كۆرۈش: 2095|ئىنكاس: 21

موزىيخانىدىكى ئويغۇر تىلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48985
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 22:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     كۈچلۈك قۇياش نۇرى يەر زىمىننى ئوتتەك كۆيدۈرۈپ،جاھاننى خۇددى تونۇرغىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى.ئويغۇر تىلى چۈشلۈك ئۇيقۇسىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى سوغۇق تەرگە چۈمۈپ كەتكەنىدى.ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە،ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىدى.:
     _يا رەببىم! ئەجەب بىر چۈش كۆردۈم،،بەختىمگە يارىشا بۇ بىر چۈشكەن،بولمىسا...
ئۇ چۈشىدە كۆرگەن ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يۈزبېرىپ قالسا ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
     ئۇ دېرىزە سىرتىغا قارىغىنىچە چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بىر بىرلەپ ئەسلىدى...

     ھەشەمەتلىك بىر ساراينىڭ ئىشىكى ئاپتۇماتىك ھالدا ئىچىلىپ،ئويغۇر تىلى بىر نەچچە قۇراللىق قوغدىغۇچىلارنىڭ مۇھاپىزىتىدە كىرىپ كەلدى.كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلىك چىراغلار،يەر يۈزىگە ياتقۇزۇلغان،كىشىنى خۇددى كۆل يۈزىدە مىڭىۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلتۈرۈپ قۇيىدىغان مەرمەر تاشلار،تۆۋرۈكلەردىكى نەپىس نەقىشلەر... ئۇ ئەتراپقا ھېرىسمەنلىكبىلن قارايتتى.ئويغۇر تىلى كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.ئۇ ئۆز ئۈمرىدە نىمىلەرنى كۆرمىدى؟! كىشىلەرتەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ ئالتۇن تەخىتتىن ئورۇنمۇ ئىلىپ باقتى،بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا قىقىلىپ سوقۇلۇپمۇ باقتى،ھازىر بولسا ئۇ ئۆزىنى پادىشاھلاردەك ھېس قىلماقتا ئىدى.ئۇ شۇ ھالدا ئەتراپىدىكى ئىشلاردىن مەستخۇش بۇلۇپ تۇرغاندا،قۇراللىق قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن چاققانغىنە سۈزۈك ئەينەك ئىچىگە ئاۋايلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇلدى.ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈزلىرىگە كۈلكە يۇگۈرمىگىلى قانچە زامانلار بولغان ھە!؟ شۇنداق،نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۇىڭ تارتقان كۈنلىرى كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇراتتى.كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۈتۈرۈلۈپ، سەرگەردان بۇلۇپ،ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تاپالماي،قەدىر قىممىتىنى يۇقاتقان،چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ۋاقىتلار...  ئەمدى جەننەتتەك بىر جايغا ئىلىپ كېلىنگەنلىكىدىن ئىچ-ئىچىدىن خۇش بولدى. تۇيۇقسىز... ئۇ بىراۋنىڭ كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ئازابلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى.ئۇ بۇ ئاۋازنىڭ نەدىن كىلىۋااتقانلىقىغا قىزىقىپ،ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى.شۇ ئەسنادا ئالدىدا تۇرغان نەرسىگە قاراپ يەنە بىر قىتىم كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى.ئۇنىڭ يىنىدىكىلا ئەينەك ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان،قاراشتىنلا قەدىمىلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرغان بىر كىتاب تۇراتتى،ئويغۇر تىلىنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى ئۇنىڭ قايغۇ ھەسرەت تۈكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى:
     _ئوردىدەك ھەشەمەتلىك سارايدا تۇرىۋىتىپمۇ نىمىگە بۇنچىۋالا ئاھ ئۇرىسەن؟
     _نىمە؟!ئوردىدەك؟؟بىلمەيدىغان ئوخشىمامسەن؟ بۇ دىگەن xx دۆلىتىنىڭ موزىيخانىسى بۇلىدۇ،مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلى نەچچە ئەسىر بولدى.
     «موزىيخانا» دىگەن گەپنى ئاڭلىغان ئويغۇر تىلىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
     _بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، يەنى 2012-يىللىرى ھەممەيلەن زامان ئاخىرى تەشۋىگە چۈشۈپ قالغان ۋاقىتلار مىنىڭ ئەڭ شۆھرەت تاپقان ۋاقىتلىرىم ئىدى،_ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە،سۆزىنى داۋام قىلدى._بەلكىم ئاڭلىغان بولغىيتىڭ،مىنڭ ئىسمىم مايا،مىنىڭ قۇرلىرىمغا بۇ ئەڭ قەدىمكى بۈيۈك مەدەنىيەتنىڭ پەلسەپە،تارىخ،ئىقتىساد،ئېتىقاد ۋە بىلىملىرىنىڭ جەۋھىرى خاتىرىلەنگەن.ئىنسانلار ئۇزۇنراق ياشاشنى ئۈمىد قىلىدۇ،شۇڭا ئۇلار «ئاخىرقى زامان» ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنى .ئىلىپ باردى،مەنمۇ ئىنسانلارنىڭ دېققىتىنى ئۆزۈمگە جەلىپ قىلدىم،ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئۇلۇغ ھېس قىلاتتىم، ئالىملارنىڭ كۈننى تۈنگە ئۇلاپ تەتقىق قىلىشلىرى،كىشىلەرنىڭ كۈندە ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلەشلىرى مىنى ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپقاندەك ھېس قىلدۇراتتى،ئەپسوس،2012-يىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن مەن يەنە كىشلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتىم،مىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي سۆزلەيدىغان، تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغانلارئاللىببۇرۇن يورۇق دۇنيادىن خوشلاشتى،ماڭا قىزىقىدىغان،مىنى سۆزلەيدىغان،ئىزدىنىدىغانلار ئاساسەن قالمىدى، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا مىنىڭ قىممىتىم يۇقالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مىنى بۇ موزىيخانىغا ئەكىلىپ قويدى.
     غال-غال تىترەپ كەتكەن ئويغۇر تىلى قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالدى،«مىنى سۆزلەيدىغان،ئىزدىنىدىغانلار قالمىدى،مىنىڭ قىممىتىم يۇقالدى، »بۇ  سۆزلەر ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تەكرار-تەكرار ياڭرايتتى.ئەمدىلىكتە ئۇئۆزىنىڭ نىمىشقا موزىيخانىغا ئىلىپ كىلىنگەنلىكىنى چۈشىنىپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى.رەڭلىك چىراغلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك كۆرىنىەتتى...
     ئۈمىد يۇلتۇزلىرى ئۆچكەن كۆزلەر چىقىش يۇلى ئىزدىمەك بۇلۇپ ئەتراپقا ئەنسىز باقاتتى.ياق،ياق!ئۇ كۆزلىرىگە يەنە بىر قىتىم، يەنەبىر قىتىم ئىشەنمەي قالدى.ئەنە ئاۋۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۈسىن قۇشدىغان ئەتلەس ئەمەسمۇ؟يەنە ئاۋۇ سۇمبۇل  چاچلىرى ئۈستىگە تاج بۇلۇپ تاقالغان چىمەن دۇپپىغۇ! ئويغۇر تىلى سوغۇق تەرگە چۈمۈپ كەتكەن ئىدى.ئۇ كۆزلىرىنى ئىلىپ قاچتى،ياق،ياق! ئەنە ئاۋۇ  ئۆزىنى يۈرىكىگە تاڭغان كىشلەرنىڭ داستىخىنىدا كەم بولمايدىغان نان ئەمەسمۇ! ئۇنىڭ تىنى تىترەكتىن بۇشىشىپ كەتتى، بۇغۇزىغا كىلىپ قالغان ئاچچىق يىغا ئۇنى ئازابلايتتى،ئۆزىنىڭ دەسلىپىدە خۇشاللىق ھېس قىلغىنىغا ئىچ-ئىچىدىن ئېچىناتتى،ئاچچىق ئازاب ئۇنى قاتتىق قىينايتتى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى تىگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتى......


2013.4

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
4340
يازما
21
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
651
تىزىملاتقان
2010-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-11
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 03:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوبدان مۇزىي دېگەن گەپنى مۇزىيخانا دەپ ئۆزگەرتىۋالسا، خېلى يەرگە بېرىپ قالىدۇ بۇ تىل.

UID
47298
يازما
81
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 08:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرتىلىنى خەن تىلىدىنلا ئەمەس، ئەرەپ پارىس تللىرىدىنمۇ ساپلاشتۇرۇش كىرەك، ئۈستەل (رۇسچە )  جوزا(خەنچە)    گاڭزا(خەنچە)    كورۇشكا(رۇسچە)   نوگاي(پارىسچە)   چىرايلىق(پارىسچە)  .ئۇيغۇرچە-:
شىرە، چاشكا،ئۇز.  ئەڭ ياخشىسى دوس يارەنلەر بىلەن ئەمەس . ئاتائانىلار بىلەن كوپرەك مۇڭدىشىڭلار.

UID
28222
يازما
194
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مىنى سۆزلەيدىغان،ئىزدىنىدىغانلار قالمىدى،مىنىڭ قىممىتىم يۇقالدى، »....ئەتلەس .......دوپپا ..ھەتتاكى نان .بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنىپ مۇزىيغا مۇزايدەك سۇلىنىپ قالسا ..........................
ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ كۈنلەرنىڭ يىتىپ كىلىشىدىن ساقلىغاي .
http://bbs.bagdax.cn/thread-15834-1-1.html
ئانا تىلغا ئىشتىياقى بارلار يۇقارقى تىما ئادىرىسغا مەرھەمەت

UID
16683
يازما
23
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
263
تىزىملاتقان
2011-10-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 11:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلساڭلارچۇ!!!!!!!!!!!!!

UID
46887
يازما
106
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
106
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمىمىز چۇقۇم ئانا تىلىم تۇرۇك تىلغا يات بۇلغان سۆزدە سۇزلىمەيمەن دەپ ۋەدە بىرشىمىز كىرەك بۇپمۇ
ئۆيدە

UID
50606
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى كۈرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى

UID
48985
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jassur730 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 12:15
بۇ ئەسەرنى كۈرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى

بۇ  ئەسەرنې يازغان ۋاقېتتا  مېنېڭ كۆڭلۇممۇ  بەك يېرېم  بولغانتې ،

باھا سۆز

yarun  ‹‹ئې›› بىلەن ‹‹ئى ››نى ئوبدان پەرىقلەندۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 21:13:06

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل -يېزىقىمزنىڭ خاراپ  بۇلسۇن دەپ ھىچكىم  ئۇنداق ئويلىمايدۇ. تىل -يېزىقىمزنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ قولىمىزدا .بىز تىل -يېزىقىمىزنى قەدىرلىسەك ،جەمىيەتتە كۆپلەپ ئىشلەتسەك ،ئۆزىمىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بۇلىمىز.ئاخىردا تىل يېزىقىمىز ئۈچۈن توھپە قوشقان بۇلىمىز. ئانا تىل -يېزىقىمىزنى ياخشى ئۆگەنسەك ،باشقا تىللارنىمۇ ياخشى ئۆگىنەلەيمىز.

UID
48985
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zilnur يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 12:44
تىل -يېزىقىمزنىڭ خاراپ  بۇلسۇن دەپ ھىچكىم  ئۇنداق ئويل ...

    توغرا دەيسېز   ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش