كۆرۈش: 556|ئىنكاس: 4

«بىزگە قانداق .......كېرەك ؟»دىن مەنگىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49784
يازما
12
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ بىر تاللاي «بىزگە قانداق ئانىلار، ئاتىلار ۋە  قىزلار كېرەك ؟»دېگەن ماقالىلارنى كۆپ قېتىم ئوقۇغان ، بېشىدا ئوقۇغاندا ناھايىتى سۇيۈنۇپ ئوقۇدۇم ، ماڭغا بەكلا تەسىر قىلغان مېنى خېلىلا ئويغا سالغان ئىدى،لېكىن ھەرقانداق بىر ساغلام ئەقىل ئىگسى بۇ ماقالىلاردىن شۇنى كۆرۇۋالدىكى بىز نامىدىكى كۆپ سانلىق ئاتا-ئانا،قىز نامىدىكى بىر قىسملارغا ئۆز تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويۇش تەك بىر ھالەتنى كۆرىۋالايدۇ؛شۇنداق ئاتا-ئانىلار،قىزلار ھەممسى دېگۇدەك ئەخلاقلىق ،ئىتقاتنى  ئۆزىگە يۈكسەك نىزامنامە،ئىلىمنى ئۆزىگە قۇرال قىلىشى ،ئەرلەر ئەركەككە خاس سالاپەت، مەردۇ-مەردانىلىك ۋە غورور-ئىمانىلىق بولشى كېرەك ،قىسقىسى مەيلى ئاتا-ئانا ياكى قىز-ئوغول ئاللاھنىڭ يارىتىش ۋە يارىلىشتىكى ئەسىلىنى ساقلاپ، شۇ نىزام بويىچە كائىناتىكى پىلانىتلاردەك ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى شەرت؛
ئەمدى نەخ گەپكە كەلسەك ئۇ بولسىمۇ جەمىيتىمىزدىكى ھەممە مەن ،، مەن نامىدىكى شەخىسلەر !يەنى ئۆزىمىز !! مەن ئاللاھنىڭ ئوربىتىسىدىمۇ؟ياكى شەيتاننىڭكىدە؟! مەن قانداق ئاتا-ئانا بولالىدىم ؟! ياكى بولماقچى!؟ مەن جەمىيەتتە قانداق رول ئېلىۋاتىمەن ؟! مەندە ئىنسانىلىق بارمۇ؟ ھايۋانىلىق قانچىلەك!؟ دېگەندەك بىر تالاي  سۇئاللارغا سوغۇق قانىلىق بىلەن سەممىي ھالدا ، يۇرىكىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ ئويلىنىشى كېرەك؛ مۇقەددەس نۇرلۇق كىتابىمىز قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ساغلام ئەقىل ئىگسى ،ئىمانلىق كىشى  قۇرئاندا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى(قۇرئان بىر دېڭىزدەك ھەقىقەت بولسا بۇ ھەقىقەتنىڭ بىر تامچىسى)  ھىس قىلالايدۇ ئەلۋەتتە؛ئۇ بولسىمۇ مەندىن ئىبارەت بىرنىجى شەخىس ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ،قۇرئانقا ئەمەل قىلىپ،سالىھ تەقۋا مۆمىن بولۇش  بۇ ھالەت سۈرە ئەسىردە «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ،بىر-بىرگە ھەقنى،  سەۋىرنى تەۋسىيە قىلشقانلاردىن باشقىلار ھەممىسى زىيان ئىچىدىدۇر»   ھەممە دەل مۇشۇ ئايەتتە دىيلگەندەك!
يەنە بىر رىۋايەتتە ئاللاھتائالاھ ئەيسا ئىبنى مەريەمگە شۇنداق دەيدۇ«-ئى مەسساھ  ! كىشلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇشتىن ئاۋال ئۆزۈڭنى ئىسلاھ قىل! بولمىسا ئاللاھتىن ھايا قىل!»

ئاخىردا مەن ھەممە مەنلەردىن ئىمان-غورور-ۋىجدان بىلەن باشقىلارغا تەلەپ قويۇشتىن ئاۋال ئۆزىمىزنى راسا دەڭ سېلىپ بېقىشىنى ، ئۆزىنى ھەقىقى تۇنۇپ ، ئىلمىگە ھەقىقى ئەمەل قىلىپ (مېنىڭ بىز ئۆزىمىز توغرىسدا پەقەت ئويلانمامدۇق!  دېگەن تىمامنى ئۇقۇپ بېقىشىنى سورايمەن)ئاندىن تەلەپ  قىلشىنى ۋە نەسىھەت قىلشنى سورايمەن.

بۇ يەردا شۇنداق بىر ھىكايەت ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ

بىر كۇنى ئىمامى ئەزەمنىڭ(رەھمۇتۇللاھى ئەلەي) ئۆيىگە بىر ئاتا-ئانا  بالسىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بالسىغا گۆش يىمەسلىك ، ئاتا-ئانىسنىڭ ئۇنىڭغا گۆش ئىلىپ بېرىشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقى توغرىسدا نەسىھەت قىلىپ  قويىشىنى ئۆتۇنۇپ كېلىپتۇ،ئىمام ئۇلارنى قىرىق كۈندىن كېيىن  يەنە كېلىشى  ئېيتىپ ھېچنىمە دىمەي يولغا ساپتۇ،

قىرىق كۈنمۇ ئۆتۈپتۇ ئۇلار ئىمامنى ئىزدەپ يەنە كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىمام ئۇ بالىغا نەسىھەت قىلىپ شۇنداق دەپتۇ

- ئى بالا ئاتا-ئاناڭنىڭ گۆش ئېلىپ بېرىشكە قۇربى يوقكەن ، گۆش يىمە بولامدۇ ، دەپ شۇنداقلا گەپ قىلىپ قويۇپتۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بەكلا ھەيران بولۇپتۇ ، ھەيرانلىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۈندىمەي بالىسنى ئېلىپ ئىمامنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنە كېلىپ ئىمامغا رەھمەتنى بىلدۇرگەچ مۇنداق دەپتۇ:  -ئىمام ، بالىمىز راسلا گۆش يىمەيدىغان بولدى ، ئەمما شۇ بىر ئىش كالامىزدىن پەقەت ئۆتمەيدۇ ، سىز بالىغىغۇ باشقا گەپ قىلمىدىلا ،مۇشۇ گەپ ئۇچۇن بىزنى قىرىق كۈن ساقلاتقانلىرى نىمىسى؟!

-مەن قىرىق كۈن ئاۋال سىلە ئۆيگە كەلگەندە دەل گۆش يەۋاتاتتىم،  كۆڭلۇمدە ئۆزۈم گۆش يەپ تۇرۇپ باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشتا ئاللاھتىن ئۇيالدىم ،شۇنىڭغا قىرىق كۈن گۆش يىمەي پەرھىز تۇتۇم ، بالىغا نەسىھەت قىلدىم .دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىمامى ئەزەم رەھمۇتۇللاھى ئەلەي
خۇلاسە
ئۆزىنى  ھەقىقى تۇنۇغان كىشى ھالاك بولمايدۇ،ئەكسىچە مۇرات مەقسىتىگە يىتىدۇ
ھۆكۈما يازمىسى12-5- 2013


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31144
يازما
252
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
252
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 10:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز .ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۇلگە بولمىسىڭىز باشقلار سىزنىڭ گىپىڭىزنى قانداقمۇ ئاڭلىسۇن !

UID
49784
يازما
12
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 21:36:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىك يوللىغان ۋاقتى  2013-5-13 10:56
توغرا دەيسىز .ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۇلگە بولمىسىڭىز باش ...

شۇنىڭغا  بىزنىڭ بەزى نەرسىلىرىمىزنىڭ كىشلەرگە قىلچە تەسىرى  بولمايۋاتىدۇ......  ئالدى بىلەن  مەن  ،، ئۆزەم ،،،،،،

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-17 21:37):
تۇزەپ

UID
50152
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 18:05:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۇڭ خالىمىغاننى باشقىلارغا تاڭما دەپتىكەن.

UID
26099
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 00:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. لېكىن ھازىر ئۆزىنى سورىغان ، ھەممىنى ئۆزىدىن باشلىغان ئاڭلىق ئادەملەر باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ...چۈنكى ئۇنداق قىلمايدىغانلار ھەممە ئىشنى شۇلارغا ئارتىپ قويىۋاتىدۇ.
يەنە بىر گەپ، مىسالغا ئالغان ھىكايىڭىز ئەسلى ھەسەل يېمەسلىك توغرىسىدىكى ھىكايە ئىدى. ئەسلى بويىچە ئالغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن. چارۋىچى مىللەت دەپ ئاتىلىپ، گۆش يېيەلمەيدۇ دېسە تازا قاملاشمامدۇ قانداق؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش