داستىخان ۋە داستىخان سېلىشتىكى ئادەتلىرىمىز
داستىخان ۋە داستىخان سېلىشقا ئائىت ئۆرپ-ئادەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى، شۇنىڭدەك توي- تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ ۋە مەشرەپ، باراۋەتكە ئوخشاش مۇراسىم ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىدا چاقناپ تۇرغان مەدەنىيەت ھادىسىسى. داستىخان سېلىش ئادەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن بۇيان مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل، دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان، ئادىمىيلىكى تولۇپ تاشقان قىزغىن مىللەت ئىكەنلىكىنى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بىلىمىزكى، داستىخان بىر ئائىلە كىشىلىرى ياكى مېھمانلار غىزالىنىدىغان ۋە ئۇسسۇزلۇق ئىچىدىغان ۋاقتىدا سېلىنىدۇ. ئادەتتىكى ئائىلىۋى قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، داستىخان بىر كۈندە ئۈچ قېتىم، يەنى، ئۈچ ۋاق تاماق مەزگىلىدە ئۆيگە مېھمان كەلسۇن، كەلمىسۇن داستىخان سېلىنىپ غىزا تارتىلىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرىشىدۇ. ئادەتتە داستىخان ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا، يەنى كىگىز، گىلەمنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. ھازىر كۆپىنچە ئائىلىلەردە كۆپرەك شىرە ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، داستىخان ئۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. شۇڭا، داستىخاننىڭ ئۆلچىمى شىرەنىڭ يۈز ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇلىدۇ، داستىخان شىرەنى يېپىپ تۇرۇشى، تۆت يېنىدىن بىر غېرىچ ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساڭگىلاپ تۇرۇشى كېرەك. داستىخان بەكمۇ رەڭدار رەختلەردىن قىلىنمايدۇ، كىشىگە ئازادە، پاكىز، ئوچۇق تۇيغۇ بېرىدىغان رەختلەردىن تاللىنىدۇ.
داستىخان سېلىشنىڭ ئورنى، دائىرىسى، قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى ۋە كۈندە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغىنى ئائىلىدىكى داستىخان سېلىشتىن ئىبارەت. تاماق تەييار بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا شىرە قويۇلىدۇ. شىرەنى شۇ ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىز بولسا شۇ قىز قويىدۇ. بولمىسا ئوغۇللاردىن بىرى قويىدۇ. شىرە ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ھېساپلىنىدىغان ئاتىنى بىرلىك قىلىپ قويۇلىدۇ. ئاتا بولمىسا، ئانا بىرلىك قىلىنىدۇ، ئانا قازان بېشىدا بولسا، شۇ ئۆينىڭ چوڭ ئوغلى بىرلىك قىلىپ قويۇلىدۇ، شىرە ئۈستىگە داستىخان سېلىنىدۇ. سېلىنىشتىن بۇرۇن داستىخان چوقۇم ئايرىم يەرگە قېقىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئالدىنقى قېتىمدىكى داستىخان سېلىشتىن قېپ قالغان نان ئۇۋاقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەر ئادالىنىدۇ. داستىخان سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن تاماق تارتىلىدۇ.
ئائىلىۋى داستىخاندىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ تۇرۇدىغىنى جامائەت داستىخىنى بولۇپ، جامائەت داستىخىنى توي-تۆكۈن، بەزمە-مەشرەپ، ئۆلۈم يېتىم، نەزىر-چىراغ دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەت ۋە مۇراسىملاردا سېلىنىدىغان داستىخاننى كۆرسىتىدۇ. جامائەت داستىخىنىغا بىرلا داستىخان سېلىنمايدۇ ھەم بىرلا ئادەمگە سېلىنمايدۇ. جامائەت داستىخىنىدا غىزالىنىدىغان ياكى ئۇزۇتىلىدىغان كىشى كۆپ بولغاچقا، داستىخانمۇ شۇنىڭغا بېقىپ بولىدۇ. جامائەتكە داستىخان سېلىشتا ئايىغى يېنىك، قولى چاققان، ئېپى بار، تەمتىرەپ قالمايدىغان كىشى تاللىنىدۇ. مېھمانلار ئۆينىڭ تۆت تېمىنى بىرلىك قىلىپ قاتار ئولتۇرىشىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بەرگۈچى «ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!» دەپ سالام بېرىدۇ. جامائەت بىردەك ئۇنىڭغا «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!» دەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ. يىگىتلەر ئاپتۇۋا-چىلاپچىلىرىنى كۆتۈرۈپ، تۆردە ئولتۇرغان جامائەت چوڭ بىلىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان يۈز-ئابرويلۇق ئاقساقال-ئىمامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. ئىككىسىنىڭ بىرى ئاقساقالنىڭ، يەنە بىرى ئۇنىڭ سول ياكى ئوڭ تەرىپىدىكى ئاقساقالنىڭ قولىغا سۇ بېرىش ئۈچۈن چىلاپچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويىدۇ، چىلاپچىنى تىزىدىن پەس كۆتۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى داستىخان سېلىش ئادىتىدە، داستىخان مېھمانلار ئولتۇرغان كۆرپىگە يېقىن سېلىنىدۇ ۋە ئايلاندۇرۇپ سېلىنىدۇ. داستىخان سېلىنغان ئورۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمى بوش قالدۇرىلىدۇ. ئۇ بوش ئورۇندا داستىخان خىزمەتچىلىرى يېمەكلىك، تاماق قويۇش، چاي قويۇپ سۇنۇش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئەنئەنىۋى داستىخان سېلىش ئۇسۇلىدا داستىخانغا دەسسىمەسلىك كۆزدە تۇتىلىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ داستىخاننى ئۇلۇغلاش، داستىخاننى پاكىز تۇتۇش، يېمەكلىكلەرنى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ داستىخان ئادىتى بولۇپ شەكىللىنىشى. بۇ ئەنئەنىۋى ئادەت يېزىلاردىكى دېھقانلار بىلەن ئەنئەنىۋى خاس ئادەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئىجراسىدا ھازىرمۇ مەۋجۇت. داستىخان بىرلىك قىلىنغان «داستىخان ئاپارماق»، «داستىخان تەييارلىماق»، «داستىخان سالماق»،«داستىخان كۆرگەن»، «داستىخان كىرگۈزمەك»، «داستىخىنى چوڭ»، «داستىخانلىق» دېگەنگە ئوخشاش سۆز ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشىدا داستىخان ۋە داستىخان سېلىشنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلەت تەربىيىسى، ئادىمىگەرچىلىك تەربىيىسى، شۇنىڭدەك يېمەك -ئىچمەكنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى پاكىز تۇتۇش تەربىيەسى بېرىدىغانلىقىدەك ئىلغارلىق بىلەن تويۇنغانلىقىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، داستىخان ۋە داستىخان سېلىشقا ئائىت سۆز ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەردىن ھەر قانداق كىشىنىڭ داستىخان ئارقىلىق يۈز-ئابروي، شۆھرەت قازانغانلىقىنى، ئەل-جامائەتنىڭ ماختىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرلاردا يەنى ئازارلىشىپ قالغانلار بىر-بىرىگە داستىخان سېلىش ئارقىلىق بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان، ئاق يول تىلەش، ئۇزۇتۇش، ھال-ئەھۋالىنى سوراشتا داستىخان كىرگۈزۈپ ياكى داستىخان ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرىدىغان، بىرەر قىيىن ئىش-مۈشكۈلاتلارغا ياكى خۇشاللىقلارغا دۇچ كەلگەندە داستىخان سېلىپ ئەل-جامائەت، ئەل-ئاغىنىلىرىدىن، قۇلۇم-قوشنىلىرىدىن مەسلىھەت سورايدىغان، خوشاللىقىغا ئورتاقلاشتۇرىدىغان ئادەتلەرمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مەنبە: ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت تارىخى
تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا