- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 8
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2013-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-17
- UID
- 49620
- يازما
- 8
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 8
- تىزىملاتقان
- 2013-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-7-17
- توردا
- 16 سائەت
|
ھەممىمىز بىلىمىز ھەر قانداق بىر ئەمگەكچى دۆلەتنىڭ ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكنى ،بىراق مەن بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيتىگە قاراپ باقسام ،ئوچۇق قىلىپ ئېيىتسام ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغاچقا ،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستىمىسىغا ،ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ مەجبۇرىيتى قىسىمى ئۆز رولىنى كۆرسىتىپ ،ھوقۇقىغا كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك .
ھازىر كۆپىنچە ئادەملەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىدەك ئەمەس ،ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمايدۇ دەپ ئاغرىندۇ .
مائارىپتىكى شۇنچە جىق تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋېلىش ،مەكتەپ مۇدىرلرىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئوقۇتۇشقا دائىر نەخ مەيدان پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق قىلىش ،تۈرلۈك ئارخىپ خىزمەتلىرى ........مۇشۇنداق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدىغان ۋاقىتلاردا ،ئىشلەپ بولالمىساق دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇربىز.دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلەيمىزيۇ بۇنىڭغا قۇشۇپ بىرىدىغان ئىش ھەققى يوق ،ئايلىق رۇخسىتىمىز تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتسە سائىتىگە 10يۇەن مۇئاشتىن تۇتىدۇ .لىكىن مۇئاشتىن پۇل تۇتىلدىغانلا يەنىلا كۆيىنىپ خىزمەت ئىشلەيدىغانلار ،ئاشۇ بىر قىسىم پۇرسەتپەرەس،ساختىپەزلەر يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ ،راھەت كۆرىدۇ.
قايسى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ بۇ توغرىسدىكى يوللۇق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى رازى بولغىدەك جاۋاپ بولماستىن بەلكى ئەڭ جاپالىق شارائىتقا بېرىپ ئىشلەش ،زىيادە كۆپ بولغان خىزمەت ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئېلىش بۇلىدۇ .ھەتتا مائارىپ ئىدارىللىرىنىڭ چۈشۈرگەن مۇناسۋەتلىك ھۆججەتلىرىمۇ بۇ نۇقتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ .بەزىدە ئاشۇ ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىر قېلىپتا ،پەقەت رەسمىيەت يۈزسىدىن ئىشلىندىغان تۈرلۈك ئارخىپلار دۆۋىسىگە قاراپ بۇ مەكتەپمۇ ياكى كونا ئارخىپ ئامبىرىمۇ دىگۈسى كىلىدۇ كىشىنىڭ.
قاچانغىچە بىز ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولالماي يۇرۇيمىز؟ بۇنى قايسى ئورۇن تۈزۈتىشكە قانۇن بويىچە ئەمىللەشتۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ؟ مانا بۇ جاۋابى يوق سۇئال كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى يىشىلمەيدىغان تۈگۈن . |
|