كۆرۈش: 503|ئىنكاس: 3

ئاپامنىڭ تاققا- تۇققا گەپلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50661
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 22:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنىڭ  تاققا- تۇققا گەپلىرى
ئاپا ، مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ماڭا قانچىلىغان تاققا –تۇققا گەپلەرنى قىلغىنىڭنى بىلەمسەن ؟ ئاڭلا ، مەن دەپ بېرەي :
ئەمدىلا ئىسىمنى تاپقان ۋاقىتلىرىمغۇ دەيمەن  ناشتىلىق يەۋاتقاندا سەن دائىم " كۆپرەك يېگىن ئەتىگەنلىك ناشتا بەك مۇھىم ! "دەيتتىڭ ، بەزىدە تاماق ئۈستىلىمىزدە مەن ئەڭ ئامراق پىلتە قۇيماق پەيدا بولۇپ قالغاندا ئىككى قۇلۇمغا بىردىن ئېلىۋېلىپ نەچچە كۈن ئاچ قالغاندەك يالماپ يۇتۇۋاتقاندا سەن يەنە "ئازراق يە ! كۆپ يەۋالما ، كېسەل بولۇپ قالىسەن ! " دەيتتىڭ . قارا بۇ گەپلىرىڭنى بىردەم كۆپرەك يېگىن بىردەم ئازراق يېگىن دەپ زىددىيەتلىكمىكەن ؟ مەن بىلەتتىم ، يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغققانلار ئەۋەتكەن يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئۆزۈڭ بىرەر چىشلەممۇ يېمەي تىقىپ قۇيۇپ ماڭا ئاز-ئازدىن ئىلىپ بېرىدىغىنىڭنى .
مەكتەپكە كىردىم ،ھەر ئەتتىگىنى" ئاپئاق قوزام تېزرەك بول مەكتەپكە كېچىكىپ قالىسەن ! ھاۋا سوغۇق چاپىنىڭنى كىيىۋال ! "دەيتتىڭ بىراق ئىشىكتىن چىقىپ نەچچە قەدەم ماڭمايلا يەنە  "ئاستىراق ماڭغىن ماشىنىلاردىن پەخەس بول ، ئاستا !"دېگەن سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايتتى .
كىيىن بىلدىم ئاپا ، مىنىڭ كېچىكىپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىم  ئالدىدا بېشىمنىڭ پەس بولۇشىنى خالىمايتتىڭ لېكىن كۆز ئالدىڭدىن ئازراق نېرى بولۇشۇم بىلەنلا مىنىڭ قانداقتۇر تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىلارنى ، كىملەردۇر كولاپ قۇيۇپ ئۇنتۇپ قالغان ئورەكلەرنى كۆرمەي قىلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىڭ . شۇڭا ھېلى تېزرەك ماڭ دېسەڭ ھېلى ئاستىراق ماڭ دەپتىكەنسەن شۇنداقمۇ ؟
تۇلۇق ئۇتتۇردا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ،  تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلۈكىدىن يېرىم كېچىگىچە ئىشلىسەممۇ تۈگىمەيتتى ، ھەرئاخشىمى  بىر ئىستاكان ئىسسىق سۈتنى كۆتۈرگەن پىتى يېنىمدا پەيدا  بۇلاتتىڭ ، "يەنە قانچىلىك قالدى ؟ قانداق مۇئەللىم ئۇ ، شۇنچە كۆپ تاپشۇرۇق بېرىدىغان ! بولدى بالدۇرراق يىتىپ ئۇخلا ، " لېكىن مەن سۈتنى ئىچىپ بولۇپ ئىستاكاننى ساڭا ئۇزاتقان چىغىمدا بولسا " بالام مۇئەللىملەرمۇ سىلەرگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىت دېگەن بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدۇ ، يەنىلا بۈگۈنكى تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولۇپ ياتقىن " دەيتتىڭ .
بىلىمەن ئاپا ، يۈرەك پارەڭنىڭ چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكىگە چىدىمايتتىڭ بىراق يەنە كېيىنكى ھاياتىمنىڭ ئاساسىنى سالىدىغان مۇھىم پەيتلىرىمنى قەدىرلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتىڭ ، " بولدى ئۇخلا " دېگەن ۋاقىتلىرىڭدا ئۇيقۇدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىڭنىڭ  " غەيرەت قىل بالام ، تاپشۇرۇقۇڭنى تۈگىتىپ ئۇخلا " دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم .توغرا دېدىممۇ ؟
تۇلۇق ئۇتتۇرنى پۈتتۈرىدىغان يىلى دائىم ماڭا " ھەرگىز بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قالما ، ئوغۇل بالىغا كەسىپ ئەڭ مۇھىم ، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى بولىدۇ ، ھازىر ئۆگىنىدىغان ۋاقتىڭ ، مۇھەببەتلىشىدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس " دەيتتىڭ ، لېكىن يەنە تېلېفونۇمغا مۇنداق ئۇچۇر يوللاپ قويغانتىڭ " بالام ، مەكتىپىڭلاردا چىرايلىق گۈللەر بەك كۆپ شۇنداقمۇ  ؟ ئېسىڭدە تۇت ھەرگىز بىرەر گۈلنىڭ يېنىدا ئۇزاق تۇرۇپ قالما ، كېتەلمەي قالىسەن ، لېكىن ئالاھىدە چىرايلىق ، خۇش پۇراق ، ئېسىل گۈللەر بۇنىڭ سىرتىدا "
بىلىمەن ئاپا ، ئوغلۇڭنىڭ ئوقۇشنى ، كەسىپنى دەپ ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزدىن ئايرىلىپ قىلىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قىلىشىنى ئەسلا خالىمايتتىڭ .
ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭىدىغان بولدۇم  . كىيىم كېچەكلىرىمنى رەتلەۋېتىپ مۇنداق دېدىڭ " بالام ، ئوغۇل بالا دېگەن بەك مودا قوغلىشىپ كەتسە چاكىنا كۆرۈنۈپ قالىدۇ ، شۇڭا  بەك مودا قوغلىشىپ كەتمە ، رەتلىك ، پاكىز كىيىنسەڭمۇ بولىدۇ ." بىراق ئەتىسى دادام ئىككىمىزنى پويىز ئىستانسىغا ئۇزىتىپ چىققاندا دادامغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ قۇلۇمغا 500يۈەن پۇلنى تۇتقۇزوپ قۇلىقىمغا " ئوغلۇم ، ئەرزان باھالىق كىيىملەر ئەر كىشىنىڭ سالاپىتىنى بۇزىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوينىڭ قىسىلىپ قالىدۇ ، بىر نەچچە قۇر قىممەترەك كىيىم سېتىۋال " دەپ پىچىرلىدىڭ .
ئەلۋەتتە ، ئەينى ۋاقىتتا سۆزلىرىڭ ماڭا شۇنچىلىك كۈلكىلىك ، بىھۇدە تۇيۇلغان لېكىن ئۆزۈمنىڭ بالىسى بولۇپ ئاتا-ئانا قەلبىنى چۈشەنگەن ۋاقتىمدىلا سىنىڭ ئاشۇ زىددىيەتلىك گەپلىرىڭنىڭ مېنى ھەدىدىن زىيادە ياخشى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ، ھەممىسى مەن ئۈچۈن ، مىنىڭ بەختىم ، كەلگۈسىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم جىنىم ئاپا !
ئاپا ، ئوغلۇڭ تاققا –تۇققا گەپلىرىڭنى چۈشەندى ، مەن چوڭ بۇپتىمەنمۇ ؟
مەنبە : خەنزۇچە «سىنى سۆيىمەن » ژۇرنىلىنىڭ 2012يىللىق 10- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
18091
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2011-12-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:43:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر ئانىلىق مۇھەببەتكە تۇيۇنغان شۇ تاققا -تۇققا گەپلەرنى كېچىكىپ چۈشىنىمىز ، تولىمۇ كېچىكىپ ..........
بەك ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت سىزگە زەيتۇنە!  

UID
12794
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
83
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 16:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۆمۈرلۈك تارىخنىڭ قىسقارتىلىمىسى.

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 23:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئىنىڭىزدىن بەكرەك كۆيۈنۈپ باققان بىرەسىنى كۆرۈپ باققانمىدى ڭىز؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش