كۆرۈش: 6386|ئىنكاس: 58

تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
99
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
1094
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 16:10:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ؟

تاماقتىن كېيىن كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىرەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ باشقىلارمۇ بىللە ئامىن دېيىشىپ كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى توغرىمۇ خاتا؟
جاۋاب:
تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ پاك شەرىئەتتە ئەسلى يوق بولۇپ،ئۇنى تەرك ئېتىش ۋاجىب. چۈنكى ئۇ بىدئەت(ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ تاماقتىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشتەك ساۋابلىق ئەمەلنى بىلمەي چالا قويۇپتىكەن. مەن شەرىئەتنىڭ بۇ چالا قالغان جايىنى تولۇقلاپ قوياي، دېگەنلىك).

توغرىسى:رەسۇلۇللاھ قالدۇرۇپ كەتكەن سۈننەت(شەرىئەتنىڭ بارلىق گۇناھ ۋە ساۋابلىق ئەمەللىرى رەسۇلۇللاھ دەۋرىدە چالا قالماي تاماملىنىپ بولغان، دەپ ئېتىقاد قىلىش) بولۇپ، ھەر كىشى يەككە ھالدا تاماق ئىگىسى ئۈچۈن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشتەك، مەسىلەن:ئى ئاللاھ! ئۇلارغا بەرگەن رىزىققا بەرىكەت ئاتا قىلغايسەن،گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن،رەھىم قىلغايسەن(مۇسلىم 5449- ھەدىس)، دېگەندەك ۋە ياكى: سىلەر بىلەن روزىدارلار ئېغىزلاندى،تامىقىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتەلەر سىلەرگە رەھمەت تىلىدى(ئەبۇداۋۇد3856 - ھەدىس، سەھىھ)،(ۋە ياكى:تاماق بېرىپ، ئۇسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇپ، سىڭدۈرۈپ(كېرەكسىزلىرىگە) چىقىش يولى بەرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن -ئەلھەمدۇ لىللاھىللەزى ئەتئەمە ۋە سەقا ۋە سەۋۋەغەھۇ ۋە جەئەلە لەھۇ مەخرەجا(ئەبۇداۋۇد 3851 - ھەدىس، سەھىھ) ۋە ياكى: رەببىمىز ئاللاھقا كۆپ،پاك، مۇبارەك ھەمدىلەر بولسۇن. بىزنى تاماق بىلەن تويغۇزغان، ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرغان ئاللاھقا رەت قىلىنمايدىغان، ئىنكار قىلىنمايدىغان ھەمدىلەر بولسۇن-ئەلھەمدۇ لىللاھى كەسىرەن تەييىبەن مۇبارەكەن فىھى، ئەلھەمدۇ لىللاھىللەزى كەفانا ۋە ئەرۋانا غەيرە مەكفىييىن ۋە لا مەكفۇر(بۇخارى) ) دېگەندەك رەسۇلۇللاھ قىلغان دۇئالار بىلەن چەكلىنىش كېرەك(پەتىۋا كۆمىتېتى 24/190).
وفي أڭناء ذلك الدعاء يرفع السائل يدە مع الحاضرين وەم يقولون : (آمين) ، فەل ەذا الدعاء الذي ترفع فيە الأيدي جماعە بعد الطعام جائز أم لا؟
فأجابت : "الدعاء الجماعي بعد الطعام بالكيفيە المذكورە لا أىل لە في الشرع المطەر ، فالواجب تركە ؛ لأنە بدعە ، والاكتفاء بما جاءت بە السنە من الدعاء لىاحب الطعام بالبركە ونحو ذلك ، كل شخى يقولە بمفردە ، ومما جاء في السنە قول : (اللەم بارك لەم فيما رزقتەم واغفر لەم وارحمەم) وقول : (أفطر عندكم الىائمون ، وأكل طعامكم الأبرار ، وىلت عليكم الملائكە) " انتەى من "فتاوى اللجنە الدائمە" (24/190) .


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31618
يازما
119
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 17:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە تاماقتىن كىيىن دۇئا قىلىش كىرەك ..رىزىقلارنى بەرگەن ئاللاغا شۇكىرى ھەمدۇ سانالارنى ئىيتىش كىرەك...

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 19:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا بۇ تاماقتىن كىين دۇئا قىلىش خاتا دىگەن گەپ بولدىما ..........نىمە گەپ بۇ ئەمدى ....

UID
48589
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقتىن كىيىن ئاللاھ نىڭ ‹ بىزنى رىزىقلاندۇرغىنىغا كوپ شۇكرى . .يگەن تامىقىمىز سىڭىشلىك بولسۇن ! › دەپ دۇۋا قىلدىغان ئادىتىمىز بارغۇ ؟!؟         


نىمە گەپ بۇ ئەمدى ..............

UID
39532
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-24
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:32:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ئاللانىڭ بەرگەن نىئمەتلىرىگە شۈكرى ۋە رازى بولۇپ ۋە مىننەتدار بولۇپ دۇئا قىلىش ھەرقانداق بىر ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ چاغلايدىغان كىشى قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللى بىر ئىشتۇر.

UID
25197
يازما
115
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
115
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 00:29:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ ئاساسسىز قارىشىڭىزغا بۇ دەرس بىلەن جاۋاب بەرمەكچىمەن:http://www.kure.tv/ahlak-ve-inan ... si/78-Bolum/128989/

UID
44014
يازما
88
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 00:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي مۇشۇنداق تىمىلارنى بىر يوللىمىسىڭىز؟تورداشلارنى جىدەلگە سېلىپ نىمە قىلماقچىدىڭىز؟بۇ تىمىدا تورداشلار يەنە ئىككى تەرەپ بۇلۇپ مۇنازىرە قاينىمىغا چۈشىدىغان بولدىدە،،مۇنبەرنى بىر قىززىتاي دىگەنما؟سىز بۇيەرگە تاماقتىن كىيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش شەرىئەتتە يوق،ئۇنى تەىك ئىتىش ۋاجىپ دەپ ھەرقانچە سۆزلىسىڭىزمۇ خەلقىمىزنىڭ بۇ ئەنئە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن دىننىي ئىتقادىمىزنى ھەرگىز يوق قىلۋىتەلمەيسىز...سىز بۇ تىمىنى مەلۇم بىر يامان غەرەزدە يوللاپ قاپسىز..تورداشلارنىڭ قارغىشىغا ئۇچىراشتىن ئاۋۋال بۇ تىمىڭىزنى ئەلكۈيىدىن يوق قىلىۋېتىڭ،،..

بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تاماقتىن كىيىن ،دىننىي بىلىمى يۇقۇرى،ياكى ياشتا چوڭراق بىرىنىڭ بالىشى بىلەن ھەممەيلەن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئاللاھنىڭ بەرگەن نىممىتىگە كۆپ تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرىمىز،ھەم داستىخانغا بەرىكەت،ئائىلىگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز..

باھا سۆز

behlan  ناھايىتى توغرا پىكىر ، قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:30:07

UID
48812
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 12:10:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     تاماقتىن كېىيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا
ئەلھەمدۇلىللەھىللەزىي ئەتئەمەنە ۋەسەقانە ۋەجەئەلەنە مىنەلمۇسلىمىين
(ئەرەپچە يېزىش مۇمكىن بولمىدى)
تەرجىمىسى: بىزنى ئوزۇقلاندۇرغان، بىزگە ئۇسسۇلۇق بەرگەن ،بىزنى مۇسۇلمانلار جۇملىسىدىن  قىلغان ئاللاھقا شۇكۇر.
ئىپتار قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
ئاللاھۇممە لەكە سۇمتۇ  ۋە ئەلە رىزقىكە ئەفتەرتۇ
تەرجىمىسى:ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم ،سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىفتار قىلدىم .
ئىفتار ئاياقلاشقاندا ئىفتار بەرگۈچى ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا
ئەفتۇارا ئىندەكۇمۇسسائىمۇۋنە  ۋە ئەكەلە تۇائەمەكۇلئەبرارۇ  ۋە سۇاللەت  ئەلەيكۇمۇلمەلەئىكەھ
تەرجىمىسى: روزا تۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھوزۇرۇڭلاردا ئىفتار قىلدى ، تامىقىڭلارنى يىدى ،پەرىشتىلەر  سىلەرگە مەغفىرەت تەلەپ قىلدى

«تۇرلۇك ھاللاردا ۋە چاغلاردا ئوقۇلىدىغان خاس دۇئالار»نى ئوقۇشنى خالىساڭلار ئىنشائاللاھ بىر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قويۇشقا تىرىشىمەن  

UID
7538
يازما
43
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
73
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:02:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قارىسام،بىزنىڭ مەكتەپتىكى پاكىستانلىق ،ئەرەپلەر ۋە باشقا چەتئەللەردىن كەلگەنلەر تاماقتىن كىيىن دۇئا قىلمايدۇ.لىكىن،تاماقتىن كىيىن دۇئا قىلىش،بەرگەن نىممەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكرى ۋە ھەمدۇ-سانالار ئېيتىش بىزنىڭ ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۋاتقان ئادىتىمىزغۇ؟  نىمە گەپ بۇپ كەتتى بۇ....

UID
38308
يازما
190
تېما
8
نادىر
2
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 13:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .
ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ :

توغرا يول كۆرسىتىشنى اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا اﷲ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى [9]. اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل - دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر [10]. اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ( اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار [11]. اﷲ سىلەرگە كېچىنى، كۈندۈزنى، كۈننى، ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى، يۇلتۇزلارمۇ اﷲ نىڭ ئەمرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغاندۇر؛ چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن دەلىللەر بار [12]نەھل

يەنە شۇنداق دەيدۇ :

ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن اﷲ رازى بولدى، ئۇلارمۇ اﷲ تىن مەمنۇن بولدى. اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر [100]تەۋبە

يەنە شۇنداق دەيدۇ :

مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) اﷲ نىڭ ( نەبىي )پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر ، اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز - ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە اﷲ قا مەخپىي ئەمەس) [40]. ئى مۆمىنلەر! اﷲ نى كۆپ ياد قىلىڭلار [41]. ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار [42]. اﷲ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، اﷲ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر [43]ئەھزاب

بىز بۇ ئۈچ ئايەتنى بىر بىرىگە ئۇرغىنىمىزدا ، ئاللاھ تائالانىڭ بىزلەرنى ھېچ تاشلىۋەتكىنى يوق ئىكەنلىكىنى ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، توغرا يولى ھەر ۋاقىت ئەتىراپىمىزدا ئىكەنلىكى ، كىملەر ئاللاھقىلا تىۋىنەلىسە ئاللاھ ئەنە شۇ بەندىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ يەر يۈزىدىن كۆتۈرىۋەتمىگەن رەھمەت قىلىپ چىقارغان جامائىتىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ، ئەنە شۇ جامائەتلەرنىڭ ئىمانى نۇرىغا ئۇلاشتۇرۇپ ئىلىم ئاتا قىلىش بىلەن قاراڭغۇ قەلىبلەرنى يۇرۇتۇپ نىجاتلىققا چىقىرىدىغانىقىنى ئېيتىدۇ . شۇڭا ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئالىمىگە جاكارلاپ شۇنداق دەيدۇ : «شۈبھىسىزكى، ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.  

ئاللاھ تائالا يەنە شۇنداق دەيدۇ :

ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا، رەسۇلىغا ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا مۇراجىئەت قىلىڭلار، بۇ (يەنى اﷲ نىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر [59]تەۋبە

بىز بۇ ئايەتتىن نېمىنى چۈشىنىمىز ؟ دىننىڭ خىيالەن بولمايدىغانلىقىنى ھەمدە چاپلىما ھەم بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز . يەنە ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى ئاشكارا ئەۋەتىش بىلەن يىگىرمە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆزىنىڭ دىنىنى بەرپا قىلغان ، ھەمدە ئەنە شۇ بەرپاغا مۇلاقات بولغان پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ساھابىلار ئارقىلىق دىننى پۈتۈنلۈككە ئېرىشتۈرگەن ئاساستا ، بىزلەرنىڭ ھەم قانداق قىلىپ دىننى پۈتۈن ئۈستۈنلۈككە ئېلىپ چىقىپ تونۇپ ئۇنى قانداق قۇبۇل قىلىش ھەمدە قانداق تۇتۇپ تۇرۇشتەك ماھىيەتلەرنى رىئاللىقتا چىقاردى ھەمدە دىننى ئۇلارنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن قىلغانلىقىنى بايانلىدى . ئەمدىكى گەپ بىز ئەنە شۇ پۈتۈن دىننى قانداق ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىزدا قالدى .
ئاللاھ تائالا پۈتۈن دىن بىرلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھەمدە بىر بۆلۈك ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئاۋۋال 13 يىل مەككىدە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىش ھەمدە ئېتىقادىي جەھەتلەردىن دىنىي ۋە ئېتىقادىي جەھەتتىن رىئاللىقتا تاۋلاش بىلەن كىيىنكى 10 يىللىق مەدىنىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق يۈكسىلىشلەر بىلەن ئاندىن پۈتۈنلۈككە كەلتۈردى . مانا بۇ پۈتۈنلۈككە يېتىش جەريانىدىكى ھەر بىر باسقۇچلار . ئاخىرقى نوقتىدىكى پۈتۈن بىرلىكى بولسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ جىلۋىسىدۇر . شۇڭا ئاللاھ ئايەتتە رەسۇل ( يەنى ئەلچى ) دەپ ئالدى . بىز دىنىي ئىشىمىزدا چوقۇمكى ئەنە شۇ رەسۇلنىڭ قانداق ئەھۋالى ھالەتلەردە قانداق ئىش تۇتقانلىقلىرىغا ئاساسلانغانلىق بۇيىچە ئىش كۆرۈشىمىز ھەمدە توغرا يېتەكلىگۈچى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئەگىشىشىمىز لازىمدۇر .
دىننىڭ پۈتۈن بىرلىكى ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىغا خاستۇر . بۇلار ئاللاھقا ھەر ۋاقىت تەقۋادارلىق ئۈستىدە بولىدىغان ، ھەر ئىشلاردا ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان ، بارلىق ئىشلىرىنى ئاللاھقىلا تاپشۇرىدىغان كىشىلەردۇر . ئەمما ، كىملەر تۇغۇلمىسۇن بۇ خىل ماھىيەتكە چۈشۈپلا تۇغۇلمايدۇ . ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلايدۇ . چۈنكى ئاللاھ بىزلەرنى ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىمىزدە تۇغۇلدۇردى . بۇ ھالەت قەلبىمىزنىڭ قاراڭغۇلىقىدۇر . بۇ قاراڭغۇلۇق تاكى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئۇلىشىپ توغرىلىقتا بولغانغا قەدەر تۇرغۇسىدۇر . شۇڭا بەزىلەردە ، جۈملىدىن بۈگۈنكىدەك جەمىيىتىمىزدە دىنىي جەھەتتىن تالاي سانلىقلار دىنسىزلىق ياكى دىندار بولسىمۇ دىنىي داۋان ئاشماسلىق سەۋەبلەر بىلەن تاشلىۋېتىلگەن ، بىر - بىرلىرىگە ھامىي ياكى كېپىل بولمايدىغانلىقتەك ھاللاردا ھېلىقى تۇغۇلۇشتىكى قاراڭغۇلۇق ھەتتا 30 يىلدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئاساستا داۋاملاشماقتا !
بىزدىكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ جىلۋىسى نۆلدىن يۈزگىچە بولغان ئارلىقتا ئۇرۇلۇپ تۇرىلىدۇ . ئەمما ، ئەنە بىزدىكى دىننىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ كېتەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقلىرىمىزدا ئەنە شۇ نۆلدىن يۈزگىچە ئارلىقتىكى دىنىي جەھەتلەردىن نېمىلەرنى قايسى رەۋىشتە قىلىش - قىلماسلىقلاردىكى ئەمەللەردە مۇكەممەللىكنى تاپالمايۋاتىمىز . مۇكەمملىكنى دىللار تۇيغان ئاساستا تونىساقمۇ ئەمما رىئاللىقتا يېتىشتىن توسالغۇغا ئۇچىراۋاتىمىز . ئەنە شۇ ۋەجىلەردىن بىز ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بىزلەرگە بۈگۈنىمىزدە ئىرادە قىلغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنىشىمىز لازىمدۇر . چۈنكى تىلىمىزدا دىن بۇرۇنلا پۈتۈپ بولغان دەپ داۋا قىلىشساقمۇ ئەمما ، دىن بىراۋغا چاپلاپ قويىدىغان نەرسە بولمىغانلىقتىن ، خاس دىنىي پۈتۈنلۈك ئىمتىيازدا بولۇشتىن ئاجىز كېلىشىۋاتىمىز . بۇ تەرەپلىك ئاجىزلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان . چۈنكى مەنمۇ ھەر ۋاقىت تىرىشىۋاتىمەن ، بەزىدە ئاچچىقتىن ، كېلىۋاتقان زەردىلىك دىشۋارچىلىقلاردىن بەرداشلىق بېرەلمەي تولغۇنۇپمۇ كېتىمەن . بەزىدە ئاللاھقا قارشى تىل ئىشتىپمۇ قويىمەن . ئاللاھنىڭ بەزى تەقدىرلىرىگە دەررۇ بويسۇنۇپمۇ قالالمايمەن . مانا بۇ مەندىكى دىننىڭ مۇكەممەل قېتىپ بولالمىغانلىقى .
ئاللاھ تائالا ئاڭلاپ قويغانلىقنى ئىمان دېمىدى ، بەلكى ئاڭلاشنى ئېغىزدىكى سۆز بولۇپ ، تېخى كېكىردەكتىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئېيتتى - يەنى ، قەلىبكە ئۆتۈپ ئېتىقاد بولۇشتەك ماھىيەتكە كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى . شۇڭا ، بىزنىڭ ئىش ئۈستىدىكىلىرىمىز كىتابتىكى ئىبارىلەر ئەمەس . يەنى كىتابتا نېمە بولسا شۇنى ئوقۇپ بەرگۈچى ئەمەس . كىتابتا نۆلدىن يۇقىرى يۈزگىچە ھەممىسى بار . بىزگە ئىش ئۈستىدىكىلەر دەل بىزگە ئۆزلىرىمىزنىڭ ھالىتىمىزگە بېقىپ تېگىشلىك بولغان ئىمتىيازىي ئورنىمىز بۇيىچە ئەمەللەرنى كۆرسىتىپ بېرىشتەك ھېكمەت ئىگىسى بولىشى كېرەك .
مەسىلەن : ئەۋلىيالاردا ، ئەھلى سۈننەتتىكى كىشىلەردە نامازدا ئاغزاكى نىيەت قىلىش يوق . نىيەت قەلىبتىن بولىدۇ . قەلىب ئىنسان ۋۇجۇدىنى قاماللايدۇ . ئەمما نىيەتتە قەلىب ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىنى قاماللىيالمىسا ، ئۇنىڭ نىيەت قىلىشتىكى ئورنى ئاجىز بولغان بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن نىيەت قىلىدىغانلىقىنى ئېغىزىغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ نىشانلىشى زۆرۈر بولىدۇ . شۇڭا بىزلەردىكى ئىش ئۈستىدىكىلەر ئىلگىرىدىن دىنىي سۇسلارغا ، تۆۋەندىن كۆتۈرىلىۋاتقانلارغا قارىتا نامازدا << نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن ، ئۇشبۇ بامدات نامازنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ، شۇ ۋاقتى بىلەن يۈزۈم قىبلىگە ، قىبلەم خانە كەبىگە ، خالىسەن لىللاھى تائالا ئاللاھۇ ئەكبەر >> دەپ ، ھېلىقى قەلىبتىكى ئىنسان ۋۇجۇدىنى قاپلايدىغان تۇيغۇغا كېلىش ئۈچۈن مۇشۇ خىل ۋاستىنى قوللىنىشقا تەكىتلىگەن . مەنمۇ ئىلگىرى نىيىتىمنى مۇشۇ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق تولۇقلايتتىم . ئەمما بارا - بارا نىيەتتىكى ئورنۇم مۇكەممەللىشىگە بېقىپ ھازىر < پالانى نامازنىڭ مانچە رەكەت سۈننىتى ، ياكى پەرزى > دەپلا ئىلگىركىلىرىنى تاشلاپلا نىيىتىمنى تاماملايمەن . ناۋادا نامازغا كىرىشتىن ئىلگىرى بەك ۋاراڭ - چۇرۇڭغا قالسام ، ياكى نىيەت قىلىشتىكى قۇۋۋەتنى تۆۋەنلىتىدىغان ياۋلارغا دۇچار بولۇپ قالسام ، نىيەتنىڭ پۈتۈن بىرلىكىگە كېلىش ئۈچۈن ئۈستىدىكى قۇرلارنى تىلىمدا ياكى يادىمدا بىر قۇر ئۆتكۈزىۋېتىمەن . چۈنكى ئەمەللەرنىڭ قانداق بولىشى نىيەتكە باغلىق . نىيەت مۇكەممەللىكنى تاپالمىسا ئەمەل ھەم مۇكەممەللىكنى تاپالمايدۇ . نىيەت قانداق بولسا ئەمەللەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىمۇ شۇنچىلىك بولىدۇ . شۇڭا باشقا ئەمەللەر - ئىبادەتلەردىمۇ ۋۇجۇتنى قاماللايدىغان نىيەت ۋولقانى سۇس بولۇپ قالسا چوقۇم ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان ۋاستە قوللىنىشقا مۇھتاج بولىمىز . دىننىڭ پۈتۈن بولغىنى ھەر ۋاقىت ھەر قانداق مۇسىبەت ، ياخشىلىق - يامانلىق يەتكەندىمۇ مۇنتىزىم بىر ئېقىمدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر . كىملەركى قايسى بىر ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ دىنىدا نىيەتتە ، ئىمان ئېتىقادتا ، تەقدىرگە ئىشىنىشتە سۇسلۇق قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئاشۇ خىل ئاجىزلىقىنى تولۇقلاشقا يۈزلەنسۇن .



ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مەريەم ئوغلى ئىسا ئاراڭلارغا چۈشسە ، ئىمام سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بولسا قانداق قارايسىلەر ؟ >> ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ( كىشىلەر ) سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ ........ >>

ئاللاھ خالىسا مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ ئارىمىزدا بولىشىغا ئاز قالدى . يەنى ئۇنىڭ زامانىغا ئاز قالدى . ئۇنىڭ زامانىدا بۈگۈن مۇشۇ يېتەكلىنىشتىكى ماھىيەتلەردىن تولۇق پايدىلانغان ، ئۆزلىرىنىڭ تاقىتىنىڭ يېتىشىچە تەقۋالىقتا بولۇشنى تىلەۋاتقانلار ئالدىن كىيىنكىلەرگە ئۈلگىلىك ماقامىغا ئۇلاشقۇسى !
يەنە بىر ھەدىستە مەريەم ئوغلى ئىسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرئىتى بۇيىچە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى تەرىپلەنگەن . ئۈستىدىكى ھەدىستىمۇ مۇشۇ خىل ماھىيەت ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ . شۇ قەۋم ھەقىقىي << نىجات >> لىققا ئېرىشكەندە سەدىقىنى نېمە قىلىدۇ ؟ چۈنكى جىزىيە ئەمەلدىن قالىدىغان تۇرسا ....
شۇڭا ھەر بىر زاماننىڭ ئۆزلىرىگە خاس زامانى مۇھىتى ، ئورنى ، داۋالغۇشى بولىدۇ . بىز بۈگۈنكى يېتەكلەشلەردە بۈگۈنكى ئورنىمىزنى تولۇق يارىتالىساق ، ئەتىدىكى ئورنىمىزغا ئۇلىشالايمىز . چۈنكى يىللىق ئاتلىنىش يىللىق ئىنتاھاندىن ئاتلىيالىغانغا مەنسۈپتۇر .
مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ زامانىدا ھەقىقەتەن ئۆز ۋاقتىدىكى مەدىنىدىكى ماھىيەتنى مۇكەممەللەش تەلەپ قىلىنىدۇ . شۇڭا ھەدىستە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا چۈشسە دەپ مەدىنىدىكى ساھابىيلارنى كۆرسەتكەن .

شۇڭا ئى قېرىنداشلار ، دىننىڭ مۇشۇ كىشىلىك ئىمتىيازلىق تەرىپىگە بەك جودالىشىپ ئېسىلىۋالمىساق . ھەر كىم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تۇنىيالىغۇدەك دىنىي دەرىسلىك تۈزۈلۈپ چىقۇلغۇچە ھاماقەتلەرچە جۇدالىشىپ ئۆزىمىزگە جاھىللىقنى ھەمدە كىبىر ، ھەسەتنى يۇقتۇرىۋالمىساق . كىملىك دەرسى دەل نۆلدىن يۈزگىچە 9 ياكى  12 قىسىملىق ماھىيەتتە تۈزۈلگۈسى ! بۇ ھېكمەت تارازىسى تۈزۈلسە ئىنشائاللاھ رەسۇللاھنىڭ ئېيتقانكى زامانى رىئاللىقىمىزدا روياپقا چىققۇسى !

ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ (چۈنكى ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىشقىمۇ ئېھتىياج قالمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرى تارتىپ ئېلىنىدۇ، بۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى ھەتتا كىچىك ئوغۇل بالا يىلاننىڭ ئاغزىغا قولىنى تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. كىچىك قىز بالا شىرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ چىشلىرىنى ئاچىدۇ. شىر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرە قويلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇددى ئۇ قويلارنى باقىدىغان ئىتكە ئوخشاپ قالىدۇ. قاچىلار سۇ بىلەن تولدۇرۇلغاندەك زېمىن تىنچلىق بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. سۆز بىر بولىدۇ، (دىن بىرلىكى مەيدانغا كېلىدۇ)؛ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلايدۇ (ئۇرۇش توختايدۇ)»- ئىبنى ماجە فىتەن 33- باب، ﻫەدىسنومۇرى: 4077.


ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش