان.
1 – دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
2 – ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
3 –يۇمۇرلۇق؛
4 – ئۈمىدۋار؛
5 – بېكىنمە؛
6 – ئوچۇق-يورۇق؛
7 – ئۈمىدسىز؛
8 – ئەقىللىق؛
9 – ئەستايىدىل؛ .
10 – ئىچ-مىجەز؛
11 – ئىشچان؛
12 – تۈزكۆڭۈل؛
13 – باتۇر،؛
14 – مەرد.
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى « ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كېتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يېتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ شۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە -ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئو- تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ – سىنئالغۇ، ۋكد ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىئو ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يوقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە – ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتور.
مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خۇمار- ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا – ئۇسسۇل، نەغىمە – ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت» دېگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن: 1906 – يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەئىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە : «ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ – ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن – كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دېمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر- ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە – ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.
بۈگۈنكى شارائىتىمىزدا ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ – ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن – تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن – تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك – شۈبھىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.
بىز كۆزىمىزنى يوغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نېمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نېمە ؟ خەلىق نېمە ئويدا، بىز نېمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى، رىقابەت دەۋىرى! دەۋىرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا- ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئۇنۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق » تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت » بوپقالمايمىزمۇ ؟
بەزىلەر«خەلىق نېمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىك بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا- ئۇسسۇل، نەغمە -ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك » دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلىقنىڭ تاللىشى، خەلىقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلىقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلىقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا- خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دېگەن ماقالىىسىدە :«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيىتقان. خەلقىمىز ئاپپاق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن – مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلىقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى – داھىيلارنىڭ، پايدا – زىيان ياخشى – ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن – مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈريىتى قالمايدۇ.
خەلق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نېمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نېمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265- بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دېگىنى دانىشمەن – مۇتەپپەككۈرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئېسىل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.
بەزىلەر «بىزگە سەئىدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم – پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋانى ئۇنداق – مۇنداق دېيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە -ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ، دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يوللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا – ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنىت بوپ قالمايلى، نەغمە – ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئۇنۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى. نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانائاتلىنىپ، پەخىرلىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار » دېگەن سۈپەتكە مىخلىۋېتىپ، نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمىرى كوتا بەختى قارا تەغدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.
مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانيلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان: «ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب – شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن – بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ….. سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت – ماكانسىز جاھان كېزىپ، تىلەپ – تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نېمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ».« شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلى 1995- يىل5 – 6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىل نەشىرى
ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شارائىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ – كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا- ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ، قىرغىزىستانلاردا 20- ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار » دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نېمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق :
1 – ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار:
2 – ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
3 – ئارمىيىدە داڭىق چىقارغانلار؛
4 – تەشكىلاتچىلار؛
5 – ئالىملار- ئاكادىمىكلار؛
6 – دوختۇرلار؛
7 – مائارىپچىلار؛
8 – ئەدبىلەر؛
9 – ئاخباراتچىلار؛
10 – ئارخىكتورلار؛
11 – رەسسام- ھەيكەلتاراشلار؛
12 – تىياتىر، مۇزىكا، كىنو، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
13 – تەنھەركەتچىلەر.
ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە – ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا – ئۇسسۇل، نەغمە – ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە – ناۋا، ناخشا – ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۈبھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت.

ئېنتىتىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر پۈتۈن مىللەتكە باھا بېرىشتە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ،قايىل قىلارلىق خۇلاسە چىقىرىش كېرەك،467نەپەر ئادەمنى قىسقىچە 4تال سوئالنى سوراپلا مۇنداق يەكۈن چىقىرىش نادانلىقتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس.
                    ----جاھان بىۋاپا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 14:02  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47298
يازما
102
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-13
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 14:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرە داپ چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ تۇرمىسا باشقىلار قورقۇپ كىتىدۇ، كىم نىمە دىسە دەۋەرسۇن. بولمىسا مەيلى بىزنى شۇنداق بىلىپكەت سىمۇ مەيلى. بۆرە بىشى ھۇۋلىغاندا ھەممە داپنى قويۇپ يىغىلمىغىننى كۆرۈڭ.

باھا سۆز

paruk333  ھىلىمۇ قان-ياشلىق يىغلاۋاتىمىز،بىراق يىغلىغىنىمىزنى تۇيمايۋاتىمىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-19 02:19:35

UID
31144
يازما
787
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
787
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-18
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 16:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شۇنداق بۇلۇپ قىلۋاتىدۇ ،بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مەن ئاز سانلىق مىللەت بۇلۇپ يىل ئاخىرى يىغىلش بولغاندا ئىدارىدكلەر مېنى يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇل ئويناپ بەر ،سىلەر ئورنۇڭلاردىن تۇرساڭلارلا ئۇسۇل ئوينالايسىلەر دەيدۇ ، بىز بۇلارنىڭ نەزىرىدە مانا مۇشۇنداق .راسىت گەپنى قىلغاندا مەن پەقەت ئۇسۇل ئوينىيالمايمەن .بۇلار شۇنداق ئوينىيالمىساممۇ مېنى ياخشى ئوينۇدۇڭ دەپ ماختاپ قويدى ،بۇ ئۇسۇللنى ئىدارىدىكى 6قىز بىللە ئوينۇدۇق .

باھا سۆز

sawda571  چۈنكى ئۇلار بىزنى ئۇسۇلچى قىلماقچى،ئوخشىمىسىمۇمۇ ياخشى ئوينۇدۇڭ دەيدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 17:53:58
yarun  سىز لىيەن پو ۋە لىن شڭياڭرۇ قىسسىسىنى ئوقۇپ بېقىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:30:13

UID
14849
يازما
44
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
224
تىزىملاتقان
2011-9-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-28
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 17:40:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلارچە ؟ ساق ئادەمنى ''ساراڭ'' دەۋەرسە بىزمۇ ''ساراڭ ''مىش ، دىگەندەك ، ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ ساراڭلىقىدىن گۇمانلانغاندەك .

UID
49403
يازما
31
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2013-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-25
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 23:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەينى چاغدا ئاماننىساخان دىگەن ناي-ناينى ئابدۇرىشىتخان ئوردىغا ئەكىرمىگەن  بولسا، ئۆز يېزىسىدىلا بىر  چېكەرمەن سەۋدايىغا تەككەن بولسا ،  مۇقاملىرىنى دادىسى قىدىرخان بىلەن شۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگەن بولسا ، ئابدۇرىشتخان  دىققىتىنى دۆلەت ئىشىلىرىغا قاراتقان بولسا ..
12 مۇقام بولمىغان بولسا نىمە بولاتتى ؟ جاۋاپ شۇ ھېچنىمە بولمايتتى ، بىز ناخشا ئۇسسۇلغا بۇنچىۋالا مەستانە مۇستەغرۇق بولۇپ يۈرمەيتتۇق . ئەمەلىيەتچىل بولاتتۇق ، ھىسسى پىكىر قىلمايتتۇق ئەقلى پىكىر قىلاتتۇق . مۇنداق بىر گەپ بار :
ھاراق - شاراپ تەننى زەئىپلەشتۈرىدۇ ، ناخشا-ئۇسسۇل روھنى زەئىپلەشتۈرىدۇ .
گېگىل مىللەتلەرنى ئۈچ تىپقا ئايرىپتىكەن : بالىلىق دەۋرىدە قالغان مىللەت ، ياشلىق دەۋرىدە قالغان مىللەت ، پىشقەدەم قېرىلىق ھالىتىدىكى مىللەت دەپ . ۋە گېرمانلار ئەقلى پىشقان ئۈچىنچى تۈركۈمگە تەۋە مىللەت دەپتىكەن . ئاسان ھاياجانلانغان ، ئاسان ھۆكۈم چىقارغان ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ، قورسىقىدىكى ئوي پىكرىنى ئاسان چىرايىغا چىقىرىپ قويىدىغان مىللەت بالىلىق خاراكتىرىدىكى مىللەت ھىساپلىنىدىكەن .

ئەگەر ئەينى چاغدىكى ئىدىقۇت خانلىقى تەرەققى قىلغان چاغدىكى كىتاپلار ئۆز پېتى بىزگە يېتىپ كەلگەن بولسا . ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە تۇرپان كىشىلىرى 90 پىرسەنت ساۋاتلىق ئىكەنتۇق .
ئەگەر قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان كىتاپلار ھازىرغىچە ساقلانغان بولسا . خۇددى ياۋروپالىقلاردا 1000 يىل بۇرۇنقى كىتاپلار ھېلىمۇ مۇكەممەل ساقلانغاندەك ... كىروراننىڭ سىرى دىگەن كىتاپتا شۇ قەدىمى كىرورانلىقلارنىڭ ھەر خىل قانۇن -تۈزۈملىرى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان . يەنە بەزى ماتىرىياللاردا  كىرورەن دۆلىتىدە مۇكەممەل يۇندا چىقىرىش لىنىيەسى بولغان ئىكەن . ھەر بىر ئۆينىڭ يۇندىسى يەر ئاستى سۇ يولى ئارقىلىق چىقىپ شەھەردىكى ئاساسى لىنىيەلىك يۇندا يولىغا قۇيۇلاتتىكەن . شۇ زاماندا شۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەن خەلقلەرمۇ مۇشۇ تەكلىماكان بويلىرىدا ياشىغان بولغىيتى ، ئۇلار كېيىن ئايغا چىقىپ كەتتىمۇ ؟  شۇ كىرورانمۇ نەچچە مىڭ يىللار ئالدىدىكى ئىشلار ئىدى .
  دۆلىتى دېڭىزغا تۇتاشقان دۆلەت كىشىلىرى بەك تەۋەككۈلچى بولىدىكەن ، ئىزدىنىدىكەن . شۇڭا 15-ئەسىردە ئىسپانىيەلىكلەر ئامېرىكىغا كەلدى ، 1494 - يىلى كولۇمبۇ ئامېرىكىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاھالىسى 30 مىليوندىن ئاشىدىغان يەرلىك ئامېرىكا ئاھالىسى بولغان ئىندىئانلار بارغانسىرى ئازلاپ نەچچە مىليونغا چۈشۈپ قالدى.  ئۇندىن كېيىن 16-17 -ئەسىرلەردە گوللاندىيەلىكلەر كېمىلىرىدە تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا باشلىدى .  18-19  ئەسىرلەردە فىرانسيە ۋە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باشلاپ ئافىرىقىدىكى تاقىر چۆللۈكلەر بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تىمىسقىلاپ يۈردى . بۇلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق بۇلاڭچىلىق تارىخىنى شانلىق تارىخ دىدى . دۇنيانى ئۆزگەرتتۇق دىدى ، ياۋايىلارغا مەدەنىيەت ئېلىپ كەلدۇق دىيشتى ...
ياۋروپا سانائەت دەۋرىگە كىرگەندە بىز  توپىلىق يوللاردا ئېشەك بىلەن سەپەر قىلدۇق .  ئەڭ ئاددى ياشاش ئۇسۇلى بىلەن ياشىدۇق ، يەنى قورساق تويغۇزۇش ، قورساق تويغاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىش ، نەخمە-ناۋا قىلىش ، ھايات مۇشۇ ، ئوينىۋال كۈلىۋال . مانا بۇ خەلقتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەقىلىيە سۆزى بولدى . ھەممە خەق قاغىغا ئايلىنىپ كەتسە ماڭا نىمە مەنمۇ قاغا بولسام دىيشتۇق . ئاپپاق كەپتەر بولغانلار كۆزىمىزگە شۇنداق غەيرى كۆرۈندى .
ھىندىستانلىقلارنىڭ كىنوسىنى كۆرسەك ، ناخشا - ئۇسسۇل شۇنداق جىق . لېكىن ھېچكىم ھىندىلارنى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى دىگىنى يوق . ھىندىلارنىڭ كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ كەينىدىلا تۇرىدۇ .
دۇنيا بويىچە قايسى ئۇنۋرىسىتىت ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ؟ بىر ماتىرىيالدا مۇنداق يېزىلىپتۇ .
ئوكىسفورد ، كامبىرىج  ، خارۋارد  ، سىتانفورد .....  قالغانلار مۇشۇلارنىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ. نىيۇتۇن 1500 يىللىرى مۇشۇ ئوكسفوردتا ئوقۇغان . ئوكىسفورد قاچان قۇرۇلغان ؟ ئوكسفورد 1167- يىلى قۇرۇلغان . كەمبىرىج چۇ ؟ كەمبىرىج 1209 - يىلى قۇرۇلغان . مۇشۇ چاغدا بىز نىمە ئىش قىلىۋاتاتتۇق ؟
مەھمۇد قەشقىرى قانداق قىلىپ دۇنيا خەرىتىسىنى سىزىپ چىقالىدى ؟ ۋە جاپارتا دەپ ياپونىيەنى تىلغا ئېلىپ قالدى ؟  ئۇنىڭ خەرىتىسىنى ھازىرغىچە قانچىلىك ئۇيغۇر تەتقىق قىلىپ باقتى ؟ مەھمۇد قەشقىرى زادى خەرىتىسىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى ئورۇنلىرىنى قانداق بەلگىلەپ قانداق ئىسىم قويدى ؟ قايسى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ شۇ خەرىتىنى سىزىپ چىقالىدى ؟ ئۇنداقتا شۇ چاغدىكى قاراخانىيلار كۇتۇپخانىسدا ئىلمى كىتاپلار مول بولغىيمىدى ؟

باھا سۆز

sahrayim02  بەك ئىسىل گەپ بوپتۇ. ناخشا ئۇسۇل بىلەن مايمۇن بولىمىز خالاس. باشقىلار چاۋا  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 10:09:02
yarun  سىز ناخشىنىڭ رولىنى ياخشى بىلمەيدىكەنسىز؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 09:33:22

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 11:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ.....  بەك ئېسىل چىقىپتۇ..  مانا سىزدىگەندەك تارىختا شۇنچە ناملارنى قالدۇرۇپ، شۇنچە ئەزىمەت، ئالىملار چىققان مىللەت، ئەمدىلىكتە سىگانلارغا ئوخشاپ قالدۇق.... 80-90 يىللاردا باللىرىمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا ، باتۇر بولۇشقا ئىنتىلىدىغان قىلماي ھە دىسە ناخشا-ئۇسسۇل ئوينىتىپ، چولپان بولساڭ جىق پۇل تاپىسە، ھەممە ئادەم ساڭا ھەۋەس قىلىدۇ دەپ تەربىيلىگىلى تۇرۇپتۇق مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزدىن 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا چولپان ، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى دىگەنلەر ساماندەك تۇرۇپتۇ...   ئىشىنىمەنكى ھازىر نۇر غۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيسى، قىممەت قارشى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەنە ئون يىلدىن كېيىن بىز ئۇيغۇرلاردىن چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئالىم، ساخاۋەتچى، تەتقىقاتچىلار چىققۇسى.

UID
44859
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-7
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 13:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەت خۇمار مىللەت دەپلام مۇشتاق بوپ كىتىپ باردىغۇ .......نىمە ئۇ------ قالايمىقان كىچىلىكلەرنى ئۆتكىزىۋەرگەن  ،ئۇمۇ ئۆتكۇزگەن ،،بۇمۇ ئۆتكۇزگەن .قايەرگە قارسا كىچىلىكلىنىڭ ئىلانى ...ئەمدى بۇمۇ ئوڭشىلىپ كىتەر ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 14:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا قەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ دىگەن گەپ بار.

UID
18331
يازما
81
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 14:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى خەقنىڭ كوڭلىنى ئاچىدىغان ، ئىچ-پۇشىقىنى چىقىرىدىغان مىللەت!!!!!!

باھا سۆز

axkun139  كاللسىنىڭ سۇيى بار  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 16:36:58
sawda571  ئەڭ توغرا سۆز .  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-17 18:07:11
phan  يـوغرا  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 00:48:14

UID
48708
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-4-7
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 00:51:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىمدە قىىلىشچە بىر ۋاقىتلاردا ش ج ت ۋ 2  ـ  قانىلىنڭ ئۆسمۇرلەر پىرۇگىراممىسىدا ياخشى ئوقوغان ئەلاچى ئوقوغۇچىلارنى ۋىلايەت. ناھيە .يىزا .قاتارلىق جايلارغا ئىز قوغلاپ بىرىپ سۇرەتكە ئىلىپ فىلىم قىلىپ تىلىۋىزوردا قويۇلاتتى، بۇ ئۆسمۇر بالىلىرمىزنىڭ تىخىمۇ ياخشى ئوقۇشى ئۇچۇن زورئىلھام مەدەت بولاتتى ئەمدىچۇ ؟ـــــ  ئۆسمۇرلەر پىروگىراممىسىدا نىمەلەرنى بىرىۋاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان ئاڭلىسام تىخى كۇچا  يەكەن قۇمۇل مەكىت دىگەن يەرلەرگە نەچچە ئون مىلىيۇن خەجلەپ شۇ جاينىڭ يەرلىك ناخشا ئۇسسۇل مۇقاملىرنى تەرەققى قىلدۇردىغان مەكتەپ ،تەربىېلەش مەركىزى دىگەندەك ئورونلارنى ساپتۇ ھەم سىلىۋىتىپتۇ بەزەنلىرنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم  تخى بۇنىڭغا قىزىققۇچىلارنى ھەرخىل تەمىناتتىن بەھىرلەندۇردىكەن ،مەن چوڭ دادامدىن كېچىك ۋاختىمدا، ئۇيغۇردا 365 خىل ھۆنەر بارلىقىنى ئاڭلىغان  شۇ ھۆنەردىن ھازىر قانچىسى قالدى؟ شۇ قالغانلىرى قۇتقۇزۇشقا مۇھتاجمۇ ،ئەمەسمۇ؟ بىزگە ناخشا ئۇسۇل مۇھىممۇ ياكى پەن تىخنكا ھۆنەر كەسىپ مۇھىممۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش