تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2966|ئىنكاس: 16

ئاپاق خوجىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! 

UID
47232
يازما
119
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
ئەن بەدەن ــــ بۇ ئادەمنىڭ قول،پۇت،قۇلاق،بۇرۇن قاتارلىق مۈچىلىرىنى كېسىپ تاشلايدىغان ياكى ئادەمنىڭ كۆزىنى ئويۇپ،تىلىنى كېسىپ،بۇرنىنى يۇلۇپ،ئەرلىكىنى پىچىپ،ئاختا قىلىپ ناكا قىلدىغان،ئاياللارنىڭ تۇغۇتىنى قۇرۇتۇپ،نىمجان قىلىپ تاشلايدىغان بىرخىل ۋەھشىي جازا ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم قىينىلىپ ئاخىر مىڭبىر ئازاپ ئىچىدە جان تەسەددۇق قىلاتتى.
  مىش قىيناق ــــــ بۇ ئادەمنى مۈشۈككە تاتىلىتىپ،مورلىتىپ،چىشلىتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل قىيناش جازاسى بۇلۇپ،گۇناھىنى ئىقرار قىلمىغان ياكى لەۋزىدىن يېنىۋالغان ئادەمنىڭ ئشتىنىنىڭ ئىچىگە ماڭغا كىرگەن چىشى مۈشۈكنى سولاپ،ئۈستىدىن خوخا تىكەن بىلەن ساۋاش ئارقىلىق ئادەمنى مۈشۈككە تاتلىتىپ،چىشلىتىپ قىيناپ سوراق قىلدىغان بىرخىل ۋەھشىي جازا ئىدى.  
   پەي قىرقىما ـــــــ بۇ ئادەمنىڭ پېيىنى كېسىدىغان جازا بۇلۇپ،پاتتاڭنىڭ پېيىنى كېسىش،پاقالچاقنىڭ پېيىنى كېسىش،،سۆڭگەچنىڭ پېيىنى كېسىش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنەتتى.  
پاتتىڭىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم بېشىنى كۆتۈرەلمەي دېمى سىقىلىپ ئۆلەتتى.پاقالچىقىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم ئۆرە بولالماي ئۆلەتتى.سۆڭگۈچىنىڭ پېيى كېسىۋىتىلگەن ئادەم ماڭالماي ئۆلەتتى.  
    كۆتەك ــــــــ بۇ ئادەمنىڭ پۇتىغا گۇندا -كۆتەك سېلىپ قويىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.كۆتەك-بىر پارچە چېقىر ئۈجمە ياكى قارىياغاچ كۆتىكىنى زەنجىر بىلەن مىخلاپ ئادەمنىڭ پۇتىغا گۇندا قىلىپ چېتىپ قويىدىغان ۋە كۆتەكنى ئوتتۇرىدىن تېشىپ،كامىرىغا ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىنى سېلىپ كۆتەكنى مىخلاپ قۇيۇش ئارقىلىق ئادەمنى بەند قىلىپ قويىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.پۇتىغا گۇندا-كۆتەك سېلىنغان ئادەم مىدىرلىماي قىينىلىپ ئۆلەتتى.  
  دەررە ـــــــــــ بۇ ئىچىگە قۇم ياكى ئۇششاق تاش تولدۇرۇلغان ياپىلاق كۆك پالاق بۇلۇپ،غولدا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.جازالانغۇچىنىڭ غولىغا دەررە بىلەن ئۇرۇلغاندا،ئادەتتە ھەر قانداق مەن -مەن دېگەن بوز يىگىتلەرمۇ ئوتتۇز-قىرىق غولدىغا بەرداشلىق بېرەلمەستىن جان تەسەددۇق قىلاتتى.
  ئۆرە قىيناق ـــــــ بۇ ئادەمنى قىش-قىرودا يالىڭاياق مۇزغا دەسسىتىپ قويىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،جازالانغان ئادەم سوغۇقتا ئۆرە تۇرۇۋىرىپ ئاخىرى سوغۇقتا قېتىپ قېلىپ ئۆلەتتى.  
  قىل قىيناق ــــــــــــ بۇ ئادەتتە ئەر كىشىگە قوللىنىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،ئەر كىشىنىڭ زەكىرىگە ئات قىلىنى تىقىپ قىينايدىغان بىرخىل ۋەھشىي قىيناق جازاسى ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم ئون ئۆلۈپ-بىر تىرىلىپ،خۇدادىن ئىتتىكرەك جېنىمنى ئالساڭ،دەپ تىلەيتى.   
  قاپ قىيناق ـــــــــ بۇ ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قىپيالىڭاچ قىلغاندىن كېيىن قىل تاغارغا سېلىپ،ئاندىن ئادەمنى تاغار بىلەن ئېگىزدىن پەسكە قارىتىپ دومىلىتىدىغان ياكى ئاسمانغا ئېتىپ يەرگە تاشلايدىغان بىرخىل جازا ئىدى.بۇنداق جازاغا مۇپتىلا بولغان ئادەم ئاخىرىدا سۆڭەك-ئۇستىخانلىرىنى پىقىش-پىقىش بۇلۇپ كېتىپ،بىر دۆۋە گۆشكە ئايلىنىپ قالاتتى.
قوڭ قىيناق ــــــــــ بۇ ئادەمنى ئۆرۈك ياغىچىدىن ئۇچلۇق قىلىپ ئۇچلانغان قۇزۇققا ئولتۇرغۇزىدىغان بىرخىل جازا بۇلۇپ،قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇلغان ئادەم ئۈچ-تۆت كۈنگىچە يا ئۆلمەي،يا تىرىلمەي،قىينىلىپ جان تالىشاتتى ــ دە،ئاخىر ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆلۈپ كېتەتتى.
  چۆل قاق  ـــــــــــ بۇ ئادەمنى چۆل-جەزىرىگە ئاپىرىپ پىژغىرىم ئاپتاپتا قاق سېلىپ قۇرۇتۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.   
    ئات قۇيرۇق ـــــــ بۇ ئادەمنى ئىككى پۇتىدىن ئىككى ئاساۋ ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا چېتىپ،چېتىدىن يېرىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.
    ياغ قايناق ـــــ بۇ ئادەمنى تىرىك پېتى قازاندىكى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.   
    بوغما قول ـــــ بۇ ئادەمنى كۆشۈك ھارۋىسىغا سېلىپ،بېشىنى قىسماققا ئالغاندىن كېيىن تانا بىلەن قىسماقنى بارغانسىرى چىڭىتىش ئارقىلىق بۇغۇپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.  
    جان ئوغلاق ــــ بۇ تىرىك ئادەمنى ئوغلاق قىلىپ تارتىپ ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل جازا ئىدى.....  
     بەس!ئاپاق غوجىنىڭ بۇنداق‹‹جازا ئىجادىيەتلىرى››ھەققىدە مۇشۇنچىلىكلا توختىلىشقا بولىدۇ!چۈنكى،مۇئەللىپ بۇ سەتىرلەرنى يېزىۋىتىپ تېنى شۈركىنىپ،بۇنىڭ نېرىسىغا يېزىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى!  
     چىشىنى خۇن پىچىقى،مىجەزىنى ئىت پەيلى ئوراپ ۋە چىرماپ تۇرغان بۇ جاللات سوپىلار بىگۇناھلارنى جازالىغاندا چايەندەك چېقىپ تۇرىدىغان،زەھەرلىك قوللىرى يىرتقۇچلارنىڭ پەنجە-چىشلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان،نە ئەقىل،نە دىن،نە شەرم-ھايا...دىن مەھرۇم بولغان بۇ مەلئۇن  خوجىلار؛قىلغان ئىشلىرى خۇددى يالماۋۇزدەك، خۇن تۆكۈش،ئىنساننى خارۇ -زار قىلىش،ئەل-يۇرتىدىن تاندۇرۇش، ۋە ئۆي-ماكانىنى توزدۇرۇشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان بۇ شەرمەندە ئىشانلار؛پۈتۈن ۋۇجۇدى پىسقى-فۇجۇر بىلەن تولغان،نامەردلىك،رەزىللىك،ۋەھشىي قىلمىشلارنى كەشىپ قىلماقنى ئۆزىگە زاكا ئادەت قىلغان بۇ ھايات كۈشەندىلىرى يەنە يېڭى-يېڭى جازا قىيناقلارنى داۋاملىق ئويلاپ ئىجاد قىلاتتى.....  


- يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ ‹‹ئاپاق غوجا››ناملىق تارىخىي رومان كىتابىدىن ئېلىندى.
  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50236
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا   بىزنىڭ  قېرنداشلىرمىز قىزىقمامدۇ يا  خەممىسى  ئۇقامدۇ  ئىنكاس يوققۇ؟؟؟؟؟

باھا سۆز

بۇلاق  ئىنكاس بار! ئىنكاسنى ئاپتور كۆرىدىغان قىلىپ قويۇپتۇ  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 21:52

UID
50236
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   بىزنىڭ مىللەتتىم  شۇنداق  بېر   مۇناپىقنىڭ چىققنىدىن نۇمۇس  كىلمەن   .....   ئۇنىڭ  جازاسىنى   ئۇلۇغ  خۇدا ئۇزى  بېرە

UID
43421
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ .

UID
50338
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىكى ئىنكاسنى بىز كورمىسەك ياخشى ، ئىسلىدىلا بۇ تىمىنى يولاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى . جاھاندىكى بارلىق سوراق ۋە جازاغا دۇچار بولىدىغان مىللەت بىزلا ئەمەستۇ ھەا ... ئەجەپ ئىچىم ئىچىشتى مىنىڭ .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-6 23:15):
ئااپق غوجىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئادەم ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشىنى بىلىدۇ.

UID
50017
يازما
8
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇرۇن   بۇ  ئاپپاق  خوجا  توغۇرلۇق   ئەختەت تۇردىنىڭ  «بەخىتسىز  سەئىدىيە»   دىگەن  كىتىبىدىن  سەئىدىيە  خاندانلىقىنىڭ  خانىنى  ۋە  80  دىن  ئارتۇق  لەشكەرنىڭ  يۈرۈكىنى  تىرىك  تۇغۇزۇپ  ئىلىۋەتكىنىنى  ئوقۇغانتىم  بۇ  يەردە  تېخىمۇ  كۆپ  كەن  بىلىۋالدىم  رەھمەت  سىزگە  ھارمىغايسىز

UID
6471
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
219
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن  قەبىھ.

UID
31144
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ئاپپاق غوجىنى مۇشۇنداق جازالىنىپ  ئۆلسۇكەن دەپ ئۆيلەيمەن بىراق ئۇنىڭ ئۆلۇمى بەك ئاددىي بۇلۇپ قاپتۇ .بۇرۇن ئاپپاق غوجىغا نىسبەتەن ئانچە چۇشەنچە يوق ئىدى ئۇ ئادەمنى پەقەتلا بىر ئەسكى ئادەم دەپ ئويلايتىم ،جاللات خىنىمنى ئوقۇغاندىن كېيين ئۇ ئادەمگە بەكلا ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم ! خودايىم بۇنداق ئادەملەر بىزنىڭ مىللەتتىن يەنە چىقىپ قالمىسۇن !!

UID
49797
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخوووووووووووووو.....  ھەممىڭلار ئىنكاسنى مەخپىلا يوللىۋېتىپسىلەرغۇ....

UID
47232
يازما
119
تېما
30
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-8
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iminov يوللىغان ۋاقتى  2013-5-5 13:49
ئوقۇپ بولغۇچە تېنىم شۈركىنىپ كەتتى.باشقۇرغۇچى ،بولسا  ...

ھە ئەسلىدە مۇنداقكەندە، نېمىنداق يوللىغان كۆپىنچە تېمىلىرىمنى قەۋەت تاللىشىش تېمىسى قىلىپ قويىدۇ دېسەم، ئىنكاسنى ئاپتور ئۆزى كۆرىدىغان باشقىلار كۆرمەي ئىنكاس يېزىپ مۇنازىرە قىلمىسۇن دېگەن ئىشكەندە. ئۇنىڭدىن يوللىمىساممۇ بولاپتىكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش