كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 11

يالغان توي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
50518
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 23:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        تىلىفونۇمنىڭ قاتتىق سايرىغانئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىىم . خىزمەت 、ئارىلىقىدا ئازراق بولسىمۇ ئارام ئىلىۋالاي دىسەم كىمدۇ بۇ دەپ غودۇرىغانپىتى تىلفۇننى ئالدىم.                                                                                              

ــ ئاكا!!..،ــسىڭلىمنىڭچىقىرغان  ئاۋازى چالا ئۇيقۇمنىئىچىپلىۋەتتى                             .   

ـ نىمە بولدى،نىمانچەجىددىيلىشىسەن،ــ  دىدىم مەن ئۇنىڭ 、 ئەنسىزئاۋازىن   ى               

ئاڭلاپ بىر ئاز ھودۇقۇپ .                                                               

ــ ئاپام ،ئاپام...ــ ئۇ شۇنداقدېدىيۇ، ئەمما ئاخىرىنى دېيەلمەي يىغلاپ كەتتى. چۆچۇپ كەتتىم، پۇت قولامدا جانقالماي ھالسىزلاندىندىم.
ــنىمە..نىمە،ئا..پام.. ئاپامغا نىم بولدى؟....ــ ئارانلا دېيەلىدىم.ئۇزۇندىن بېرىيۈرەك ئاغرىقى بىلەن پات - پاتلا ھوشىدىن كېتىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىپتۇرىدىغان ئاپامنىڭ ئەھۋالى دىگەندىكىدەك ياخشى ئەمەس ئىدى ، كاللامدىن تۇيۇقسىزمۇدھىش بىر خىيال يالىىت قىلىپ ئوتۇپ كەتتى.                              
ــ ئاكا ،ئاپام بولالمىدى ، تېز كەل بىز دوختۇرخانىدا..ــ سىڭلىم شۇنداق دىگى
نىچەتىلغوننى قويىۋەتتى.ئۇچقاندەل پەسكە چۇشتۇمدە ، ماشىنامنى ھەيدەپ دوختۇرخاناتەرەپكە يۈرۈپ كەتتىم.                                                                                                   
ــ ئىيئاللا ، دادامدىن كىچىك ۋاقتىمدا ئايرىپ مىنى يىتىمچىلىكتە چوڭ بولۇشقا نىسىپقىلدىڭ شۇكرى قىلدىم ، سۆيۇملۇك پەرىشتەم رەنادىن ئايرىدىڭ شۇكرى قىلدىم، ئەمدىئاپامدىن ئايرىساڭ بەردەشلىق بىرەلمەيمەن ، ماڭا سەۋىر ئاتا قىل ، ئاپامغاشىپاتلىق ئاتا قىل.ــ ئىچىمدە توختىماي شۇنداق نىدا قىلىۋاتاتتىم ، دوختۇرخانىغاكېلىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى ئالدىدا سىڭلىمنى كۆرۇپ يۈگرىپ باردىم.                                   
ــ ئاپامقانداقراق؟ ــ دېدىم مەن.                                                         
چىققان بىرزەرداپ كۆزۇمدىن چىقىپ كەتتى . ئەمما ئۆزۇمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشتىم . ئۇزاق ئۆتمەي بۆلۇم  ئىچىدىن دوختۇر چىقىپ كەلدى  ۋە:                                    
ــ ئازىرچەخەتەر ئۆتۇپ كەتتى .ئىلىپ چىقىپ كېتىپ ئوبدان كۈتۇڭلار،ــ دېدى .   
سىڭلىمئىككىمىز يۇگۇرۇپ ئاپامنىڭ قېشىغا كېردۇق، ئاپام تىخچىلا ھوشسىز ياتاتتى. يىنىغاكىلىپ ئولتۇردۇق . ئورۇقلاپ تومرلىرى مانا مەن دەپلا كۆرۇنۇپ قالغان قوللىرىنى تۇتۇپ يۈزۇمگە ياقتىمدە، مىھرىبانلىقبىلىنىپ تۇردىغان ئەمما ئازاپلىرى ئورناپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ كۆڭلىم بۇزۇلدى .‹‹ئاپا سىزنى راھەتكە چىقىرالمىدىم››
دەپ پىچىرلىدىم.                                                                                       
دادامبىلەن توي قىلپ گەرچە ئانچە باياشات بولسىمۇ ئىللىق ئائىلىدە ياشاپ بىزنى بۇدۇنيدغا كۆز ئاچقۇزغان مىھرىبان ئاپام ،سىڭلىم تۇغۇلۇپ يېشىغا يەتمەي تۇرۇپ مىھرىبانجەسۇر ،ئۆينىڭ تۈرىكى بولغان دادامدىن ئايرىلىپ،بىزگە ھەم ئانا ھەم دادا بۇلۇپ چوڭقىلدى . ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلار ئالدىدىكى قەيسەرلىكى سەۋېرچانلىقى ھەر ۋاقىت  بىزگە دەرىس بولاتتى .ئاپا ئوقۇماي ساڭاياردەملىشەي دىسەم خاپا بولۇپ قەتئىي ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئوقۇغاندىمۇ ياخشى ئوقۇپكەلگۇسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ ئۇنى راھەتكە چىقىرىدىغىنىمىزنى ئىيتىپتۇرىۋالاتتى. ئاپامنىڭ ئارزۇسى  بويىچەسىىڭلىم ئىككىمىز ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرۇپ ،ياخشى خىزمەتلەرگەئورۇنلاشتۇق.ھەرئالدا ئاپامنى راھەتكە چىقارغانمۇ بولدۇق ، ئەمما كىيىنكى پاجىھەبىلەن ئاپامنىڭ كىچىككىنە راھىتىنى يوققا چىقاردىم.                                                
رەنا مىنىڭئاق پەرىشتەم ، ئۇنى قاچان ئۇچراتتىم شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولدۇم. ئۇنىڭگۈزەل چىرايىغىلام ئەمەس ، مىجەز خۇلقىغا، كىشىگە شاتلىق بېغىشلايدىغان ئوماق خۇلۇقلىرىغا مەپتۇن بولدۇم. ئۇ منىڭ خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئۇدۇلىداتاللا بازىرى ئاچاتتى . بىر كۇندە ئۇنى كۆرىۋىلىش ئۇچۇن يوقۇلاڭ نەرسىلەرنى باھانەقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپ چىقاتتىم . ئۈنىڭ تاتلىق كۈلكىسىنىكۆرسەم بىر كۈن جەننەتتىكىدەك ، خوشال ، غەمسىز ئۆتەتتىم . شۇنداق قىلىپ بىركۈنلەردە ئۇنىڭغا ئېغىز ئاشتىم . ئاللا يولۇمنى ئوچۇق قىلىپ بىز بىر مەزگىلمۇھەببەتلەشتۇق .ھەيرانمەن مۇشۇ ياشقا كىرىپ ئۇنىڭدەك بىر قىزنى كۆرۇپ باقمىغانئىدىم، بىرەر قېتىم  قاپىقى تۇرۇلگەننى كۆرگىلىبولمايتتى . بەزىدە ئاللاھنىڭ ئۇنى ماڭا نىسىپ قىلغىنىغا تەسبىھ ئىيتاتتىم.                                                                                                  
ــ رەنابىز توي قىلايلى ،ــ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ شۇنداق دېدىم،ئۇ چۆچۇپ
ئەندىكتى ۋە  بىر نىمىلەرنى دېمەكچى بولدى .                                                   
ــ ئۆتۇنەي رەنا رەت قىلماڭ ، سىز سىز ھايات مەنىسىز ،سىزسىز تۇرمۇش  
دوزاقتۇر،ــدەپ چىڭ تۇردۇم . ئۇ قوشۇلدى ، مەن بۇ شاتلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكەئاجىزلىق قىلىمەن. تويدىن كىيىنكى  تۇرمۇشمىنى تېخىمۇ بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمدۇردى. ئۇ تاماققا شۇنچە ئېپى بار ئىدىكى ، ھەتتادوس - بۇرادەرلىرىممۇ ھەر باھانىلەرنى تېپىپ ئۇنىڭ تامىقىن يەپ چىقىپ كىتەتتى.ئۆزۇمچە قىزغىنىپ ئاچچىقم كىلەتتى . ئەمما رەنا‹‹ مىھمان دىگەن ئاللانىڭ ئەۋەتكەنبەرىكىتى›› دەپ بىسىپ قوياتتى. مىنى ئەڭ رازى قىلىدىغىنى ئاپامغا بولغان  مۇئامىلىسى ئىدى. داۋاملىق كۆرىدىغىنىمئاپامنىڭ چېچىنى تاراپ ئۆرۇپ قويىۋاتقىنى ياكى بولمىسا قىزغىن پاراڭلىشىپ كۈلىشىپئولتۇرغىنى، پۇتىنى يۇيۇپ قويىۋاتقىنى،ئىشقىلىپ يۈرەككە تالىق بىر كۆرۈنۈش .شۇچاغلاردا ‹‹ئاھ، ئاللا، ساڭا كۆپ ھەمدۇـ سانالاربولسۇن ، رەنانى مەندىنئايرىمىغىن›› دېگەندەك دۇئالار ئىدى.كېچىلىرى ئىشتىن ھېرىپ ئىچىپ كەلسەمئەتراپىمدا پەرۋانە بولاتتى . يېرىم كېچىدە چاقچاق قىلىپ قورسىقىم ئاشتى دەپئەركىلەپ قويسام ، ئۇنمىغىنىمغا قويماي ‹‹ئاچمىسا دىمەيتىڭز››،‹‹كۆڭلىلدە بولمىسا،ئىغىزغا چىقمايدۇ››دەپ ئورۇندىن دەس تۇرۇپ بىردەمدىلا تاماق تەييار قىلاتتى.كۈندۈزى ئىشلەپ ئالدىراش بولغاشقا ئۇنىڭغا بۇنداق دېيىشىم تاماق يىيىشلام ئەمەسئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇش ، ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىنى كۆرۇش ئىدى .                                                
ئاھ تەغدىر! خوشال كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاللاھ ‹‹ كىمنى مەندىن بەكرەك سۆيسەڭ ئۇنىسەندىن ئايرىيمەن ، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن دېمە، سىنى  ئۇنىڭسىزمۇ ياشىتىمەن›› دەپتىكەن ، مانا بۇ كۇنمىنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى.                                               
بىر كۈنىئىشقا كېتىۋىتپ تۇيۇقسىز مۇھىم ھۆججەتنى ئويدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئىسىمگەئالدىمدە كەينمگە ياندىم . ئىشىك ئالدىغا كەلسەم ئىشىك قىيا ئىچىقلىق تۇراتتى،ئالدىراپ ئىتتىرىپلام  ئۆيگە كىردىم ،كىرىپ چۆچۈپ كەتتىم ، غەزىپىم تاشتى. رەنا بىر ئەر بىلەن قۇچاقلىشىپ  تۇراتتى . شەيتىنىم ۋەسۋەسە قىلىۋاتاتتى ، شۇئاچچىقىمدا ئىشنى سۇرۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايلا قولۇمدا پىچاق بولدىغان بولسا چىپىۋىتىدىغاندەك قىلاتتىم. يۇگۈرۈپ بىرىپھىلىقى ئەبلەغنىڭ گىلىدىن سىقىپ تامغا تېرەپ تۇرۇپ نەچچىنى ئۇرىۋەتتم . رەنانىڭچىرقىراشلىرى قۇلقۇمغا كىرمەيۋاتاتتى . ئارقامغا ئۆرۈلدۈمدە رەنانىڭ كاچىتىغازەردە بىلەن بىر تەستەك سېلىۋەتتىم - دە، ئىتىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. شۇ كۈنىئىشقىمۇ بارمىدىم ، تىلغونۇمنىمۇ ئېتىۋەتتىم . ھىچكىمنى كۆرگۈم ھىچكىمگە گەپقىلغۇم يوق ئىدى . پۇتۇن بىر كۈن يوقاپ كەتتىم . ئەتىسى تىلغونىمنى ئىچىپ قارىسامئۇچۇر يېغىپ كىتىپتۇ . سىڭلىم، ئاپام ، رەنا بەس بەستە تىلغون ئۇرۇشۇپتۇ.‹‹يۇزىقېلىن ، ئاپام ، سىڭلىملارغىمۇ يىيىپ يۈرۈپسەندە ، بۇگۈن كۆرىسەن قالغىنىنى ،قېنىقانداق چۈشەندۇرسەنكىن.››دەپ ئويلايتىم . ماشىنامنى ھەيدەپ ئۆيگە كەلدىم.مەھەللىدە بۆلەكچىلا ئادەم كۆپ ئىدى . بىزنىڭ بىنانىڭ ئالدىغا بىر مۇنچە ئادەملەرتوپلىشىپ تۈراتتى . ئاياللار ئاق ياغلىق ئەرلەر ئاق پوتا ، يىغا ئاۋازى .‹‹نىمە  ئىش بوغاندۇ؟››دەپ ئويلىغاشيېقىنلاشتىم ،كىشىلەر ماڭا باشقىچىلا قارىشىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز سىڭلىىمنىڭ ئىتىلىپچىقىپ ماڭا ئىسىلىپ يىغلىشى بىلەن ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم.                                                                          
ــ نەگەكەتتىڭ ئاكا، جىنىم ئاكا رەنا ھەدەمدىن ئايرىلىپ قالدۇققۇ ئاكا...ــ دەپ ئۈن سېلىپ
ھازائىچىشقا باشلىدى .                                                                                 
ــنىمە....ــ بىشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدىم .‹‹رەنا!!!!
››سىڭلىمنى ئىتتىرۋىتىپ ئۆيگە كىردىم .ئاپپاق كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ، ئاپپاقكىپەنلىككە  يۆگەلگەن رەنا ياتاتتى ،ئۇنىڭغا ئىتىلدىم ، ئۈستىگە تاشلىنىپ ،باغرىم ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكىدەك ھۆڭگىرەپمەھەللىگە بىر كەلگىدەك يىغلىۋاتاتتىم . بىر چاغدا ئاپامنىڭ تەسەللىسى ۋە ئۆزۇمنىڭيىغلاپ ھالسىزلىنىپ كەتكىنىمدىلا ھوشۇمنى تىپىپ ئاپامغا:      
ــ جىنىم ئاپا، بۇ قانداقسىگە ...  تونۇگۇن ساپ ـساق ئىىدىغۇ؟ـ دەپ سورىدىم.     
ــ  نەگە كەتتىڭ ؟ سىنى بىر كۈن ئىزدىدۇق ، تىلغونىڭمۇ ئىتىك . رەنا ئاخشام ئىز
دەپبىزنىڭكىگە كەپتىكەن يوقلىقىڭنى كورۈپ ئۇنمىغىنىمغا قويماي سىنى ئىزدەپ چىقىپكەتكەن، يېرىم كىچىدە ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ، دوختۇرغا ئاپارساق قۇتقۇزۇش
ئۈنۈم بەرمەي ....ــ ئاپام ئاخىرىنى دىيەلماي ئوكسۇپ كەتتى .                                 
‹‹ھەي رەنا، ئاھ   رەنا، نىمە قىلاتىڭ سىرىتلاردا،مەن سەندىن ئايرىلىپ نەگە بارالايتىم ، ھامان ئاچچىقىم  يانغاندا قىشىڭغا يىنىپ كىلىمىەن ئەمەسمۇ؟!››ئۆزـ ئۆزۈمگە شۇنداق دەپ پەريات ئۇرۇشقا باشلىدىم . شۇندىلا ئىشىك تەرەپكە كۆزۇمچۇشتى، مەن ئۇرغان ھېلىقى ئەبلەق بىشىغا ئاق سەللا يۆگەپ تامغا يۆلۈنۈپ يىغلامسىراپتۇراتتى .           
ــ ئۇ بۇيەردە نىمىش قىلىدۇ؟؟ــ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىۋەتتم.                           
ــ بالام ،ئۇ رەنانىڭ ئاكىسى ئىكەن                                                      
ــئاكىسى؟!!.............                                                                     
ــ رەنابىزگە ئېيىتماپتىكەن....                                                            
تۇرغانيېرىمدە قانداقچە ئوتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمىدىم ، پۇتۇم ، تىلىم ، بارلىق ئەزايىمماڭا بويسۇنمايۋاتاتتى . ‹‹مەن  نىمىش قىلىپقويدۇم.!!! ›› كۆزۈمدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتاتتى .                                                                                             
ئازاپلارئىچىدە مىڭ ئۆلۇپ مىڭ تىرىلىپ رەنانىڭ يەتتىسىن بېرىۋالدىم . كىچە - كىچە كۆزۈمگەئۇيقۇ كەلمەيتتى . ئۆيدىن ئۇنىڭ ئىزىنى ئىز دەيتىم . ئۇنىڭ تۇتقان ھەبىرنەرسىلىرىنى سىلاپ چىقاتتىم . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تىلغونىغا كۆزۈم چۇشۇپ قالدىدە ،قولۇمغا ئىلىپ ئىچىپ بىرمۇ بىر كۆرۈشكە باشلىدىم. تۇگەپ كىتىشتىن بۇرۇن ھەر بەشمىنۇتتا بىر تىلغون قىلغان خاتىرىسىدىن ، يالغۇز قورقۇمسىرغان رەنا  كۆزۈمدىن ئۇشتى.ئۇچۇرنى ئىچىپ قارىدىم. ئەڭئۈستىدە يىزىلغان ئەمما يوللاشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر
ئۇچۇرتۇراتتى .                                                                                       
ـــ جىنىم ئەلى، منىڭ بارلىقىم ، ھاياتىم ، سىزنى خاپا قىلىپ قويدۇم ئۆتۈنەي ،مەنقورقىۋاتىمەن ، تىلغوننى ئىچىڭ ،سىز دىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق . ھەممىسى مىنىڭ خاتالىقىم ، ئۇنى سىز گە باشتىلامئىيتىشىم كېرەكتى . ئەمما سىزنىڭ شۇ سەۋەپلىك مىنى تاشلاپ كېتىشىڭىز دىنقورۇقاتتىم . سىز ماڭا توي تەكلىپىنى قويغان ۋاقتىڭىزدا ئىيتماقچى ئىدىم ، ئەمماجۈرئەت قىلالمىدىم. سىز دىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۇن ئېيتالمىدىم.ئۇ مىنىڭ ئاكام ، ئاق چېكىدۇ، ھەم ساتىدۇ. بىز توي قىلىشتىن ئاۋال تۇرمىگە كىرىپكەتكەن ، كىيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ قويۇپ بېرىلدى.داۋاملىق مەندىن تۇردى ، بەرمىسەمئىرىڭغا ئىيتىمەن دەپ قورقاق سالدى ، مەن سىزنى مىنى بىر ئاق ساتىدىغان مۇھىتتاتۇرغان قىزكەن دەپ مەندىن يىراقلاپ كىتىشىڭىىزدىن، مۇھىمى سىزنىڭ پاكمۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇپ ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇردۇم. زەھەر بىلەنھەپىلىشىدىغان ئادەمنىڭ كۆڭلى قارا كېلىدىكەن، قورسىقىمدا قالغاندىن كىيىن ئەمدىپۇل بېرەلمەيدىغىنىمنى بالام ئۇچۇن پۇل يىغمىسام بولمايدىغانلىىقىنى ئىيىتسام،ئۆيگە ئىزدەپ كەپتۇ.ئسىلىپ يىغلاپ يالۋۇرىۋاتقاندا سىز كىرىپ خاتا چۇشۇنۇپقالدىڭىز.  ئەزىزىم ، ھاياتىمنىڭ خوشاللىقىسىز ، مەن سىز دىن باشقنى سۆيمىدىم ، ھەم سۆيمەيمەن . سىز گە دىمىگەن خۇش خەۋىرىمبار، قايتىپ كېلىڭ ، ئوغلىمىز ئۇچۇن بولسىمۇ قايتىپ كېلىڭ . سىز نى......ـــ  ئاخىرىنى يىزىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى . مەننىمە قىلدىم ؟    بالا.. ئاھ  رەنا نىمىشقا بالدۇر ئىيىتمىدىڭ ، ئەخمەق قىزنىمىشقا !!!؟؟؟  نىمىشقا؟؟؟   مەن ئوغلۇمنىڭ قاتىلى، سىنىڭ قاتىلىڭ.......                                       

ــبالام،  ــ ئاپامنىڭ بوش ئىڭرىغان ئاۋازىبىلەن خىيالىمدىم  ئۆزۈمگە كەلدىم .
ــئاپا،ــئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم.                                                      
ــ مىنى ئۆيگە ئىلىپ كەت ،دوختۇرخانىدا تۇرغۇم يوق..ــ ، ئاپام شۇنداق دەپ چىڭ تۇرۋالغاچقائامال  يوق ئۇنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.سىڭلىم ئەنسىرەيمەن ، سەن ئوغۇل بالا قاراپ بولالمايسەن دەپ ئاپامنى ئۆيىگە ئىلىپكەتتى.ھەرھالدا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى. ئەمما ھەر ۋاقىت بىر ئىش بوپقالمايدۇ دىگىلى بولمايتتى . ئەس يادىم ئاپامدا قالدى.خىزمەتنىمۇ ياخشىئىشلىيەلمىدىم. دوختۇر‹‹ ئامال بار ئاپاڭلانى خوش قىلىڭلار، دىگىنىنى قىلىپ بېرىڭلار ›› دەپ تاپىلىغاشقا  كۈندە يىگۈسىكەلگەن نەرسىنى ئىلىپ بېرىپ ، سىرىتلارغا چىقىپ ئايلاندۇرۇپ ئامال بار كۆڭلىنى خوشقىلىشقا تىرىشتىم،ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل غەمكىنلىك  يوقالمايۋاتاتتى.                     
ــ ئاپا ،كۆڭلۈڭە كەلگىدەك بىرەك سەۋەنلىك ئۆتتىمۇ مەندىن؟ نىمىشقا  يۈزۈڭدە خوشاللىق كورەلمەيمەن؟ــ دەپ سورىدىمبىر كۈنى ئاپامنى مەھەللىىمىزگە يىقىن بىر باغچىدا ئايلاندۇرۇرۋىتىپ .                                                                                    
ــ بالام كۈنۈمنىڭ قانچىلىك قالغىنى ئۆزۈمگە ئايان، ئاللا بۇ ئامانەتنى ئالىدىغان
كۈنى كىلىشتىن بۇرۇن سىنىڭ بەختىڭنى تاپقىنىڭنىكۆرگۈم بار.ــ ئۇ شۇنداق دىگەچ يىغلاپ كەتتى .                                                                                         
ــ ئاپا سەن بىلىسەن ، كۆڭلۇمگە رەنادىن باشقىسى سىغمايدۇ ،ــ دىدىميۇ كۆزۈمدىن
ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ـدە، ئاپامنىڭ يۈزىگە قارىيالماي كۆزۈمنى ئۇنىڭدىنقاچۇردۇم، ھەربىر قىتىم رەنانىڭ ئىسمى چىقسا ئىچىمگە سىغمايۋاتقان بىر ئەلەم كۆزۈمدىن تېشىپ چىقاتتى.                                                                          
ــ رەنانىڭ تۈگەپ كەتكىنىگىمۇ ئون يىل بولدى بالام، ئەمدى بولدەى يېتەر!!!
بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ شەرىئەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئۇنى كۆڭلۈڭدىن  چىقار كۆڭلۈڭدىن چىقار، يۈرىكىڭدى باشقىلارغىمۇ ئورۇن بەر. ھاياتىڭغا يىڭى خوشاللىقلارنى ئىلپ كىلىدىغان بىر سى چىقىدۇ ، سىنىڭ بەختىڭنى كۆرمەي ئۈلۇپ كەتسەن كۆزۈم ئۇچۇق كىتىدۇ ، سەندىن رازى بولمايمەن.                                                                   شۇنداق قىلىپ ئاپامنىڭ تاپا - تەنە ، يىغا - زار قىلىشى بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلـ
غانمۇبولدۇم .  ئاپامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر يەكشەنبە كۈنى چۈشلۈك تاماققا مەن بىلەن توي قىلماقچى بولغان بوغۇسى ئايالىم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇشتۇق. ئۇ قىز ئاپامنىڭ يىقىن دوستىنىڭ قىزى ئىدى، كىچىك چاغلىرىمدا  بىزنىڭ ئۆيگە  مىھماندارچىلىققا كىلەتتى ، ئۇ قىز مەندىن ئون ياش كىچىك بولغاشقا كىچىكىدە‹‹ئەلى ئاكا›› دەپ كەينىمگە كىرىۋالاتتى . چاچلىرى بۈدىرە ئوماق قىز بولغاشقا ئۇنڭغا ئامراق ئىدىم . كىم بىلىدۇ بىر كۈنلەرگە كىلىپ ئاپامنىڭ ئۇنى ماڭا ئىلىپ بىرىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشىنى . ئۇچرىشىش
ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايرىمخانىدا ئۇ مىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى .                          
ــكەچۇرسىز ساقلىتىپ قويۇپتىمەن ــ دىدىم مەن سائىتىمگە قارىغاش.            
ــ ھىشقىسى يوق ، جىق ساقلىمىدىم ، ئەمدى كىلىپ ئولتۇرغان .ــ دېدى ئۇ. مەن
ئۇنىڭغابىر قۇر سەپسالدىم. پەقەتلا ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتتى. ئەمما نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.ئارىنى بىر دەملىك سۈكۈت باستى . مەن ئۇدۇللا گەپ ئاشتىم:                    
ــ سىڭلىم، ماڭا ياردەم قىلىڭ.                                                         
ــ نىمەياردەم؟ نىمىگە ياردەم قىلىمەن؟ قولۇمدىن كەلسىلا.                        
ــ كىلىدۇ،پەقەت سىزنىڭلام قولۇڭىزدىن كىلىدۇ.                                    
ــ قىنىدەپ باقمامسىزــ  قىز ھەيران بولۇپ كۆزۇمگەتىكىلدى.               
ــ بىشىمغاكەلگەن ئىشلارنى بىلىسىز ھەقاچان ، ئون يىل بۇرۇن ئايالىم تۈگەپ
كەتتى، بۇئەلەم ھىلى - ھەم كۆڭلۈمدىن كۆتۇرلۈپ كەتكىنى يوق ، شۇنداقلا باشقا بىرسى بىلەنتۇرمۇش قۇرغاندا ئۇنى كۆڭلۇمگە سىغدۇردىغانغا ھىچ كۆزۇم يەتمەيدۇ. مەن رەنانى سۆيدۈم ھازىرمۇ شۇنداق بولىدۇ، بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ ھەم مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ.                                                                                          
ــچۈشەندىم ، بولدى سۆزلىمەڭ مەن ماڭاي.ــ ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۇپ      
مىڭىشقاتەمشەلدى.                                                                                       
ــ ياق سىڭلىم  گىپىم تۈگىمىدى ، سىزدىن ياردەم سورايمەن.                        
ــنىمىگە؟؟                                                                                    
ــئاپامنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز،  ئۇنى ئەمدى خاپا قىلىۋەرسەم بولمايدۇ .
ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمرى قالغىنىنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭ مىنىڭ بەختىمنى كۆرگۈسى بار . ئۇنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرشۇم كېرەك. شۇڭا سىز ماڭا بۇنىڭغا ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك.
ئىككىمىز توي قىلىمىز ، ئەمما يالغان توي.                                                         
ــ نىمەيالغان توي؟                                                                              
ــ شۇنداق بىر مەزگىل سىز بەختىڭىزنى تاپقانغا قەدەر بىر ئۆيدە تۇرىمىز ، خۇددى
ئىناق ئەرـخوتۇنلاردەك رول ئوينايمىز، ئەمما . ئارىلىق ساقلايمىز  .                    
    ــ ۋاي خۇدايىم توۋا، بۇ، بۇ نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى.                                
    ــ ئوتۇنەي سىڭلىم بۇندىن باشقا ئامال يوق، ماڭا ياردەم قىلىڭ .                        
قىزئويلىنپ قالدى . بىر ماڭا قارايتتى، بىر سىرىتقا قارايتتى. توغرا ئۇنىڭغىمۇ تەسبىر قىزنى توي قىلدى دىگەن نامغا قويۇش ياخشى ئەمەس بىراق سەخسىيەتچىلىك قىلمىسام بۇ ئوتكەلدىن ئۆتەلمەيتىم. ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش نەزىرىدە تىكىلدىم .                                   
ــ ھەمەيلى سىز گە  ئىشىنىمەن . بوپتۇ خانقىزئاپامنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۇن
بوسىمۇ ماقۇل بولىمەن.                                                                              
ــ رەخمەتسىڭلىم رەخمەت.....                                                   
توي قىلىدىغدنلىقىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇق - تۇققان دوس - بۇرادەرلەر خوش بولۇشتى.ھەممىدىن بەكرەك خوش بولغىنى ئاپام ئىدى. مىنىڭ چىڭ تۇرىشىم بىلەن بىز چوڭ توي قىلماي نىكاھتىن كىىيىن كىچىك چاي بىرىپلا بۇ ئاتالمىش يالغان تويىمىزنى باشلىدۇق .يالغاندىن خۇددى ئىناق ئەرـ خوتۇنلادەك كۆرۈنۈشنى ھازىرلىدۇق ، گۈلشەنمۇ ماڭاماسلىشىپ بېرىۋاتاتتى. تويدىن كىيىن ئاپام باشقىچىلا ساقىيىپ كەتكاندەك قىلاتتى.ئۆيگە ئەكىلىۋالاي دىسەم ، توينىڭ يىڭى ۋاقتىدا ياشلارغا ئەپسىز بولۇپ قالىدۇدەپكەلگىلى ئۇنىمىغاشقا ئامالسىز گۈلشەن بىلەن يالغۇز تۇردۇق. كۈندە ئىشقا باراتتىم ،ئىشتىن يانغاندا سىرىتلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ كەچ بولغاندا ئۆيگە يىنىپ كىلىپ غىپلاقىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كىتىپ ئەتسى چىقاتتىم. گۈلشەن بىلەن ئۇچۇرشىپ قىلىشتىنئەيمىنەتتىم. ئەمما ئۇ ماڭا قاراپ ئەتتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاپ قويۇپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىتەتتى . كەشلىرى بىر كىشلىك تاماقنى ئۈستەل ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپقويۇپ يەنە ياتاق ئويىگە كىرىپ كېتەتتى ، كىيىملىرىمنى يۇيۇپ دەزماللاپ ئىشكاپقاسىلىپ قوياتتى. ھەر ھالدا ئۇنىڭ بولغىنى ماڭا ياخشى بولدى . ئۆيدىكىقالايمىقانچىلىق بېسىقپ داۋاملىق رەتلىك پاكىزە تۇرىدىغان بولدى.ئەمما بەزىدەئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىپ قويىۋاتقاندەك ئۆزۈمنى ئەيىپلەيتىم.                                                                  

بىركۈنى بالدۇر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگەيىتىپ كەلدىم ، قارىسام ئۇ مىھمانخانا   

تىلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ.كىرىپلاسالام قىلىپ قويۇپ دەرھال ئۆزۈمنى دالدىغا ئالدىم. ئىچكىرىدىكى ئۆيگە كىرىپ كىتاپكۆرۈپ ئولتۇرۇدۇم. ئەمما زىھنىمنى ئۇنىڭ بىردەم قاقاپلاپ كۈلۈشلىرى  بىردەم يىغلاشلىرى چىچىۋىتىپ باراتتى. ئىچى مپۇشتىدە دەرھال تىلغوننى ئىلىپ ئۇچۇر يازدىم. ‹‹ گۈلشەن ساراڭ بوپ قالدىڭىزمۇ، بىردەم كۈلۈپ بىردەم يىغلاپ ››. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى. ‹‹ ۋاي ئاللا ، بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرى بەك قىززىق ئىكەن ، كۈلۈپ بولالماي يىغلىۋەتتىم .. ھا ھا ھا››توۋا كۈلۈپ بولالماي يىغلىۋەتتىم دەيدىغۇ؟ دەپ ئويلىدىمدە يەنە ئۇچۇريازدىم.‹‹ئاۋازىڭىزنى پەسەيتىڭ ، مەن كىتاپ ئوقۇۋاتىمەن ››،‹‹كىتاپ كۆرىۋېرەمسىز،چىقىڭە بىللە كىنو كۆرىمىز››ئۇنىڭ ئۇچىرىنى كۆرۇپ چىقىپ كۆرۈپ بىقىش ئىستىكىتۇغۇلدى - دە، يىنىغا

چىقتىم.چىقىشىمغا ئۇ كۈلۈپ كىرىسلودىن يىقىلىپ يەرگە چۈشتى. يۈگۈرپ بىرىپ يۆلىدىم
ــ ھەي ساراڭ قىز، كۈلىمەن دەپ جاننى سەپ بەرمەڭ يەنە ــ دىدىم مەن ئۇنىڭ
كۈلۈپ  ياش ئېقىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئۆزۈممۇ كۈلىۋەتتىم.                          
ــئولتۇرىڭە، بىر كۆرىڭە سىز نىڭمۇ يۇمۇلاقلاپ قالمىغىنىڭزنى بىر كۆرەي ــ دەپ مىنى تارتىپ يىنىدا ئولتۇرغۇزدى . فىلىم خىلى قىززىق ئىكەن  ئەمما ئۇنچە يۇمۇلاقلاپ قالغىدەك ئەمەس ئىدى،لىكىن گۈلشەن شۈنچە ھاياجان شوق قىز ئىدى . فىلىمدىكى  كىشىلەرنى دوراپ  مىنىمۇ كۈلدۇرۋەتتى . فىلىمدىن ئەمەس ئۇنىڭ بالىلارچە قىلىقلىرىدىن كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزىلىپ قالايلا دىگەن ئىدى. ‹‹توۋا›› ئۆز ـئۆزىمگە ، ئۇزۇن  بوپ تىكەن بۇنداق ئىچىلىپ كۈلۈپ باقمىغىلى ، بۇ شەيتان قىز مىنى ھەجەپ خوش قىلدى بۈگەن . ئۇنىڭدىكى خوشاللىق ئۇنىڭدىكى سەبىيلىك مىنى ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن قاراتتى .‹‹سىز بولسىڭىزمۇ مەڭگۈ خوشال ياشاڭ ›› دەپپىچىرلىدىم . فىلىم تۈگدى . كىرىپ كىتەي دىسەم گۈلشەن تۇتىۋالدى.                                                           
ــ ئەلى ،ئۆتۈنەي ، بىر قوقۇنۇشلۇق فىلىم بارئىدى ،ئۆزۈم يالغۇز كۆرۈشتىن
قورقىمەن سىزكۆرشىپ بىرىڭ .                                                                     
ــ مەن قىززىقمايمەن ، ئۆزىڭىز كۆرۈڭ.                                             
ــ ئۆتىنەي ئۆزۈم يالغۇز كۆرسەن قورقىمەن.                                         
ــ ئەمسەكۆرمىسىڭىز بولمامدۇ، ئۇنچە ئاۋارە بولغۇچە.                           
ــدوسلىرىم بەك پىچەتكەن دىگەنتى قىززىقىپ قالدىم. ۋاي - ۋۇي نىمە بولىدۇ،
ئوتۇرۇڭڭە جىم. ــ ئۇ شۇنداق دەپ  تارتىپ يەنە ئولتۇرغۇزىۋالدى . ‹‹بوپتۇلا باشقا ئىشىم بولمىغانكىن كۆرسەممۇ  كۆرەي››  دەپ جىم ئولتۇردۇم. دەرۋەقە  ئىسمىجىسمىغا لايىق قورقۇنۇشلۇق فىلىم ئىدى. ھەر بىر قورقۇنۇشلۇق يىرى چىققاندا ئۆزۈمنىبىسىپ ئاران ئولتۇرساممۇ، گۈلشەننىڭ چىقىراپ ئىسىلىۋىلىشلىرىدىن تەڭ قورقۇپ سوغۇقتەرگە چۆكۈپ كىتەتتىم . بەزىدە تېخى تەڭ ۋاقىرشىپمۇ قالاتتۇق ، كىنومۇ تۈگىدى.ئىككىمىز بىر - بىرسىمىزگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.                                            
ــ ئەلى ئەمدى مەن كەشتە يالغۇز ياتسام قورقىمەن، سىز مەن بىلەن بىللە يىتىڭ.
ــ ئۇنداققىلساق قاملاشمايدۇ ، قورىقماڭ مەن ئىچىدە تۇرسام.                     
ــ ياقياق، قورقىمەن پەسكە كۆرپە  سىلىپ مۇشۇيەردە ياتاي ، سىز مىنىڭ   
قىشىمدا يىتىڭ.ـــ قىز جاھىللىق قىلىپ چىڭتۇرۋالغاشقا    ئامال  يوق ئۇنىڭغا ھەمرا بولدۇم. ئۇ قولۇمنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇخلىدى ئەمما مەن پەقەتلائۇخلىيالمىدىم.              
ئۇنىڭغاقاراپ ياتتىم . سۈپسۈزۈك تىرە ، ئوماققىنە ئىغىزلىرى ، سىزىپ قويغاندەك قاپقاراقاشلىرى ، تەبى بۇدرە چاچلىرى، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بۇ گۈزەلىكىگە خىلى ئادەم مەست ـخۈش بولاتتى . شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭغا بىرەر قىتىممۇ سەپ سىلىپ قاراپ باقماپتىكەنمەن، مانا ئەينى يىللاردىكى كىچىك قىز بىر ئوبدانلا چوڭ بۇلۇپ گۈزەللىشىپ كىتىپتۇ. بىر كىچە ئۇنىڭغا قوغدۇغۇچى بۇلۇپ ئۆتكۈزدىم . ئۇ شۇنچە شېرىن ئۇيقىدائىدى.                                                                                                          شۇنداق قىلىپ ، پات - پات بىللە ئولتۇرۇپ ئۆيدە كىنو كۆرىدىغان بۇلۇپ قالدۇق ، بەزىدەسىرىتلارغا چىقىپ بىللە ئايلىناتتۇق . بىر كۈنى ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن مۇزىكلىق ئارامگاھقا كىردۇق ، مودا مۇزىكىلار بىر توپ ياش قىزـ يىگىتلەر ، قاينام ـتاشقىنلىق ، ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ماڭا ماس كەلمەيدىغاندەك قىللاتتى .لىكىن شوق بولغاچقا مىنى تارتۇشتۇرۇپ يۈرۈپ بىللە ئوينىغىلى سالاتتى . ئۇ ئۇسۇلغا شۇنچە ئۇستىكى بىللە ئوينىغان ئادەممۇ ئەيمىنىپ قالاتتى. پەستە ئولتۇرغان ئوغۇللارمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كىتىۋاتقانئىدى. بىردەمدە لىرىك تانسا مۇزىكىسى باشلىنىشىغا ئۇ مىنى تارتىپ سەھنىگە ئىلىپ چىقىتى، بىز تانسا ئوينىدۇق . ئۇزاق بوپتىكەن تانسا ئويناپ باقمىغىلى نەچچە قىتىم ئۇنىڭ ئايقىغا دەسسىۋالدىم . بۇ ئۇچ مىنۇت ماڭا 30 مىنۇتتەك بىلىنىپ كەتتى.تانسائاخىرلىشىپ مەن تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقىش ئۈچۈن كىتىپ قالدىم . بىردەم ئۆتۇپ چىقسام ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئوغۇل بالا تۇرىدۇ ، قارىماققا ھەركەتلىرىدىن گۈلشەننى تانسىغا تارتىۋاتقاندەك قىلاتتى. يۈگۈرۇپ باردىمدە يىگىتنىڭ كۆزىگەقارىدىم.ئۇدەرھاللا ‹‹ ھە، كەچۇرگىن سىنىڭ قىز دوستۇڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەي قاپتىمەن›› دەپ كىتىپ قالدى.مەن گۈلشەننى تاتىپ ئىلىپ ماڭدىم.                                                         
ــ بىردەم ئولتۇرمامدۇق.                                                                  
ــ بولدى يۈرۈڭ كىتىمىز، باشقىلار سىز گە بەك قاراپ كەتتى.                     
ــ قارىسانىم بولاتتى، ۋاي..  تارىتماڭە،ئاغرىتىۋەتتىڭىز.ــ بايامقى  ئاچچىقىمدا
ئۇنى كۇچەپ تارتىۋەتكەنلىكىمنى ھىس قىلالماي قاپتىمەن .                                    
ئۆيگەكىلىپ كارۋاتقا ئۆزۇمنى ئاتتىم. ئۆزـ ئۆزۇمگە سوئال قويدۇم:‹‹ مەن نىمە بولدۇم؟كىچىلىرى گۈلشەننىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، كۈندۇزى بىر مىنۇت كۆرمىسەم ئىچىم تىتىلدايدۇ، بەختىڭىزنى تىپىڭ دەپ قويۇپ باشقىلار بەكرە قاراپ قويسا ھەم ئاچچىقىم كىلىدۇ. ئەجىبا ئۇنى....  ياق ياق مەن رەنانى سۆيىمەن پەقەت ئۇنى›› ئىچىمدە ئۆزۈم بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتىم . ئەمما ئككىلا ئۆزۈم بىر بىردىن قىلىشماي بەس مۇنازىرىدە ئىدى. شۇنداق قىلىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇزاق ئوتمەي ئىشىكنىڭ ئەنسىز چىكىلىشى بىلەن ئويغۇنۇپ كىتپ سائىتىمگە قارىدىم ، تېخى يېرىم كىچە ئىككى  ئىدى . بۇ كىچىدە كىم كەلگەندۇ دەپ ئويلىدىم - دە، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاشتىم . سىڭلىمنىڭ يولدىشى چىرايىدا قان يوق ھاسىراپ ـھومۈدەپ تۇراتتى. مىنى كۆرۇپ ئۆزىنى ئاتتى ‹‹ ئاكا، ئاپىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق››دەپلام ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. ‹‹ نىمە؟ چۇشتە بارغىنىمدا ساپ - ساق ئىدىغۇ؟!!›› دىگىنىمچە  ئىشىكتىن ئىتىلىپ چىقىپ يۈگۈرگەن پىتى سىڭلىمنىڭ ئۆيىگە كەلدىم . ئۆيگە كىرىپلا  كاىۋاتتا ئۈستىگە ئاق لاتا يېپىپ قويۇلغان ئاپامغا تاشلىنىپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم . قاچانلاردا گۈلشەننىڭ ‹‹ سەۋىر قىلىڭ›› دەپ مۈرەمگە ئۇرغىنىدا ئىسىمنى يىغىپ سىڭلىمدىن سورىدىم.                                                                                                
ــ قاچان تۈگەپ قالدى؟                                                                       
ــ نامازشامدىن يىنىپ ئۇخلاپ قالغان ، خىلىغىچە ئويغانمىغىنىغا قاراپ خۇپ ـ   
تەن  ئوقۇۋالسۇن دەپ  ئويغاتسام ئويغانمىدى، شۇ چاغدا تۈگەپ قالغانلىقىنىبىلدىم.      
      يىغا زار بىلەن ئاپامنىڭيەتتە نەزىرىنىمۇ بىرىۋالدۇق. بۇ ئارىدا ھازىنىڭ دەردىدە يۈرۇپ ھەممىنى ئۇنتىغان ئىدىم . ئىشلار بىسىقىپ ئۆيگە يىنىپ كەلدىم . ئەمما ئۆي بىر خىل سوغۇق بىلىندى.‹‹گۈلشەن ›› ئۇنى  چاقىردىم . ئەمما ئۇ يوق ئىدى . ياتاق ئۆيىگە كىرسەم ، ئىشكاپلىرى ئۇچۇق ئىچى قۇرۇق تۇراتتى . باشقايەرلەرگىمۇ قارىدىم، دىمەك ئايان بولدىكى ئۇ نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ كىتىپتۇ. تىلفون قىلدىم ئەمما ئىتىك.ئىشقىلىپ ھەممە يەرلەردىن ئىزدىدىم بىراق تاپالمىدىم. گادىرماچ خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى. يانچۇقۇمدا ساقلاپ يۈرگەن ئۈزۈكنى قولۇمغا ئىلىپ چىڭ سىقىمدىدىم - دە،
‹‹كىچىكىپتىمەن،بەكلام كىچىكىپتىمەن›› دەپ ھەسرەتلەندىم.                                   
        ئارىدىنبىر يىل ئۆتۇپ كەتتى . ئۇنىڭ خەۋىرىنى تىخىچىلا ئالالمىغان ئىدىم . بىر كۈنى يولداكىتىۋىتىپ  گۈلشەننىڭ يىقىن دوستى زىبانىئۇچرىتىپ قالدىم.                           
   ــزىبا!!                                                                                          
   ــ ئەلى ئاكا ــ ، ئىككىمز سالاملاشتۇق.                                                         
    ــ سىزنەگە كەتتىڭىز؟ گۈلشەن بىلەن قوشۇلۇپ سىزمۇ غايىپ بولدىڭىز؟               
   ــ مەن قەشقەردە ئىشلەۋاتىمەن ، ئۈرۈمچىگە يىغىنغا كەلگەن.                           
ـ  ـگۈلشەننىڭ خەۋىرىنى پەقەت ئالالمىدىم، سىز چوقۇم بىلىسىز، ئۆتىنەي ئۇنى ماڭا
تىپىپ بېرىڭ.                                                                                       
   ــ ئەلى ئاكا، ئۇنى تىپىشنى شۇنچە خالامسىز؟                                               
    ــخالامسىز؟ بۇ نىمە گەپ ؟ ئەلۋەتتە، خالايمەنلا ئەمەس چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن.
   ــ نىمىشقا؟                                                                                             
      ــ  توۋا ما قىزنى ، نىمانچە غەلىتە سوئاللارن سورايسىز؟                                   
       ــ ئۇنىڭ بىلەن يالغانغا توي قىلغىنىڭىز نى بىلىمەن ، ئاپىڭىزمۇ تۈگەپ كەتتى، ئەم      
دى ئۇنىڭ ۋەزىپىسى تۇگىگەن تۇرسا ، يەنە نىمىگە ئىزدەيسىز؟                                
        ــ مەن ئۇنى سۆيىمەن ، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ،مەن ئۇنىڭغا موھتاج                 
مەن شۇنداقدىيىشىمگە خوشاللىقىدىن سەكرىۋەتتى.                                             
      ــبىلەمسىز ئەلى ئاكا، گۈلشەنمۇ سزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى.سىز دىن ئايرىلىپ
بىر كۈنمۇ كۈلۈپ باقمىدى.                                                                           
      ــ ئۇنەدە؟                                                                                            
      ــ  قەشقەردە ، بالىلار باغچىسىدا  ئىشلەۋاتىدۇ.                                               
زىباشۇنداق دىگەچ ماڭا ئۇنىڭ ئادىرسىنى ئىيتىپ بەردى.قەلبىمدە بىر خىل
شىرىن خوشاللىق ئەۋجىگە ئىلىپ ، قانىتىم بولساھازىرلا گۈلشەننىڭ قىشىغا ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنى باغرىمغا باسقۇم كەلدى. ئۆزۇمنى تۇتۇپ دەم ئىلىش كۈنىنى ساقلىدىم. ئايروپىلانلىق قەشقەرگە باردىم. ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقان يىرىگە نەق باردىم. ئشىكتىن كىرگۈزمىگەچكە ئىشىك باقارغا بىر مۇنچە چۈشەندۇرۇپ ھەتتا ھىكايىمىزنمۇ ئىيتىپ بېرىشقا ئۇلگۈردۈم . ئىشىك باقار بەلكىم ھىكايىمىزدىن تەسىزلىنىپ قالدى بولغاي مىنى كىرگۈزدى، ھەم ئۇنىڭ سىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇدۇل سىنىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم . دېرىزىدىن قاراپ تۇردۇم. ئۇ بالىلارغائۇسۇل ئۆگۈتىۋاتاتتى. تاتلىق قىلىقلارغا قاراپ پىسىڭغىدە كۈلىۋەتتىم . ئۇ بىشىنىدېرىزە تەرەپكە بۇراپ مىنى كورۇپ قالدى - دە، ئىتىلىپ چىقىپ ماڭا ئىسىلدى.                                                                          
    ــبىلەتتىم ھامان كىلىدىڭىنىڭىزنى بىلەتتىم.ــ دەپ بولدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى.   
   ــ ئەخمەق قىز ، نىمانچە ئادىراپ كىتىپ قالىسىز. مەندىن ئايرىلىشقا قانداق   
چىدىدىڭىز؟بۇ بىر يىل ماڭا مىڭ يىلدەك بىلىنىپ كەتتى.ــ مەن شۇندق دىگەچ يانچۇقۇمدىن
ساقلىغىلى ئۇزۇن بولغان ھىلىقى ئۈزۈكنى ئىلىپ ئۇنىڭغا سىلىپ قويدۇم، ھەم:              
    ــ ھەي گۈلشەن قىز ، ھەي گۈلشەن قىز. قاراڭغۇ زۇلمەتتە قالغان يۈرۈـ   
كۈمنى يورۇقلۇققا چىقارغان ،مىنى قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتۈرگەن ، ئىرىشتۈرگەندىمۇ ئەڭ گۈزەل ھاياتلىققائىرىشتۇرگەن بىغۇبار ئوماق قىز، سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن، بىز ھەممىنى قايتاباشلايلى،ـ دېدىم.  


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 20:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغان راسقا ئايلىنىپتۇ دە ......
كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دىسە كۆنگەن يامان دەپتىكەن ... كۈنۈپ قالسا ئامال يوق ....
مۇشۇنداق ئىش يالغان راسقا ئايلانغان بولسا ھە ........

UID
50518
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 23:51:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلبۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-10 20:09
يالغان راسقا ئايلىنىپتۇ دە ......
كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنم ...

كونىلار ‹‹نىكاھ غايىب›› دەپ نىمىلا دىگەن بىلەن بىر توي قىلىپ بىر ئۆيدە تۇر دى ئەمەسمۇ كۆڭلى چۇشۇپ قالمىسىمۇ غەلىتە ئىشتە ..  ھى ھى

يېڭى يۇلتۇز

مىللىتېم ياشنىسۇن. ئەزەن ئوچمى

UID
47670
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 11:23:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ‹‹ كىمنى مەندىن بەكرەك سۆيسەڭ ئۇنىسەندىن ئايرىيمەن ، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمەن دېمە، سىنى  ئۇنىڭسىزمۇ ياشىتىمەن›› دەپتىكەن .  
ئاللاھ بەختىڭلارنى بەرسۇن.

UID
50518
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 15:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسرا يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 11:23
ئاللاھ ‹‹ كىمنى مەندىن بەكرەك سۆيسەڭ ئۇنىسەندىن ئايرى ...

رەخمەت ، ئاللا ھەربىر مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ بەخىت تەلىينى بەرسۇن. ئامىن ..

UID
47858
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 17:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
28222
يازما
194
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 18:09:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئەڭ سۈيدىغىنىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ،ئۇنىڭدىن باشقىللىرى ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نىئمەت ياكى سوۋغا .
سىزنى راسا بىر ئەدەبلەي دەپ تۇرسام ئاخىردا ھۇشىڭىزنى تېپىۋاپسىز ئەمەسمۇ .مۇبارەك بولسۇن !
ئىملاغا دىققەت قىلىپ ئانا تىلىمىزنى قوغداش يۇلىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىڭىز تېخمۇ خۇرسەن بۇلاتتىم .

UID
2197
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
126
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 12:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىككەن،،،،

UID
50518
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umudwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى  2013-5-11 18:09
بىز ئەڭ سۈيدىغىنىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ ،ئۇنىڭدىن باشقىللىر ...

رەخمەت ... ماقۇل تىرىشىمەن .

UID
50518
يازما
7
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-12-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 22:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazi يوللىغان ۋاقتى  2013-5-12 12:26
تەسىرلىككەن،،،،

رەخمەت..    ياختۇرغان بولسىڭىز مەن خۇش.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش