كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 6

چىقىش ۋە چۈشۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6831
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 18:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى مەن بىر ئىگىز بىنانى ئۇچراتتىم ۋە ئۇ بىناغا چىقىپ باققۇم كەلدى ، شۇنداق قىلىپ ناھايىتى تىزلا ئۇ بىناغا چىقۋالدىم ، مىنىڭ بۇ بىنانىڭ ئۈستىدە تۇرۋاتقىنىمغا تىزلا بىر يىل بولاي دىدى .


بۇ بىر يىل مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تاتلىق ، ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكەن بىر يىل بولدى ،  بۇ بىر يىل ئىچىدە تۆت خىل پەسىل ۋە ھەر خىل ھاۋا رايىنى باشتىن كەچۈردىم . بەزىدە ئىگىز بىنادا تۇرۇپ يىراقتىكى مەنزىرلەردىن ئۆز ئۆزۈمنى خوش قىلسام يەنە بەزىدە ئۆز-ئۆزۈم بىلەن يىغلاپ كىتەتتىم .

بەزىدە بۇ بىنادىن چۈشۈپ كىتىپ شۇ يىراقتا مەن كۆرگەن مەن ئارزۇ قىلغان جايلارغا بېرىپ ئۆز بەختىمنى تېپىشنى ئويلاپ بۇ نىنادىن چۈشۈشنىڭ ئامالىنى قىلىپمۇ . بۇ بىنادىن چۈشەلمەي قالدىم .  

بەزىدە ئۆز ئۆزۈمدىن سوراپ كىتىمەن ؛  بۇنداق ئىگىز يەرگە چىققان ئادەم قانداق چىققىنىڭنى ئۆزۈڭ بىلمىىسەڭ ساڭا يەنە كىم دەپ بىرەتتى ؟  بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭ خالاپ چىققان ئەمەسمۇ ؟ يەنە نىمگە قايغۇرسەن ؟!

توغرا بۇ بىناغا نىمدەپ چىققان ؟  چىقىپ نىمنى كۆردۈم ؟ چىقىپ ئۆز كۆۈزۈم بىلەن كۆرۋاتقان ئاشۇ گۈزەل مەنزىردىن كۆرۈپ بەھىرمان بولغان بىلەن ، مەن ئۆزۈم بېرىپ ئاشۇ گۈزەل مەنزىرنىڭ ئۈستىگە دەسسپ تۇرۇپ بەخىتنى خۇشاللاقنى ھىس قىلالىدىممۇ ؟  
بۇ يەرگە چىققاندا قانچا خۇشاللىق بىلەن چىققىنىم ئۆزەمنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ، بۇ يەرگە چىقىپ چۈشۈدىغان يولنى تاپالمىغانلىقىم ئۆزۈمنىڭ ئەقىلسىزلىكى.
مەن بۇ بىنادىن مۇ ئاغرىنمايمەن ، مىنى باشلاپ چىقاغان پەلەمپەيدىن مۇ كۆرمەيمەن ، پەلەمپەينىڭ ۋەزىپىسى شۇ تۇرسا !  ئۇ مىنى دىگەن نىشانىمغا چىقىرىپ قويدى ، مەن يەنە نىمىشقا ئۇنىڭدىن رازى بولمىغۇدەكمەن!
بۇ ئىگىز يەردىن پەسكە سەكرەي دىسەم ، ھايات قېلىش ئىھتىمالى يوق دىيەرلىك . چىققان يول بىلەن چۈشەي دىسەم ، چىققۇچە بولغان ئارلىقتا چۈشۈدىغان يولنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . بۇ بىناغا چىققىلى بولغان بىلەن چۈشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلمەي قاپتىمەن .

بۇ بىنا ماڭا نۇرغۇن ئەسلىملەرنى قالدۇردى ،  بەزىدە يىراققا قاراپ كۈلسەم يەنە بەزىدە يىراققا قاراپ يىغلايتىم .
ئاجىز يۈركۈمنىڭ سوققان ئاۋازى كۈندىن كۈنگە ئۆز قۇلۇقۇمغا ئارام بەرمىدى . سەكراش ئەسلى مۇمكىن ئەمەس چۈشۈشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، بۇ يەرگە چىققاندىن كىيىن ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئادەمنى تۈگەشتۈردىغدنلىقىنى ھىس قىلدىم.
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، ئاپام ئۆيدە تاماق ئىتىپ بەرسە تاماق خىللاپ تاماق تاللاپ يۈرەتتىم . ئەنە شۇ كۈيۈمچان ئاپامنىڭ تامىقىنى سېغىندىم.
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، پۇلنى شۇنداق چوڭ بىلەتتىم، پۇلۇم بولسا ھەممە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن دەپ ئويلايتىم ، مانا ھازىر بولسا يېنىمدىكى بەش كوي پۇلغا بىريىل بولاي دىدى ، يا ئۇ پۇلنى يەپ قوسقۇمنى تويغۇزۇپ بولالمىدىم ، يە شۇ پۇلۇمغا ئولتۇرۇپ ئۆيۈمگە قايتالمىدىم.
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، باشقىلار مىنى ھاقارەتلاپ بولغۇچە مەنمۇ بوش ئەمەس دەپ  ئۆزۈمنىڭ يامانلىقىنى ئاشكارلايمەن دەپ، بىگۇناھ ئادەملەرنى بوزەك قىلىپ يۈرەتتىم ، مانا ئەمدى بولسا ھەرخىل ھاشارەتلەر مىنى چېىقىپ مىنى تىللاپ ماڭا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ ، ھەتتاكى چۆمۈلىدىن قورقىدىغان ھالەتكە يىتىپ قالدىم.
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ،  مىنى قەدىرلايدىغان ۋە مىنى ياخشى كۈردىغان ئادەملىرىم بۇ بىناغا چىقىشنىڭ خەتەرلىكىنى توسقاندا ، مەن شۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنىم ، مانا ئەمدى بولسا شۇلارغا ئاھ ئۇرۇپ  يىغلىغۇم كىلۋاتىدۇ ، ئاۋازىمنى چىقرىپ يىغلىسام يەنە شۇ ئۆزۈمدىن باشقا ھېچكىم ئاڭلىيالمىدى .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، ئاتا- ئانام ماڭا تەربىيە قىلسا مەن ئۇلۇرغا قارشى چىقىپ ، مەن ئۆزمنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايمەن دىگەن ، مانا ئەمدى بولسا، شۇ ئاتا-ئانامنىڭ قىممەتلىكى سۆزلىرى يۈركىمنى قىرىپ ئىچىشتۇرۇپ ئۆتتى .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، مەن دىگەن بەك گۈزەل ، ھېچكىم مىنى ئازاپلىيالمايتى دەيتىم ، مانا ئەمدى بولسا ئۆزۈمنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقىنى ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ قالغىلى تۇردۇم .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، مەيلى مىنى خاپا قىلسۇن مەيلى مىنى خوش قىلسۇن ھەممىسى مىنىڭ يېقىن ئادەملىرىم دەپ ئويلايتىم ، مانا ئەمدىلىكتە كىمنىڭ دوستۇم، كىمنڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىربىرلەپ ھىس قىلۋاتىمەن .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، ئاشۇ مۇئەللىم تەربىيە قىلسا تىللاپ كەتكەنلىرىم ، ئۆزۈمدىن چوڭ ئادەم تەربىيە قىلسا تىللاپ كەتكەنلىرىم ، ئەمدى بولغاندا ئاشۇ قەدىرلىك سۆزلەر قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايتى .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، ئاتا-ئانام ناماز ئۇقۇشقا دەۋەت قىلغاندا ئۇلارنى ئالداپ يۈرگىنىم ، ئەمدى بولغاندا ئەسلى ئۇلارنى ئەمەس ئۆز ئۆزۈمنى ئالدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، كىيىم- كىچەككە تويمايتىم ، كۈندە بىرخىل كىيىم كىيىپ يۈرەتتىم ، ئەمدىلىكتە بولسا مۇشۇ بىر قۇر كىيمگە تىزلا بىريىل بولاي دىدى ، ئۆزۈمنىڭ بىر قۇر كىيمىم بارلىقىدىن ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلىمەن .
بۇ بىناغا چىقىشتىن بۇرۇن شۇنچە يامان ئادەمتىم ، باشقىلار مىنى كىچىكلىك قىلۋاتىدۇ دىسە ، ئۇ مىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ يەنە شۇ يولدا مېڭىۋىرەتتىم ، ئەمدىلىكتە بولسا ئاشۇلارنىڭ ئەسلى مىنىڭ ئەينىكىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .

ئۆزۈمنىڭ يامانلىقى مىنى بۇ مەنزىلگە باشلاپ ئەكەلدى ، ھېچكىمدىن كۆرمەيمەن . پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ بۇ بىناغا خاتا چىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئېچىنىمەن .
كۆز ئالدىمدىكى شۇ مەنزىرلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ماڭا تولىمۇ ئايان ، لىكىن ئاشۇ مەنزىرنىڭ ماڭا نىسىپ بولمايدىغانلىقىغا ھەرگەز ئىشەنمەيمەن .
بۇ بىنادىن چۈشۈش مەن ئۈچۈن ئىنتايىن تەس ، سەكرەي دىسەم ھاياتلىق يوق، ياردەم تەلەپ قىلاي دىسەپ ، ئاۋازىمنى ھېچكىم ئاڭلىيالمايدۇ ، ئۇلۇغ ئاللاھ نىڭ ماڭا بەرگەن قار يامغۇرلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ زور بايلىق . مىنى يۈز ئابرويۇم ئەمەس ئۆزۈمدىكى ئىشەنچ تىك تۇرغۇزدى . مەن دىگەن ئەر كىشى قۇلۇمدا يىڭنە تۇرىدۇ . مەن بۇ ئىشنى چۇقۇم قىلالايمەن.  

ھەممە ئشنى ھازىردىن باشلاي ، بۇ يەردىن چۈشكەندىن كىيىن باشلايما دەپ  پىلانلىغان پىلانلىرمنى مۇشۇ يەردىن باشلاي ، ماڭا پۇل ۋە ياكى كۈچ قۇۋەت كىرەك ئەمەس . مەندىكى ئىمان بىلەن مەندىكى جاسارەت بولسا شۇ كۇپايە! ئەگەر مەن بۇ يەردىن چۈشۋالسام . ھەرگىز بۇ بىنانى تىللىمايما ، ياكى بولسا بۇ بىنادىن ئاغرىنمايمەن ، چۈنكى بۇ بىنا ماڭا گۈزەل مەنزىرىنى سوۋغا قىلدى . ماڭا قەدىرسىز نەرسىلەرنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ .

ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بەخىت ئىچىدە تۇرۇپ بەخىت ئىزدەيدۇ .   مانا بۇ بىنانىڭ ماڭا قالدۇرغان سۆزى .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۆزۈمگە جاسارەت بىرشىنى تىللايمەن ! ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن كۈنلىرگە تۆمەن مىڭ شۈكۈرى !

بۇ بىنانىڭ ئۈستىدە جان ئۈزسەم مەيلى بىراق ھەرگىز  بىنادىن سەكرەپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرمەيمەن . ھازىردىن باشلاپ ھەممىنى قايتىدىن باشلاي .  چۈشۈپ كىتىدىغان ئىشىكنى چۇقۇم تاپىمەن .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49930
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2013-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 23:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز چىققان بىنانىڭ پەشتىقى يوقمىتى ؟نىمانچە ئىگىز ببىناغا چىقىۋلغان تىڭىز

UID
11266
يازما
81
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1791
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 00:57:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرىشەلمەسلىك ئادەمنى بىر بولسا ئەسەبىلەشتۈرىدۇ بىر بولسا پەرۋاسىز قىپ قويىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇرىيە

UID
13425
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
938
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
64 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 11:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sizge ohshash egiz binaga chiqip qelip qandaq qilishni bşlmey yüriwatqan hemrahlar choqum ba u BİNA da, miningche pilanni yahshi tüzüp, egizlikning jimjitliq ewzellikidin paydilinip etraptiki güzelliktin zoq algach özenglarni bilim bilen qorallandurunglar. Miningche buningdin bashqisi bikar. Belkim beste turgan birmunchiligan dosliringiz shu igiz BİNA ga chiqish arzusidid, , shularni oylap bolsimu u igizliktin ünümlük paydilining.   Sizge utuq tileymen

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 13:13:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى مەنىلىك يىزىپسىز ، خۇدا ساقلىسۇن ئۇنداق ئىگىز بىنالارغا چىقىپ قىلىشتىن ئاللاھ ھەممىىزگە بەخىت خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي !

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 16:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى بەكمۇ چوڭقۇر بوپتۇ...   ئاللاھىم بەندىسىنى تار يەردە قىستىمايدۇ....  تىرشىىتىن، ئەجىر قىلىشتىن توختاپ قالماڭ، پۇرسەت كۈتۈپ، تەييارلىقىڭىزنى پۇختا قىلىڭ،  ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئۆزىڭىزمۇ تۇيمىغان ئاساسستا بىنا دىن چۈشۈپمۇ قالىسىز.

UID
48517
يازما
77
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
77
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 21:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ تۇرمۇش .يەنىمۇ تىرىشىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش