كۆرۈش: 865|ئىنكاس: 4

رونالدو بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يىڭەلەمدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 14:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە خان مادرىد 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولدى، شۇنداق بولغاندا ئۇلار ئۆز مەيدانىدا 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلالىسا ئاندىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇلار بۇنداق تارىخىي بۇرۇلۇشنى پەيدا قىلالامدۇ؟ گەرچە بۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولسىمۇ، ئەمما مادرىد تاراتقۇلىرى ئۇلارنى چوقۇم تارىخىي بۇرۇلۇش پەيدا قىلالايدۇ، بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن بولىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ، ھالبۇكى بۇ ھالقىلىق جەڭدە ئىككى پۇتبول چولپىنى يەنە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن راموسنىڭ ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشى، خان مادرىدنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشى-قاتنىشالماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. پورتۇگالىيە ھۇجۇمچىسىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىسپانىيەلىك بىكنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ھۇجۇمى خان مادرىدنىڭ بۇ تارىخىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.




     رونالدو شەك-شۈبھىسىزكى خان مادرىدنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، قارشى تەرەپ مەيدانىدا دوردمۇند بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو بىر توپ كىرگۈزدى، ئۇ كوماندىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى پۇتبولچىلارنىڭ بىرى، ۋوناۋۇغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بەلكىم ھېچكىممۇ ئۇنىڭدەك غەلىبىگە ئىنتىلمەس؟ ئۇنىڭغا ئايانكى، ئەتە كەچ چوقۇم تارىخىي خاراكتېرلىك بىر كەچ بولۇپ قالىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشىدۇ. كىچىككىنە يارا ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ كوماندىنىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە مەيداننىڭ سىرتىدا مۇسابىقە كۆرۈپ بىخارامان ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس. مادرىد تاراتقۇلىرى كىرىستىيانو رونالدوغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ھەتتاكى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     خان مادرىدقا قوشۇلغاندىن بۇيان رونالدو رەسىمىي مۇسابىقىلەردە 198 توپ كىرگۈزدى، ئۇ دوردمۇند بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ ساننى 200 گە يەتكۈزۈپ، خان مادرىدنىڭ 200 توپ كىرگۈزگەن پۇتبول چولپىنى بولۇپ قالماقچى. خان مادرىدتا رونالدو بولمىسا بولمايدۇ، شاللاش مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ئۇ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى. ئۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى 11 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ، بىرلەشمە مۇسابىقىدە 31 توپ كىرگۈزۈپ، ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈشتەك ئۈنۈمنى ساقلاپ قالدى. ھالقىلىق پەيتلەردە رونالدو دائىملا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ 46 توپ كىرگۈزۈپ، خان مادرىدنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە 100 نومۇر توپلىشىغا تۆھپە قوشتى، ئەگەر ئۇنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولمىغان بولسا، خان مادرىدنىڭ مانچىستىر ئۆتكىلىدىن ئۆتمىكى بەسى مۈشكۈل ئىدى. رونالدو ۋوناۋۇدىكى بۇ مەيدانغا مۇسابىقىگە ئىشەنچى زور، ئۇ خان مادرىدنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ كوماندىغا ياردەملىشىپ تارىخىۇ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشقا قەسەم قىلدى، ئۇ ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ باققان ئەمەس، شۇنداقلا كوماندىدىنمۇ گۇمانلانمايدۇ، ئۇنىڭدىكى بۇنداق ئىشەنچ دەل خان مادرىد ئەڭ موھتاج بولغان روھىي ئوزۇق.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 19:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورتمۇندمۇ بوش ئەمەس! دورتمۇند كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

UID
11266
يازما
81
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1791
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 23:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈچۈن بەرىبىر .!

UID
50046
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 17:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ رونالدو غەلبە قىلىدۇ ......

UID
7387
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
323
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 06:13:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس ، ئۇتالمىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش