دىيارىمىزدىكى قوبۇل قىلغۇسىز پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى
جەمئىيەتنىڭ كۈنسايىن تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۈتۈرلىشى سەۋەبىدىن ، رىئاللىقىمىزدا ئادەم سۈيىنىدىغان ئىقتىسادى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىلىمىزنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئىتىۋار بىرىپ قوللىشى نەتىجىسدە دىيارىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك ، ئىقتىدارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كارخانىچىلار بارلىققا كىلىپ بىزنى سۈيۈندۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا ئۇقەتچىلىك يۇلىدا ناھايتى پەم پاراسەت بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىسىل سودىگەرلەر بارلىققا كەلدى . بۇ ئەمىليەت . بىز بۇنى ئىتىراپ قىلىمىز ۋە ھۈكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۈكسەك قوللىشىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز. ئەمدى مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەر ئارقىسىدا ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىبىنى كەلتۈرىدىغان ۋە ئادە ئەيمىنىدىغان جەمىيەتكە زور زىيان سېلىۋاتقان پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى مەيدانغا كەلمەكتەۋە ناھايتى كۆپ يۈز بەرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە بىر شىكايەت تۈسى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەمىليەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر قانچە تەرەپتىكى ئادەم قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغان ئەمىليەتنى ئوتتۇرغا قويماقچى. تورداشلار بۇ ھەقتە ئىلمى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ باقسا، بەلكىم ئازىراق ئىجابى نەتىجە كۈرۈلسە پىقىر بۇ تىزمىلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ تەسكىن تاپاتتى.
1) پاكىزە پىيالىدە ھەقلىق چاي ئىچىش مۇلازىمىتى
بۇ خىل مۇلازىمەت ھازىر ئۈرۈمچى ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ كىچىك ئاشخانىلاردا ناھايتى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا. ئاساسلىق شەكلى چۇقۇم تاماق يىمەكچى بولسىڭىز سىز 1يۇئەن پاكىزە پىيالە ۋە تەخسە ھەققى تاپشۇرىسىز. سەۋەبى بۇ پىيالىلەر دېزىنفېكسىيەلىنىپ ، بولانغان. بۇ خىل مۇلازىمەت ئىلگىرى چوڭ تىپتىكى يەل قازان شورپىخانىلىرى ۋە باشقا رېستۇرانلاردا ئېلىپ بىرىلاتتى. ھازىر كېڭىيىپ تىز تاماقخانىلار بۇلۇپمۇ مىللىيلار ئىچىۋاتقان چوڭ-كىچىك ئاشخانىلاردا ئۇمۇملاشماقتا. ئەمدى بۇ يەردە ھەممەيلەن ئىتىراپ قىلساق بۇلىدۇ. پاكىزلىق راستىنلا ھەممەيلەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىسىل پەزىلەت ۋە ئىماننىڭ جۈملىسى. تىجارەت خارەكتىرى جەھەتتىن بۇنداق ئېلىپ بىرىلغىنى ئانچە خاتادەك بىلىنمەيدۇ. ئەمما چۇقۇم تىجارەت خارەكتىرىنى كۆزلەپ ئۆزىمىزنىڭ مىللى گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى مۇتلەق چۈرۈپ تاشلىۋەتسەك بۇنى قۇبۇل قىلىش يەنىلا بىز ئۈچۈن نۇرمال ھىسابلانسا ، بۇ ئاشكارە ھالەتتىكى قارىغۇلۇق ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىچىك تەرەپتىكى مىللى گۈزەل ئىستىلىنى يۇقاتقانلىق بولماي نىمە؟ بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچە مەيلى ئۆيگە كەلگەن مىھمان ياكى مۇشۇنداق يىمەك -ئىچمەك مۇلازىمىتى شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت تۈسىنى ئالغان ئۇرۇنلاردا ،ئاۋۋال چۇقۇم شەخسيەتسىز ھالدا مىھماننىڭ ياكى خىرىدارنىڭ ئالدىغا پاكىزە ۋە قىززىق چاي تۇتىدىغان ئېسىل خارەكتىر تۇلۇق ئۇمۇملاشقان تۇرسا ، بۇنى پەقەتلا ئىقتىساد ياكى باشقا سەۋەبتىن پۈتۈنلەي چۈرىۋەتسەك ئەۋلاتلارغا نىمە قالىدۇ؟ئەلۋەتتە 1 يۈئەن بەك چوڭ ئىش ئەمەس. ئۇنى تاماققا يەيمەن دەپ كىرگەن كىشى تۈلىيەلمىگۈدەك دەرجىدە ئۇنداق نامىراتلىشىپ كەتكىنى يوق. بۇ يەردە بۇنداق ئىشنىڭ تىز كىڭىيىپ كىتىشدىكى سەۋەب بۇ خىل كىچىك مۇلازىمەت ئاۋۋال شۇ تىجارەتنى قىلىۋاتقان كىشىگە ئويلىمىغان يىڭىچە پايدا مەپەئەت يەتكۈزدى، يەنى ئاۋۋال ئۇلار بۇ ئىشتىن 50 پىرسەنىتتىن 65 پىرسەنىتكىچە پايدا ئېلىۋاتىدۇ، مەخسۇس يۇيىشىقا كىتىدىغان ۋاقىتتتىن مەنپەئەت كۈرىۋاتىدۇ، ئەمما شۇنداق مەنپەئەتكە قىزىقىۋاتقان بىزنىڭ بۇ تىجارەتچىلىرىمىز ئۈزىنىڭ كىملىكىنى ، كىمنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ باقتىمۇ؟ مۇشۇنداق بۇلارۋەرسە بىز يەنە نىمىگە بۇ ئىشتا سۆزلىمەي ئولتۇرالايمىز.
2 ) مەككارلىق، ئۆكتەملىك، مەجبۇرلاش ، ئۈزىنى كۆز-كۆز قىلش ۋاستىسى بىلەن پۇل تىپىش ئۇسۇلى.
بۇ خىل شەكىل ئادەتتە مۇقىم بىر كەسىپ ياكى تۈردە كۈرىلىۋاتقان ئىش بولماستىن ، بەلكى ھەممە ساھەدە ئازدۇر كۆپتۇر كۈرىلىۋاتقان ئادەم قۇبۇل قىلالمايدىغان ھادىسدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈۋەندىكى بىر قانچە ئەمىلى مىساللار بىلەن بۇ ھادىسىنىڭ ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلماقچىمىز.
1) مەلۇم بىر داڭلىق كارخانىنىڭ ئىشچىلار تاماقخانىسىدا مۇنداق بىر غەيرى ھادىسە بار. يەنى شۇ كارخانا نامى بىلەن بىزەلگەن بىر قەغەز پىيالە ئۆز ئىشچىلىرىغا ھەقلىق سېتىپ بىرىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئەڭ غىدىقىنى كەلتۈردىغىنى بۇ خىل نام ئوبىراز بولغىنى ئۈچۈن قىممەت يارىتىشى كىرەك. يەنى ئىنتايىن ئەرزان سېتىلسىمۇ بىر قانچە تىيىن بىلەن قولغا كەلسىمۇ بۇنىڭ ماھىيتى ئۈزىنى داملاشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى يەنى ماركا ئوبىرازى ئارقىلىق مەخسەتسىز مەجبۇرلاش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرۋىلىشىمىز قىيىن ئەمەس.
2)ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپىدىكى تورلاشقان ئالدامچىلىق ھادىسى بۇلۇپ، بۇ يەردە تور بىكەت يەنى ئۇچۇر بىكەتلىرىنى ئېچىۋالغان كىشىلەر بىلەن چوڭ شەھەردىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت ئۇرۇنلىرى بىرگەۋدە بۇلۇپ ، ئىش ئىزدەش ياكى ئۈزىگە كىرەكلىك مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنگۈچىنى چۇقۇم ئاۋۋال سىلىق سۆزلەر بىلەن ئىندەككە كەلتۈرۈش، ھەق تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆكتەملىك قىلىش ياكى يالغانچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن مەمنۇن بۇلۇش ھادىسى. قاراپ باقىدىغان بوڭلساق ھازىر نۇرۇغۇنلىغان مۇشۇنداق مۇلاىمەت مەركەزلىرى بارلىققا كەلدى. مەيلى سىز ئۆي سىتىۋالماقچى بۇلۇڭ ياكى ئىجارە ئالماقچى بۇلۇڭ ياكى ئىش ئىزدىمەكچى بۇلۇڭ تەلىيىڭىز كاج كىلىپ شۇنداق قاپقانغا چۈشۈپلا قالسىىڭىز سىزنىڭ تۇلۇق نەس باسقىنى باسقان. ئەلۋەتتە ھەممىنى شۇنداق بىر تاياقتا ھەيدىگەنلىك ئەمەس. راستىنلا ياخشى ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركەزلىرى بار. ئەمما ئۇلار ناھايتى ئاز ئۇچىرايدۇ.
3) مەلۇم بىر ئاشخانىدا بىر خېىرىدار تاماق بۇيرۇتىدۇ. ئالدىراش بولغىنى ئۈچۈن تاماقنى تىزرەك ئىچىپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان خېىرىدار پۇلىنى ئاۋۋال تاپشۇرۇپ ساقلايدۇ. ئۇ خېلى ساقلىغان بولسىمۇ دىمەكچى بولغان تامىقى يىتىپ كەلمىگەچكە ئالدىراشلىقىنى ئۇنىڭ باش مۇلازىمەت ئورنىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ مەن ياناي دىسە ھىلىقى مۇلازىم ئەجەپ سەندىن بۇرۇن كىرگەنلەر ساقلاپ ئولتۇرىۋاتىدۇ. ساڭا نىمە دەز كەتتى. دەپلا ئۆكتەملىك قىلىدۇ. ئەگەر كەتمەكچى بولساڭ پۇل قايتۇرالمايدۇ، تاماق دىگەننى جىگىرى بار، ئۆپكىسى بارلار يەيدىغان نىمە . سەندەك لاتىلار دائىم ھىسابنى قالايمىقان قلىپ ئادەم ئاۋارە قىلىدۇ. دەيدۇ . بۇنى ئاڭلىغان خېرىدار بۇنداق دەپ كەتمەڭ ، ئالدىراش بولغانلىقىم سەۋەبلىك دەۋاتىمەن دىسە ، سەن ئالدىراش بولساڭ بىز سەندىن ئۆتە . سەندەكلەرنى مۇشلاپ چالا ئۈلۈك قىلىپ ھۆددىسىدىن چىققۇچىلىكىم بار. ئالە پۇلۇڭنى دەپلا خىرىداريۈزىگە ئاتىدۇ. مانا بۇ مەن ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ھەقىقى ھادىسە . بۇ ھالەتنى نىمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟ قىپقىزىل ئۆكتەملىك مەجبۇرلاش بولماي نىمە؟ئەلۋەتتە بۇ قىسمەن ھادىسە بۇنىڭدىن ياخشى يەرلەر ناھايتى كۆپ ، ئەمما بۇ خىل ھالەت چۇقۇم يوق قىلنىشى كىرەكمۇ ياكى ئۇمۇملىشىشى كىرەكمۇ؟
3- جىنسى مۇلازىمەت ئارقىلىق پۇل تېپىش ھادىسىى .
بۇ ئەزەلدىن قىززىق نوقتا بۇلىۋاتقان مۇھىم بىرخىل سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەڭ ئېچىنىشلىق بىرخىل ھادىسە. يەنى ئۆز تىنى ئارقىلىق ھەقلىق جىنىسى مۇلازىمەت قىلىش. روھى ۋە ئەقلىنى تۇلۇق بۇلغاپ ئازغىنە پۇل ياكى باشقا مەنپەئەت ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەسلىك. ئەخلاقنى، مەدىنيەتنى، ئىتىقادنى ، چىن مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئىرىشىش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەزى كوچىلار ھەتتا دوزاق كۇچىسى دەپمۇ ئۇمۇلاشتى. شۇنى بىلىدىيۇ ئەمما يەنىلا بۇ ئىش بەك ئەسەبىيلەشكەن . ئۇمۇلاشقان. بۇ ھادىسىمۇ شۇنداق قۇبۇل قىلغۇسىز پۇل تىپىش ھادىسىدۇر.
4) ئادەم سودىسى - ئەڭ قەبىھ يىرىتقۇچلارچە ھالەت بىلەن شەكىللەنگەن نارسىدە بالىلارنى ئېلىپ سېتىش ھادىسىسى.
قايسى بىر تىمىدىن بىزدىكى ئەخلاق نەگە كەتتى ئىنسانىيلىقىمىز نىمە يەپ كەتتى دىگەن ماۋزۇدا بىر كىچىك قىزچاقنىڭ قاتناش ھادىسىگە ئۇچىراپ ناھايتى شەرمەندىلەرچە تاشلىۋىتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش بولغانلىقىنى كۆردۇق، ۋە بۇ ھادىسە پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى. ئۇنىڭدىن كىيىنلا ياندىشىپ چىققان قەبىھ ھايۇۋان شىرنىڭ جىنىدا ئۆز بالىسىنى ھاڭدىن ئاۋايلاپ تارتىپ قۇتقۇزۇپ چىققىنى قىستۇرلۇپ بىزنىڭ شۇ يىرتقۇچتىنمۇ ئۆتە بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاشقا ئاساس تىپىپ بەردى. ئەمدى جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق ئازغىنە پۇلنى دەپ ئۆز بالىسىنى ۋە ئۆز قىرىنداشلىرىنى سېتىۋەتكەن ۋە ئۇنى سىتىۋالغان ئىپلاسلارنى نىمە دىيىش كىرەك. دىمەك بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئادەم سودىسى يەنى نارسىدىلەرنىڭ مال سۈپىتىدە سېتلىشى ئادەمنى يەنىلا ئېچىندۇرغىنى ئەڭ زۈرۈر،
5) قىمار ئويناش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ئۇيۇنلىرى ئارقىلىق پۇل تىپىش
قىمار تىلغا ئېلىنسا ھازىر جەمىيتىمىزىدىكى خېلى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ۋاقتىنى ۋە ئۆز ئىقتىسادى قىممىتىنى يۇقىتىۋاتقان بىر غەلىتە ھادىسە كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. قاراپ باقىدىغان بولساق چوڭ كىچىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىمار يۇلىغا كىرىپ قىلىپ چىقالمايۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ھادىسى ھەر خىل ئۇيۇنچۇقخانىلىردىن باشلىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردىمۇ ئۈزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى ۋە پۇللىرىنى يۇقىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەنمۇ بۇ قىممەت يارىتىدغان بىرخىل شەكىلگە ئىگە بولماقتا. تېخى يەنە بىر شەكىل ئۆز پۇلىنى جەزە شەكىلدە قىماغا سېلىپ باشقىلارنىپ پۇلىنى مەخسەتلىك تارتىۋالىدىغان ئىشلارمۇ ناھايتى كۆپ بولماقتا.دىمەك مۇشۇنداق غەيرى ئىشلار ئادەمنىڭ غەزىپىنى راسلا قوزغايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشىراق ئويلىنىپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەم تىمىدىن چەتنىمەي ناھايتى ئىلمى پىكىرلەر بىلەن بۇنداق ھادسىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش جەھەتتىكى قىممەتلىك پىكىرىنى بىرىشنى سۇرايمەن.