كۆرۈش: 5131|ئىنكاس: 20

ئىچكىردىكى بىر كاۋاپچىنىڭ دەرد-ھەسىرەتلىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48517
يازما
64
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 13:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق مۇز شەھرى ساياھەت رايۇنى دەپ ئاتالغان خاربىن شەھرى خىيلوڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مەركىزى شەھرى بولۇپ شەرقى شىمالدىكى تەرەققىياتى ئالدىنقى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .بۇ خاربىن شەھرى ھەر يىلى قىش پەسلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ .مانا بۇ مۇز شەھرى ساياھەت رايۇنى دەپ ئاتالغان خاربىن شەھرىدە ئانا دىيار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ ،كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بايقىشىمچە ،بۇ خاربىن شەھرىگە 20 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كىلىشكە باشلىغان بولۇپ بۇ يەردە كاۋاپچىلىق ،ناۋايلىق قىلغان ،ئاشخانا ئاچقان شۇنداقلا قۇرۇق ئۈزۈم ،بادام ،ياڭاق قاتارلىقلارنى ئىلىپ سىتىشتەك سودا سىتىق بىلەن شۇغۇللانغان .شۇنداق قىلىپ بۇ خاربىن شەھرىدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرتنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپەيگەن ،ئەلۋەتتە بۇ خاربىن سەھرىگە كەلگىلى ئىككى يىلغا توشمىغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ھەم بەزى تىجارەتچىلەر بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ چىقتىم .ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا تولىمۇ ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ بىر يۇرتلۇقنىڭ ئىللىلىقىنى يەتكۈزدى .ئەلۋەتتە ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ باقمىغانلار بىلمىسە كىرەك ،ئەگەر سىز ئانا يۇرتتىىن ئايرىلىپ ناتونۇش شەھەرلەردە ئۆز مىللىتىڭىزدىن ،ئۆز ئانا يۇرتىڭىزدىن كەلگەن يۇرتداشلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ قالسىڭىز ،ناھايتى بەكلا خۇش بولۇپ كىتىدىكەنسىز .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،بىر مىللەتلىك ،بىر يۇرتداشلىق قىرىنداشلار ئەمەسمۇ؟شۇنداقلا دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا ئۆز مىللىتىڭىزنىڭ ،ئانا يۇرتىڭىزنىڭ قەدرىگە تولىمۇ يىتىپ قالىدىكەنسىز .ئەلۋەتتە ئانا يۇرتتىن ئايرىلمىغانلار بۇنداق ھىس تۇيغۇلارنى ھىس قىلىپ يىتەلمەسلىكى ھەم ئويلاپمۇ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن .
ۋاقىتنىڭ ئاتقان ئوقتەك ئۆتىشى بىلەن يەنە شەنبە كىرىپ كەلدى ،مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بىزنىڭ كەسىپكە بولغان تەلىپى يۇقىرمۇ ياكى باشقىچە ئويلىغانلىرى بارمۇ ئىشقىلىپ بىز ئويلاپ يىتەلمىدۇق دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق بەلگىكىگەن دەم ئىلىش كۈنلىرىدىمۇ دەرس ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.مەن چۈشتىن كىيىنلىك دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ئادىتىم بويىچە مەكتەپنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىغا باردىم .ھىرىپ چارچاپ ئاشخانغا بارسام بارسام ،ئاشپەزلەر ئاللىقاچان تاماقنى يىغىۋەتكەن بولۇپ ئاشخانىدا بىرمۇ ئادەم قالمىغاندى .سىرتتكى ئاشخانا بىر قەرەر يىراق بولغاچقا شۇندقمىكىن ،سىرتقا چىقىش چىقماسلىق توغرىسىدا بىر ئاز ئىككلنىپ قالدىم .مەن ئاخىرى بىر بىسىپ ئىككى بىسىپ سىرتتىكى تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا يىتىپ كەلدىم ،مەن بەھوزۇر ئولتۇرۇپ تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن مەكتەپكە قايتىشقا يول ئالدىم .بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كەينى دەرۋازىسى ئۇدۇلىدا بىر فاكۇلتىتلار يولى دەيدىغان بىر يول بار بولۇپ ،ئىككى يىنىغا قاتار تىزىلغان ئگىز بىنالار سىلىنغان، بۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلار ئەتتىگەندىن كەچكىچە تولىمۇ قىزىپ كىتەتتى .دەل بۇ يولنىڭ بىشىدا بىر ئۇيغۇر كاۋاپچىلىق قىلاتتى .مەن بۈگۈن قايتىش يولىدا بۇ كاۋاپچى بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم .ئادەتتە ۋاقتىم ئالدىراش بولغاچقا شۇنداقمىكىن جىق پاراڭلاشمايلا يولۇمغا راۋان بولاتتىم ،ئەمما بۈگۈن  شەنبە بولغاچقا ئانچە ئالدىراشمۇ ئەمەس ئىدىم .ئوچۇق گەپنى قىلسام بۈگۈن تولىمۇ يالغۇزلۇق ھىس قىلغان ئىدىم .چۈنكى مەن ئوقۇۋاتقان بۇ مەكتەپتە ئارانلا ئۈچ ئۇيغۇر بار بولۇپ بىز ئۈچەيلەن ئۈچ خىل كەسىپتە ئىدۇق .بىزنىڭ دەرسكە چىقىش ،دەرستىن چۈشۈش ۋاقىتلىرىمىز ئوخشاش بولمىغاچقا بىزنىڭ بىرگە يىغىلىپ تاماق يەيدىغان ېاقتىمىزمۇ ناھايتى ئاز ئىدى .ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈشىمىز بىلەن ئالدىراش ئىدۇق ،ئەگەر مەن ئاتا ئانامغا ،دوسىت بۇرادەرلىرىمگە تىلفۇن قىلمىسام ماڭا ئۇيغۇرچە سۆزلەش پۇرسىتى يوق ئىدى ،مانا مۇشۇنداق ياتاقتا يالغۇز بىر نەرسىلەنى يىزىپ ئولتۇراتتىم .مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم ،ياتاقداشلىرىم خەنزۇ مىللىتىدىن ئىدى ،بىزنىڭ فاكۇلتىتتا مەنلا بىر ئۇيغۇر ئىدىم .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇنداق شارائىتقىمۇ كۆنۈپ قالدىم .بۈگۈن ئانا دىيار شىنجاڭنى ،مىھرىبان ئاتا ئانامنى ،ئوماق ئىنى سىڭىللىرىمنى ئەسلەپ قالدىم ،.الۋەتتە ھەر كۈنى ئەسلاپ تۇرغان بولساممۇ ،بۈگۈن بەكلا سىغىنغان ئىدىم ،بىردەم ئۆزۈم يالغۇز چۈشكۈنلۈككە چۆمۈپ كەتتىم ،شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە قەدىممىنى توختىتىپ بۇ ئۇيغۇر كاۋاپچى بىلەن بىردەم پاراڭلاشماقچى بولدۇم .مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دەپ كۆرۈشتۈم ،ئۇمۇ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغاچ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن نەزەر تاشلىدى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياتقا بولغان ئىشەنىچ ،جوشقۇن ھاياتى كۈچ ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى .ئۇ يەنە   بۈگۈن يەنىلا توپا بىسىپ كەتكەن شاپاق دوپپىسىنى ،يۇيۇلمىغىلى ئۇزۇن يىللار بولغان چاپىننى كىيىۋالغاندى ،ئۇنىڭ كىيىۋالغان تەنتەربىيە ئىشتىنىمۇ ئۇنىڭ چىراي ھالىتى ،بوي تۇرقىغا ئانچە ماسلىشىپمۇ كەتمىگەن ئىدى،ئھتىمال پۇلنى ئاياپ شۇنداق كىيىنگەن بولسا كىرەك .ئۇنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا ئوتتۇز نەچچە ياشلاردىن پەقەت كەم ئەمەستەك كۆرۈنەتتى .مەن بىركۈنلۈك بازار ئەھۋالىنى سورىغاچ پاراڭنى باشلىدىم .چۈنكى ئۇمۇ بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئۇيغۇر بولغاچقا بىر ئاز يالغۇزلۇق ھىس قىلغان ئىدى .شۇڭلاشقا ئۇ ماڭا تولىمۇ ئىللىق مۇئامىلىدە بولدى .
بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز قىزغىن داۋاملاشماقتا ئىدى ،مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر سۇئالنى سوراش خىيالمغا كىرىپ قالدى ،بۇ سۇئال ئىغىزىمدىن چىقىپ كەتتى ؛ئاكا سىز نىمىشكە ئىچكىردە تىجارەت قىلشنى ئويلاپ قالدىڭىز ؟سىزنىڭچە ئىچكىر ياخشىمۇ ؟؛ئۇ مىنىڭ سۇئالىمنى ئاڭلاپلا قوللىرى كاۋاپنى تۇتقان پىتى تۇرۇپلا قالدى،كۆزلىرىنى توختىماستىن چىمچىقلىتاتتى ،كۆزلىرىگە ياش تولغان ئىدى ،ئەمما كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياشنىمۇ ئاققۇزمىدى ،ئاققۇزسىمۇ بولمايتتى ،ھەقىقى بىر ئەركەكنىڭ كۆزىدىن ياش ئىقىش ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى .مەن ئۇنىڭ بۇ روھى ھالىتىنى كۆرۈپ ،بۇ سۇئالنى سورىغانلىقىمغا بىر ئاز خىجىل بولۇپ قالدىم .ھەم ئۇنىڭ بىر تالاي يۈرەك ھەسىرتى بارمۇ نىمە ؟مەن ئۇنىڭ يۈرەك ھەسرەتلىرىنى قايتىدىن قوزغىتىپ قويدۇممۇ قانداق دىگەنلەر ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىپ قالدىم .مەن دەرھال ئىسىمنى يىغىپ بۇ كاۋاپچىغا قارىدىم ،ئۇ يەنىلا شۇ ھالەتتە ئۆزگەرمەي قاراپ تۇراتتى ،مەن تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ؛ئاكا خاپا بولماڭ ،مەن قەستەن سورىماقچى ئەمەسمەن ،مەن مۇنداقلا سوراپ قويغان ،ئەگەر مەن سىزنىڭ كونا يۈرەك ھەسرەتلىرىڭىزنى قوزغىتىپ قويغان بولسام مىنى كەچۈرۈڭ ؛دىگەنلەرنى ئاران تەستە دىيەلىدىم .
ئەلۋەتتە ھەممەيلەنگە مەلۇمكى ،ئىچكىردىكى بىر ناتونۇش شەھەردىكى تۇرمۇش قانداقسىگە ياخشى بولسۇن ،ھەممەيلەنگە ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىيار ئەڭ گۈزەل ئەمەسمۇ ؟شۇڭلاشقا بۇ سۇئالىم بۇ كاۋاپچىغا بىر ئاز ئىغىر تەسىر قىلغاندى .ئۇ بىر ئۇھ تارتقاندىن كىيىن ئاندىن ئىغىز ئاچتى ،ھىچقىسى يوق ،مەن پەقەت تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇم خوتەننى ،رەھمەتلىك مھرىبان ئاتا ئانامنى ،ئاچا ئىنى سىڭىللىرىمىنى ئەسلاپ قالدىم خالاس دەپ جاۋاپ بەردى .مەن ئۇنىڭ رەھمەتلىك دىگننى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم بەكلا ئىچىشىپ كەتتى ،ئۇنىڭغا بولغان ھەسداشلىقىم تولىمۇ قوزغالدى ،ئۇ كاۋاپ پىشۇرۋىتىپ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن كاچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكە باشلىدى .
ئۇ بۇ يىل توپتوغرا ئوتتۇز ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ ،بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى يەنى 13 ياشلىق باللق ۋاقتىسىدا ئاتا ئانىسى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى .ئۇ ئاتا ئانىسىدىن كىچىك ئايرىلىپ قىلىپ ئىككى ئاچىسىنىڭ غەمخورلىقى ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ،ئۇ ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقتدا باشلانغۇچ مەكتەپنى تىخى پۈتتۈرمىگەن بولۇپ ئۆگۈنۈش نەتىجىسى سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەنتۇق ،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى ،ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىكەنتۇق .ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى سىياستى بولمىغاچقا ،نامرات ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغان ئىكەنتۇق .ئۇ ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ،ئاچىلىرى بىزگە يار يۆلەك بولىدىغان ئاتا ئانىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ،سىنى داۋاملىق ئوقۇتقۇدەك ئقتىسىتىمىزمۇ يوق ،مەكتەپتە ئوقۇماي ئائىلىنىڭ ،ئىتىز-ئىرىقنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكىن دەپ قاراپ ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرۋاپتۇ ،ئۇنڭ ئوقۇش ئىرادىسى خىلى كۈچلۈك بولسىمۇ مەكتەپتىن چىكىنىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ .نامراتلىق ئاخىرى ئۇنىڭ ئوقۇش ئىرادىسىدىن غالىپ كەپتۇ .ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ئىغىر ئەمگەكلەر بىلەن چىنىقىشقا باشلاپتۇ ،مۇشۇنداق ئىغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانادا مەھەللىدىكى خىىلى نامى چىققان بىر تىجارەتچى بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ .بۇ نامى چىققان تىجارەتچى ئىچكىرلەردە كاۋاپچىلىق قىلىپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن پۇل تاپقان ئىكەنتۇق ،14~15 ياشلار چاممىسىدىكى بۇ بالا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىكىرگە قىزىقىپ قاپتۇ ،شۇنداقلا بۇ تىجارەتچگە ئەگىشىپ ئىچكىرگە چىقىپ جىق پۇل تىپىشنى ئويلاپتۇ .ئاچىلىرىمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇ نامى چققان تىجارەتچىگە ئەگىشىپ لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنياڭ شەھرەگە يىتىپ كەپتۇ ،ئۇ مەزگللەردە ئىچىكىرنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭدىن خىلىلا يۇقىرى بولغاچقا ئۇ بىر كۆرۈپلا ناھايتى بوپيۇ بۇ نامى چىققىان كاۋاپچىنىڭ باشقا ئشلەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كاۋاپ سىتىپتۇ ،بۇ نامى چققان كاۋاپچى بۇ بالىنى بەكلا كىچىك كۆردۈمۇ قانداق ،ئۇنىڭ قورسىقى ۋە كىيىم كىچىكىگە يەتكۈدەك پۇلنىلا بىرىپ باشقىچە جىق پۇل بەرمەپتۇ ،ئۆزىنىڭ ھالال ئشلىگەن ئىش ھەققىنى تولۇق ئالالماپتۇ ،ئۇ ناھايتمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپتۇ ،ھەم قاتتىق پۇشايمانمۇ قىلىپتۇ ،ئەمما يۇرتىغا قايتىشقا ئامالسىز قاپتۇ ،ئانا يۇرتتىكى ئاچا سىڭىللىرىنى تولىمۇ سىغىنىپتۇ ،يۇرتتىكى ئاچا ئىنى سىڭىللرىمىۇ ئۇ چوقۇم جىق پۇل تىپىپ كىلىدۇ ،بىزنىڭ تۇرمىشمىزمۇ ياخشىىلىنىپ كىتىدۇ دەپ ئۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ ،سىغىنىپتۇ .يۈرەك ياشلىرى توختىماستىن ئىقىشقا باشلاپتۇ ،بۇ بالىمۇ ھەر كۈنى ئانا يۇرتتكى ئاچا ئنى سىڭىللىرىنى رەھمەتلىك مىھرىبان ئاتا ئانىسىنى چۈشەيدىغان بولۇپ قاپتۇ .ئۇ ھەر قىتىم چۈشىدىن ئويغىنىپ بۇ بىر چۈش ئىكەنلىكنى بىلىپ قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ ،5~6 يىلنى مانا مۇشۇنداق ئازاپلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈپتۇ ،ئۇ يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى قاتتىق تارتقان بولسىمۇ خوجايىنىغا خىياتەت قىلماپتۇ ،ئەمما بۇ نائىنساپ سودىگەر بۇ ئاقكۆڭۈلنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەپتۇ .بىر ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئىچكىرى تولۇق ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپتە ئاشپەز بولۇپ ئىشلەپتۇ ،بۇ ئاشخانىنىڭ بەرگەن مائاشمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە يىقىپ قاپتۇ،تاپقان پۇللىرىمۇ كۈنسىرى جىقلاشقا باشلاپتۇ ،بۇرۇنقىدەك تولا ئازاپلانمايدىغان بوپتۇ ،ئەمما بۇ يەردىكى ياخشى كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ ،مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى ئاشپەزلەر قىسقارتىلىپتۇ ،ئۇنىڭ تەلىيى كاج كىلىپ ئىشتىن بوشىتىلىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن تاپقان پۇللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇندىن بىرى كىچە كۈندۈز تەلپۈنگەن ئانا دىيار شىنجاڭغا يۈرۈپتۇ .
ئنسان ھاياتى خۇددى كىچىلىرى چاقنىغان چاقماقتەك تىز ئۆتۈپ كىتىدىگەن،ئادەم بەش ئون يىل بۇرۇن بولغان ئىشلارنى ھىلىلا بولغاندەك ئەسلەپ شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى تۇيمايلا قالىدىكەن .سودا سىتىق يولىدا جان تىكىپ ئۆتۈۋاتقان مۈشكۈل ۋاقىتلارمۇ خۇددى دەريا مەۋجۇدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى شوخلۇق بىلەن قوغلىشىپ ئۆتۈپ كىتىۋىرىدىكەن.ئۇ ئانا يۇرتقا قايتىپ ئاچا ئىنى سىڭىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈلۈپتۇ ،ئۇنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى چەكسىز خۇشاللىقىنى ھەرگىزمۇ ئاددىلا بىر ئىككى ئىغىز سۆزبىلەن ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدىكەن .ئاچا ئىنى سىڭىللىرى ئاللبۇرۇن توي قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرۈۋىتىپتۇ .ئۇ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ تۇرمۇشىنى باشلاشنى ئويلاپ قاپتۇ .باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن باشقا يۇرتتىكى بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ .توي ھەشەمەتچىلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈپتۇ .ھەش پەش دىگۈچە تۆت بەش يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ ،دەل مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئوقەتلىرى ئانچە يۈرۈشمەپتۇ ،نامراتلىق ئۇلارنى قىيناشقا باشلاپتۇ ،ئەر خوتۇن ئىككىسى داۋاملىق بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ جاپا مۇشەققەتلەرگە تەڭ تاقابىل تۇرۇپتۇ.ئايالىمۇ تولىمۇ كۆيۈمچان ،كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇپ ئىرىنىڭ ئوقەتلىرىنىڭ يۈرۈشمىگەنلىكىدىن كۆڭلى ئاغرنماپتۇ،بىز ئىككەيلەن بىرلىكتە تىرىشساق بىر كۈنى چوقۇم ياخشى كۈنگە ئىرىشىمىز دىگەنگە ئىشىنىپتۇ .بۇمۇ ئايالىدىن ناھايتى رازى بولۇپتۇ .گەرچە نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بولسىمۇ مانا مۇشۇنداق كۆيۈمچان ئايالي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلىپتۇ .يەنە بۇ بەختلىك كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارماپتۇ،بىر كۈنى قىيئانا قيئاتىسى سەن مىنىڭ قىزىمنى بەختلىك قىلىلمايدىكەنسەن ،مىنىڭ قىزىم داۋاملىق نامراتلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرسە بولمايدۇ دەپ قاراپ قىزىنىڭ ئۇنمىغىنىغا قارىماي ئاجراشتۇرۋاپتۇ،ئۇنىڭ بۇ بەخىتلىك تۇرمۇشى يەنە ئاخىرلىشىپتۇ.بۇ كۈنلەرنى خۇددى چۈشتەكلا ھىس قىلىپتۇ.مىنىڭ تەغدىرىم مانا مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ قاراپ تەغدىرگە تەن بىرىپتۇ .ئۆزىنىڭ نامراتلىق تۈپەيلى بىر بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ.ئاچا ئىنى سىڭىللىرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بۇنىڭ بىلەن كارىمۇ بولماپتۇ . بۇمۇ ئىلگىرى باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەن بولسا ئەمدى ئۆزى مۇستەققىل ئىش قىلىش قارارىغا كەپتۇ .شىنجاڭدا ھەر خىل سودىلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاقتۇرالماي يەنە ئىچكىرگە كىلىشكە مەجبۇر بوپتۇ .بۇ قىتىم خاربىندا سودا قىلىشنى تاللاپ بۇ يەرگە كەپتۇ .مەن ئۇنىڭ بۇ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازاپلاندىم ،ئۇنىڭ ئيتىشچە ھازىر سودىسى خىلىلا ياخشى بولۇپ بۇرۇنقى ئازاپلىرىنى ئۇنتۇشقا باشلاپتۇ.شۇنداقلا بۇ يىل 9-ئايدا بۇ يەردىكى سودىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ئانا يۇر شىنجاڭغا قايتىپ ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ بەخىتلىك تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ.
ئەلۋەتتە ئنساننىڭ ھايات يولى تولىمۇ ئەگرى توقاي ،ئۇ بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلمەيدۇ دەيسەز.جەمىتىمىزدە بەزى كىشلىرىمىز كىچىككنە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ چىداپ تۇرالماي ئۆزىنىڭ قىممەتلك ھاياتىنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇدۇنياغا سەپار قىلغان كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ،يەنە بۇ كاۋاپچىغا ئوخشاش ھەرخىل جاپا مۇشەققەتلەرگە باش ئەگمەي ،داۋاملىق كۈرەش قىلىپ تۇرمۇش يولىنى ئىچىۋاتقان ،ھاياتى قىممىتىنى يارىتىۋاتقان جاسارەتلىك كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە .
ئاخىردا ھەممەيلەن بىرلىكتە بۇ كاۋاپچنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولۇپ تىزدىن ئانا يۇرتقا قايتىپ قايتىدىن بەخىتلىك تۇرمۇشىنى باشلىشىغا تىلەك تىلەيلى .



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-5 14:42):
ئەسكەرتىش :شەخسى ئۇچۇرلار زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ روخسىتى بىلەن يوللانغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-8 16:00  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
26613
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 15:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالال ئىشلىگەننىڭ رىسقىنى بەرگۈچى ئاللاھتۇر،قىرىندىشىمىزنىڭ تېخىمۇ تۈكسىلىشىنى تىلەيمەن!

UID
47742
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-31
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 15:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق تايىنى يوق ئەسەر بۇ، قۇرۇق گەپ جىق  !!!

باھا سۆز

obul21c  توۋا سىزبى ئىككى ئېغىز گەپ يېزىپ بېقىڭا قېنى  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 10:45:16
kuqauyghur  سىلى بىر نەرسە چىقىرىپ باقسىلا ، تايىنى بار نەرسە قانداق بۇلىدۇ بىلىۋالىلى  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 01:41:31
مۇھەممەتنىياز   ئۆزىڭىز نوچى بولسىڭىز ،سىزمۇ بىرنى يىزىپ كۆرۈڭ .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 21:20:14
مۇھەممەتنىياز  كەچۈرۈڭ ،مىنىڭ قابىليىتىم مۇشۇنچىلىككەن ،كۆپرەك تەلىم برەرسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 21:14:27

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 17:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wajra1221 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 15:55
نىمانداق تايىنى يوق ئەسەر بۇ، قۇرۇق گەپ جىق  !!!

ئەمسە ئۆزىڭىز ياخشىراق قىلىپ بىرنى يېزىپ چىقمامسىز ،باشقىلارنىڭ يازغىنىدىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرمەي،مۇنداق ئادەملەمۇ جىق جاھاندا ھازىر خەخنىڭكىنى پەقەت ياراتمايدىغان

UID
35418
يازما
14
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 18:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق تايىنى يوق ئەسەر بۇ، قۇرۇق گەپ جىق  !!!

ئۆزلىرى نادىر تىمىدىن بىرنى يېزىپ باقماملا

UID
50039
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 19:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپدىللىق بىلەن  جاپالىق ئىشلەپ  پۇل تېپىش يولىدا تىرىشىۋاتقان سەمىيمى بىر ياشنىڭ ئىشلىرىكەنغۇ ، تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراش بىلەن بىرگە ، ئاشۇ كاۋابچىغا ئوخشاش ئىچكىرىدە ھالال ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ تىجارىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن .

UID
48517
يازما
64
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 21:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ئىچكىردىكى بىر كاۋاپچىنىڭ دەرت ھەسىرەتلىرى

wajra1221 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 15:55
نىمانداق تايىنى يوق ئەسەر بۇ، قۇرۇق گەپ جىق  !!!

سىز يازغۇچى شائىر بولغاندىكىن  نادىر تىمىلارنى يىزىپ كۆرۈڭ ،قارشى ئالىمىز ،سىزنى قوللايمىز ،قىنى مەرھەممەت .

UID
50120
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 00:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ينا تىرىشىڭ رەخمەت سىزگە

باھا سۆز

مۇھەممەتنىياز  تەكلىۋىڭىزگە رەھمەت ،مەن چوقۇم داۋاملىق تىرىشىمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 16:01:38

UID
49317
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-4-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 02:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت... قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن.

UID
31144
يازما
252
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
252
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 10:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ ، بۇ كۆڭۇلگە بىرىلگەن ئەڭ ياخشى تەسەلليى!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش