كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 18

ئۇيغۇر كىتابچىلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 نادىر كىتاب   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 13:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇراخمان باقى


1.«ئوغۇزنامە»:1981-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

2. «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» :80-بەت بولۇپ،ھازىر پارىژدا ساقلانماقتا.

3.«ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى».

4.«ئىدىقۇت مەھكىمە سۆزلۈكى». شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

5.«مايتىرى سىمىت» :1988-يىلى نەشىر قىلىنغان.(27پەردىلىك درامما)

6.«ئالتۇن يارۇق». سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنغان.

7.«چاشتانى ئېلىگ بەگ داستانى».ئەسلى قوليازما 1914-يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان .

8.«دەدە قۇرقۇت داستانى».سەككىزىنچى توققۇزىنىچى-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئىلىنغان.(نۆۋەتتىكى «دەدە قۇرقۇت ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابچە شۇ كىتابقا ئاساسەن نەشىر قىلىنغان ).

9.«پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئادىل پادىشاھ توغرىسىدا».فارابى ئاپتۇرلىقىدىكى بۇ كىتابمۇ نەشىر قىلىنغان.

10.«دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»….(بۇ ھەقتكى مەلۇماتلار بىزگە ئېنىق)

11.«قۇتادغۇبىلىگ » داستانى.

12.«ئەتەبەتۇل ھەقايىق». 14باپلىق بۇ داستان قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىلىرىدە ئەما شائىر ئەھمەد يۈكنەكى تەرىپىدىن يېزىلغان.بۇ ئەسەرمۇ نەشىر قىلىنغان.

13.«سۇرراھ» : (پارس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى) بىر قىسىم كىتاب بولۇپ 670بەت . ئاپتۇرى:مۇھەممەد ئىبنى جامالىيە قارشى. تەئىللىق نۇسخىدا كۆچۆرۈلگەن.

14.«مۇھەببەتنامە»: خارەزىمى تەرىپىدىن 1353- يېزىلغان .11پارچە مەكتۇپ.

15.«خەزائىنۇل مەئانى ۋە خەمىسە»: (خەزائىنۇل مەئانى 80مىڭ 344 مىسرالىق 3130پارچە شېئىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا <خەمىسە> ھەيراتۇل ئەبرار ،سەبىئەئى سەييار،پەرھات-شىرىن،لەيلى-مەجنۇن ۋە سەددى ئىسكەندەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان).

16.«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» :1499-يىلى نەۋائىي تەرىپىدىن يېزىلغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ۋە پەلسەپىگە ئائىت ئەسەر.

17.«مەجالسۇن نەفائىس» (گۈزەللەر يىغىلىشى)1491- نەۋائىي تەرپىدىن يېزىلغان بىئوگىرافىك ئەسەر.

18.«ئۆگدۈلمىش ئوغلى جانى بەگنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرى»:12-13-ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تارىخچى ئەدىب جانى بەگ ئۆگدۈلمىش ئوغلىنىڭ تەرجىمھال خاراكتىرلىك رومانى.1260-يىلى يېزىلغان.

19.«بابۇرنامە»: 1483-يىلى تۇغۇلغان مەشھۇر شاھ بابۇر تەرىپىدىن يېزىلغان.

20.«قىسەسۇل ئەنبىيا»: نەسىردىن رابغۇزى تەرىپىدىن 1309-1310-يىللىرى ئەتراپىدا يېزىلغان.

21.«تارىخي رەشىد» :مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر تەرىپىدىن پارىس تىلدا 1541-1547-يىلىغىچە يېزىلغان.

22.«تەزكىرەئىي ئارسىلانخان» : 18-ئەسىردىكى تارىخچى ۋە شائىر قاسىمى تەرىپىدىن1799- يېزىلغان.2122مىسرالىق تارىخى داستان.

23.«چىڭگىزنامە»: 18-19-ئەسىرلەر ئارلىقىدا ياشىغان موللا مىرسالىھ قەشقەرە تەرىپىدىن يېزىلغان.(بۇ كىتابتا سەئىدىيە خانلىقىغا دائىر مەلۇمات بار).

24.«مۇھەببەت داستانلىرى»: ئابدۇرېھىم نىزارى تەرىپىدىن 1837-1838-يىللىرى يېزىلغان.(رابىيە-سەئىدىن،ۋامۇق-ئۇزۇرا،پەرھات-شىرىن،لەيلى-مەجنۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

25.«كىتابى غىرىب» : غىرىبى تەرىپىدىن 1837-يىلى زوھۇردۇن ھاكىمبەگ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان.2150مىسرا،36ماۋزۇ،32خىل كەسىپ كىرگۈزۈلگەن.

26.تەۋارىخى مۇسقىيۇن:19-ئەسىردىكى خوتەنلىك مۇزىكىشۇناس،تارىخچى موللا ئىسمەتۇللا ئىبنى نىمەتۇللا (مۆجىزە)نىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەسىرى.

27.تەزكىرەتۇل بۇغراخان: 19-ئەسىردىكى موللا ھاجىنىڭ ئەسىرى.ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە ساتۇق بۇ غراخان،ھەسەن بۇ غرا،ئارسىلانخان…لارنىڭ ئىش-پائالىيتى تەزكىرى شەكىلدە يېزىلغان.

28.مۇھەببەتنامە ۋە مھنەتكام. ھىرقىتى(1634-1724)تەرىپىدىن يېزىلغان.

29.تارىخى رەشىد 1545-يىلى مىرزا ھەيدەر قەشقەرە تەرىپىدىن يېزىلغان.

30.غازات دەر مۇلكى چىن:موللا بىلال يۈسۈپ ئوغلى(نازىم) نىڭ 1867-يىلىدىكى ئېلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باش تېما قىلىپ يازغان شېئىرى داستانى.

31.تارىخى ئەلتەبەرى:12جىلىدلىق مەشھۇر ئەسەربولۇپ،ئەرەب ئالىمى تەبەرى تەرپىدىن يېزىلغان .(كىتابتا دۇنيانىڭ يارىلىشىدىن تارتىپ 915-يىلىغىچە بولغان ۋەقەلەر سۆزلەنگەن)

32.ماقالات :19-ئەسىردىكى ئالىم،ئەدىب ئىمىر ھۆسيىن سەبۇرى تەرىپىدىن يېزىلغان 20باپلىق ئەسەر.

33.ئەمىر نەۋائىي: نىزارى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. بۇ كىتاب 127يىل مەدرىس دەرىسلىكى(1957-يىلىغىچە) قىلىنغان.

34.تەجەللى-مۇجەللى:تەجەللى (1865-1929) تەرىپىدن يېزىلغاب بولۇپ، مىللىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان.

35.تەزكىرەئى ئەزىزان(ئۇلۇغلار تەزكىرىسى):مۇھەممەد سادىق كاشغەرى تەرىپىدىن 1711-يىلى يېزىلغان بولۇپ،مەخدۇم ئەزەم، ئاپپاق غوجا ۋە ئەۋلادلىرى …يېزىلغان.

36.زۇبدەتۇل ماسائىل:مۇھەممەد سادىق كاشغەرى تەرىپىدىن 1840-يېزىلغان شەرىئەت قائىدىلىرى.

37.تەزكىرەئى بۇغراخان:موللا ھاجى تەرىپىدىن يېزىلغان.1988-يىلى نەشىر قىلىنغان.

38.تارىخى ئەمىر تۆمۈر:1256-يىلى، 504بەتلىك بولۇپ يېزىلغان.

39.تارىخى ۋەتەن ۋاقىئاتى خوتەن“مۇھەممەد ئابدۇللاھ ھاجىنىڭ ئەسىرى بولۇپ،خوتەن تارىخى(پەيدا بولشىمئىلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ۋە چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئەھۋاللار… )يورىتىلغان.

40.يۈسۈپ-زۇلەيخا :ھىجىرىيە 1222-يىلى موللا يۈنۈس يەركەندى تەرىپىدىن يېزىلغان.ئا.جامىنىڭ داستانىغا تەقلىد قىلىنغان 72ماۋزۇدىن تەركىپ تاپقان.384بەت،9048مىسرالىق ئەسەر.

41.نورۇزنامە:مەۋلانى سەدىردىن قارىقاشى تەرىپىدىن 1354-يىلى يېزىلغان.

42.يۇلتۇزلار جەدىۋىلى:ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن يېزىلغان. لوندۇندا ئۈچ قېتىم (1650-1652-يىللىرى)نەشىر قىلىنغان.

43.ئەلجەبىر ۋە مۇققالات:خارەزىمنىڭ ئەسىرى بولۇپ،ھېساب ئىلمى،ئاستىرونوميىلىك يەر تەسۋىرى،يەھۇدىيلار تارىخى ۋە بايراملىرى>قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان.

44.شەجەرەئىي تەراكىمە(تۈركمەنلەر شەجەرىسى ) ئوبۇلغازى باھادىرخان تەرىپىدىن1337- يېزىلغان،1958-يىلى موسكۋادانەشىر قىلىنغان.

45.تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا.پەندىنامە:فەرىدىن ئەتتار(1145-1229) تەرىپىدىن يېزىلغان.

46.تارىخىي ئەمنىيە:موللا مۇسا سايرامى (1850-1915)نىڭ داڭلىق ئەسىرى.

47.تارىخى ھەمىدى: 1908-يىلى يېزىلغان.1860-يىىلاردىكى قوزغىلاڭ تەسۋىرلەنگەن.

48.لاداخ يولىدا كارۋان:ئەھمەە زىيائى (1913-1989)تەرىپىدىن يېزىلغان ساياھەت خاتىرسى.

49.كاسىپلار رىسالىسى:ئاپتۇرى نامەلۇم،چاغاتاي تىلىدا،تەئىللىق نۇسخىدا يېزىلغان.

50.ئون ئۈچ كىتاب:مەدرىس مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىنغان.(سەككىز كىتاب ئەرەبچە،كېيىنلىرى پارىسچە).
51.زەللى غەزەللىرى .133غەزەل،19 مۇخەممەستىن تەركىپ تاپقان.

52.ئەھمەد يەسەۋىي ھېكمەتلىرى.

53.شەرھى مەسنەۋى شەرف:ئىككى قىسىم 574-بەت،

54.مىشكاتۇل مەسابھ(چىراقچىلار تەزكىرىسى) ھەدىس كىتاب.

55.ئەمىر نەۋائىي (نەۋائي شېئىرلىرى) 160بەت،بىر قىسم.

56.بابۇرنامە:

57.نەفەھاتىل ئۇنىس (ھەممە پەسىللەر ).ئا.جامى يازغان.

58.دەستۇرۇل ئىلاج (كېسەللەر ئىلاجى).

59.فەۋائىدى ۋافىيە بىھەللى مۈشكۇلاتى(كافىيە ناملىق كىتابنىڭ قيىن جايلىرىنى يېشىش ئېھتىياجىدىن چىققۇچى)

60.كىتابۇر رەھمەتى(مېھىر-شەپقەت كىتابى)

61.كۇللىيانى جامى(جامى ئەسەرلىرى)

62.ئەخلاقى ھەمىدە(ياخشى ئەخلاق)

63.مەسنەۋى شېرىف. سوپىزىمنى كۈيلەپ يازغان ئەسەر.

64.ئىستىئات(مېتافۇرا) :1885-يىلى كۆچۈرۈلگەن.

65.مۇفىردات (تاق بەتلىك شېئىرلار ) ھۆسىنخەت ئۆرنەكلىرى

66.قارا بادىن قادىرى پارىس(قارا بادىن قادىرى ناملىق كىتابنىڭ پارىسچىسى).

67.شەجەرئي تۈرك .1663-يىلىغىچە بولغان ۋەقە بايان قىلىنغان.

68.تەزكىرەتىل ھېدايەت: نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان.

69.خەزانە ئەمىر.

70.زەبد تۇل ئەخپار (خەبەرلەرنىڭ مېغىزى).

71.پارىسچە-ئەرەبچە_چاغاتايچە لۇغەت.

72.دۇرۇلنىجات (نىجاتلىق ئۈنچىلىرى)

73.تارىخ پەرىشتە: ھىندىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىسلام شاھلىرى بايان قىلىنغان .

74.خۇلاسەتۇل ھېساب ھىجىرىيە(ھىجىرىيە كالېندارىغا ئائىت ھېسابلاشنى خۇلاسلاش )،

75. خۇلاسەتۇل ھېساب(ھېساب ئىلمى خۇلاسسى)

76.سىلىسىيە تىل كىتابى :19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى رەھىم بەختى تەرىپىدىن پارىس تىلىدا يېزىلغان.

77.تەقۋىم جەدىد (يېڭىچە كالېندار).

78.بەدىئۇل بەيان (گۈزەل بايان).

79.سۇلتاب قىرىمىش تەزكىرىسى :135-بەت.

80.ھىدايىتۇللا ئىشان ۋە خوجىلار تەزكىرىسى.

81.ئەسھابۇل كەھەف تەزكىرىسى.

82.كەششاپۇ ئېتىلا ھاتىل فۇنۇن(پەنلەرنىڭ ئاچقۇچى)

83.شىفائىل قۇلۇب(يۈرەك داۋاسى).

84.تەرىقول ئىلاج تۈركى(ئىلاج قىلىش يوللىرى).

85.گۈللىيانى ئابدۇقادىر بىدىل:مۇشۇ كىشىنىڭ نەزمى ۋە نەسىرى ئەسەرلەر توپلىمى.

86.شەرھى سۇللام.

87.مۇتۇن (مەتىنلەر توپلىمى)

88.سىراجىيە (چىراغ)

89.ئەلمۇنجىدۇل كەبىدا(چوڭ لۇغەت)

90.قىياپەتۇلبەشىر (ئادەملەر )

91.شەرھى قىران (خوجا ھەسەن تەزكىرىسى) ئاپپاق خوجا ئوغلى -خوجا ھەسەن توغرىسىدىكى كىتاب.

92.مىزانى تىب ئەدەب-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتاب.

93.جاۋاھىرۇل ئېتقاد(ئېتقاد جەۋھەرلىرى)

94.ئاپپاق خوجا تەزكىرىسى .

95.تەھسل ھېساب (ئاسان ھېسابلاش)

96.ئىلمى نەباتات زوئولوگىيە ئىلمى)

97.قامۇسۇل ئەئىلام:ئالتە توم،سەككىز قسىملىق 803-بەتلىك كىتاب.

98.مىفتائۇل ئەدەب(ئەدەبلەر ئاچقۇچى)

99.ھاياتۇل ھايۋان كۇبرا (جانلىقلار ھاياتى).

100.مەسنەۋى شېرىف.

مەنبە: ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2006-يىللىق 6-سان ۋە 2007-يىللىق 1-2-3-سانلار

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 21:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان كىتابلار كۆپكەن

UID
50039
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-28
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 23:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىتابچىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى بۇيىچە تىزىلغانمىدۇ ياكى ........؟ كۆپ ساندىكىلىرى ھازىر كىتابخانىلاردىن تاپقىلى بولمايدىغان كىتابلاركەن .  بۇ كىتابلارنىڭ ئوقۇلۇش ئىمكانىيتىنى كىڭەيتكىلى بۇلامدىغاندۇ ؟

UID
44014
يازما
221
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2012-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 23:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ باقسام كۆپىنچىسى دىنغا،ئاستىرونۇم ئىلمىغا،تارىخىقا ئائىت نادىر ئەسەرلەر ئىكەن.مەن بۇ كىتاپلارنىڭ ئۇلۇغبەگ ناملىق ئەسەرنىلا ئوقۇغانكەنمەن.،،مەن بەزى دىنغا ،تارىخىقا ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇغانمەن،لىكىن بەزى ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەسلىك سەۋەبىدىن،كىتاپنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمىگەنىدىم..

مىنىڭ مىللىي غۇرورىمنى ئويغۇتۇشقا ئانا يۇرت رومانى بىۋاستە سەۋەپ بولدى دەپ ئويلايمەن،،ئانا يۇرت رومانىنى نادىر ئەسەرلەر تۈرىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بىرىمەن.

باھا سۆز

arqiman  بۇلاپمۇ بىرىنچى نەشىرى !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 00:39:03

UID
47282
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 00:19:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كىم ياكى قايسى ئورون تىزىدى ئېنىق ئەسكەرتىلسە.بۇنداق بۇلغاندا كۆڭلىمىزدە ئېنىق سان بولدۇ.

UID
21971
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 00:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى تاللاپ ئۇقۇپتىمەن جۇما كىتاپنى !

UID
39347
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 01:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىكى  تورداشنىڭ پىكرىنى مەنمۇ قوللايمەن ئانا يۇرت  زادى كاتتا ئەسەر ئىدى ئەمما زە قايتا قايتانەشىر قىلىنىۋېرپ   ئۆزلىكىنى يوقىتىپ قويغىلىۋاتىدۇ

UID
47298
يازما
93
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2013-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 09:02:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21-   ۋە 29-  كىتاپ  ئوخشاش ئەمەسما

UID
31144
يازما
399
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
399
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 09:48:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا يۇرت  رومانى يېقنقى زاماندا يىزىلغان ئەڭ نادىر كىتاپ دېيشكە تامامەن ھەقلىق ،جاللات خېنىممۇ شۇ !! بەك ياخشى ئەسەرلەر جۇمۇ !!

UID
33525
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-3-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر كىتابچىلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب دەيمىز؟»-،خاپا بولماي مۇشۇنىڭغىمۇ بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز ياكى بەرسە....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش