كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 2

ئۇنۇت دىمە مىكرو ئەسەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
46962
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 16:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[

attachimg]5944[/attachimg]



ئۇنۇت دىمە








بۈگۈن كىچىچە سىنى چۈشەپلا چىقىپتىمەن .يېرىم كىچە بولغاندا ئويغۇنۇپ كەتتىم .نىمىشقا دەمسەن؟بىر پاي ئايقىم يۈتۈپ كىتىپ ئىزدەپ تاپالمايۋاتسام بىر قاراڭغۇلۇققا كىرىپ قېلىپ چۈشكۈرۈپتىمەن ،چۈچۈپ ئويغۇنۇپ تىگى يوق خىياللارغا پېتىشقا باشلىدىم .ئانام ‹پايپىقى تىشلىپ ئايقى يۈتۈپ كىتىپ چۈشكۆرسە يىگتىدىن ياكى قىز دوستىدىن ئايرىلىپ قالدۇ ...›دەيدىغان   شۇلا ئويلاپ كۈزۈمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى ،سەندىن ئايرىلىپ قېلشىمدىن قوقتۇم .چۈشۈمدىن بەك قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ئەيتاۋۇر يۈركۈم بەكلا سېلىپ كەتتى ...پەقەت ئۇخلىيالماي مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاڭنى ئاتقۇزدۇم سەھەردە تۇرۇپلا دوختۇرغا باردىم ...يۈركۈمنىڭ سېلىشى تىزلىشىپ كىسلىپ تۇتۇپ قالدىغاندەكلا تۇراتتى . تاكسىغا چىققىنىمنى بىلمەن .يۈركۈمگە پىچاق چۇقۇغاندەك گەپمۇ قىلاممىدىم .تاكسى شوپۇرى يولداش  بىلگەندەك دوختۇرغا ئاپاردى ....بىرمۇنچە ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەنى كۆردۈم ،ھەممىسى نىمە بولغىنىمنى سورايىتتى ...بىر ئېغىز گەپ قىلالىسامدى كاشكى ..يېنىمدا بىرەرى بولسىدى كاشكى ،،شۇ چاغدىلا كىشنىڭ يۇرتىدا قانچىلىك بىچارىلىكىمنى بىلدىم ..پەقەت ئىچىمدە رەببىمدىن ئۈتىنەتتىم ...مىنى بۇنداق كىسەل بىلەن سىنىماسلىقىنى .ئاتا ئانامنى سىنى بىر كۈرۋالسام ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقلىقىنى تىلەيىتتىم ...بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى ھالىتى دىسە كۆز ئالدىمغا كەلمىگەن ..بۈگۈن بېشىمدىن ئۆتتى
بىر چاغلاردا ھۇشۇمغا كەلسەم مۇئەللىم ساۋاقداشلىرىم  بېشىمدا تۇرۇپتۇ ،سىنى ئىزدىدىم دەن يوق ،مۇئەللىم ئەنسىرەپ چىرايدا قانمۇ قالماپتۇ ...دوختۇر كىرىپ كىسلىمنى  كىمگە ئېيتىشىمنى مۇئەللىمدىن سورىدى .مەن ئاقساقانلىق قىلىپ ‹ماڭا دەۋەر   كۈتىرەلەيمەن ئۈزەمنىڭ كىسلىنى بىلەتتىم ..›دىدىم ‹چۈنكى مەكتەپ بىلىپ قالسا بولمايتى ›  پۇت قۇلۇمغا جان كىرگەندە باشقىلار چىكەتتى دوختۇر بىلەن مەنلا قالدىم ..دوختۇر مىنى خەنزۇچە بىلمەيدۇ دەپقالدىمۇ ناھايتى ئاستا  ئۆلچەملىك تەلەپپۇزنى تەستە قىلىپ
-بۈنداق كىسىلىڭ بارلىقىنى بىلەمتىڭ ؟؟دىدى خەنزۇ خەنزۇچە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا
-ھەئە ،بىلەتتىم   يەنە ئېغىرلىشىپتىمۇ ؟؟سوردۇم سۇئالغا سۇئال قىلىپ
-ھەئە   سەن يىراقتىن كەپسە  مەكتەپكە ئۇختۇرۇش قىلمىساق بولمايدۇ ..
مىڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى ئئچۈنكى ئالدىنقى يىلى ئىككى قېتىم يىقلىپ قېلىپ مەكتەپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەت بەگەن   بۇ قېتىم بىلسە مەكتەپتىن ھايدىۋىتەتتى ...
-ئۈتۈنەي مەكتەپكە دىمىگىن  بولمىسا مىنى ھايدىۋىتىدۇ ئۇقۇشۇم ئاز قالدى پۈتتۈرۋالاي ..شۇنچە يىراق شىنجاڭدىن كەپ پۈتتۈرەلمەي كەتسەم ئاتا ئانامغا قانداق قارايمەن ..........
بىر مۇنچە يالۋۇرۇشلادىن كىيىن دوختۇر مەكتەپكە دىمەيدىغان ..مەن دورامنى ۋاقتىدا يەيدىغان بۇلۇپ پۈتۈشتۇق .چۈشكە يېقىن مەكتەپكە كەپ تاماق يەپ بۇلۇپلا ياتاققا ماڭدىم .مۇئەللىم ئۇيغۇر بولغاچقا بۇ ئىش تىزلا بېسقىپ قالدى .ياتاققا كىرىم دېمىمنى ئېلۋېلىپ تىېلفۇنۇمنى زور ئۈمۈت بىلەن قۇلۇمغا ئالدىم .ئەتتىگەندىن بىرى نەچچە تېلفۇن قىلىپ ئالالمىغان بولسا ئاچچىقلايدىغان بولدى دەپ ..لىكىن بىر قېتىممۇ تىلفۇن كەلمەپتۇ ..مەن ئاستا  ئارخىپتىن ئاپپاق دەپ كىرگۈزۈپ قويغان سىنىڭ نۇمرۇڭنى تېپىپ ساڭغا ئۇردۇم ..ئەلۋەتتە ئۇرۇشتىن بۇرۇن چوڭ تەييارلىقىم بادى  سىنى ئەنسىرەتمەسلىكىم  يالغان كۈلۈشۈم كىرەكتى .
تېلفوننى تەستە ئالدىڭ ..بىز خۇشال پاراڭلاشتۇق  بۇ ھالىتىمدىكى كۈلكەمنى كۆرسە بىرى مىنى كىسەل دىسە ھىچكىم ئىشەنمەيتتى بىر چاغ بولغاندا ساڭا ئەركىلىگىم كەلدى .دائىم سىنى ‹ئوغلۇم ..ساخلاندى › دىسەم بەك ئۇماق تىرىكەتتىڭ   مەن  ئادىتىم بۇيچە ئوغلۇم دەپ سىنى سەكرەتتىم .لىكىن بۇ قېتىم ئۇنداق ئەمەس ئاچچىقلاندىڭ .‹.يېنىمدا ئادەم بار نىمانداق قىلسەن ›  دىدىڭ جىمىپلا  كەتتىم .يىغا بوغۇزۇمغا يىغلىپ قالدى ..كەچۈرۈم سورىدىم  لىكىن ئاچچىقىم كەلگەندى .چۈنكى بىر ھەپتە بۇرۇن ‹سىنى سېغىندىم ›دىگنىمدە سەن‹ يامان كىچىك بالدەك غەلۋەڭ تولىكەن  ئاز قالدى  ئىككى ئايغا قالماي كىلسەن كۈرشىمىز ›دەپ  گەپ قىلغانغا تويغۇزۋەتكەندىڭ .ئۈچ كۈن بۇرۇن ئەركىلەپ ‹ جېنىم مىنىڭ ›دىسەم ‹نىمە دىگەن ەەپ ئۇ ؟باش ئاخىرى يوق گەپ قىلىپ ›دەپ مىنى زاڭلىق قىلغاندىڭ   بۈگۈن  يەنە قوپال  تەگدىڭ ..مەن بىر قىز بالا تۇرۇپ شۇنداق كۈچ  چىقىرۋاتسام ،بىر ئېغىز تاتلىق گىپىڭ يوق .كونىلاردا‹ بۇغداي ئېشىڭ بولمىسا بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟›  دىگەن  گەپ بار.داداممۇ ‹ئەركەك دىگەن بىر قولدا ئوت بىر قۇلدا سۇ بۇلشى كىرەك ..›دەيتى   لىكىن مەن بۇنداق يىگىتكە ئۇچۇرماپتىمەن  نىمە ئامال ...شۇ ئاچچىقلاپ ‹بولدى تويدۇم ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق گەپلەنى قىلمايمەن› دىسەم  سەن ئىككىلەنمەستىن ‹مەنمۇ تويدۇم › دىدىڭ ..ئېيىتقىنە غەيرەت   نىمدىن تويدۇڭ  ؟مەندىنمۇ ؟؟ياكى ئەركىلىشىمدىنمۇ ؟؟ئاچچىقىمدە يىغلاپ سالدىم .كىسىلىمنى دىمەي دەپ شۇنچە غەيرەتتە ساڭا تېلفۇن قىلسام  شۇنداق قوپال تەگدىڭ .بىر ئىككى كۈن ئاچچىقىم يانغاندا   سەن بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىشنى ئويلىدىم ...تېلفۇننى قۇيۋەتتىڭ  كەچكىچە يىغلاپ چىقتىم .بىرەرىگە دەرت تۈكەلمىدىم ...كىچىدە قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ...ئەتىسى پۇتلۇرۇم ئېغىر ئاشخانىغا چىقتىم .چۈنكى مەن بۇ يەردە قاچا يۇيۇپ ئىشلەپ ھەم ئۇقۇۋاتاتتىم .ئەلۋەتتە ئائىلە شارائىتىم ئۇنچە ئېغىر ئەمەس   سەن ئايلىق پۇلۇڭنى يەتكۈزەلمىگەچكە سىنى ئاغىنىلىرنىڭ ئالدىدا قىسلىپ قالمىسۇن دەپ ئىشلەيتىم مۇئاشىمنىڭ يېرىمىنى سىنىڭ پۇلۇڭ تۈگشىگە ئۇنمىغىنىڭغا ئۇنماي كارتاڭغا ئۇرۋىتەتتىم ...ئاشىاندىكى ئىشلىرىمنى قىلۋېتىپ يىغلاپ سالدىم ..بۇ قاچىلارنى كىم ئۈچۈن يۇيۋاتمەن ؟؟ماڭا دادام ئاپاملا پۇل سالماسمۇ ؟؟مەكتەپتىكى باشقا قىزلار نىمىش قىلۋاتدۇ؟مەنچۇ؟ نىمە كىيۋاتدۇ؟مەنچۇ ؟شۇنچە ئىشلىگىنىمگە ئايدا بىرەر قۇر كىيىم سېتۋالمايتىم .چۈنكى  پۇل يوق ۋاختىدا قىسلىپ قالمىسۇن دەيتىم .
شۇ كۈنى كاللام پەقەت جايدا ئەمەس كىسىلىمنىڭ ئېغىرلاشقىنى بىر دەرىت .سىنىڭ تويدۇم  دىگەن گىپىڭ بىر   مىڭەمگە كىرۋېلىپ نۇرغۇن تەخسىلەرنى چېقىپ  قاچا يۇيغۇچنى ئېلۋەتمەيلا ئەۋەز يولنىڭ سۈينى ئېچۋىتىپتىمەن ،،قاچا يۇيغۇچ تۈرۈپ قېلىپ مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئوڭشالدى .كەچتە ياتاققا كىرىپلا ئۈزەمنى كارۋاتقا ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم ...مەن نىمە گۇناھ قىلدىم ؟نىمىشقا بارچە كەلگۈلۈك ماڭلا كىلدۇ ؟نىمىشقا دەردىمگە دەرمانمۇ بۇلالمىغان بۇ يىگىتنى مەن ئاۋال ياخشى كۈرۈپ قالغاندىمەن ؟؟؟كىچىچە ئويلىنىپ ئەتىسى ئۈزەم تېلفۇن قىلىپ سەندىن ئەپۇ سوراشنى ..سەن بىلەن يارشىپ قېلىشنى پۈكۈپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتتىم . كىچىچە يەنە سىنى چۈشكۈرۈپتىمەن .بۇرۇت ساقاللىرىڭ ئۈسۈپ كىتىپتۇدەك ..بەكلا بىچارە    سىنى چاقىرسام مەندىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتىڭ .....يەنە چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ...
شىنجاڭ ۋاقتى 7لەردە ساڭا تېلفۇن قىلدىم ،ئۇ چاغدا سەن تۇرۇپ بۇلاتتىڭ .لىكىن بۈگۈن تېلفۇنۇڭ ئىتىك ..چۈشتە تېلفۇن قىلدىم ئالمىدىڭ   كوت كوترىڭغا خەت يازدىم يەنە جىم ..سىنىڭ توردا بارلىقىڭ بىلنىپ تۇراتتى ..لىكىن خەت قايتۇرمىدىڭ ..كەچتە سىنىڭ ئەھۋالىڭنى بىلىش ئۈچۈن دوستۇڭ كامىلغا تېلفۇن قىلدىم .ئۇمۇ ئۈزۋەتتى لىكىنخۇداغا شۈكرى ئۇچۇر يازدى .ئۇ سىنىڭ ئۆزىگە ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىپ كەتكىنىڭنى ئېيىتقىنڭىنى دىدى ....ئاھ  خۇدا......سەن مۇشۇنداقلا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟؟؟ ...مۇشۇنداقالا مىنى تاشلىدىڭ ؟؟؟بىلمەن بەلكىم سەندىن تۇيۇقسىز رەنجىگىنىمدىن رەنجىدىڭ ...لىكىن كەچۈرۈڭ دىيىشكە بىر پۇرسەت بەرمىدىڭ ....بىز قول تۇتۇشۇپ ماڭغان كۇچىلار يالغۇز قالدى ....بىز ئولتۇرۇپ سىزداشقان ئۇرۇندۇقلار بوينىنى قىسىپ قالدى ...ئۈچ يىللىق مۇھاببەت شۇ كىچىككىنە ئاچچىقلاشلاردىن ھەممە تۈگدى .
مەن ئەڭ  ئاخىردا  شۇنىدەيمەنكى ......ماڭا مىنى ئۇنۇت  دىمە ...مەن سىنى ئۇنتالمايمەن ...ماڭا بەخىتلىك بول دىمە ...مەن سەنسىز بەخىتلىك بۇلالمايمەن .....بۇنداق دىسەم مەنسىز ياشىيالماي ئۈلدۇ دىمە ....مەن سىنى ياخشى كۈرۈشتىن بۇرۇنمۇ ھايات كەچۈرگەن ..ئۆلمىگەن ....ماڭا باشقا بىرنى سۆي دىمە .....مىنىڭ يۈركۈم سەندە قالغان ...ئۇنى تارتىۋېلىشقا ئامالسىزمەن .....پەقەت سەندىن ئۈتىنىدىغىنىم   شۇ سەندە قالغان ئاجىزە يۈركۈمنى   قەلىپ  خانەڭنىڭ مۇز ئوردىسىغا سېلىپ قوي ...ئىچىڭ پۇشقاندا ئەسلەپ قالارسەن ......

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50778
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 20:44:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىكى قىز ئىككىمىزنىڭ تەغدىرىمىز ئوخشاشكەن....

UID
46962
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-23 10:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىكى قىز دەل ئاپتور ئۈزى.....ھىچقىسى يوق ئۈمۈدۋار بۇلۇڭ ....ئاللاھ   ھەممە ئىشىمىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش