كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 11

جىنلار راستىنلا مەۋجۇت ئەمەسمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41765
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 22:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: كىشىلەر جىنلار ھەققىدە ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىشماقتا..راستىنلا بىر قىسىم كىشىلەر ئىيتقاندە جىلار يوقمۇ بۇنىڭغا قىززىقسىڭىز بۇ تىمىنى تولۇق ئوقۇ

ببز بۇ سۆزلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن بۇرۇن جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرى توغىرسىدا سۆزلەپ ئۆتۈشنى توغىرا تاپتۇق.

قۇرئاننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان ئاڭلاش ئۈچۈن بارغان بىر توپ جىنلارنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى تىلغا ئىلىشى ۋە ئۇلار دىگەن ۋە قىلغان ئىشلارنى ھىكايە قىلىشى...بۇنىڭ ئۆزى جىنلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەركىتىنى تەستىقلاشقا يىتەرلىكتۇ.ۋە يەنە جىنلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن ئەرەپچە قۇرئاننى ئاڭلاشقا قادىر ئىكەنلىكىنى تەستىقلاشقا، ۋە جىنلارنىڭ ئىمان ۋە كۇفرىنى.. ھىدايەت ۋە ئازغۇنلۇقنى قوبۇل قىلىدىغان اللەنىڭ مەخلۇقى ئىكەنلىكىنى تەستىقلاشقا يىتەرلىكتۇ.

بۇ يەردە بۇ ھەقىقەتلەرنى ئىسپاتلاش ۋە تەكىتلەشنىڭ ئورنى يوق؛ چۈنكى ئىنسان اللە ئىسپاتلاپ بولغان بۇ ھەقىقەتلەرنى تىخمۇ ئاشۇرۇپ ئىسپاتلاشقا ئىگە بولالمايدۇ.

لىكىن بىز بۇيەردە ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىكى بۇ ھەقىقەتلەرنى روشەنلەشتۈرۈپ ئۆتىمىز.

شۈبھىسىزكى ئەتىراپىمىزدىكى بۇ كائىنات نۇرغۇنلىغان سىرلارنى، ماھىيەت ۋە سۈپەت ۋە تەسىر جەھەتتە بىزگە ئىنىق بولمىغان نۇرغۇن كۈچلەرنى ۋە مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز مۇشۇ كۈچلەر ۋە سىرلارنىڭ قوينىدا ياشاۋاتىمىز. بىز ئۇلاردىن ئازغىنىسىنى بىلىمىز، لىكىن نۇرغۇنلىرىنى بىلمەيمىز. بىز ھەركۈنى مۇشۇ سىرلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىچىۋاتىمىز. بۇ كۈچلەرنىڭ بەزىسىنى چۈشۈنۈپ يىتىۋاتىمىز. بىز مۇشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ بەزىسىنى- بەزىدە ئۇنىڭ ئۆزىنى، ۋە بەزىدە ئۇنىڭ سۈپىتىنى، يەنە بەزىدە ئەتىراپىمىزدىكى كائىناتتا ئۇنىڭ تەسىرلىرىنى بىلىۋاتىمىز.

بىز ھىلىمۇ ئۆزىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز ۋە باللىرىمىز ۋە نەۋىرلىرىمىز ياشاۋاتقان كائىناتنى بىلىش يولىنىڭ بىشىدا تۇرىۋاتىمىز. بىز كائىناتنىڭ كىچىك زەررىلىرىدىن بىرى بولغان يەرشارى ئۈستىدە ياشاۋاتىمىز...

پۈتۈن يەرشارى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەجىمى ۋە ئىغىرلىقىغا سىلىشتۇرغاندا(كىچىكلىكىدىن) تىلغا ئىلىشقا ئەرزىمەيدىغان پىلانىتتۇر!!!

بىز بۈگۈن- يولنىڭ ئەۋۋىلىدە- تۇرۇپ بىلگەن نەرسىلەر پەقەت 500يىل بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ بىلگىنىگە سىلىشتۇرغاندا جىنلارنىڭ ھەيران قىلىشىدىنمۇ چوڭراق ئەجەپلىنىشنى قوزغايدۇ. ئەگەر بىركىشى 500يىل بۇرۇنقى كىشىلەرگە بىز بۈگۈن سۆزلەۋاتقان ئاتۇمنىڭ سىرلىرى توغىرسىدا بىرنەرسە دىسە ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇ كىشىنى ساراڭ دەپ ئويلايدۇ ياكى ئۇنى ساراڭدىنمۇ غەلىتىراق سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ!

بىز ئىنسانىي تاقىتىمىز دائىرسىدە مۇشۇ زىمىندىكى خىلافەتچىلىك ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسىلەرنى خىلافەتچىلىكنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ھالەتتە، اللە بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن دائىرىدە بىللەيمىز.

ئۇ نەرسىلەر بىزگە سىرلىرىنى ئىچىپ بىرىدۇ، بىزگە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز زىمىندا خىلافەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايمىز..بىزنىڭ بىلىشىمىز ۋە كەشپىياتىمىز ئۆزنىڭ خاراكتىرى ۋە دائىرسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.-(ئىنسانىيەتنىڭ ئۆمىرى ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ۋە بىزگە بويسۇندۇرۇلغان كائىنات كۈچلىرى ۋە بىزگە ئاشكارە بولغان كائىنات سىرلىرى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ)-ئاشۇ دائىردىن يەنى اللەنىڭ ھىكمەت ۋە تەقدىرىگە مۇۋاپىق ھالەتتە بىز بۇ زىمىندا خىلافەتچىلىك ئۈچۈن مۇھتاج بولغان دائىردىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ.

كەلگۈسىدە بىزنۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىمىز ۋە بايقايمىز، بىزگە بۇ كائىناتنىڭ سىرلىرى ۋە ئىنرگىيىلىرىدىن ئاجايىپ نەرسىلەر ئاشكارە بولىدۇ.

ئۇ ۋاقىتتا بۈگۈنكى ئاتۇمنىڭ سىرلىرى كەلگۈسىدىكى ئاشۇ كەشپىياتلارغا سىلىشتۇرغاندا كىچىك بالىنىڭ ئويۇنىغا ئوخشاپ قالىدۇ! لىكىن بىز ئىلىم مەرىپەتتە ئىنسان ئۈچۈن بەلگىلەنگەن دائىرە ۋە اللە بەلگىلەپ بەرگەن دائىرە ئىچىدە بولىمىز. اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿سىلەرگە ئازغىنە ئىلىم بىرىلدى﴾

بۇ ئىلىم كائىناتتىكى سىرلار ۋە غەيبى ئىشلارغا سىلىشتۇرغاندا بەك ئازدۇر.ئۇنى پەقەت ياراتقۇچى ۋە سىر ۋە غەيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى اللە بىلىدۇ. ۋە يەنە بىز اللە نىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكى ۋە ئىنسان ئىلمىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كىرەك. بۇ توغىرسىدا اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ اﷲ نىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ،﴾


بۇ ھالەتتە بىز-بىزگە مەلۇم بولمىغان غەيىب دۇنياسىدىن ۋە بۇ كائىنات كۈچلىرى ۋە سىرلىرىدىن بىر نەرسىنىڭ بىزنىڭ ئەقلىمىزدىن ياكى تەجىربىلىرىمىز دائىرسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ۋە ئۇنى تەسەۋۋۇ قىلىش ياكى قىلماسلىققا جەزىم قىلالمايمىز.

بىز ئەقلىمىزنىڭ ۋە روھىمىزنىڭ سىرلىرىنى بىلىشىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن تىخىچە جىسمىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنىڭ سىرلىرىنى بىلىشكە قادىر بولالمىدۇق.

بۇ يەردە بىزگە -ئۇ ۋە ئۇنىڭ ماھىيتى ئاشكارلىنىدىغان پىلان ئىچىگە كىرمىگەن پەقەت ئۇنىڭ سۈپىتى ياكى تەسىرى ياكى مەۋجۇتلىقى ئاشكارە بولغان نۇرغۇنلىغان سىرلار بولىشى مومكىن.بۇ بىزگە خىلافەتچىلىك ۋەزىپىسىدە ھىچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ.

ئەگەر اللە –(بىزنىڭ تەجىرىبىمىز ۋە بىزگە بىرىلگەن ئىلىمىز ئارقىلىق ئەمەس بەلكى)- ئۆزكالامى ئارقىلىق بىزگە بىز ئۈچۈن تەقسىم قىلىنغان مۇشۇ سىرلارنى ۋە كۈچلەرنى ئىچىپ بەرسە بۇ ھالەتتە بىزنىڭ يولىمىز شۇكى بىز بۇ ھەدىيەلەرنى تەشەككۇر ئىيتىش ۋە تەسلىم بولۇش بىلەن كەم-زىيادە قىلماستىن قوبۇل قىلىمىز. بىز مۇشۇ مەرىپەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى بىردىن-بىر مەنبەيىمىزدىن قوبۇل قىلىلىمىز. چۈنكى بىزگە پەقەت مۇشۇ دەرىجىدە بىرىلدى. بۇ يەردە بىز مۇشۇ سىرلارنى قوبۇل قىلىدىغان يەنە بىر مەنبە يوق!

قۇئاننىڭ تىكىستلىرىدىن ۋە سۈرە جىننىڭ تىكىستلىرىدىن – (بۇ جىنلارنىڭ ئۆزىدىن سادىر بولغان ھادىسىلەر ئىكەنلىكى ئەڭ كۈچلۈك)- ۋە قۇرئاندىكى باشقا تەسىرلىك تىكىستلەر ئارقىلىق ۋە بۇ ھادىسە توغىرىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئارقىلىق بىز جىنلاردىن ئىبارەت بەزى مەخلۇقلارنى بىلىشكە قادىر بولىمىز..ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلمەيمىز..

بۇ ھەقىقەتلەر بۇ يەردە جىن ناملىق ئوتتىن يارتىلغان بىر مەخلۇقنىڭ بارلىقىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.

بۇ ئىبلىسنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالام توغىرسىدىكى تۆۋەندىكى سۆزىدە كەلگەن:

﴿ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ›› دېدى [12]﴾

ئىبلىس جىنلاردىن ..بۇھەقتە اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى.ئۇ رەببىنىڭ ئەمىرىگە ئاسىيلىق قىلدى.﴾


ئىبىلىسنىڭ نەسىلى جىنلارنىڭ نەسلىدىندۇر.

بۇ مەخلۇقنىڭ ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئوتتىن يارىتىلىشى.

يەنە بىرى ئىبلىس كىشىلەرنى كۆرەلەيدۇ. بىراق كىشىلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. اللە ئىبلىس توغىرسىدا مۇنداق دىدى:

﴿ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ لىكىن سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.﴾

يۇقارقى ئايەتتىين كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى ئىبلىسنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشاش قەبىلە ۋە گوروھى بار. اللە مۇنداق دەيدۇ:

﴿ ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ.. ﴾

ئۇنىڭ بۇ يەرشارىدا ياشاش ئىقتىدارى بار .-(لىكىن بىز ئۇنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز)- اللە ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبلىس توغىرسىدا مۇنداق دىگەن:

﴿ ﷲ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر - بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر›› [24] ﴾

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بويسۇندۇرۇلغان جىنلار سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا زىمىندا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىرەتتى. بۇلار زىمىندا ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ يەرشارى سىرتىدا ياشاش ئىقتىدارىمۇ بار. اللە جىنلار توغىرسىدا مۇنداق دىگەن:

﴿ (جىنلار ئېيتتى) «بىز (ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسمانغا (چىقىشنى) تىلىدۇق، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە (كۆيدۈرگۈچى) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق [8]. بىز ھەمىشە (ئوغرىلىقچە تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق، كىمكى ئەمدى (ئوغرىلىقچە) ئاڭلاشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ [9] ﴾

جىنلارنىڭ ئىنسان چۈشەنچىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى بار. ئۇلارغا –(اللەنىڭ بەندىلىرىدىن باشقا)- ئازغان كىشىلەرگە يوليورۇق بىرىشكە روخسەت بىرىلگەن.

اللە لەنەتكەردى ئىبلىس بىلەن بولغان دىئالوگنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿سىنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم سىنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدىن باشقا ھەممە كىشىنى(توغىرا يولدىن) ئازدۇرىمەن﴾

بۇ ھەقتە بۇندىن باشقا ئايەتلەرمۇ بار. لىكىن بىز ئىبلىس قانداق ۋەسۋەسە قىلىدۇ؟ قانداق يوليورۇق بىرىدۇ؟ قانداق قورال بىلەن؟ بۇنى بىلمەيمىز.

ئۇ ئىنساننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تىلىنى چۈشىنەلەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى بىر توپ جىنلارنىڭ قۇرئاننى ئاڭلىشى ۋە چۈشىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىشىدۇر.

جىنلار ھىدايەت ۋە ئازغۇنلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى سۈرە جىندا كەلگەن:

﴿ بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ [14]. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ» [15] ﴾

ئۇلار قەۋمىنىڭ قىشىغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتتى، ۋە ئۇلار قەلىبلىرىدە ئىمان بار لىكىن قەۋمىنىڭ ئىمان ئىيتمىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلدى.

مانا بۇ جىننىڭ ئىشلىرىدىكى جەزمى بولغان تەرەپلەردۇر. ئۇ بىزگە يىتەرلىكتۇر.

بۇنىڭدىن ئارتۇق تەپسىلاتلارنىڭ دەلىلى يوق.

ئەمما بۇ ئايەتلەر ئىشارەت قىلىدىغا ھادىسىلەرگە كەلسەك –سۈرە جىننىڭ بارلىق ئايەتلىرى ئىشارەت قىلغاندەك-

بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان رىۋايەتلەر بار بولۇپ بىز ئۇلارنىڭ ئەڭ سەھىھلىرىنى دەلىل كەلتۈرىمىز:

ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، ئىمام ئەھمەد، ئىمام بەيھەقى قاتارلىقلار نەقلى قىلغان ھەدىستە ئىبنى ئابباس -رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما-مۇنداق دىگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىنلارغا قۇرئان ئوقۇپ بەرمىگەن ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر توپ ساھابىلىرى بىلەن ئوكاز بازىرىغا كىتىۋاتقان ئىدى. شۇ چاغدا ئاسمان خەۋىرى بىلەن جىنلارنىڭ ئوتتىرسىدا ھەقىقەتەن توسالغۇ پەيدا بولدى. ئۇلارغا كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار ئىتىلاتتى. جىنلار باشلىقلىرىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلگەندە باشلىقلىرى: سىلەرگە نىمە بولدى؟- دىيىشتى، ئۇلار بىز بىلەن ئاسمان خەۋىىرىنىڭ ئوتتۇرسىدا توسالغۇ پەيدا بولدى، كۆيدۈگۈچى يۇلتۇزلار بىزگە ئىتىلدى-دىيىشتى. باشلىقلىرى: سىلەر بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا توسالغۇ پەيدا بولغىنىغا قارىغاندا، چوقۇم بىر يىڭى ئىش يۈز بىرىپتۇ. سىلەر زىمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىغا ئاتلىىنىڭلار! سىلەر بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا نىمە ئىش بولغىنىغا قاراڭلار!-دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا نىمە ئىش يۈز بەرگىننى بىلىش ئۈچۈن زىمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىغا ئاتلاندى. تەھامە تەرەپكە قاراپ ماڭغان بىر توپ جىنلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا كىلىشتى. دەل شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇكاز بازىرىغا قاراپ يولغا چىقىپ نەخلە دىگەن جايغا كەلگەندە ساھابىلىرى بىلەن بامدات نامىزى ئوقىۋاتاتتى. جىنلار قۇرئان ئاڭلاپ ئۇنىڭغا قۇلاق سىلىشتى. ئۇلار: اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى بىز بىلەن ئاسمان خەۋىرى ئوتتىرسىدا توسالغۇ بولغان نەرسە مانا مۇشۇ –دىيىشتى. ئۇلار ئۇيەردىن قەۋمىنىڭ قىشىغا قايتقاندا ئى قەۋمىمىز:

﴿بىز توغرا يولغا باشلايدىغان ئاجايىپ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ئاڭلىدۇق [1]. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزغا ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز [2]﴾..

ئاندىن اللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۈۋەندىكى ئايەتنى چۈشۈردى:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى﴾»

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جىننىڭ سۆزى نەقلى قىلىندى.

مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى -ئۆز ئىسنادى بىلەن- ئەلقەمەدىن نەقلى قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىبنى مەسئۇد -رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ-غا: جىننىڭ ۋەقەلىكى بولغان كىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سىلەردىن بىرىسى ھەمراھ بولغانمۇ؟-دىدىم. ئىبنى مەسئۇد دىدىكى: ئۇكىچىسى بىزدىن ھىچكىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولمىغان، لىكىن بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىچىدە بىللە ئىدۇق. بىز ئۇنى يوقىتىپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ۋادى ۋە جىلغىلارنى ئىزدىدۇق. ئۇنى تاپالمىغاندىن كىيىن : ئۇ چۆچىتىلدى ياكى سۈيقەستكە ئۇچىراپتۇ-دىدۇق.

بىز كىشىلەر ئۆتكۈزگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كىچىنى ئۆتكۈزدۇق.

ئەتتىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا تەرەپتىن كەلدى. بىز ئى اللەنىڭ ئەلچىسى: بىز سىنى يوقۇتۇپ قويدۇق،.ئىزدىدۇق لىكىن تاپالمىدۇ.

بىز كىشىلەر ئۆتكۈزگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كىچىنى ئۆتكۈزدۇق- دىدۇق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مىنىڭ قىشىمغا جىنلارنىڭ دەۋەتچىسى كەلدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردىم. ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇپ بەردىم»-دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن بىرگە ماڭدى ۋە بىزگە جىنلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوتلىرىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. جىنلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قانداق يىمەكلىكلەرنى يىيىش توغىرسىدا سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ئۇنىڭغا اللەنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىنغان ھەرقانداق سۆڭەك سىلەرنىڭ يىمەكلىكىڭلار،ئۇ سۆڭەك سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تولۇق گۆش بولۇپ چۈشىدۇ.

ھايۋانلارنىڭ تىززەك ۋە ماياقلىرى سىلەرنىڭ ئۇلاغلىرىڭلارنىڭ يىمەكلىكى»-دىدى.

ئۇ بىز ئىنسانلارغا ۋەسىيەت قىلىپ دىدىكى:« ھەرقانداق سۆڭەك ۋە تىززەك ياكى ماياق بىلەن ئىستىنجا (ئەۋرىتىڭلارنى سۈرتمەڭلار) قىلماڭلار چۈنكى بۇ ئىككىسى قىرىندىشىڭلار بولغان جىنلارنىڭ يىمەكلىكى»..-دىدى.

ئىبنى ئىسھاق –بۇ ئىبنى ھىشام رىۋايەت قىلغان تارىختا بار- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغان كىيىن تائىفقا سەقىف قەبىلىسىدىن ياردەم سوراپ چىققاندىن كىيىنكى بىر توپ جىنلارنىڭ خەۋىرىنى كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا مۇشرىكلارنىڭ ئەرزىيەتلىرى قاتتىق كۈچەيگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام ئۇلاردىن ياردەم سوراپ بارغاندا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەبىھ ئۇسۇلدا رەدىيە بەردى. ۋە نادان كىشىلەرنى ۋە كىچىك بالىلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەرزىيەت يەتكۈزۈشكە قىززىقتۇرىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاش ئىتىپ ئىككى پۇتىدىدىن قان ئاققۇزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزمۇنى چوڭقۇر بولغان ئۇلۇغ تەسىرلىك دۇئالار بىلەن رەببىگە يۈزلەندى: «ئى اللە مەن ساڭا كۈچىمنىڭ ئاجىزلىقى،چارىسىزلىكىمنى،ۋە كىىشلەرنىڭ مىنى خارلىماسلىقىنى ساڭا شىكايەت قىلىمەن. ئى ئەڭ رەھىمدىل رەببىم سەن ئاجىز كىشىلرنىڭ رەببى. سەن مىنىڭ رەببىم. سەن مىنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن؟ماڭا قاپىقىنى تۈرىدىغان يىراق دۈشنەنگىمۇ ياكى مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان دۈشمەنگىمۇ؟ ئەگەر سىنىڭ ماڭا غەزىپىڭ بولمىسا مەن بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايمەن. لىكىن سەندىن مىنى سالامەت قىلىشىڭنى سورايمەن. مەن زۇلىمەتلەرنى يورۇتقان ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشى ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان يۈزىڭنىڭ نۇرى بىلەن سەندىن ماڭا غەزەپلەنمەسلىكىڭنى ياكى ماڭا غەزىپىڭنىڭ چۈشمەسلىكىنى تىلەيمەن. رازىلىق سەن رازى بولغىچە ساڭا خاستۇر. سەندىن باشقا ھىچقانداق تايانچىم يوقتۇر.»..

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلەسىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندە تائىفتىن مەككىگە قايتتى. ئۇ نەخلە دىگەن جايغا كەلگەندە يىرىم كىچە بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقىۋاتقاندا اللە زىكرى قىلغان بىر توپ جىنلار ئۇنىڭ يىنىدىن ئۆتتى. ۋەھالەنكى ئۇلار يەتتە نەپەر جىن ئىدى. ئۇلار قۇرئاننى ئاڭلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىدىن پارىغ بولغاندا ئۇلار ئۆز قەۋمىنىڭ قىشىغا ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتتى. ئۇلار ئىمان ئىيتتى ۋە ئاڭلىغان قۇرئانغا ئاۋاز قوشتى. اللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى بىرىپ مۇنداق دىدى:

﴿(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق،﴾

دىگەن ئايەتتتىن...

﴿...اللە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]﴾

دىگەن ئايەتكىچە نازىل بولدى. ھەمدە اللە مۇنداق دىدى:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى﴾


دىگەن ئايەت ئۇلارنىڭ سۈرىدىكى قىسسىسىنىڭ ئاخرىغىچە نازىل بولدى.

ئىبنى كەسىر تەپسىردە ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئىزاھلايدۇ:‹ بۇ سەھىھ لىكىن ئۇنىڭ جىنلارنىڭ ئاشۇ كىچىدە قۇرئان ئاڭلىغانلىقى توغىرىسىدا باشقىچىە كۆز قاراش بار. چۈنكى جىنلارنىڭ قۇرئان ئاڭلىشى ۋەھيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بولغان. ئۇنىڭغا يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئىبنى ئابباسنىڭ ھەدىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن تائىفقا چىققانلىقى دەلىلى بولىدۇ. بۇجىنلارنىڭ ۋەقەلىكى ئىبنى ئىسھاق ۋە باشقىلار جەزىملەشتۈرگەندەك ھىجرەتتىن بىر ياكى ئىككى يىل بۇرۇن بولغان.

اللە بۇ ئىشلارنى ئوبدان بىلىدۇ.

بۇ يەردە بۇندىن باشقا نۇرغۇ رىۋايەتلەر بار .بىز مۇشۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىبنى ئابباسبىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلىنىمىز. چۈنكى ئىبنى ئابباسبىڭ رىۋايىتى قۇرئان ئايەتلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدۇ:

﴿(ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «بىر قانچە نەپەر جىننىڭ (قۇرئان) تىڭشاپ (ئىمان ئېيتقانلىقى) ماڭا ۋەھيى قىلىندى﴾

مانا بۇ شۇنىڭغا كەسكىن دەلىل بولىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھادىسلەرنى ۋەھيى يولى ئارقىلىق بىلگەن ۋە ئۇلارنى كۆرمىگەن ۋە ھىس قىلمىغان. بۇ رىۋايەت ئىسناد جەھەتتە باشقا ھەرقانداق رىۋايەتتىن كۈچۈكتۇر. بۇ رىۋايەت بىلەن ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتى ماسلىشىدۇ. شۇنىڭدەك ئىبنى ئابباسنىڭ رىۋايىتىنى قۇرئاندىكى جىنلارنىڭ سۈپىتى توغىرىسىدىكى ئايەت كۈچلەندۈرىدۇ:

﴿ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ گوروھى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ لىكىن سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر.﴾..

بۇ يەردە ھادىسلەرنى روشەنلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيتى بار.

_ _ _


(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا بىر تۈركۈم جىنلارنى ساڭا قۇرئان تىڭشاشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر - بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى [29]﴾

ئۇنداقتا بىر توپ جىنلارنىڭ قۇرئان ئاڭلىشى تاسادىبى بولغان ھادىسە بولماستىن اللەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولغان ئىدى. جىنلارنىڭ بۇندىن بۇرۇن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تونۇغاندەك ئاخىرىقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكنى تونىشى ۋە ئۇلاردىن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىمان ئىيتىشى ۋە خۇددى ئىنساننىڭ شەيتانلىرىغا تەييارلانغاندەك جىنلارنىڭ شەيتانلىرىغا تەييارلانغان جەھەننەم ئوتىدىن قۇتۇلىشى اللەنىڭ تەقدىرىدە بولغان ئىدى.

قۇرئان بىر توپ قۇرئان ئاڭلاۋاتقان-( ئۇلارنىڭ سانى ئۈچتىن ئونغىچە بولغان ئارلىقتىكى جىنلاردىن ئىبارەت )- جىنلارنىڭ كۆرۈنىشىنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھىس-تۇيغۇسىدىكى تەقۋادارلىق، قۇرئاندىن تەسىرلىنىش، ئازاپتىن قورقۇش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاغا يۈزلىنىش.. قاتارلىق ئوي پىكىرلەرنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ.


﴿ ئۇلار قۇرئان تىلاۋىتىگە ھازىر بولغاندا (بىر - بىرىگە): «جىم تۇرۇڭلار» دېيىشتى ﴾


بۇ سۆزلەر قۇرئان ئاڭلاش جەريانىدىكى بارلىق پوزىتسىيىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.


﴿ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇپ قايتىشتى ﴾

بۇ ئايەتمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قۇرئاننى دىققەت بىلەن ئاڭلاشتىن پەيدا بولغان تەسىرنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ.

ئۇلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇرئان ئاڭلىدى. قۇئان تىلاۋىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دەرھال قەۋمىنىڭ يىنىغا قايتتى. ئۇلارنىڭ قەلبى ۋە ھىس-تۇيغۇلىرى قۇرئاننىڭ بۇيرۇقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغان ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشتە ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتا سۆرەلمىلىك قىلىپ تۇرالمايدىغان ئىلھامنى ھىس-قىلدى.

ئۇ ھىس-تۇيغۇلىرى يىڭى بىر نەرسىگە تولغان ۋە ئۇنى بۇ يوليورۇقلار ھەركەتلىنىشكە ۋە ئۇنى قارشى ئىلىشقا ۋە ئۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە ئۈندەيدىغان غالىب بىر كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغا كىشىنىڭ روھى ھالىتىدۇر.


﴿ ئۇلار ئېيتتى: «ئى قەۋمىمىز! ھەقىقەتەن بىز مۇسادىن كېيىن نازىل بولغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدىغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) تىڭشىدۇق» [30]﴾

ئۇلار دەرھال قەۋمىنىڭ قىشىغا قايتىپ: ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن نازىل قىلىنغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى تەستىقلايدىغان يىڭى بىر كىتابنى ئاڭلىدۇق-دىدى.

ئۇنداقتا ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپلا ئىككى كىتاپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىرەتنى بىلگەن، ئۇ ئايەتتە ئەمىليەتتە مۇسا ئەلەيھسسالام ۋە ئۇنىڭ كىتابى تىلغا ئىلىنمىغان بولىشى مومكىن، لىكىن بۇ ئايەتلەرنىڭ خاراكتىرى- بۇ ئايەتلەرنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابى ئىلىنغان مەنبەدىن ئىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

-نىسپى جەھەتتە- ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ تەسىرلىرىدىن يىراق بولغان بۇ جىنلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىدىن لەززەت ئىلىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىشى قۇرئاننىڭ اللە تەرەپتىن چۈشكەنلىكىگە دەلىلدۇر ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يەردە جىنلار قەلىبلىرى ھىس قىلغان ۋە خۇرسەن بولغان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:


﴿ھەق دىنغا ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ﴾

بۇ قۇرئاندا ھەق ۋە ھىدايەتنىڭ ئورنى بەك چوڭ. قەلبى پەقەتلا ئۆلگەن كىشى قۇرئانغا قارشى تۇرىدۇ؛ پەقەت سەركەش ۋە مۇتەكببىر ۋە باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئىپلاس ھاۋايى ھەۋەسكە بىرىلگەن روھ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدۇ.

شۇڭا قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلىبلىرىگە تۇنجى قىتىم تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن بۇ قەلىبلەر بۇ گۇۋاھلىقنى سۆزلەيدۇ، ۋە ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن نەرسنى بايان قىلىدۇ.

جىنلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلىرىگە ۋاجىپ بولغان چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى:


﴿ «ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار، اﷲ بەزى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ساقلايدۇ» [31]﴾


جىنلار مۇشۇ كىتابنىڭ زىمىنغا چۈشىشىنى اللە تەرەپتىن ئىنسان ۋە جىنغا كەلگەن چاقىرىق دەپ ھىسابلىدى.

ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ مۇشۇ قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشى ۋە ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ مۇشۇ قۇرئاننى ئاڭلىشى بىلەنلا ئۆزلىرىنى اللەغا دەۋەت قىلىدىغان دەۋەتچى دەپ ھىسابلىدى. دەرھال ئۇلار قەۋمىگە خىتاب قىلدى:


﴿«ئى قەۋمىمىز! اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە اﷲ قا ئىمان ئېيتىڭلار،﴾

شۇنىڭدەك جىنلار ئاخىرەتكە ئىمان ئىيتتى، ئۇلار ئاخىرەتكە ئىمان ئىيتقان ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقاندا اللەنىڭ گۇناھلارنى مەغفىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاپتىن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدى-دە قەۋمىگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنى ئۆزى بىلگەن نەرسىلەر بىلەن اللەنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى.

ئىبنى ئىسھاق بۇ ئايەتتە جىنلارنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى دەپ نەقلى قىلىدى. لىكىن سۈرىنىڭ ئۇسلۇبى بۇ ئىككى ئايەتنىڭمۇ جىنلارنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز تۈۋەندىكى ئايەت بىلەن بۇنى كۈچلەندۈرىمىز:


﴿ كىمكى ﷲ قا (ئىمان ئېيتىشقا) دەۋەت قىلغۇچىنىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ) دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىسا، ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، اﷲ تىن باشقا (ئۇنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەر بولمايدۇ، ئۇلار (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلار) ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتىدۇر [32﴾

بۇ ئايەت جىنلارنىڭ قەۋمىنى ئاگاھلاندۇرىشىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت. ئۇلار قەۋمىنى ئىمان ئىيتىشقا ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلدى. شۇڭا جىنلارنىڭ قەۋمىگە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشماسلىقنىڭ قورقۇنۇچلىق ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ۋە اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان كىشىنىڭ اللەنىڭ ئازابتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىنىڭ ﷲ تىن باشقا (ئۇنى ﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى) ياردەمچىلەرنى تاپالمايدىغانلىقىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغۇچىلارنىڭ توغىرا يولدىن ئازىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى ئىھتىمالغا ئەڭ يىقىندۇر.

شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئايەتلەر جىنلار اللەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان كىشىلەردىن ئەجەپلەنگەن ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىشنى ئويلىغان، ۋە بۇ يەردە اللەنىڭ جازاسىدىن باشقا ھىساب يوقلىقىنى ئويلىغان ھالاتتە قەۋمىگە قىلغان جىنلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بەكراق ئىھتىمال تۇتىدۇ.


﴿ ئۇلار (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كۇففارلار) بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان اﷲ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر [33]﴾

بۇ سۈرىنىڭ ئەۋۋىلىدە تىلغا ئىلىنغان كائىناتنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان كىتابىغا نەزەر سىلىشتىن ئىبارەت.

كۆپىنچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبى سۈرىدىكى بىۋاستە سۆز بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش قىسسىدە كەلگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ماسلاشتۇرىشنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن ئىككى مەنبەنىڭ ئارىسسنى بىر ھەقىقەت ئۈستىدە ماسلاشتۇرىدۇ.

كائىنات كىتابى دەسلەپتە ئاسمان-زىمىننى يارىتىشتكى ئاجايىپ قۇدىرەتكە گۇۋاھلىق بىرىدۇ. ۋە بۇ كىتاب ئىنسان تۇيغۇسىغا ئۆلگەندىن كىيىنكى تىرىلدۈرۈشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلىدۇ. بۇ ئۆلگەندىن كىيىنكى تىرىلدۈرۈش بۇ يەردىكى ئەسلى مەقسەتتۇر.

مەسىلىنىڭ سۇئال-جاۋاب شەكىلدە ئوتتۇرغا قويىلىشى بۇ ھەقىقەتلەرنى بەلگىلەشكە ئەڭ كۈچلۈك رول ئوينايدۇ. ئاندىن كىيىن ئومومى چۈشەندۈرۈش كىلىدۇ:



﴿ ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر ﴾


بۇ ئايەت بولغان ياكى بۇندىن كىيىن بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇ قۇدىرەتنىڭ دائىرسى ئىچىدىكى تىرىلدۈرۈش ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مەنبە: قۇرئان كەرىم تەپسىرىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-12 17:31  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
46749
يازما
177
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
177
تىزىملاتقان
2013-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 13:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    جىنلارنى ئىنساننىڭ  بەش خىل سەزگۈسىگە تايىنىپ ھىس قىلغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ،ماددىزىمچىلار جىنلارنىڭ بارلىغىنى ئىنكار قىلىدۇ،ئەمما بىز گەرچە جىنلارنى سىزەلمىسەكمۇ قۇرئان كەرىمدە مەلۇمات بىرىلگىنى ئۈچۈن جىنلارغا نەقلىي ئىمان كەلتۇرىمىز(جىنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمىز).

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
554
تېما
69
نادىر
0
جۇغلانما
18140
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 20:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن نىمىشقا يوقكەن؟

باھا سۆز

yarun  سەۋىر قىلىڭ .ھامان بىر كۈنى بارلىقىڭىزنى بىلىپ قالىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:53:26

UID
49516
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 21:30:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىنلارنىڭ مۇسۇلمانلىرى بەك ياخشى.

UID
47298
يازما
81
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:54:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىلەن جىننىڭ قانداق پەرىقى بار.

UID
50606
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى پىلانىت ئادىمى بولسا ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ (ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ ) بارلىقىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن  يارىتىلغان مەخلۇق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ .

UID
50606
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 00:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىسلەت، بۇ پىكرىم خاتا ئەمەستۇ؟

UID
41765
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 16:28:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى تەھلىل قىلىپ ئوقۇسىڭىز ھەممىنى بىلىپ قالىسىز

UID
50382
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 17:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarun يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 22:54
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىلەن جىننىڭ قانداق پەرىقى بار.

بىچارە نادان قىرىندىشىم ،تاشقى پىلانت ئادىمى قىپقىزىل يالغانچىلىق،جىن بولسا راس،ھەقىقىي مەۋجۇت ئاللاھنىڭ مەخلۇقى.جەسۇر بۇرادەرمۇ كىچىك بالىنىڭ ئۇكىسىدەك ساددا  كەن!يازمىنى  تولۇق ئوقۇپ چىقىپ توغرا، مول بىلىمگە ئىگە بولۇڭ!

باھا سۆز

yarun  ياراتمىغاندىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 22:19:50
yarun  يوقلىقىغا قانداق دەلىلىڭىزبا؟ ئەجىبا ئاللا باشقا سەييارىلەرگە جاندار يا  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 22:18:52

UID
41765
يازما
4
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-6-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 23:47:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jassur730 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-13 00:05
خىسلەت، بۇ پىكرىم خاتا ئەمەستۇ؟

       
تىمىنى تەھلىل قىلىپ ئوقۇسىڭىز ھەممىنى بىلىپ قالىسىز


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش