كۆرۈش: 16081|ئىنكاس: 16

ئەلكۈيى تورىدىن ئانىلار بايرىمىلىق ئالاھىدە سوۋغا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بېكەت باشلىقى

سەركەردە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
1
يازما
136
تېما
91
نادىر
9
جۇغلانما
5350
تىزىملاتقان
2006-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
1254 سائەت

باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشلىقى

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 09:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى :داڭلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ھاياتىنىڭ 70يىللىقى ، ئىجادىي ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق كۈنلەردە سىلەر بىلەن يەنە ياخشى ئىشلار بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.ئالدى بىلەن بارلىق  بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە بىر قولىدا جاھاننى تەۋرىتىۋاتقان قەلبى سۈتتەك ئاق، مىھنەتكەش،جاپاكەش،مېھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.
ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئېقىۋاتقان،ئەلنى سۆيگەن ،ئەل ئىشقىدا ئەجىر- مىھنەت كۆرسەتكەن كىشىلەر ئۆز ئەجرىگە لايىق شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە ياراتقان نەتىجىلىرى بىلەن خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ.مەڭگۈ شان-شۆھرەتتىن يىراق بولمايدۇ.بىز بۈگۈن ئەنە شۇنداق كاتتا شان -شەرەپلەرگە نائىل بولغان بىر ئانا ھەققىدە ئىشلىگەن مەخسۇس زىيارەت فىلىم ئارقىلىق بارلىق ئانىلارغا بۈگۈنكى بايرام سۈپىتىدە سوۋغات سۇنماقچىمىز.
بىر مىللەتتىن چىققان تۆھپىكارلارغا پۈتكۈل خەلقنىڭ ھۆرمەت نەزىرى ئاغدۇرىلىدۇ.
2013-يىلى باھار ئېيىنىڭ 11-كۈنى تۆھپىكار ئانا،تونۇلغان يازغۇچى،ژورنالىست ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ 70 يىلدىن ئاشقان مەنىلىك ھاياتى ۋە 55يىللىق ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يېغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزىلدى.پائالىيەتكە تالانتلىق رىياسەتچىلىرىمىزدىن شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە ماھىرە ئابدۇغېنى رىياسەتچىلىك قىلدى.ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق پائالىيەت جەريانىدا ئانىلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاپ بۈگۈنكى بايرامغا سوۋغات سۈپتىدە ئانىلار بايرىمىڭلار مۇبارەك نامىدىكى مەخسۇس فىلىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.



ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ
مەخسۇس فىلىم ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر...




داڭلىق شائىر ھاجى مۇختەر بۇغرا ۋە ئايشەم ئەخمەت خانىم

ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىم ۋە ئايشەم ئەخمەت خانىم

مۆھتىرەم ئاتىلاردىن بىر كۆرۈنۈش


مۆھتىرەم ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش


مۆھتىرەم ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىمىي كومتېتنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ناسىر ۋە داڭلىق يازغۇچى ھۆرمەت ساھىبى ئايشەم ئەخمەت خانىم

بىر قىسىم ژورناللارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەدىبلەردىن بىر كۆرۈنۈش

مۆھتىرەم ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش






شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق،شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ باش مۇھەرىر بەگمەت يۈسۈپ


مېھرىبان ئانىلاردىن بىر كۆرۈنۈش


شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسىنىڭ باش نازارەتچىسى(ئوتتۇرىدا)ھەجەرگۈل قاسىم ۋە مۆھتىرەم ئانىلار




مۆتىۋەرلەر ئايشەم ئەخمەتنى قۇتلۇقلىماقتا











ماھىنۇر قاسىم سۆز قىلماقتا








شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان

ئەلكۈيى تورىنىڭ زىيارىتىدە ئايشەم ئەخمەت ھەققىدە سۆز قىلماقتا






شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئۈمىدۋار بىرگە



بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم قەلەمكەشلەر تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ ،پائالىيەت ئەنە شۇ تۆھپىكارلارنىڭ بىرسى بولغان،ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى،تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش،بۇ ھەقتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە جاپاكەش،تۆھپىكار ئانىلىرىمىزنىڭ ئانىلار بايرىمىنى   قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،پائالىيەتكە يازغۇچى-ئەدىبلىرىمىز،مىھرىبان ئانىلار ۋە ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپى،ئەدىبىياتشۇناسلار،ئايشەم ئەخمەتنىڭ كەسىپداشلىرى،ئۇرۇق-تۇققان،يېقىن-يورۇقلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت راديوسى›ئەلكۈيى تورى،تەڭرىتاغ تورى،ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ،ياشانغانلار گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە  مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىنتايىن داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.




ئايشەم ئەخمەت 1942-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە «قۇمۇل گېزىتى»،«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا مۇھەررىر،باش مۇھەررىر ۋە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئايشەم ئەخمەت خانىم ئەدەبىيات ئىشلىرىمىزغا زور تۆھپەلەرنى قوشقان تۆھپىكار يازغۇچى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ژورنالچىلىقتىكى بىردىبىر ئايال ژورنالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن خىزمەت ھاياتىدا خىلمۇ-خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،يەرلىك ئەدەبىي ژورناللارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۈرلۈك ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ،يېزىقچىلىق كۇرسلىرىنى ئېچىپ ژورنال ئەتراپىغا بىر تۈركۈم ئەدىبلەرنى ئۇيۇشتۇرغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش،رەتلەش ۋە نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ مىننەتسىز ئەجرىنى سىڭدۈرگەن پەخىرلىك ئۇستازىمىز ۋە تۆھپىكار مۇھەررىرىمىز.
ئايشەم ئەخمەت خانىم 1957-يىلىدىن باشلانغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىدا تۈرلۈك نادىر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ 80-يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلغان «باشلىقنىڭ رايى»،«خىجىللىق»،«ھەسرەت» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشسە،«ئۆچمەس ئىزلار»ناملىق رومانى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايال يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ رومان يازغان پەخىرلىك يازغۇچى بولىشىغا يول ئاچقان.
1990-يىللاردا پەخىرلىك يازغۇچىمىز ئايشەم ئەخمەت خانىم سوۋىت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە چىقىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى بىر ئىلھام بىلەن «مەلىكىنىڭ مىڭزىدىكى داغ»،«28يىل»،«گۇگۇم چۈشكەندە»،«زەھەرلىك كۈلكە»،«قاتىلنىڭ مۇھەببىتى»،قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ بەلگىلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلغاندىن سىرت يەنە بىر قىسىم ھىكايىلىرى تاشكەنت ۋە ئالمۇتادا چىقىدىغان گېزىت،ژورنال،توپلاملاردا تونۇشتۇرۇلغان.
ئايشەم ئەخمەت خانىم بىر ئىقتىدارلىق يازغۇچى،ژورنالىست بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر مۇنەۋۋەر ئانا.ئۇ بۇ مۇرەككەپ كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىدە ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەنلا قالماي ئۆزىنىڭ«خانىم-قىزلار دەستۇرى»،«قىزلار دەستۇرى»،«ئاياللار سىردىشى»قاتارلىق ئېسىل كىتابلىرى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت قىز-ئاياللىرىنى تەربىيىلەشكىمۇ نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان تۆھپىكار ئانا.
پائالىيەت داۋامىدا مىھنەتكەش ئۇستاز،تۆھپىكار ئانىمىزئۈچۈن ياڭرىغان بارىكاللا سۆزلىرى ۋە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ كەسىپداشلىرى،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-يارەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم قىلىپ تون كىيگۈزسە،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى،قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى،قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلى،شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ژورناللار،مەتبۇئاتلار ھەتتاكى ئايشەم خانىمنىڭ چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى ۋە تىلەكلىرىنى ئەۋەتتى.
پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ئازات سۇلتان ئەپەندى ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانىلىقى ،قوشقان تۆھپىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ ئايشەم ئەخمەت خانىمنىڭ ئىجادىي ھاياتىنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن قۇمۇل دىياردىن يىتىشىپ چىققان بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق يازغۇچىمىز،ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك قىزى ئايشەم ئەخمەت ئانىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئوزۇن بولىشىنى،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا خەلقىمىزگە تېخىمۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم قۇتلۇقلايمىز!


كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تورى
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2013-يىلى باھار ئېيىنىڭ 12-كۈنى (يەكشەنبە)


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46887
يازما
102
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتا يىغىلىش بۇپتۇ  بارىلىق ئانىلا بىزنىڭ پەخرىمىز

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
177
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3111
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
146 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:21:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن بۇ ئانىمىزغا..‹مەلكىنىڭ يۈزىدىكى داغ›دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغان ئىدىم.

UID
28222
يازما
194
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 11:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

UID
47232
يازما
172
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
172
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
73 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن

UID
46697
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-10-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

UID
47640
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-3-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:46:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بارلىق  ئانىلارنىڭ  بايرىمىغا مۇبارەك  !!
   بارلىق ئانىلارغا  ئۇزۇن  ئۆمۈر  يار  بولسۇن....

UID
12794
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز-ئاياللىرىمىزىدىن مۇشۇنداق يازغۇچى قاچانمۇ چىقار؟

UID
50619
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ مېھرىبان ئانىلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!


UID
49888
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-12
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 17:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار   بايرىمىغا   مۇبارەك   بولسۇن  ،   شۇنداقلا   ساخاۋەتچى    ئانىلارنىڭ   ئومرى   ئۇزۇن    ،   تېنى   سالامەت  بولسۇن   ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش