- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-7-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- UID
- 44641
- يازما
- 14
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14
- تىزىملاتقان
- 2012-7-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- توردا
- 12 سائەت
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئەلكۇيى تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ، ھەممىڭلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !!
ئەلكۇيى مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ،ئۆگىنىشىمنىڭ جىددى بۇلىشى سەۋەبىدىن تېخى بىرەر تىما يوللاپ باقمىغانىدىم ... شۇڭا ،بۇ قېتىم قەتتى نىيەت بىلەن دوپپا بايرىمىغا ئاتاپ مۇنۇ يازمىلارنى رەتلەپ چىقتىم ..گەرچە تۆۋەندىكىلەرنەڭ ھەممىسى ئۆز قول يازمام بولمىسىمۇ ،بىراق رەتلەپ چىقىش ۋە تەھرىرلەش جەريانىدا خىلى ئەجىر قىلدىم. ھەر قايسىڭىزلەرنىڭ ئەمگەك مىۋەمگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزلارنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمىد قىلىمەن!!
ھەريلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇدوپپا مەدەنىيەت بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرام 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ كېلىنگەن. گەرچە بۇ رەسمىي تۈردىكى قانۇندا بار بايرام بولمىسىمۇ بىراق مەنچە بۇ بايرامنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ! قىسقىغىنا ئۇچ يىل ئىچىدە بۇ بايرامنى بىلگەن ۋە ئۆتكۈزگەنلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ۋە مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ۋە قاچان ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى توغۇرلۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.شوڭا مەن ئىزدەش تورلىرىدىن ئىزدەش ئارقىلىق «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» توغۇرلۇق بۇ مەزمۇنلارنى يوللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.
ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.
تېمىسى:ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment
يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development
ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى
ھەمىمىزگە مەلۇم، دۇپپا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى . مىللەتنىڭ خاسلىقى ئەلۋەتتە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يۇسۇنلىرى بىلەن جەمىئيەتكە يۇزلەنگۈسى.. تارىختىن بۇيان دوپپا ئەجدادلىرىمىز ئەڭ قەدىرلەپ كىلىۋاتقان مىللى باش كىيىمى بۇلۇپلا قالماي ،ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھۆرمەت يۇزىسىدىن بىر بىرىگە سوۋغات سۇپىتىدە بىرىلىدىغان ئىسىل بۇيۇم ھىسابلانماقتا. شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى كاتتا يىغىلىشلاردا خەلقىمىز دوپپىنى ئەزىزلەپ كەلمەكتە. يېقىنقى بىر نەچچە يىللىردىن بۇيان مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۆزلۇكتىن ياتلىشىش ، كىملىكنى ئۇنتۇپ ،ياتلارغا قارىغۇلارچە چۇقۇنۇش ،‹مىللەتنىڭ كىيىملىرىنى ئەتىۋالاپ كىيىشتىن › ياتلىشىپ ، ئەكىسچە ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىش ، چەتكە قېقېشتەك ناچار ئىش پائالىيەتلەر كۆپىيىپ قالغان بولسىمۇ .بىراق ‹ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرىنى تاپار› دىگەندەك ، ھازىر بارا -بارا مىللىتىمىز ئۆزىگە يېنىۋاتىدۇ.( قىسقىسى .بۇ ئۆز كۆز قارىشىم.) قارايدىغان بولساق،يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ،خېلى كۆپ ساندىكى كىشلەر قايتىدىن مىللەتنىڭ ئۆرىپ ئادەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا . ‹ ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ › قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۇزىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر..!
ھەر قايسى جايلاردا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر تەشكىللىنىپ بايرامنىڭ ئەھمىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپتۇ .ئەمدى بىرقىسىم پائالىيەتلەردىكى ۋە چىرايلىق دوپپىمىزغا دائىر توپلىغان سۇرەتلىرىمدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلانغايسىلەر..!!
[attachimg]5878[/attachim
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن .ئەتىكى بايرامدا بارچە قېرىنداشلىرىمنىڭ دوپپا كىيىشىنى چىن كۆڭلۇمدىن ئۇمىد قىلىمەن !!
|
|