كۆرۈش: 4943|ئىنكاس: 16

باسقۇنچىلىق دېلوسى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! 

UID
47232
يازما
173
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
173
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
73 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 21:26:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىر باسقۇنچىلىق دېلولىرى خەلقئارادا چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان دۇنيا بويىچە 1-چوڭ خەتەرلىك دۆلەت بولاپ قالدى
   زىمبابۋې ساقچى تەرەپنىڭ 30- ئاپرېل ئېيتىشىچە، يېقىندىن بۇيان زىمبابۋې ئەرلەر ئايال جىنايەت شايكىلىرىنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچراش دېلولىرى كۆپلەپ يۈز بەرگەن. ساقچى تەرەپ يالغۇز سىرتقا چىققان ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتكەن.
زىمبابۋې مانىكالاند ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپنىڭ باياناتچىسى كېرىننىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى، تۆت نەپەر ئايال ماشىنا توسۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆلكىلىك تاشيولنىڭ غول لىنىيەسىدە 25 ياشلىق بىر ئەسكەرنى تۇتقۇن قىلىۋالغان، ھەمدە ئۇنى بىر مەخپىي جايغا ئاپىرىپ، جىنسىي دەپسەندە قىلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۆت كۈندىن كېيىن بىر قاقاس دالىغا تاشلىۋېتىلگەن، كېيىن ئۇ ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.
كېرىن مۇنداق دېدى: ئەرلەرنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى گەرچە ئاڭلىماققا غەلىتىدەك تۇرسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان زىمبابۋېدا بۇنداق ئىشلار كۆپ يۈز بەردى. ساقچى تەرەپ پەقەت مانىكالاند ئۆلكىسىدىلا بۇلتۇردىن بۇيان مۇشۇنداق دېلودىن بەشنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە تېخى دېلو مەلۇم قىلىشقا خالىمىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارمۇ بار. ساقچى تەرەپ ئايال جىنايەت شايكىلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن دېلو سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمىدى.
كېرىن مۇنداق دېدى: ساقچى تەرەپنىڭ دېلو بېجىرىش تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ئايال جىنايەت شايكىلىرى جىنايەت سادىر قىلىشتا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ كۆزىنى ئىتىپ قويىدىكەن ياكى بىھوش دورىسى ئىشلىتىدىكەن ھەمدە ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇۋېتىدىكەن، شۇڭا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار دېلو مەلۇم قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئۇچۇر تەمىنلىيەلمەي قالىدىكەن. زىمبابۋېنىڭ قانۇن تەرتىپىدە باسقۇنچىلىق جىنايىتىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار پەقەت ئاياللاردۇر، دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ ئەھۋالمۇ ئىسپات ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقنى ئاشۇرىۋەتكەن. كېرىن ئەرلەرگە سىرتقا چىققاندا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، جىنايەت شايكىلىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  گۇاڭجۇ گېزىتى خەۋىرى: ھىندىستاندا ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغان باسقۇنچىلىق دېلوسىدىن يەنە بىرسى يۈز بەردى، شىۋىتسارىيەلىك ئايال ئېرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا 8كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى. باسقۇنچىلىق دېلوسى ھىندىستاننىڭ سېسىق نامىنى جاھانغا پۇر قىلىۋەتتى، ئۇنداقتا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى ھىندىستاندا نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ؟
نوپۇس ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان ھىندىستاندا ناھايىتى ئېغىر بىر ئىجتىمائىي مەسىلە مەۋجۇت، ئەر ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان. «ئەرلەر كۆپ، ئاياللار ئاز بولۇش» سەۋەبلىك نۇرغۇن ئەرلەر ئۆيلىنىشكە ئامالسىز، مانا بۇ باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم يوشۇرۇن سەۋەب. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2011 – يىل، پايتەخت يېڭى دېھلىدىكى ئەر ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1000:821 بولۇپ، بىر يۈرۈش يامان خاراكتىرلىك باسقۇنچىلىق دېلوسىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالغان.
سانلىق مەلۇملاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەر ئاياللارنىڭ سانىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ھىندىستاندا بالا چۈشۈرۈۋېتىش ۋە بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ھادىسىلىرى كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت. بىر تەرەپتىن، ئاياللار بەك ئاز، نۇرغۇن بويتاق ئەرلەر خوتۇن ئالالمايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن «قىز مېلى» ئۆرپ ئادىتى قىزى بار نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى ھىندىستان جەمئىيىتىنىڭ نىكاھ، ئائىلە مودېلىغا تەسىر كۆرسەتكەن، «بالا ۋاقتىدا توي قىلىش»، «ئالماشتۇرۇپ توي قىلىش»، «توپ توي قىلىش»، «ئىجارە توي قىلىش» قاتارلىق ناچار ھادىسىلەر قايتىدىن پەيدا بولغان، جىنسىي جىنايەت سادىر قىلىش ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلاشقان.
ھىندىستاندا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا 40 مىليون ئارتۇق
ستاتىستىكىلىق نەتىجىگە قارىغاندا، ھىندىستاندا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا 40 مىليون ئەر ئارتۇق بولۇپ، يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتقان ئوغۇللار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، بۇنىڭدىن كەلگۈسى جەمئىيەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئويلاپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ب د ت بالىلار فوند جەمئىيىتى مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: ھىندىستان ناۋادا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان بولسا، كەلگۈسىدە ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە يولۇقىدۇ.
ئەسلىدە شۇنچە ئاز ھىندىستان ئاياللىرى «قەدىرلىك» بولۇشى كېرەك ئېدى، ئەرلەر خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن بارلىق چارە ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئېغىر تويلۇق ئېلىپ بېرىشى، خوتۇن ئالغاندىن كېيىن، خوتۇنىنى ناھايىتى قەدىرلىشى كېرەك ئېدى. بىراق، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ھىندىستاندا توي قىلغان ۋاقىتتا، قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە خېلى ئېغىر تويلۇق ئالىدۇ، ئوغۇل تەرەپ ناھايىتى مەردانىلىق بىلەن قىز تەرەپ بەرگەن بۇ تويلۇقلارنى قوبۇل قىلىدۇ! ئەگەر قىز مېلى ئوغۇل تەرەپكە ياقمىسا بۇ بىر نومۇسلۇق، ھاقارەتلىك، مەسخىرە قىلىنىدىغان، خورلىنىدىغان ئوبېكت بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ بارىدۇ.
2003 – يىل 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر كەنتتە، 22 ياشلىق چوكان بابىتا ۋە ئۇنىڭ بىر ياشلىق قىزى دەل مۇشۇ قىز مېلى ماجراسى سەۋەبلىك ئېرى تەرەپنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تىرىكلا كۆيدۈرۈۋېتىلدى. بابىتا توي قىلغان چاغدا، ئېرى تەرەپ ئۇ ئېلىپ كەلگەن قىز مېلىنى ئاز كۆرۈپ قالغان ئېدى.
شۇڭا دادىسى ھەممە تەرەپكە قاتراپ 50 مىڭ رۇپىيە قەرز ئېلىپ، قىزىغا بەردى، بىراق ئەر تەرەپ بۇنىڭدىن قانائەتلەنمىدى، يەنە بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئېلىپ بېرىسەن، دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ خىل موتوسىكلىتنىڭ باھاسى ئاز دېگەندە 100 مىڭ رۇپىيە ئېدى، بابىتانىڭ ئائىلىسى بۇنى ئەسلا ئالالمايتتى. قىز مېلىغا چېتىلىدىغان بۇ خىل تراگىدىيەلەر كۈندە دىگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خېلى كۆپ ئائىلىلەر قىزىنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن، تويدىن كېيىن قۇدا تەرەپنىڭ قىيىن قىستاقلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممە يەرگە قاتىراپ قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ ۋەيران بولىدۇ.
دۆلەت قۇرۇلغان چاغدىكى زوڭلى نېھرۇ قاتتىق يىرگەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن ئېدى: «قىز مېلى دېگەن بىر رەزىل نەرسە، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان مۇدھىش نەرسە». ئۇ 1961 – يىل «قىز مېلىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ چىقتى. بىراق بۇ يامان ئادەم قانچە توسسىمۇ تۈگىمىدى، ھەتتا بارغانسېرى ئاۋۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قىز مېلىنىڭ تەننەرخى تېخىمۇ ئۆرلەپ، توي مېلىدىكى ھەشەمەتچىلىك ئادەمنى چۆچىتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ يۈەن چىقىم قىلىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئادەم قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن.
بالا توي قىلىش
يېرىمدىن كۆپرەك ئاياللار 18 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنلا توي قىلىپ بولىدۇ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ب د ت بالىلار فوند جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى، ھىندىستاندا %47 توي قىلىپ بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا 18 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ياتلىق بولغانلار، پۈتۈن يەر شارى بويىچە %40 بالا تۇرۇپ توي قىلىش مىساللىرى ھىندىستاندا يۈز بەرگەن.
بۈگۈنگە كەلگەندە، نىكاھ قانۇنىنى كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بولۇپمۇ راجاستان قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم فېئودال، خۇراپىي يېزىلاردا، ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى «ئاكاتى بايرىمى» دا بەزىلەر بوۋاق بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭلىغان ئۆسمۈر بالىلارغا كوللىكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، كۆپ ساندىكى «كېلىن»، «يىگىت» لەر تويدىن ئەسلا خەۋەرسىز، نۇرغۇن بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەي تۇرۇپلا توي مۇراسىمىنى تۈگىتىپ بولۇشىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى تېخى ئېمىۋاتقان بالىلار، بەزىلىرى قولىنى شورايدىغان بالىلار، يەنە بەزىلىرى پەقەت يىغلاشنىلا بىلىدىغان بالىلار.
1978 – يىل ھىندىستان ھۆكۈمىىت ئوغۇل قىزلارنىڭ توي قىلىش يېشىنى 21 ياش ۋە 18 ياش قىلىپ بېكىتتى، بىراق نۇرغۇن رايونلاردا، بولۇپمۇ تاغدىكى قەبىلىلەردە بالا تويى قىلىش يەنىلا ناھايىتى «مودا». سەۋەبى شۇكى بالا توي ئەرزان؛ ئاندىن قالسا، بالا توينى ھىندىستان دىنىي كىتابلىرى تەشەببۇس قىلىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالا توينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار پەقەتلا 16-17 ياشلىق بالىلار بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە 14 – 15 ياشلىق بالىلارمۇ نۇرغۇن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى قانۇندا توي قىلىش يېشىنى بېكىتكەن بولسىمۇ، بىراق قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرى مۇكەممەل ئەمەس، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بەك بولسا 15 كۈنلۈك رىجىمغا ئېلىش جازاسى ۋە 1000 رۇپىيە جەرىمانە قويىدۇ. بالا توينىڭ بۇنداق يامراپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۈنۈملۈك مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋاسىتىسى كەمچىل. ھىندىستاندا، تىزىملىتىپ توي قىلىش تۈزۈملىرى تېخى رەسمىي قانۇن شەكلىدە چىقىرىلغىنى يوق، بالا تويىدا كېلىن بىلەن يىگىتنىڭ يېشىنى يوشۇرۇشقا ئىمكانىيەت جىق، ياكى باشقا جايدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.
توي ئىجارىگە ئېلىش
گۇجىرات شىتاتىدىكى قىسمەن رايونلاردا، «خوتۇن ئىجارىگە ئېلىش» سودىسى ناھايىتى قىززىپ كەتكەن، ھەر ئايلىقىنى 1000 نەچچە يۈەن خەلق پۇلىغىلا ئىجارىگە ئالغىلى بولىدۇ، تېخى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرغىلى بولىدۇ.
ئاتا پۇلاخپات بولسا گۇجىراتتا ياشايدىغان بىر دېھقان، ئۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنى راكشىمىنى شۇ جايدىكى بىر بايغا ئىجارىگە بەرگەن، ھەمدە ئېيىغا 175 دوللار ئىجارە ھەققى ئالغان. بىراق شۇ جايدا ، ئادەتتىكى بىر دېھقان ئېيىغا ئارانلا 22 دوللار پۇل تاپالايدۇ. ئۇنىڭ خوتۇنى راكشىمى باشقىلار بىلەن ياشايدۇ، ھەمدە شۇ كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىدۇ.
شۇ جايدىكى باشقا كەنتلەردە بىر قىسىم قىزى بار ئائىلىلەر مەخسۇس خوتۇن ئىجارىگە ئالىدىغان ۋاسىتىچىلار بىلەن سودىلىشىدۇ. ۋاسىتىچىلار بولسا خوتۇن ئىجارىگە ئالغۇچى تەرەپتىن 65 مىڭ رۇپىيەدىن 70 مىڭ رۇپىيەگىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىپ، ئاندىن قىزىنى ئىجارىگە بەرگەن ئائىلىگە 15 مىڭدىن 20 مىڭ رۇپىيەگىچە ھەق بېرىدۇ. نۇرغۇن «دەللال»لار بەزى قالاق كەنتلەردە قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە پەقەت 500  رۇبلى بېرىپلا ئىشنى تۈگىتىدۇ، زادى قانچىلىق ھەق ئالىدىغانلىقى قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ قانچىلىك نامراتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تېگىشىپ توي قىلىش
ھىندىستانلىق ياش ياداف بولسا بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئوغلى. توي يېشىغا يەتكەندە ئۇ خوتۇن ئالماقچى بولدى، نىشاننىمۇ تېپىپ بولدى، بىراق قارشى تەرەپ تېگىشىپ توي قىلىش تەكلىپىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ قىز تۇغقانلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.
ياداف ئۆزىنىڭ جىيەن قىزىنى قارشى تەرەپكە بەرمەكچى بولدى، بىراق بۇ قىز ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن، ئۇنىڭ دادىسى قوشۇلمىدى. توي ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، ياداف ئائىلىسى ھەممە تەرەپنى قاتىراپ قىز ئىزدىدى، ئاخىرىدا 25 ياشلىق بىر قىزنى تېپىپ، بۇ تويدا مۇۋەپپىقىيەت قازاندى.
ئوپچە توي قىلىش
بەك نامراتلىقتىن ئوپچە توي قىلىش
بەزى نامرات ئائىلىلەر خوتۇن ئالالمىغاچقا، بىر ئۆيدىكى ئاكا ئۇكىلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ بىرلا خوتۇن ئالىدۇدە شۇنىڭ بىلەن «ئوپچە خوتون ئېلىش» ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا بىر ئايالنىڭ بەش ئېرى بار ئىكەن، بۇ بەش ئەرنىڭ ھەممىسى بىر قورساق قېرىنداشلار ئىكەن. بۇ ئايال ھەر كۈنى ئوخشىمىغان بىر ئەرنى تاللاپ، بىللە ياتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ بىر بالىسى بار ئىكەن، بىراق بۇ بالا زادى كىمنىڭ بالىسى، ھازىرغىچە بۇ بەش قېرىنداش بۇنى بىلمەيدىكەن.
شۇ جايدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم بولسا ناھايىتى ئادەتتىكى بىر نىكاھ مۇناسىۋىتى بولۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ئاجىزلىقى ئائىلىنى گۈللەندۈرەلمەيدىكەن؛ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى بولسا تېخىمۇ چاتاق ئىكەن، ئۇلارنىڭ قارىشىچە خوتۇن قانچە جىق بولسا، بالىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا ئائىلە ئاسان نامراتلىشىپ كېتىدىكەن. ئەكسىچە، بىر خوتۇن كۆپ ئەرلىك تۈزۈم بولسا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھ ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدىكەن. بىر نەچچە ئاكا ئۇكا ئولاش چولاش بىر خوتۇن ئالسا، ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولىدىكەن، ئائىلىنى ئايرىش كەتمەيدىكەن، ئەمگەك كۈچى كۆپ بولىدىكەن، ئائىلىدىكى مال مۈلۈكمۇ پارچىلىنىپ كەتمەيدىكەن، ئائىلە مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، گۈللىنىدىكەن. يەنى ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ مال مۈلۈك ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغداش – شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ بىر خوتۇن كۆپ ئەرلىك بولۇشنى ئېتىراپ قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب بولۇپ قالغان.
ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى شىتاتلارنىڭ غەربىدىكى مىرۇت، باگپات ناھىيەلىرىدە ياشايدىغان پۇقرالار نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار يەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. قانچىلىك يېرى بارلىقىنى باي نامراتلىقنى پەرق ئېتىشتىكى ۋاسىتە، بەلگە قىلىۋالغان. يەرنى پارچىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئوغۇللىرى كۆپ ئائىلىلەردە پەقەت بىرلا ئوغۇل ئۆيلىنىدۇ، قالغىنى بويتاق ياشايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ «بويتاق» لار ئاشۇ «ئۆيلەنگەن» يىگىت بىلەن تەڭ بۇ بىر خوتۇننىڭ پەيزىنى سۈرۈشىدۇ.  




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
50606
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-16
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 21:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[[ھىندى]] دەپ تىلاشنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشەندىم.

UID
9989
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
185
تىزىملاتقان
2011-3-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 15:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆ......ھىندى ئىشەكلىرى سىلەرگە....

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!

UID
18576
يازما
102
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
102
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 13:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ئاياللار ئەرلەرنى تۇتقۇن قىلىپ نېمە قىلار؟ ما ئىشنى... «سەھىھۇل بۇخارى» دىكى :«ئەرلەر ئاياللارغا، ئاياللار ئەرلەرگە ئۆزگىرىپ قالغاندا قىيامەت يۈز بېرىدۇ» دېگەن ھەدىس تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلانغىلى تۇرۇپتۇ.

UID
15382
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 00:37:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا ،جۇملىدىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە جىنايەت ئوتكوزگەنلەر ئىچىدە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئوتكۇزگەنلەر خىلى كوپ ئىكەن.

UID
50097
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:52:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.توۋا دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلارمۇ باركەن دېسە،ھىچ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.كىشىلەردە قەدىر-قىممەت،ئىززەت-ھۆرمەت،ۋاپا-سەمىمىيەت بولمىسا ھەممە يەرنى رەززىللىك قاپلايدىكەن،ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغايسەن!!!

UID
50097
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 16:51:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.توۋا دۇنيادا مۇشۇنداق ئىشلارمۇ باركەن دېسە،ھىچ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.كىشىلەردە قەدىر-قىممەت،ئىززەت-ھۆرمەت،ۋاپا-سەمىمىيەت بولمىسا ھەممە يەرنى رەززىللىك قاپلايدىكەن،ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغايسەن!!!

UID
47962
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 12:10:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ خۇدا،بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، توۋا سەيمەن ، نىمانچە ھايۋانلارچە قىلىق بۇلاردىكى ،،،

UID
18486
يازما
289
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
289
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-24
توردا
151 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 11:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋانى قىلىق .

UID
10579
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
163
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 03:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇ زەڭگى ئېشەكلەر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش