كۆرۈش: 2509|ئىنكاس: 18

قۇتادغۇبىلىگ كىمنىڭ، ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
124
تېما
61
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەھمەت زىيائى


بىزگە مەلۇمكى، دۇنيادا ھەر بىر مىللەتنىڭ شۇ مىللەتنى تارىخ بېتىدە ئەسلەتمە خاتىرە بەلگىلىرى بولغان. ئۇلار ئەنە شۇ خاتىرە بەلگىلىرى بىلەن زامان ئۆزگىرىشىنىڭ نەمەھۇ – ئىنتىزارلىق تۇمانلىرى ئاستىدا يوقىلىپ كەتمەي، ئۆتمۈش ھاياتىنىڭ بارلىق بەلگىلىرىنى تارىختا نامايان قىلىپ، پەخىرلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، جۇڭگو كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتى، ساۋ شۆچىن ۋە ئۇنىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانى بىلەن، يۇنانلىقلار ئۆز پەيلاسوپلىرى پلاتون، ئارستوتېل، بۇقرات، سوكرات، فىساغۇرس ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن، ھىندىلار بىدپاي ھېكىم ۋە ئۇنىڭ «كەلىلە ۋە دەمىنە» سى بىلەن، ئىرانلىقلار فىردەۋسى ۋە ئۇنىڭ «شاھنامە» سى بىلەن، ئېنگلىزلار بايرون، شېكىسپىر بىلەن، رۇسلار تولىستوي ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن… ۋەھاكازالار. بىزمۇ ئەمدىلىكتە ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى شانلىق كۈنلىرىمىزنىڭ مەرىپەت نىشانلىرىنى خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بۈيۈك تەنتەنە ساداسى ئىچىدە كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئىمكانىيەت تاپتۇق، ئۇ بولسىمۇ بىز ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان يىگانە ئەسەر «قۇتادغۇ بىلىك» تۇر. ھازىر بۇ ئەسەر خەلقىمىز قولىغا ئۆتتى، نەزمىي يەشمىسى نەشىر قىلىنىپ تارالدى. بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن ئۇنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ئىلمىي پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، «قۇتادغۇبىلىك »نى تەتقىق قىلىشنى قولغا ئېلىشتا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى مىللەت تىللىقى مەسىلىسىدۇر.
«قۇتادغۇبىلىك »نىڭ يېزىلغىنىغا 1000 يىل بولغان بولسىمۇ، شۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، ئۇ بەزىدە كۆرۈنۈش، بەزىدە كۆمۈلۈش ھاللىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ناھايەت 1925-يىلى پروفېسسور فىترەتنىڭ تاشكەنتتە چىقىدىغان «مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى» ناملىق مەجمۇئەدە بۇ ئەسەر توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بېرىشتە ئۆزى ئۇچراتقان نەمەنگان نۇسخىسىدىن 154-بەتنىڭ فاكسىمىلىنى بېرىشى بىلەن بۇ ئەسەر دۇنياغا تونۇلدى. شۇندىن بېرى، «قۇتادغۇ بىلىك» قولدىن قولغا ئۆتۈپ، ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ نۇرغۇن دۆلەتلەر، جۈملىدىن ۋېنگرىيە، دانىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە، ئىتالىيە، چار روسىيە، ياپونىيە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشىغان دۆلەتلەردە بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. تەتقىقاتچى ئالىملاردىن ئوتتۇ ئولبرىت (گېرمانىيە)، ۋامبرى (ۋېنگرىيە)، نەجىپ ئاسىم، رەشىت رەھمەتى ئارات، سەدرى مەقسۇدى، ئا. دىل ئاچار، كوپرولۇ فۇئادزادە (تۈركىيە)، بومباچى (ئىتالىيە)، مالوۋ، رادلوۋ، بارتولد، سامايلۇۋىچ (چار روسىيە)، فىترەت، ئەخمەت زەكى ۋەلىدى، ئېمىر نەجىپ، قەييۇم كەرىموۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى)، تومسۇن (دانىيە)، بروككېلىمان، ھارتمان (گېرمانىيە)لەر «قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، ئىلىم دۇنياسىغا ئالقىشقا سازاۋەر زور خىزمەتلەر تەقدىم قىلىشتى.
بىز ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە، بەزى ئىختىلاپلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق، ئۇ بولسىمۇ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى، ئۇنىڭ تىلى قايسى مىللەتنىڭ تىللىقىدىكى بىر خىل بولمىغان مۈجمەل كۆز قاراشلاردىن ئىبارەت. دېمەك، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدىكى كۆز قاراشلىرى، پىكىرلىرى ئوخشاش ئەمەس. بۇ توغرىدا ئەھۋال شۇ دەرىجىدىكى، «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دەپ قويۇش بىلەنلا مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىدا. چۈنكى، ھەر تەتقىقاتچىنىڭ بۇ توغرىلىق قىلغان تۈرلۈك سۆزلىرى، كەلتۈرگەن دەلىل- ئىسپاتلىرى، تۇيغۇ-ھېسسىياتلىرى بار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزگىمۇ پىكىر ۋە مۇھاكىمىمىزنى، دەلىل-ھۈججەتلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ چوقۇم ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقى، ئۇنىڭ تىلىنىڭ «مۇقەررەر ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت» لىكىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇ مەقسەتتە مەن پىكرىمنى تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا ئوتتۇرىغا قويىمەن:
1) «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقى، ئۇنىڭ تىلىنىڭ قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى.
2) بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل-ئىسپاتلار.
3) بۇ خۇسۇستا «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ شاھادىتى.
«بارىقەئى ھەقىقەت تەساددۇمى ئەفكاردىن چىقار، يەنى ھەقىقەت چاقماقلىرى پىكىرلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشلىرىدىن چاقنايدۇ» دېيىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئەسەرنىڭ تەۋەلىكى توغرىسىدىكى بۇ تۇمانلىق ھاۋا بۇ پىكىرلەرنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان نۇر ئۇچقۇنلىرى بىلەن سۈزۈلەر ۋە ئايدىڭلىشار…

«قۇتادغۇبىلىك» كىمنىڭ، ئۇنىڭ تىلى

1. «قۇتادغۇبىلىك» قايسى مىللەتكە مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ تىلى قايسى تىللىقى توغرىسىدا ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرى
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىغا تونۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تەتقىق ۋە تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، چىقىرىلغان تەتقىقات خۇلاسىلىرى ئوخشاش بولمىدى، بەزى مەسىلىلەردە جىددىي ئىختىلاپلار كۆرۈلدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ مەنسۇبىيىتى ۋە ئۇنىڭ تىلى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار ھەر خىل بولدى.
تەتقىقاتچىلاردىن رادلوۋ: «قۇتادغۇبىلىك »نىڭ تىلى توغرىسىدا سۆزلىگەندە بەزى ئۇنداق، بەزى مۇنداق دەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆزى «قۇتادغۇ بىلىك» تىلى دېگەن يېڭى بىر «ئىستىلاھ» ئويلاپ چىقىپ، ئەسەرنى «ئالتاي تىلى سىستېمىسىدا» ھېسابلاپ، ترانسكرىپسىيىلەشتۈرگەن بولسىمۇ، تومسۇن بۇ ترانسكرىپسىيىنى ناتوغرا تاپتى (مالوۋ: «تۈرك كونا يازما يادىكارلىقلىرى»، 1951-يىل نەشرى). رادلوۋ ئون يىلدىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى سېزىپ، تومسۇننىڭ پىكرىگە قوشۇلدى (رادلوۋ: «< قۇتادغۇ بىلىك >نىڭ نەشرىگە بېرىلگەن ئاخىرقى سۆز»). دېمەك، «قۇتادغۇ بىلىك» ئالتاي تىلىغا مەنسۇپ دېگەن پىكىر يوققا چىقتى.
مالوۋ بۇ ئەسەر تىلىنى تەتقىق قىلىپ، دەسلەپتە «قۇتادغۇ بىلىك» تىلىنى چاغاتاي تىلى دەپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چۈشەنچىسىدىن يېنىپ، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى دەپ تونۇدى. بۇ ئىختىلاپلار ھازىرقى كۈنىمىزدىن خېلى بالدۇر كۆرۈلگەن ئىختىلاپلار ئىدى. ئەمدى يېقىن كۈنلەردە، يەنى ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ ئۆز ھوقۇقى توغرىسىدا سۆزلەشكە باشلىغان، ئۆز مىراسلىرىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى، ئۆز ھوقۇقىنى ئۆزى مۇداپىئە قىلىشقا باشلىغان بىر چاغدا، بەزى مۈجمەل كۆز قاراشلار مەيدانغا قويۇلدى. شۇ جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئۆزبېكچە تەۋسىف نۇسخىسىنىڭ كىرىش سۆزىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ نەسرىي مۇقەددىمىسىدە يېزىلغان: «چىن-ماچىن ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى قامۇغ (پۈتۈن) ئىتتىپاق بولدىلەركىم، مەشرىق ۋىلايىتىدە، قامۇغ تۈركىستان ئەللىرىدە، بۇغراخان تىلىنچە، تۈرك لۇغەتىنچە بۇ كىتابتىن ياقشىراق ھەرگىز كىم ئەرسە تەسنىف قىلمادى. بۇ كىتاب قايۇ پادىشاھقا يا قايۇ ئىقلىمغا تەگدى ئەرسە غايەت ئۇزلۇقىندىن، نىھايەتتىن كەچە كۆركلۈكىندىن ئول ئەللەرنىڭ ھېكىملىرى، ئالىملىرى قابۇل قىلىپ تەگمە، (ھەر) بىرى بىر تۈرلۈك ئات-لەقەب ئۇردىلەر» دېگەن جۈملىلەرنى ستاتا كەلتۈرۈپ مۇنداق بىر پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«… بۇغراخان تىلىنچە دېيىلگەن تىل، بۇغراخان قول ئاستىدا بىرلەشكەن ھەممە قەبىلىلەرگە چۈشىنىشلىك بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەر قايۇ ئىقلىم ۋە قايۇ پادىشاھقا يەتسە قەدىرلىنىپ.ئوقۇلغان، دېمەك، ئەسەر تىلى شۇ دەۋر تۈرك قەبىلىلىرى تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، «قۇتادغۇ بىلىك» نى 11-ئەسىرلەردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ…» دېيىلگەن. دېمەك، «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى كۆز قاراشلىرى، پىكىرلىرى، چىقارغان نەتىجىلىرىدە تېخى مانا شۇنداق مۈجمەللىكلەر بار.

2. بۇ ھەقتە مېنىڭ پىكرىم ۋە دەلىل-ئىسپاتلار

1) رادلوۋنىڭ پىكرى تومسۇننىڭ سۆزى بىلەن رەت قىلىندى. ئۇ، ئۆز پىكرىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان.
2) مالوۋ «قۇتادغۇ بىلىك» تىلىنى «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يادىكارلىقى» دەپ جاھانغا ئېلان قىلدى، بۇ بىر دەلىل-ھۈججەت.
3) ئەمدى «‹قۇتادغۇ بىلىك› كە ئۆزبېكچە تەۋسىف» نىڭ كىرىش سۆزىدىكى كۆز قاراشلار ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىش زۆرۈر.
بۇ سۆزلەرنىڭ ئاپتورى: «قۇتادغۇ بىلىك» نى 11-ئەسىردە ياشىغان بىر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ، دەيدۇ ۋە ئۆز پىكرىگە مۇنۇ مىساللارنى كەلتۈرىدۇ:
(1) بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك بولغان،
(2) شۇڭا ھەممىسى قەدىرلەپ ئوقۇغان،
(3) ئۇ، شۇ دەۋردىكى ھەممە قەبىلىلەر تىللىرى ئاساسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن.
بۇ قاراشلارغا مېنىڭ پىكرىم مۇنداق:
(1) ئەگەر بۇغراخان تىلى ھەممىگە چۈشىنىشلىك ئىكەن، ماقۇل، ئەمما بىر مىللەت ئالىمى يازغان بىر ئەسەرنى باشقا مىللەتلەر چۈشەنسە، ئۇ ئەسەر شۇ ئەسەرنى يازغۇچىنىڭ مىللەت مەنسۇپلۇقىدىن چىقىپ كېتەلەمدۇ؟
ياق، ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
(2) مۇقەددىمىدە: «ئول ئەلنىڭ ئالىملىرى، ھېكىملىرى تەرەپتىن چۈشىنىلىپ، تۈرلۈك ئات-لەقەبلەر ئۇرۇلغان» دېگەن. بۇنىڭدىن «قۇتادغۇ بىلىك» نى باشقا ئەللەر تامامەن چۈشەندى دېگەن مەنە كېلىپ چىقامدۇ؟
ياق. چۈنكى، تەبىئىيكى بىر مىللەتنىڭ ئالىملىرى، ھېكىملىرى چۈشىنەلىگەن نەرسىنى ھەر قاچان پۈتۈن خەلقنىڭ چۈشىنىپ كېتەلىشى ناتايىن.
(3) «باشقا ئەللەرنىڭ ئالىملىرى، ھېكىملىرى چۈشىنىپ شۇنداق ئات-لەقەب ئۇرۇشقان» دېگەن ئۇقۇم ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ قارالغان تۈركەش، ياغما، قارلۇق قەبىلىلىرى «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى ئۇيغۇرلار چۈشەنگەندەك چۈشىنەلەمتى؟
ياق!
(4) بىر مىللەت ئىجاد قىلغان ئەسەرنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالىملىرى ۋە ھېكىملىرى چۈشەنگەن تەقدىردە، بۇ ئەسەرنى چۈشەنگەن ئالىمنىڭ مىللىتىگە مەنسۇپ دېگىلى ۋە بۇ ئەسەرنى ئۇنىڭ ئىجادچىسى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ مەنسۇبىيىتىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولامدۇ؟
ياق.
(5) «بۇغراخان تىلىنچە» دېگەن جۈملىدىكى «بۇغرا» دېگەن سۆز خاقان بىلەن ئوخشاش خانلىق ئۇنۋانى، بۇغراخان-خاقان، خاقان-بۇغراخان، بىزدە تەرجىمە قىلىنىپ، نەشىر قىلىنغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كىرىش سۆزىدە مەھمۇت قەشقەرى نەزەرىدە «خاقانىيە تۈركىي تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى بىر تىل، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمدى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خاقانىيە تىلى بىر تىل بولىدىغان بولسا، بۇغراخان تىلى بىر ئۇنۋان ئاساسىدىكى بىر تىلنى ئۇقتۇرىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇقەددىمىدىكى «بۇغراخان تىلىنچە» دېگەن جۈملە ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتەلمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىر تىل ھېسابلىنىدىغان بۇغراخان تىلىنچە-«خاقانىيە تىلىنچە» يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىك» ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ بولالمايدۇ؟
دېمەك، پاكىتلار «قۇتادغۇ بىلىك 11-ئەسىرلەردە ياشىغان بىرەر مىللەتنىڭ ياكى قەبىلىنىڭ ئەدەبىي يادىكارلىقى» دېگەن قەتئىي بىر پىكىرگە كېلىش خاتا بولىدۇ، دېگەن پىكىرنى قەتئىي رەت قىلىدۇ، يوققا چىقىرىدۇ.
مۇشۇنداق پاكىتلار ئاساسىدا بىز «قۇتادغۇ بىلىك ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ، ئۇنىڭ تىلى-ئۇيغۇر تىلى» دېگەن بىر ھەقىقەتنى سۆزلەشتە ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي ھەقلىق تاپىمىز. چۈنكى، دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە كۆز قاراش ھەر قاچان ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

«قۇتادغۇبىلىك» كىمنىڭ، ئۇنىڭ تىلى

3. بۇ خۇسۇستا «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ شاھادىتى
بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى ئۈچ كىچىك ماۋزۇچاق ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن:
1) ئەسەردە قوللىنىلغان، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە.
2) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە.
3) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە.
1) ئەسەردە قوللىنىلغان، ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلىۋاتقان سۆزلەردىن نەمۇنە
ئاچ، ئىفىتماق، ئاقساق، ئالقىش، ئارىخ، ئازغاش، باي، بەلگىلىك، بەزەك، بىغىرساق (شەپقەت، باغرى ساقتىن چىققان)، بىتىك، بۆرى، بۆرك، بوغرا، بۇلاق، بۇدۇن، بۇرۇن، چىرىك، چىۋىن، چۇمغۇق، ئەم، ئەمچى، ئىلا (ئىلى ناھىيىسى، ۋىلايىتى)، ئىنجىق، ئىنچ (تىنچ)، ئىرىك (ژىرىك)، ئىششىخ، سان، سارت، ساقىش (ھېساب، ساق ئىشتىن چىققان)، سىلىگ، سوغالساق، سۆڭەك، شاتۇ، تاغار، تاڭشۇق، تەلۋە، تۇغ (بايراق)، تاقۇغ (خىزمەت تاپقاندىن چىققان)، تۈن، تۇرقۇ (تاۋار-توقا)، توسۇن، تورا، تۈش (تەڭتۈشى)، توشاغ، تۈرۈك، قاچان، قارا قۇش، قاراقچى، قارماق، كىزىك، قىلىق، قۇلان، قۇتۇز، لاچىن، كىزىن (كېيىن)، كېڭەش، كەڭ، قىڭغۇز، كۆك (كۆكلىدى)، كۆپ، كورك، مەڭ، ماڭىم (ماڭدىم)، مەڭزى، مەڭگۈ، موك، ئوغرى، ئوڭ، ئوڭاي، ئوت، ئۇزا، ئۆكۈز، ئۆكۈنچ، ئۈرۈك، ئۆتۈنچ، ئوزە، ئۇۋۇت (ئۇيات)، ئۇز، ئۇرۇغ، ئولۇش، ئۆزۈك، يېغى، يالىڭ، يەڭلىغ، ياراغ، ياشىن، ياز، يىلقى، يەڭ (كىيىمنىڭ يېڭى)، يارلىغ، يات، يازدى، يىراق، يارماق، ياۋاش، يىلدىز، يىنىك
بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر «قۇتادغۇ بىلىك» تە ناھايىتى كۆپ.
2) ھازىرقى ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» مىسرالىرىدىكى مىقدار نىسبىتىدىن نەمۇنە
[76- بېيت] ئۇنىن ئۆتتى كەكلىك كۈلەر قاتغۇرا،
قىزىل ئاغزى قان تەگ (دەك) قاشى قاپقارا،
(ئۈن، كەكلىك، كۈلەر، قاتغۇرماق، قىزىل، ئېغىز، قان، تەگ، قاش، قاپقارا، 11 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە).
[3480- بېيت] كۆڭۈل كىمنى سەۋسە كۆرۈر كۆزدە ئول،
كۆزۈن قانچە باقسا ئۇچار يۈزدە ئول.
(كۆڭۈل، كىم، سەۋمەك، كۆرمەك، كۆزدە، ئول، كۆز، قانچە، باقماق، ئۇچماق، يۈزدە، ئول، 12 سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە).
[3481- بېيت] كۆڭۈلدە نەگۈ (نېمە) ئەرسە ئارزۇ – تىلەك،
ئاغىز ئاچسا بارچە تىلىن سۆزدە ئول.
(كۆڭۈل، ئەرسە، ئارزۇ، تىلەك، ئېغىز، ئاچماق، بارچە، تىل، سۆزدە، ئول، 12 سۆزدىن 11سى ئۇيغۇرچە).
[4917- بېيت] ئۇلۇغلۇققا ئارتۇق كۆۋەنمە (قوۋانما) كۆلە،
ئۇلۇغ بولدۇڭ ئەرسە، باش ئاغرىغ بىلە.
(ئۇلۇغ، ئارتۇق، كۈلمەك، ئۇلۇغ، بولماق، ئەرسە، باش، ئاغرىغ، بىلە، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە).
[1196- بېيت] ئۆلۈمۈگ ئاسىغ (مەنپەئەت) قىلماز ئالتۇن – كۈمۈش،
ئۆلۈمۈگ تىزوماز (توسماس) بىلىك يا ئوقۇش.
(ئۆلۈم، قىلماق، ئالتۇن، كۈمۈش، تىزوماز، بىلىك، ئۇقۇش، توققۇز سۆزدىن سەككىزى ئۇيغۇرچە).
[1387- بېيت] ئاتا ئارقا سىندىن تۇغۇلسا ئوغۇل،
ئانا قارنى مەنزىل قاچ ئايلىق ئامۇل.
(ئاتا، ئانا، ئارقا، تۇغۇلماق، ئوغۇل، قېرىن، مەنزىل، قاچ، ئاي، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە، بىرسى ئەرەبى، چۈشىنىشلىك).
[3031- بېيت] خەزىنە نەرەك (نە كېرەك) كۆپ ئەر ئات چوق كەرەك،
بەگى باي كەرەكسىز بۇزۇن توق كەرەك.
(خەزىنە، نەرەك، كۆپ، ئەر، ئات، كېرەك، بەگ، باي، توق، 12 سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە).
[1061- بېيت] ئوت ئەم قالمادى كۆر نەچە قىلدىلەر،
ياراشىق نە ئەرسە ئانى بەردىلەر.
(ئوت، ئەم، قالماق، كۆر، نەچە، قىلماق، ياراشىق، ئەرسە، ئانى، بەرمەك، ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە).
[1595- بېيت] كىشى ئەمگەك، ئىدسا (قىلسا) ساڭا بەلگۈلۈگ،
ئۇنىتما ئول ئەمگەكنى بولما ئۆلۈگ.
(كىشى، ئەمگەك، ساڭا، بەلگىلىك، ئۇنۇتما، ئول، ئەمگەك، بولماق، ئۆلۈك، ئون سۆزدىن توققۇزى ئۇيغۇرچە).
[237- بېيت] تىرىگ ئۆلگۈ ئاخىر توشەنگۈ يېرىگ،
كىشى ئۆلسە ئەدگۈن كۆر ئاتى تىرىگ.
(ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە).
[464- بېيت] يۈزى كۆركلۈگ ئەردى كۆرۈپ كۆز قامار،
سۆزى يۇمشاق ئەردى تىلى تۇز تامار.
(12 سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە، چۈشىنىشلىك).
[204- بېيت] سۆزۈم سۆزلەمىشكە ساڭا ئەيمەنۇ،
ئۆزۈم ئۆزى قولدى ساڭا ئۇش، مۇنۇ.
(ئون سۆزنىڭ ھەممىسى چۈشىنىشلىك، گەرچە قولماق _ ئۆتۈنمەك، ئۇش _ ھازىر ئىستېمالدىن چىققان بولسىمۇ).
[416- بېيت] ئۇقۇشلۇغ كىم ئەرسە ئوقىتتى ئانى،
بىلىكلىگ كىم ئەرسە بەزۇتتى ئانى.
(ئون سۆزنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە، چۈشىنىشلىك).
[3292- بېيت] قاپۇغ ئاچتى چىقتى قاداشىن كۆرۈپ،
قۇچۇشتى، ئەسەنلەشتى يۈز – كۆز ئۇپۇپ.
(ئون سۆزنىڭ بارلىقى ئۇيغۇرچە، چۈشىنىشلىك).

3) ھېچقانداق يەشمىسىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىۋاسىتە چۈشىنەلەيدىغان مىسرالاردىن نەمۇنە
[211- بېيت] كىشى كۆڭلى تۈپسىز تەڭىز تەگ تۇرۇر،
بىلىگ يىنچۇ سانى تۈپىندە ياتۇر.
[350- بېيت] كىتاب ئاتى ئۇردۇم قۇتادغۇ بىلىگ،
قۇتاسۇ ئوقۇغلىقا تۇتسۇ ئىلىگ.
[1953- بېيت] بەگ ئاتى بىلىگ بىرلە باغلىغ تۇرۇر،
بىلىگ لامى كېتسە بەكى ئاتى قالۇر.
[167- بېيت] سۆزۈڭنى كۈدەزگىل باشىڭ بارماسۇن،
تىلىڭنى كودەزگىل تىشىڭ سىنماسۇن.
[168- بېيت] بىلىپ سۆزلەسە سۆز بىلىگكە سانۇر،
بىلىگسىز سۆزى ئۆز باشىنى يېيۇر.
[768- بېيت] باقىپ كۆردى ئېلىگ كۆزىن ئىملەدى،
ئىشارەت بىلگە كەلگىل، ئولتۇر تېدى.
[774- بېيت] بىر ئانچە تۇرۇپ باش كۆتۈردى ئېلىگ،
بۇ ئايتولدىقا ئايدى تەپرەت تېلىگ.
[67- بېيت] قۇرىمىش يىغاچلار توناندى ياشىل،
بەزىندى يىپۇن، ئال، سارىغ، كۆك، قىزىل.
[370- بېيت] بوزۇم ئەردى ئوقتەگ كۆڭۈل ئەردى يا،
كۆڭۈل قىلغۇ ئۇقتەگ بوزۇم بولدى يا.
[371- بېيت] تاتىغ ئەردە بارچە يىگىتلىك ئىشىم،
ئاغۇ قىلدى ئەمدى ماڭا يېر ئاشىم.
[372- بېيت] يىگىتلىك نەگو (نېمە) يىغدى ئەرسە ماڭا،
قارىلىق كەلىپ ئالدى، كەلگەي ساڭا.
[383- بېيت] قاراڭقۇدا ئەردىم يارۇتتى تۇنۇم،
تۇنەركتە ئەردىم توغۇردى كۈنۈم.
[187- بېيت] ساڭا سۆزلەدىم مەن سۈزۈم ئى ئوغۇل،
ساڭا بېردى بۇ پەند ئۈزۈم ئى ئوغۇل.
[188- بېيت] كۈمۈش قالسا ئالتۇن مەنىڭدىن ساڭا،
ئانى تۇتماغىل سەن بۇ سۆزكە تەڭا.
[956- بېيت] بۇ ئايتولدى ئولدۇردى ئاقرۇسلىگ،
كۆزىن يېرگە تىكتى بەكۇتتى تىلىگ.
[957- بېيت] ئېلىگ ئايدى: ئايتولدى سۆزلە سۆزۈڭ،
نەلۇك شۇك تۇرۇرسەن، نە بولدى ئۆزۈڭ.
[966- بېيت] قارا باش ياغىسى قىزىل تىل تۇرۇر،
نەچە باش يېدى بۇ تاقى ما يېيۇر.
[967- بېيت] باشىڭنى تىلەسە تىلىڭنى كۆدەز،
تىلىڭ تەگمە كۈندە باشىڭنى يانۇر.
[1382- بېيت] نەچە قاچسا ئاخىر ئۆلۈم تۇتغۇسى،
نەچە قالسا ئاخىر ئۆلۈم يەتكۈسى.
[1384- بېيت] قانى كىم قۇتۇلدى ئۆلۈمدىن قاچىپ،
قانى كىم ئاشۇندى ئۆدىندىن كەچىپ.
[1396- بېيت] بۇ تۇشتەگ تىرىگلىك كەچۈر بەلگەسۈز،
كەرەك بەگ، كەرەك قۇل بارۇر كەلگۈسۈز.
[1419- بېيت] ئەدىز (ئېگىز)، كەڭ، بەدىزلىگ سارايىڭ قالىپ،
قاراڭقۇ يېر ئەۋدە ياتۇرسەن ئۇلىپ.
[1441- بېيت] ۋەفا قىلغۇ ئەرمەز بۇ دۇنيا بىلىن،
كەچەر دۇنيادا ئۆز ئازۇقۇڭ ئالىن.
[1501- بېيت] ئايۇر ئى ئوغۇل كۆردۈڭ ئەمدى مەنى،
نە ھالىن باررىر مەن ئۇنىتما مۇنى.
[1503- بېيت] كەرەكلىگ سوزۇگ مەن تۇتۇزدۇم (تۇتقازدىم) ساڭا،
سۆزۈمنى ئۇنىتما دۇئا قىل ماڭا.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تىلىنىڭ بىردىنبىر نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بارلىقىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز.
بۇ نۇقتىلار «قۇتادغۇ بىلىك» فىلولوگىيە (تىل-ئەدەبىيات ئىلمى) دائىرىسىدە قولغا ئېلىنىپ، ئۇنى مورفولوگىيە (سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى)، سىمولوگىيە (سۆز مەنىلەرنى تەتقىق قىلىش ئىلمى)، ئىتمولوگىيە (سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تېپىش ئىلمى)، فونېتىكا (ئاھاڭ)، فونېماتىكا (سۆز مەنىسىنىڭ گرامماتىك شەكىللىرىنى بىلىش ئىلمى) ۋە لېكسولوگىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن تەتقىق ۋە تەھلىل قىلغاندا يەنىمۇ ئوچۇق ئىسپاتلىنىدۇ. ھازىر بىزدە «قۇتادغۇ بىلىك» شۇناسلىق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە جەمئىيىتى تەشكىل قىلىندى.
بىز ئىشىنىمىزكى، «قۇتادغۇ بىلىك» ئۈستىدە بۇ يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىلمىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۈجمەل قاراشلار تۈزىتىلىدۇ. ئۆتمۈشتىكى پارلاق بولغان ئىلىم-مەرىپەتلىك ھاياتىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان يىمىرىلمەس ئىلمىي ئېھرام «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئەھمىيەت دەرىجىسى يەنىمۇ يۈكسىلىدۇ.

«تارىخىي مىراس — ‹قۇتادغۇبىلىك› ھەققىدە بايان» ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 19:22  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
38308
يازما
190
تېما
8
نادىر
2
جۇغلانما
200
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 18:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇمكى ، ئۇيغۇر جەمىيىتى ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىشنى تىلەيدۇ . ئەنە شۇ ۋاقىتتا بۇ ئىككى كىتابنىڭ شەرھىيلىرىگە ئۆزىنى باغلىغان ئاساستا ئىشتىراك بولغۇسى !!!

UID
48517
يازما
64
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 22:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqi0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 18:56
چوقۇمكى ، ئۇيغۇر جەمىيىتى ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئ ...

توغرا دەيسىز ،مەنمۇ بۇ ئەسەرنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇشۇ تەسەۋۋۇرغا كەلدىم .مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن .

UID
49835
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 23:14:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قۇتادغۇبىلىگ كىمنىڭ، ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل؟ نىڭ جاۋابى ئەسلىدە «مۇشۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟» بولۇش كېرەك ئىدى. ئەمما ، بىز ئويغۇرلار ئۇيغۇرنىڭ ئىكەنلىكى ئىنىق بولغان مەدىنىيەت مىراسلىرىنى ئويغۇرلارنىڭ مەدىنىيەت مىراسلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق.

يېڭى يۇلتۇز

ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئۆز ئۆز

UID
5756
يازما
40
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2010-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 23:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكئارت يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 23:14
قۇتادغۇبىلىگ كىمنىڭ، ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل؟ نىڭ جاۋاب ...

ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى نەشىرگە تەييارلىغان ئاۋازلىق نەسىرى نەشمىسى ئارقىلىق بىز ئەڭ چوڭ بولغان مۇكاپاتقا ئىرىشكەندەك بولدۇق . بۇنىڭدىن كىيىن قۇتادغۇبىلىك ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تامامەن ئۇيغۇرغا مەنسۈپ دىسەك بولارمۇ ؟

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ بالاساغۇن دىگەن يېرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان ئىكەن .
شۇڭلاشقىمۇ قىرغىزلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە دەلىل - ئىسپاتلىرى بار ئىكەن ، يەنە كىلىپ قىرغىزىستاندا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەيكىلى تىكلەنگەن ، بالاساغۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىدىكى ئۇنۋېرسىتىت بار ئىكەن .
لىكىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا مەخمۇت قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك دۇنياۋى شاھانە ئەسەرلەرنى ياراتقان ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، تۈركىي مىللەتلەرگە داڭلىق بولغان شەخىسلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ئەجدادى دەيدىغانغا چۇشلۇق شۇ ئەدىپ نامىدىكى بىرەر مەكتەپ ، خاتىرە سارايلارمۇ يوق .

باھا سۆز

كوڭىل  .................................  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 23:55:05

UID
9904
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
808
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 09:51:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xerhan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 23:47
ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى نەشىرگە تەييارلىغان ئاۋازل ...

يۈسۈپ (جۈسۈپ ئەمەس) خاس ھاجىپ ياشىغان زامانلاردا قىرغىزلار ھازىرقى قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كېلىپ بوپتىكەنمۇ ؟ ئولتۇراق تۇرمۇش كەچۈرۈپتىكەنمۇ ؟(دىققەت :بالاساغۇندا تۇغۇلغانلىقىنى دىگەن ،قايسىبىر قەبىلىدە تۇغۇلغانلىقىنى دىمىگەن .كۆچمەنلەر مۇقىم جاي بىلەن ئەمەس ،بىرگە كۆچۈپ يۈرگەن قەبىلەبىلەن ئايرىلىدۇ ).شۇ ۋاقىتلاردا قىرغىزلار ئىسلامغا كىرىپ بوپتىكەنمۇ ؟ تىلى قىپچاقچىغا يېقىنمۇ ياكى ئۇيغۇرچىغا ؟

UID
25197
يازما
115
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
115
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 15:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xerhan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 23:47
ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى نەشىرگە تەييارلىغان ئاۋازل ...

بالاساغۇن قاراخانلىق ئىمپىراتورلۇقىنىڭ يازلىق پايتەختى.ئۇۋاقىتلاردا تامامەن ئۇيغۇر شەھەرلىرى ئىدى.ئەلۋەتتە ئۇ چاغلاردا چارۋىچى قىرغىزلار شەھەردە نېمە ئىش قىلسۇن؟پەقەت چېگرىمىز مەمۇرىي جەھەتتىن ئايرىلىپ قالغان خالاس.ئەسەر تىلى بىلەن قىرغىز تىلىنى سېلىشتۇرسىڭىز قىپچاق تۈركچىسى بىلەن ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ قايسىسىنىڭ ئەسەرتىلىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتور شەكسىز ئۇيغۇر.

UID
49694
يازما
124
تېما
61
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 15:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكى ھەممىگە ئايان مەسىلە،قىرغىز خەلقىمۇ ئۆزىنىڭ كىملەردىن تۆرەلگەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىكى كېرەك،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى«سىتالىننىڭ نەۋرىللىرى» «گاڭنام ئۇسسۇلى»نى ياخشى ئوينايدۇ! كۆندۈرۈلگەن ئەمەسمۇ؟ئۆز ئاتىسىدىن شەرەپ تالىشىش نۇمۇسسىزلىقتىن باشقا ھېچنىمە ئەمەس.

                       ----جاھان بىۋاپا

باھا سۆز

kuqauyghur  نەق گەپ !  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:24:35

يېڭى يۇلتۇز

ئانا تىلىم جان تىلىم ، ئۆز ئۆز

UID
5756
يازما
40
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2010-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 16:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqhun يوللىغان ۋاقتى  2013-5-6 09:51
يۈسۈپ (جۈسۈپ ئەمەس) خاس ھاجىپ ياشىغان زامانلاردا قىرغ ...

مەن قىزغىزلارنىڭ ئەسلى قەيەردە ، قانداق پەيدا بولغان ھەم قىرغىزىستانغا قانداق كۆچۈپ بېرىپ مۇقىم بىر قىرغىز قەبىلىسى قۇرغانلىقنى بىلمەيدىكەنمەن .
بۇ يەردە خاس ھاجىپنىۇ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىنىم يوق ، دىمەكچى بولغىنىم قىرغىزلارمۇ شاھانە ئەسەر قۇتادغۇبىلىك ۋە خاس ھاجىپنى ئۆزىگە تەۋە قىلىشنى ئويلايدىكەن .
قاراخانىيلار دەۋرىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارا بوۋىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسلامغا كىرگەن ئىكەن ھەم ئۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم تۈركىي مىللەتلەر بىر گەۋدە ئىكەن  ، چاغاتاي دەۋرىگە كەلگەندە ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئۆزبىكىستاندىن ئىبارەت ئىككى رايۇنغا بۆلىنىپ ئۇيغۇر ، ئۆزبەك دىگەن ئىككى مىللەت نامى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىكەن .
بىراق مەن قىرغىزلار توغرىسىدا ئۇ زاماندىكى تارىخنامىلەنى ئانچە بىلىپ كەتمىدىم . خەرىتگە قارىساق ئۆزبەكىستان بىلەن رايۇنىمىز ئارلىقىدا قىرغىزىستان بار ئىكەن ، شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئەينى ۋاقىتتىكى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ھازىرقى قىرغىزىستان چاغاتاي خانلىقىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولسا خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇر ئاتىسى ئىكەنلىكنى جەزىملەشتۈرمەك تېخىمۇ ئاسان بولاتتى .

تىرىشچان ئەزا

رىقابەت ئادەمنى

UID
11975
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
414
تىزىملاتقان
2011-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 17:00:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بارلىق تۈركى خەلقىغە مەنسۈپ

باھا سۆز

omak13140  توغرا  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 13:29:25
توغراق2  بارلىق تۈركىي خەلق پەخىرلەنسە بولىدۇ، بىراق ھەممە نەرسىنىڭ بىر ئىگىسى بار  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 18:57:58
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش