مۇبارەك يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:42 
ئانارخاننىڭ رولىغا چىققان قىز مەغرۇر ئۇيغۇر قىزلىرىنى ...
بۇلار كىنو ئىشلىسە رۇسلاردىن ئۆگەنسە بولىدۇ... مەن 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئائىت رۇسلار ئىشلىگەن بىر قانچە فىلىملەرنى كۆردۈم... بىزنىڭ بۇ يەردە كىنو ئىشلىسە ياپونلارنى ئەخمەق، توخۇ قوغلايدىغان قىلىپ تەسۋىرلەپ مازاق قىلغان ئاساستا ئىشلەشكە ئامراق... لېكىن بۇ رۇسلار ئەكىسچە گېرمانلارنى ئۇنداق مازاق قىلماستىن تارىختا قانداق بولسا شۇ ئاساستا ئىشلىدى ھېچقاچان بىر گېرماننى ئەخمەق دۆت ، توخۇ قوغلايدىغان قىلىپ ئىشلىمىدى... ئالدىنقى ھەپتىدە مەركىزىي تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنى قوغداش ئۇرۇشىدا سوۋىت قىزىل ئارمىيە قوشۇنىنىڭ بىر شەھەردە بولغان جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىرىدا بىرقىسىم قەھرىمانلىرىنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن كىنوسىنى بەردى.... شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى رۇسلار ئەينى ۋاقىتتىكى قولغا كەلتۈرگەن غەلبىنى كىينكىلەرگە كىنو ئارقىلىق كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە شۇ ۋاقىتتىكى مەغلۇبىيەتلەرنىمۇ ئىشلەپ كىينكىلەرگە كۆرسىتىش ئارقىلىق غەلبە بىلەن مەغرۇرلىنىپ قالماستىن، مەغلۇبىيەتتىنمۇ ساۋاق ئېلىش كېرەكنى چۈشەندۈرۈپتۇ