- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 134
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 134
- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- UID
- 49694
- يازما
- 134
- تېما
- 58
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 134
- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- توردا
- 88 سائەت
|
قەشقەر يۇمۇرلىرى
بۇگۈنكى تاماق
تۆت بۇرادەر بىر تېز تاماقخانىغا تاماق يىگىلى كىرىپ، تاماقنى ساقلاپ شۇنچە ئۇزۇن ئولتۇرسىمۇ تاماق چىقماپتۇ .
ئۇلار ساقلارۋىرىشكە تاقىتى قالمىغاندا ئۇلاردىن بىرسى مۇلازىمنى چاقىرىپ:
-ماڭا قايسا خان! ما بىزنىڭ تاماق تىزىملىكىگە بى قايلاپ باقسا بۇگەنكى چىسلانىڭ تامىقىمىكەن يا؟؟!!!
ئايروپىلان پىراۋىسى
نورمال سۈرئەتتىن بەك ئېشىپ كەتكەن ماشىنى توسقان قاتناش ساقچىسى شوپۇرغا دەپتۇ:
-پىراۋاڭنى چىقىرە!
قورقۇپ كەتكەن شوپۇر پىراۋىسىنى چىقىپتۇ.
-بۇنى دېمىدىم ئايروپىلاننىڭكىنى دەۋاتىمەن.!!!!
-بۇنېمە دىگىنىڭىز؟
-بايام ئۇچىۋاتمامتىڭ ؟؟
ئاشقان پۇل
بەش دوسىت بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ قەستەن پۇل تۆلىمەي چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ، قاتارلىشىپ ئىشىكتىن چىقىپتۇ .
بۇنى سەزگەن خوجايىن :
-ماڭ قايسا غوجىلىرىم !!! ما ئاشقان پۇلنى قايسىلىرى ئېلىشىلا! دەپتۇ .
نومۇستىن ئۆلەي دەپ قالغان بىرسى دەرھال چىقىپ پۇلنى تۆلەپتۇ .
ئايروپىلاندا....
ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان ئايرۇپىلانغا ئارانلا ئۈلگۈرۈپ ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇردۇم، ئۇھ، تاس قالدى كىيمىمىزنى سالدۇرۇپ تەكشۈرگىلى. ھەر نىم بولسا ماۋۇ يېنىمدا ئۇيغۇر ئاكىمىز ئولتۇرۇپتۇ. ئۆزەمنى ئوڭشاپ بولغۇچە تۇيۇقسىز گەپ ئاچتى:
-ئۇكام، ما قەشقەگە ماڭغانما - كۆزىدە يەرنى ئىما قىلپ سوراپ قالدى.
-شۇنداق، شۇنداق، ئۇزۇن بوپتىكەن بارمىغىلى، بىر كۆرۈپ كىلەي دەپ،-دېدىم مەن سورىمىغانغىمۇ جاۋاپ قىلىپ.
-بەلەن بولاپتىكەن، لېكىن ئۇكام سىلى ما بىلەتنى ئايروپىلانغا ئاغانمۇ، يا پاچاققىمۇ؟
ئاھ خۇدا، پۇتىغا دەسسىەپ ئولتۇرۇپتىمەن ئەمەسمۇ، بۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا دىيىش كىتەمدۇ ئەمدى، پۇتىڭنى تات دىسىلا تۈگەيتتىغۇ؟
شەھەر مەركىزىدە.....
تەرەققىيات زور ئەمما جىمجىت، سۈكۈتكە تولغان قەشقەر، ئەزىز ماكان. خىياللار بىلەن يولنى توسۇپ تۇرىۋېلىپ ئارقامدىن چېلىنغان ماشىننىڭ سىگنالىنىمۇ ئاڭلىماپتىمەن، تۇيۇقسىز بىرى ۋارقىردى:
-ھوي خېنىم، ما مىدىيلاپ قويمايلىما، قاپ بەلدە مەللە خېنىمنىڭ مازىرىدەك تۇماي!
قارىسام مىنى دەۋېتىپتۇ، توۋۋا، مازا دىگىنىگە قارىغاندا چوقۇم كىچىك نەرسە ئەمەس، ھازىرلا بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم.....
مازارلىقتا.....
ھەقىقەتەن چوڭ مازارلىقكەن، بۇ مازارلىق ھەممىدىن ھەيۋەت ئالاھىدە چوڭ سېلىنغان مەھەللە خېنىمىنىڭ گۈمبىزىنىڭ نامىدا ئاتالغان ئىكەن، مېنى مۇشۇ گۈمبەزگە ئوخشاتقىنىنى قارا. شۇ خىياللار بىلەن گۈمبەز ئالدىدا يىغلاپ دۇئا قىلىپ تىلەك تىلەۋاتقان ئايالغا كۆزۈم چۈشتى، خاتانى توسىماق بولۇپ دەرھال بېرىپ سۆزلىدىم:
-ئاچا مازارلىقتا دۇئا قىلىپ تىلەك تىلىسە بولمايدۇ،-دەپ گەپ باشلىشمغا ئايال بىلىگە تەپتى:
-قانداق قىيسام بولتتې، مازالىقتا دۇئا قىلماي ئۇسۇل ئوينىسام بولامتى؟
ئاشخانىدا.....
تۇرالغۇمنى ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ تاماققا كىردۇق، كۆڭلۈم ئېلىشىپ تازا تاماق تاتمايتتى. ساۋاقدىشىم بەكلا زورلىدى، مىنى بىر نەرسە بۇيرۇتقۇزۇپ بولالماي تاماق تىزىملىكىنى ئوقۇپ سوراشقا باشلىدى:
-لەغمەن، پولا، سۇيقاش، لەمپۇڭمۇ باكەن،- ساۋاقدىشىمنىڭ قىزغىن سورىشىنىڭ ھەممىسىگە ياق دەپ بېشىمنى چايقاۋەدىم، سەل ۋاقىت ئۇزۇراپ قېلىشىغا تاماق تىزىملىغۇچى سۆز قېتىپ قويدى:
-ماۋ ئاچام ئىشخانىغا كىرىمەن دەپ ئاشخانىغا كىرۋالدىمۇ نىمە؟
ناشتىدا....
قىز بالا دىگەن ياتاقتا ياتمايدۇ، - دەپلا ساۋاقدىشىم ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى. ئەتىسى ئۇنىمىسام سەھرا دەپ ياراتمايۋاتامسەن دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ، ناھىيدىكى ساۋاقدىشىم ئېلىپ كەتتى. ئۆيىدە بىر كىچە قونۇپ سەھەردە تۇرشۇمغا ئانىسى ئوخشىتىلغان پولونى دەستىخانغا ئەكەلدى. سەھەردە تاماق يەپ ئادەتلەنمىگەچكە پولونى ئېلىپ قويۇپ چۈشتە يىيىشىمنى، ھازىر نان بىلەن چاي ئىچىدىغىنىمنى دىدىم. ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى كۈلۈپ ئولتۇرۇپ تاماققا ماندا زولاپ قالدى:
-قايلىسلا بالام، چۈشكىچە ئانىسىنىڭ خېتىنى بەمەيمەن، ئۆيدە با، يىگىلىرى بانى يەنە ئېتىدا. ھازىر ما ئاشقا باقسلا، ما قۇرۇق ناندىن كاچات ياخشى دەيمەن!
خەلق مەيدانىدا....
خەلق مەيدانىنى ئايلىنىپ ئىچىملىك ساتىدىغانلارنىڭ قويۇپ قويغان ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ پاراڭغا چۈشتۇق. ئۇنىڭ-بۇنىڭ گىپىنى قىلىشىپ تېما ماڭا مەركەزلىشىپ قالدى، ھەممەيلەن مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى يۇمۇرلۇق پاراڭلىرىمنى سېغىنىپ قالغانلىقىنى، ھازىر يەنە يىڭىلىرى بولسا دەپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇدۇلۇمدا تۇرغان داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن ئىلھام ئېلىپ يۇمۇردىن بىرنى باشلىدىم:
بۇرۇن مۇشۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كىچىك كوچىدا ناھايتىمۇ ئوخشايدىغان بىر لەغمەنخانا باركەنتۇق، بىر كۈنى بازارغا كىرگەن دىھقان مۇشۇ ئاشخانىدىن تازا بىر لەغمەن يەپ قايتماقچى بولۇپ كەلسە ئىشىكىنى باغلايدىغان يەر يوق، ئۇيان ئىزدەپ-بۇيان ئىزدەپ ئاخىرى بەرىبىر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان رەھبەر بولغاندىكىن ئېغىر ئالماس دەپ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان قولىغا ئىشەكنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭ باغلاپ قويۇپ لەغمەن يىگىلى كىرىپ كىتىپتۇ.
قوساقنى چىڭ توقلاپ، بۇرۇتىنى مايلاپ چىققان دېھقاننى قاراۋۇل غەزەپ بىلەن سوراققا تارتىپتۇ:
-ھۇ قاپ يۈرەك! نىمە ئۈچۈن قوتۇر ئىشىكىڭنى داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ قولىغا باغلىدىڭ؟- دەپ ۋاقىرىسا، دېھقان دەرھال مۇنداق جاۋاپ بەرگۈدەك:
-خاپا بولمىسلا، باياتىن ئىشەكنى باغلايدىغان جاي تاپالماي يۈرسەم، داھىي ماۋزىدۇڭنىڭ ھەيكىلىدىن: ئەكەل دىھقىنىم ئېشىكىڭنى مەن تۇتۇپ تۇراي، لەغمىنىڭنى يەپ چىق دىگەن سادا كەلگەنتى. شۇڭا ئاغامچىنى قولىغا بېرىپ خاتىرجەم كىرىپ كەتكەنتىم......
يۇمۇر تۈگىشى بىلەنلا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى، ئەگىشىپ ئايال خوجايىننىڭ سەت ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئوھوش، قوپىشە ماندا يۇمۇرىڭنى باشقا يەرگە بېرىپ ئېيتىشە، ئادەمنى جان ساقلىغىلى قويۇپ......
|
|