- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 60
- تىزىملاتقان
- 2010-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-7
- UID
- 5756
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 60
- تىزىملاتقان
- 2010-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-7
- توردا
- 20 سائەت
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم ، ئەلكۇيىدىكى قېرىنداشلار ، مەن بەش ئەسىرلەر ئالدىدىكى بۈيۈك ئۇيغۇر خانىدانلىقى يەنى سەئىدىيە خانىدانلىقى ھۆكۈم سۈرگەن ئەزىزانە يۇرت يەكەن شەھەر ئىچىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بىرقانچە قەدىمىي ، تىپىك بولغان ئۇيغۇر مەسچىدلىرى ۋە شۇنىڭغا يانداش بىر قانچە ۋەكىل خارەكتىرلىك مازار ، قەبرىگاھ لارنى رەسىمگە تارىتقان ئىدىم ، شۇنىڭ ئاساسلىق رەسىملىرى ۋە قوشۇنچە چۈشەندۈرۈشلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم .
بۇ تىمىنى يوللاشتىكى مەقسەت :
1 - يىراق يىقىندىكى ئەمەلىي كۆرۈش ئىنكانىيتى بولمىغان كەڭ تورداشلارنى ئۆز مەدەنىيەت - يادىكارلىقلىرىمىزدىن ھوزۇرلاندۇرۇش .
2 - مۇشۇ ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس قالغان مۇشۇنداق قىممەتلىك تارىخى ماتىريال ، يادىكارلىقلارنى ئاسراش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىقى قىلىش .
ئازنى مەسچىد ( ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىك ئورنى )
بۇنى يەكەن ناھىيەسىدىكى جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ بىرى دىسەكمۇ بولىدۇ ، يەكەن ئازنا مەسچىد شەرقى چاغاتاي خانلىقى (موغۇلىستان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەمىرلىرىدىن مەھەممەت ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتىسى)زامانىسىدا يەنى مىلادىيە 1466-يىلى يەكەن كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن يەرگە ياسالغان ،بەزىلەر بۇ مەسچىدنى ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا ئابابەكرى ياساتقان دەيدۇ.ئەمەليەتتە مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاغىسى مەھەممەد ھەيدەر مىرزا مىلادىيە 1463-يىلىدىن 1480-يىلىغىچە يەكەننى ۋە قەشقەرنى سۇيۇرغاللىق زىمىن سۈپىتىدە باشۇرۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيا بويچە داڭلىق بۇ مەسچىدنى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۆز ھۆكۈمرانلىقنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە ياساتقان.
مەسچىد ياغاچ ئىشلەتمەي خىش ۋە لاينى ماتىرىيال قىلىپ ،52 گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان بولۇپ ،كىچىك گۈمبەزلەرنىڭ ئىگىزلىكى 5.5مىتىر ،دىئامىتىرى 2.6مىتىر ،مەسچىدنىڭ شىمال تەرەپ ئوتتۇرا ھۇجرىسىغا ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئىگىزلىكى 15مىتىر،دىئامىتىرى 7.9مىتىر كىلىدۇ.مەسچىد نوقۇل مەسچىد سۈپىتىدىلا ئەمەس،يەنە تالىپلار ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان مەدرىسە قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان قىلىپ لاھىلەنگەن،ھەم كىيىنكى زامانلاردا ،ئاپاق غوجا مازىرىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان.
بۇندىن باشقا مەسچىد ئالدىدىكى مۇنار تۇۋى دىگەن يەرگە بىر مۇنار سىلىنغان بولۇپ ،پىشقەدەم موللا،ئالىملارنىڭ مەلۇماتلىرىدا <<بۇ مۇنار چىقىپ قارىسا ،يەكەن دەرياسى كۆرۈنەتتى،مۇنارغا چىقىپ چۈشكۈچىلەر،مۇنار ئۈستىدە قونۇپ قالاتتى >>دىيىلگەن.كىشىلەر ئاغزىدىمۇ مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر ساقلىنىپ قالغان.ئەپسۇس بۇ مۇنار كىيىنكى زامانلاردا ۋەيرەن قىلىۋىتىلگەن.
ئومومەن ئازنا مەسچىد ئۆزىنىڭ قەدىمىلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ،خاس يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەشھۇر،تولىمۇ قىممەتلىك ئىمارەت بولۇپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمى ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايتى مۇھىم ئەھمىيەتلىك تارىخى مىراس.بىرلا ۋاقىتتا 5000كىشى ناماز ئوقۇيالايدىغان بۇ مەسچىدنىڭ سەئىدىيە سۇلتانلىقى قۇرۇلغان ۋاقىتتا بىر قىتىم رىمۇنت قىلىنغانلىقىدىن باشقا ھازىرغىچە رىمۇنت قىلىنغانلىقى توغرىلۇق مەلۇمات يوق بولۇپ،550يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
1990-يىلى بۇ مەسچىد <<ئاپتونۇم رايۇن دەرجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئورنى >>دەپ ئىلان قىلىنغان.
بۇ مەسچىد يەكەن كونا شەھەر رايۇنى چاسا باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بولۇپ ، تۆۋەندىكىسى مەسچىدنىڭ سىرتى ۋە ئىچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆرۈنۈشلىرى .
بۇ مەسچىدنىڭ ئالدى تەرەپ كىرىش ئىشىكى
بۇ مەسچىتنىڭ ئالدى تەرەپ كىرىش ئىشىكىگە يانداش ، سول تەرىپىدىكى ھاجەتخانا ( مۇھىتى ياخشى بولمىغانلىقتىن ئەتراپنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىغاندىن باشقا تاملارنى زەيلىتۋەتكەن ) .
بۇ مەسچىدنىڭ سول تەرىتىپىدىكى تار كوچا ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانە بىلەن مەسچىد قورۇ تېمىنىڭ بىر قىسمى .
بۇ مەسچىدنىڭ سول تەرىپىدىكى تار كوچا ۋە مەسچىد قورۇ تىېمىنىڭ ئاياغ قىسمى ( زەيلەپ ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ تام ئۈستىگە ئەخلەتلەر تۆۈپ قويۇلغان ) .
بۇ مەسچىدنىڭ ئالدى تەرەپ كىرىش ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى مەسچىد قورۇ تېمىغا چاپلاپ سېلىنغان دۇكانلار بولۇپ ئىشلىتىلمىگىنىگە خىلى يىللار بولغاندەك قىلىدۇ .
بۇ چاسا يولى تەرەپتىن مەسچىدنىڭ كۆرىنىشى ، بۇ تەرىپىگىمۇ دۇكانلار چاپلاپ سېلىنغان .
بۇمۇ چاسا يولى تەرەپتىن يىقىنلىتىپ تارتىلغان كۆرىنىش .
مەسچىد ئالدى ھويلىسىغا سېلىپ قويۇلغان بىر قانچە پارچە كىگىز ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ناماز ئۆتىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىكەن .
مەسچىدنىڭ ئىچكى ھويلىسىغا كىرىش ئىشىكى ئىتىۋىتىلگەن بولۇپ ، ئىشىككە ‹ قورۇ تىمى خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن كىرىش چەكلەندى › دىگەندەك خەتلەر چاپلانغان .
بۇ مەسچىد ئىچكى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى قورۇ تىمى ، يامغۇر ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن زەيلەپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن يېرى .
بۇ مەسجىد ئىچكى قورۇ دەرۋازىسى يوچۇقىدىن ئىچكى تارتىلغان ئىچكى قورۇنىڭ كۆرىنىشى ، ئەسكى - تۈسكى ، تاشلاندۇق نەرسىلەر بىلەن تولغان بولۇپ ھاشارەت ، جانىۋارلارنىڭ ئۇۋىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىلگەندەك قىلاتتى .
بۇمۇ مەسجىد ئىچكى قورۇسىنىڭ دەرۋازىسى يوچۇقىدىن تارتىلغان ئىچكى قورۇنىڭ كۆرىنىشى ، بۇ قالايمىقان تاشلانغان نەرسىلەر ۋە مەينەتچىلىكنى كۆرۈپ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىشنىڭ ئەسلى بۇنداق بولمايدىلىقىنى ئويلاپ يەتتىم .
بۇ مەسچىدنىڭ ئۆگزىسى ، يەنى مەشھۇر بولغان 52 گۈمبەزنىڭ بىر قىسمى ( يامغۇر يېغىۋاتقان ۋاقىت بولغاچقا ، ئۆگزە ئۈستىگە چىقىپ ئومومىي كۆرىنىشىنى تارتىش مومكىن بولماي قالدى ) .
بۇمۇ مەسجىدنىڭ ئۆگزىسى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىك ، ھۈنەرگە مايىل ئىكەنلىكنىڭ مۇئەييەن ئىپادىسى .
بۇ مەسچىد ئۆگزىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرى ، قارىغاندا يەرلىك ئاھالىلەر ئەخلەت تۆكۈپ قويغاندەك قىلاتتى .
يۇقارقى رەسىملەر ئۆۈم تارىتقان رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان بۇ ئورۇننىڭ مۇھىتى ناچارلىشىپ ، تام - تورۇسلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ نەچچە يىلغا قالماي يوقىلىپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم داۋامى بار ، سىناق تەرىقىسىدە يوللاندى :
|
|