كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 12

سەن مېنىڭ پەرىشتەم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 01:13:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               
                                               مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى
                                                   
                                                       (ھېكايە)
   
         مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيمەن ، چۈنكى ئايالىم مىنى ياخشى كۆرىدۇ ،ياخشى كۆرگەندىمۇ ئاشۇرۇپ ياخشى كۆرىدۇ . ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن  باشقىلارغا ئوخشاش باغچىغا چىقىپ  ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ مۇھەببىتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ،مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ،راسا ياشاپ  كەلگۈم كىلىدۇ-يۇ ،ئۇنىڭ  باغچىدىكى ھەرخىل  مەتۇ قىلىقلىرىنى ئويلاپ رايىم دەرھاللا يانىدۇ . ئۇنىڭ نىمىنى قىلسام «گۇناھ بولىدۇ ،گۇناھ بولىدۇ »دىگەن گەپلىرىدىن ئاجايىپ بىزارلىق ھىس قىلىمەن،قىسىلىمەن  . ئۇ دىمىسىمۇ مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك ئايال ئەمەس ئىدى .
    مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندا  نە رومانتىكلىك ،نە تىلفۇنلىشىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بولسۇن ؟  دادام ماڭا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇرۇندىن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى ئىكەنلىكى ،قىزبالىنىڭ شۇنداق ئەدەبلىك چوڭ بولغانلىقى ،ئائىلە ئەدەبلىرىدە يۇرتىمىز قىزلىرىنىڭ بېشى ئىكەنلىكى توغۇرسىدا نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئىككىمىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ قويغان ئىدى . ئويلىمىغان يەردىن مەندە ئۇنىڭغا  ھىسيات پەيدا بولۇپ قالدى . ئالىي مەكتەپتە شۇنداق مودا ،چىرايلىق قىزلارغا كۆز قىرىمنى سالمىغان ئىدىم ،ئەمدىلىكتە ياغلىق چىگىۋالغان ، چىرايى بۇغداي ئۆڭ ، چىرايلىقمۇ ،سەتمۇ ئەمەس  بۇ قىزغا  كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغىنى نىمىسىدۇ  ؟  شۇنداق قىلىپ تويمۇ قىلدۇق ، ئۇقىز سىستىرا بولغاچقا ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگۈزۈپ ئۇنى يۇرتىمىزدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدىم . ئۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپلا مەندىن:
__ سىزنىڭ مائاشىڭىز نەچچە ؟__ دەپ سورىدى .
__ مىڭ كوي ، قانداق قىلاتتىڭ ؟ __ دېدىم مەن كۆڭلۈمدىن غەلىتە ئويلار كىچىپ . «كىيىنچە پۇلنى  سوراپ مىنى سورۇپ تاشلامدۇ نىمە  بۇ ؟»  دېدىم كۆڭلۈمدە .
__ ياق ،كىيىن بىلىپ قالىسىز ،سىز مائاشىڭىزنى ماڭا بېرىڭ ،__دېدى ئۇ ماڭا بۇيرۇق قىلغاندەك ، مۇشۇ تاپتا ئۇنى بىر تىللاي دەپ ئويلۇدۇم.
__ ماڭا ئەر بولاي دىدىڭما؟ __ دېدىم مەن تەنە قىلىپ .
__ مۇنداق دىمەڭ ،گۇناھ بولىدۇ .__ دېدى ئۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن .
__ مەن مائاشىمنى ئۆزەم باشقۇرىمەن ، سەن مەندىن ئالىسەن ،مىنىڭ ئالدىمدا تولا پۇلنىڭ گېپىنى قىلما، ئاڭلىدىڭما ؟ ،__ دېدىم ،لىكىن ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز گەپ يادۇرشىنى تەلەپ قىلىپ قالدىم .
ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ  گەپ قىلماي تۇرىۋالدى ،كىيىن مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇنىڭغا مائاش كارتامنى بەردىم . بىزنىڭ ئائىلە شۇنىڭ بىلەن تىجەشچىلىك دەۋرىگە قەدەم قويدى .
      ھاياتنىڭ كۈرەشلىك قايناملىرىغا مۇشۇنداق ئۆزىمىزنى ئاتتۇق .كۈنلەر شۇنداق ئالدىراش ،لىكىن مەنىسىز ،  مىنىڭ قەلبىمدە بولسا ئۇ مۇشۇ تاپتا مەندىن مۇھەببەت تەلەپ قىلسا ،ئۈرۈمچىنىڭ كوچىللىرىنى قول تۇتۇشۇپ ساياھەت قىلساق،باشقىلاردەك بىللە دىسكوخانىلاردا ئوينىساق ، پۇل بولغاندىكىن خالىغاننى قىلساق ،باغچىلاردا بىللە ئولتۇرۇپ خىيال قىلىپ سۆيۈشۈپ كەتسەك ......بۇلار ئالىي مەكتەپتىن ساقلاپ كەلگەن خىياللىرىم ئىدى .
    ئەرلەر  مۇشۇنداق رومانتىك كىلىدىغان ئوخشايمىز . ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچسام ،ئۇ «گۇناھ بولىدۇ »دەيتتى . مەن دىسكوخانىغا بارايلى دىسەم «گۇناھ بولىدۇ » دەيتتى .  كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭايلى دىسەم « گۇناھ بولىدۇ » دەيتتى .ئۇنىڭ مۇشۇنداق زېرىكىشلىك گۈزەل خىياللىرىمنى بەرباد قىلغان  « گۇناھ بولىدۇ»لىرىنى ئاڭلاۋېرىپ  مەنمۇ بىزار بولۇپ قالاتتىم -يۇ ، يەنە ئۆز-ئۆزەمگە ئېغىر-بېسىق بولۇشنى ئەسكەرتەتتىم .باغچا ئايلانساقمۇ ئىتلارغا بىرنىمە سېلىپ دۇئاقىلاتتى  ، قۇچاقلىشىپ ،سۆيۈشۈپ تۇرغانلارنى  كۆرۈپ يۇقرى ئاۋازدا  تىللاپ كىتىەتتى ، مەن يۈزۈمنى قويدىغان يەر تاپالمايتتىم .
   شۇنداق قىلىپ مانا بىز بىللە ياشىغىلى ئون يىلدىن ئاشتى .بالىمىزمۇ  ئىككى بولدى .  
   بىر كۈنى خىزمەتتىن چۈشۈپ ،ئۆيگە كەلگەن ئىدىم ،كىچىك  قىزىم دىلارە مىنى كۆرۈپ ئالدىمغا ئۆزىنى ئاتتى ، ئايالىم شۇ تەبەسسۇمى بىلەن مىنى كۈتىۋالدى . مەن  ئولتۇرۇپ كىچىك  قىزىمنى بىردەم ئەركىلەتتىم ، چوڭ  قىزىم نىگارە تۇيۇقسىز چىقىپ  ماڭا چاي قۇيدى ، كىچىك قىزىم مىنىڭ قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز :
__ ئاچا ، چاينى سورۇپ قۇيما ،گۇناھ بولىدۇ .__ دېدى ،
__ كەچۈرۈڭلار ،__ چوڭ قىزىم ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى .
    مەن ئازىراق سۆيۈندۈم ،بىراق ، ئەمدى بۇ «گۇناھ بولىدۇ »ئايالىمدىن قىزلىرىمغا كۆچكەن ئىدى .مەن شۇنداق بىئاراملىق ھىس قىلدىم ،خۇددى قىزلىرىمنى كىچىكىدىن چۈشەپ قويغاندەك ،ئەركىن تۇرمۇش بەرمىگەندەك  ،ئۇلارنىڭ گۈزەل  بالىلىقىنى شۇ « گۇناھ بولىدۇ» لار  ئېلىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان ئىدىم .
  __ ئەمدى بالىلارمۇ «گۇناھ بولىدۇ»نى ئۆگۈنۈپتۇ ،ئۆيىمىزدە مىنى باشقۇردىغانلار كۆپىيىپ كىتەمدۇ نىمە ؟ __ دېدىم تەنە قىلىپ .
__ بۇنداق دىمەڭ ، قىزلىرىمىز نىمىنىڭ گۇناھ بولۇشىنى بىلسە ،كىچىكىدىن ئەدەبلىك چوڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ ،__ دېدى  تۆۋەن ئاۋازدا .
__ بۇلارنى مۇنداق چۈشەپ قويمىساڭ بولاتتى ،بالىلىقىدا قېنىپ ئوينىۋالمىسۇنمۇ .
__ بۇلار چۈشەپ قويۇلمىدى ،بەلكى ياخشى يولغا يىتەكلەندى ،كەلگۈسىدە كۈيئوغلىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى قىزلىرىڭىزنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، بۇ گەپلەر دىمىسىمۇ ئاساسى بار تۇرسا ،لىكىن يەنىلا كۆڭلۈمدىن رازى ئەمەس ئىدىم .كىچكىمدە ئاناممۇ ماڭا «يامان بولىدۇ »نى جىق دەيتتى ،لىكىن جىق ئاڭلىمايتتىم .ئەمدى بۇ كۈنلەر قىزلىرىمنىڭ بېشىغا كەلدى .
  ئايالىمنىڭ بىر خۇيى شۇكى سورۇن دىگەن نەرسىگە بارمايتتى ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ ،تاماق ئىتىپ ،باللىرىمغا قارايتتى ،تىلۋىزورنى كۆپ كۆرمەيتتى . ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇددى ئۆزەمنى چوڭ ئاپام بىلەن پاراڭلاشقاندەك ھىس قىلاتتىم ، توۋا ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىپ مۇشۇنچە كۆپ يىل بىللە ياشىغاندىمەن ؟  مەنمۇ دەپ بېرەلمەيمەن ، بەلكىم تۇرمۇش بېسىملىرى ، ھاياتلىقتىكى كۆرەشلەر بىزنى شۇنداق كۆندۈرۈپ قويغاندۇ .
  بىزنىڭ ئىدارىدىن يىغىلىش بولغان ئىدى ، باشقا قېتىمقىللىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى ،بۇ قېتىم  ياش كەلگەن  قىزلار شۇنداق كۆپ ئىدى . مەن ئايالىمنىڭ بىللە بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم ،ئەپسۇس ،ئۇ بىللە بارمىدى . مېڭىش ئالدىدا ئۇ ماڭا ،« بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ ، ئەر كىشى يېرىم كىچىدە يولدا قالسا گۇناھ بولىدۇ » دېدى، مەن ئاڭلىمىغاندەك ،« خوش ئەمىسە » دەپ قويۇپ ماڭدىم .
    رېستۇران شۇنداق قىزىپ كەتكىلى تۇردى ، ھاراق ئىچىشلەر ، ۋارقىراشلار ، يېڭى كەلگەن قىزلار كۆپلىرى شۇنداق شوخ ئولتۇراتتى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە قىز بېشىنى تۆۋەن قىلىپ  تاماق يەپ ھاراق ئىچمەي ئولتۇردى ، كىلىشىپ قويغاندەك بۇ باشلىقلار  ئاياللىرىنى ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى . بەلكىم يالغان سۆزلىگەندۇ ، ئىشقىلىپ سەۋەبى كۆپ .
ناخشىلار ئېيتىلدى ، ئۇسۇللار ئەۋجىگە چىققىلى تۇردى ،مەن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتىم . تۇيۇقسىز بىر نەچچە قىز بىر نەچچە باشلىق تەرىپىدىن تارتىلدى ، ئۇلار خۇشال بولۇپ ئويناپ بولدى ، ئىككىنجى قېتىمدا مەنمۇ ئوينىغان بولدۇم . لىكىن بىر نەچچە قىز شۇنداق تۆۋەنچىلىك بىلەن سورۇندىكىلەرگە يەرنىڭ ئاستىدىن قاراپ ئولتۇراتتى .
  ___ گۈزەل قىز ،كىلىڭە بىر قول تانسا ئوينايلى .__ دېدى بىزنىڭ ئىدارە باشلىقى  كامىل .
__ مەن ... بىلمەيتتىم ،__ دېدى قىز خجىل بولۇپ .
__ مەن ئۆگۈتىمەن ،كىلىڭ ،
__ باشلىقنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرماڭ ،__ دېدى بىرمۇنچە سالاچىلار .
شۇنداق قىلىپ ئۇقىزلار تارتىلدى .مەن بىردەم قاراپ تۇردۇم .ئۇ قىزلار تانسىغا تارتىلغاندىن كىيىن ،كامىل ئۇنى ھەدەپ ئۆزى تەرەپكە تارتاتتى ، كەينىدىن ئاستا-ئاستا بەللىرىنى سىلاشقا باشلىدى ، ئاندىن قولى تۆۋەنگە چۈشتى . ئۇ قىز خىجىللىقتا ئۇنىڭدىن يۇلقۇنالمايۋاتاتتى . كامىل ئاخىرى ئۇنىڭ كاسىللىرىنى سىلاشقا باشلىدى .
   « چاس» قىلىپ تەگكەن  بىر تەستەك كامىلنىڭ قولىى ئۇنىڭدىن ئاجىرتىۋەتتى ، ھېلىقى قىز ئاچچىقىدا قىپىزىل بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ يۈگرەپ بېرىپ ناخشا ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئىتتىرىۋېتىپ  سەھنىگە چىقتى -دە ،مىكروفۇننى ئېلىپ ۋارقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى :
__ مۇشۇمۇ سورۇنمۇ ؟ سىلەر  ئۇيغۇرمۇ ؟ مۇسۇلمانمۇ ؟ بالىلىرىڭلارغا گۇناھ بولىدۇ دەپ ئۈگەتمەمسىلەر ؟ ئەجابا بىز شۇنچە يىل قىينىلىپ ئوقۇپ ،جاپا تارتىپ ،مۇشۇنداق شەيتان سورۇنغا كىلىپ باشلىقلارغا ئاشنا بولۇشقا ، ھەمراھ بولۇشقا  گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا يەتتۇقما ؟ مەن سىنىڭ قايسى باشلىق بولۇشۇڭ ، قايسى كادىر بولۇشۇڭ بىلەن كارىم يوق ، لىكىن ساڭا شۇنى دەپ قوياي ، قىزىڭ ،ئاچا -سىڭلىڭ دەل بىز گە ئوخشاش قىزلار ، سەندەكلەر نىمىنىڭ گۇناھ بولۇشنى ئۈگىتشمەي ، كەلگۈسىدە قىزىڭنىڭ ،ئاچا سىڭلىڭنىڭ مۇشۇنداق سورۇنغا كىلىپ شاللاق بولۇشىغا ، باشقىلارغا ئاشنا بولۇپ  ياششىغا سەۋەبچى بولۇششىسەن . مەن ساڭا دەپ قوياي ، بۇنداق ھاياسىزلىق سەنلەر بىلەنلا تۈگىمەيدۇ ،ئەۋلادىڭمۇ  ئۇنىڭغا بىر ئېغىز «گۇناھ بولىدۇ »دىگەن گەپنى قىلمىغنىڭ ئۈچۈن ،سەندىن ئۆتە ھاياسىز بولۇپ چوڭ بولدۇ ......
نىمانچە باتۇر ،ئەخلاقلىق قىز بۇ ؟  مەن خۇددى  ئايالىمنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك ،قىزلىرىمنىڭ  چوڭ بولغان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ئايالىمنىڭ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويغۇدەك ھالەتتكە يەتكەن ئىدىم .  ئۇ قىز دەرھال چىقىپ كەتتى . مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ چىقتىم ،لىكىن ئۇ ئاللىبۇرۇن تاكسى توسۇپ كىتىپ بولغان ئىدى .
     تاكسىدا كىتىپ باراتتىم  ،ئايالىمنى تىزدىن كۆرۈشنى ،قىزلىرىمنى تىزدىن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم.ئايالىمنى مۇشۇ تاپتا ئۆيگە ئۇچۇپ  بېرىپ « سەن مېنڭ پەرىشتەم » دېگۈم كېلىۋاتاتتى .

                                                                                                2013.05.13 (تىيەنجىن)

  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 13:51  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 06:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىسىنى گۇناھ بولىدۇ دەپ قويسىڭىزچۇ، تاس قاپتىمە ئوقۇماي قويغىلى؟

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 11:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئانا تەربىيلگەن بالا ئالىم بولىدۇ !!

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 14:18:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ياخشى يىزىپسىز دۇستۇم

UID
50185
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-15
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 12:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز،ئاپىرىن!

UID
50762
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 13:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز

UID
47513
يازما
247
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
247
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-16 16:30:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت

UID
48034
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2013-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
111 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 23:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرەتلىك ياخشى ئەسەركەن ، قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە بارىكاللا

UID
48517
يازما
68
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 15:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز .

UID
48517
يازما
68
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 15:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش