- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 325
- تىزىملاتقان
- 2010-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-5
- UID
- 5694
- يازما
- 14
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 325
- تىزىملاتقان
- 2010-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-5
- توردا
- 2 سائەت
|
مومىسى باققان بالىلار | قاتىل خاتىرىسى
ئەخمەتجان ئىسمائىل
ھازىر شەھەرلەردە خىزمەت ئالدىراش، دەپ بالىلىرىنى يا ئۆزىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ چوڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىدىغان ئەھۋاللار ئومۇملىشىپ قالدى. يېزىدىكى ئاتا-ئانىلىرىنىڭكىگە ئاپىرىۋېتىش بولسا، يېڭىدىن تىرمىشىپ شەھەرلەردە قالالىغان كىشىلەرنىڭ «ئەقلى» بولسا كىرەك. مەنمۇ شۇنداق قىلغانىدىم. مېنىڭچە بالىلار يېزىدا چوڭ بولسا بىرىنچىدىن، ئاتا-بوۋىلىرىنى ۋە ئەنئەنىنى ئۇنتۇمايدىغان بولىدۇ ۋە ئاسان ئايىنىپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، يېزىلاردا نىسبەتەن ساپ ھاۋا ۋە قۇياش نۇرىدا بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يىتىلەلەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئالدىراشلىقىدا ھەم ئۆزىمىزنى ھەم بالىنى قىيناپ قۇيۇشتىن ساقلىنىپ قالالايدىكەنمىز. مانا مۇشۇ خىياللار بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىنىڭكىگە، جۈملىدىن يۇرتتىكى ئاتا-ئانىلىرىنىڭكىگە ئاپىرىۋەتكەنلەرگە ۋەكىللىك قىلسا كىرەك. ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ بالىمىز ئاتا-بوۋىلىرىغا، ئەنئەنىگە ۋە ئۈستۈنلۈك قارىشىغا ئىگە، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولۇپ يىتىلدى. پات-پات يوقلاپ تۇرغاچقا ياتسىراپ قالىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. بىزمۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنى ئوتۇقلۇق داۋاملاشتۇردۇق. دېمەك كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەندەك بولدۇق.
بىراق بالىلىرىمىزنى ياندۇرۇپ كىلىپ، بىر نەچچە ۋاقىت يەسلىگە بەردۇق ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي باشلانغۇچ مەكتەپكە ماڭدۇردۇق. شۇ جەرياندا ھېلىقى «ئاسان چوڭ قىلغانلىق» چۈشەنچەمدىن قىسمەن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بالا ھەر جەھەتتىن نورمال، ئۆگىنىشى ياخشىدەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر خىل ھېيىققاق، قورقۇنچاق ۋە مۇستەقىل پىكىر يۈزگۈزمەيدىغان ئىكەنلىكىنى بىلىنىشكە باشلىدى. بۇ بالىغا تەنقىد ياراشمايتتى. كىم ماختاپ، سىلىق گەپ قىلسا شۇنىڭغا ئالدىنىپ قالاتتى. مەكتەپتىن كەلگەن ھامان تاماق تەييار بولمىسا يامانلايتتى. بەزى كۈنلىرى ئۆيدە ئادەم بولمىسا، چۆگۈندە ئىسسىق چاي، نان، ھەرخىل مىۋىلەر تەييار تۇرسىمۇ، تېلىفوندىن نېرى كەتمەي، تەرەپ-تەرەپكە ھەتتا يۇرتتىكى ئاتا-ئانىلارغا تېلىفون قىلىپ: «مەن كەلسەم ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن بەك قورقۇۋاتىمەن، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى» دەپ يىغلايتتى. جۇۋاۋا ياكى چۆچۈرىنى چوكىدا سانجىپ ئېلىشقا كاللا ئىشلىمەي، سىرغىتىپ يۈرۈپ يەرگە چۈشۈرىۋېتەتتى. نېرىقى ئۆيدىن پالانى نەرسىنى ئېلىپ چىق دېسە، بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا «يوق ئىكەن» دەپ چىقاتتى. جابدۇقلارنى تەييار قىلىپ بىرىپ، ماۋۇ نەرسىنى بۇزۇپ يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باق دېسە، زادى ئەپلەشتۈرەلمەيتتى. ھەمىشە ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بالىلاردىن تاياق يەپ يىغلاپ كىرەتتى… قىسقىسى بىزنىڭ بالىغا ئوخشاش بوۋاي- مومايلار باققان نۇرغۇن بالىلار مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلمەيدىغان، قورقۇنچاق، تايانغاق بولۇپ قالىدىكەن. بۇ بالىلار چوڭ بولسىمۇ قانچىلىك جۈرئەتلىك، تىرىشچان بولۇشى ئەمدى ئۆز ئاتا-ئانىلىرىغا، جەمئىيەتكە باغلىق بولۇپ قالدى. ئۇلار ئوقۇش ۋە خىزمەت يېشىغا يەتكەندىمۇ يەنىلا شۇ روھى ھالەت بىلەن جەمئىيەتكە قەدەم باسىدىغان بولسا، شۇبھىسىزكى رىقابەت قاينىمىدا باتۇرلارچە ئۈزەلمەي، ئەكىسچە چۆكۈپ كېتىشى مۇمكىن.
مەلۇمكى ئاتا-بوۋىلىمىز ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ئىشىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ ئۆتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قاتمۇقات خۇراپاتلارنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۆزلىرىنى قايناپ كەلگەن. بۇ خۇراپاتلارنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر كۆرسىتىپ ئۆتمىسەكمۇ، ئۇلار ئاساسەن ئادەملەر كىيىنچە تېپىۋالغان، تۇقۇۋالغان گەپلەرنى ئىلاھىي ياكى ئەنئەنىۋىي تۇتىم دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن ھەمدە ئشىنىش شەرت قىلىنغان«قائىدە» لەردۇر. بۇلارنىڭ ئاساسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە يېشى چوڭلارنىڭ گېپىنى چەكسىز ھەقىقەت دەپ تۇنۇش؛ ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق كۆرىسەن دېگەنگە ئېسىلىپ، ھەتتا ياماننى تەسرلەندۈرىمەن دەپ ياخشىلىق قىلىش؛ سەمىمىيلىك ۋە تۈزلۈكىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى بەكلا كۆپتۈرۈپ سۆزلەش؛ سودا تىجارەتنى سەلبىي تەرەپكە مايىللاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش؛ پەننى بىلىملەرنى شەيتانلارنىڭ قىلىقى، دەپ چۈشىنىش؛ يۇرت ئاتلاپ ئوقۇشنى ۋە خىزمەت قىلىشنى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىك، دەپ خىيال قىلىش؛ ۋاقىتنى چىڭ تۇتقانلارنى ئىلاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئىشەنمىدى، دەپ ئەيىبلەش؛ ناخشا-ئۇسسۇلدىن باشقا مەدەنىيەت تۈرلىرىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ ئىشى، دەپ چۈشەندۈرۈرۈش؛ ۋاقتى ۋە ئىگىسى بولمايدىغان تەخمىنىي مەھەللە پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ، گېزىت-ژورنالنىڭ ھەممىسىنى تەشۋىقات دەپ ئۇقۇماسلىق؛ نەزىر-چىراغ قىلىشنى جەننەت كىرىشنىڭ بېلىتىنى سېىتىۋالغانلىق، دەپ ھېسابلاش؛ مەھەللىۋازلىق، يۈرتۋازلىق ھېكايىلىرىنى سڭدۈرۋېلىش؛ چۆچەك ۋە رىۋايەتلەرگە ئىشىنىپ چوڭ بولغىچىلىك خىيال ۋە ئارزۇ دنياسىدا چۆگىلەپ يۈرۈش… قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ خىل روھىي ھالەت ۋە ھەرىكەتلەرنى مىللەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، دەپ ئېيتىشقا ھەمدە بالىلارنى تەربىيلەشتىكى ئاساسىي قىممەت قاراش، دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئەمدى بولمايدۇ. ھەمىشە تارىخمىزنى يەنە نەچچە مىڭ يىل ئۇزارتىشقا پۈتۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش؛ بالىلارنى چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانىسىنى بېقىشقا زورلاش؛ مىللەتنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەت، دەپ خاتا تۇيغۇلارغا باشلاش؛ بىلىم بىلەن كۈچلۈك بولۇشنىڭ ئورنىغا خىيال، ئارزۇ ۋە ئىستىخييلىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىنى سېمىز، قالتىس ھېس قىلىش؛ بىر قانچە شېئىرى بىلەن خەلققە داھىي بولىمەن دېيىش؛ ئەدەبىيات، ناخشا-مۇزىكىنى ئۆگەنمەك قىيىن، تېخنىكا بىلىملىرىنى «مۇنداقلا قىلساق، بىردەمدىلا، ھايت-ھۇيت دېگۈچىلا» ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىش؛ مۇھەببەتنى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەزگۈ دەپ بىلجىرلاش…قاتارلىق بۈگۈنكى كۈن خۇراپاتلىرىمۇ ئوخشاشلا بالىلارنى، ياشلارنى ئالداۋاتقان، ساختا ئۈستۈنلۈككە باشلاۋاتقان يتەكچى خىياللار ھېسابلىنىدۇ. شەھەردىكى بوۋاي-مومايلارنىڭ نەۋرىلىرىنى تەربىيلەشتىكى بۇ چۈشەنچىلىرى تېخىمۇ زىيانلىق.
بالىلارغا تۇغۇلىشىغىلا ھەممە نەرسىنى تەل قىلىپ بىرىش، نېمە دەپ جېدەل قىلسا ھەل قىلىپ بىرىش، ئۇلارنى ئاسرايمىز دەپ سوغۇقنى، ئىسسىقنى، ئاچلىقنى، مۇھتاجلىقنى بىلدۈرمەسلىك، روشەنكى بالىلارنىڭ ساغلام روھ بىلەن چوڭ بولۇشىنى تەمىن ئېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا قۇشۇپ قەدىمكى ۋە زامانىۋىي خۇراپاتلارنى سىڭدۈرۈشمۇ، ئۇلاردا بىرخىل بەڭگىلەردە بولىدىغان خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بىز گېزىت-ژورناللاردىن بىر قىسىم پادىشاھ، زۇڭتۇڭ ۋە كاتتا بايلارنىڭ بالىلىرىنى نامراتلار بىلەن ئوخشاش كىيىنىپ، ئوخشاش شارائىتتا ئوقۇشى ئۈچۈن ئىسمىنى يۇشۇرۇپ، يىراقتىكى قاتتىق تۈزۈملۈك مەكتەپلەرگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئادەمنىڭ ئادەمگە ئوخشايدىغانلىقى ۋە كۈچ ۋە بىلىمنىڭ بىر-بىرلەپ ئەمەلىيەت ئارقىلىق كىلىدىغانلىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزلىرى باقماي، بوۋاي-مومايلارغا داۋاملىق باقتۇرىدىغان بولسا، ئۇلار 12 مۇقامنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنى، قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركى تىللار دىۋانىنى «بىز (مۇشۇ ئەۋلاد) ئىجاد قىلغان» دېگەن ئىدىيىنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. بالىلار چوڭ بولسا بىز ئاجايىپ خەلق ئىكەنمىز، دەپ ھاراق سورۇندىلا كۈچلۈك ئادەم بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ئۇتۇق ۋە كەمچىلىكنى غەلبە ۋە مەغلۇبيەتنى، بايلىق ۋە نامراتلىقنى، ئۈستۈنلۈك ۋە قالاقلىقنى تەڭ تۇنۇتۇپ، ئۇلارنى ھەم ئېسىل ئەنئەنىنى ھەم زامانىۋىي ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنى بىر كاللىغا پاتقۇزالايدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش لازىم. بولمىسا ئۇلار خەتنىلىك بوۋاق بولۇپ قالىدۇ.
ھازىر قارايدىغان بولساق، جەمئىيەتتە 15-20 ياشلىق ئۆسمۈر-ياشلاردا «قىلالمىسام، تۇنىمىسام، بىلمىسەم، كۆرۈپ باقمىسام» دەپ، بىرەر ئىشنى بىجىرىشكە بۇيرىسا ئەپلەشتۈرۈپ كېلەلمەيدىغان ئىللەت خېلىلا ئېغىر، يول ماڭغاندا پەيدا بولىدۇ. ئادەم تۇغۇلۇپلا ھەممە ئادەمنى تۇنۇپ كېتەلمەيدۇ. سالام قىلىپ تۇنۇشسىلا، كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىپ ئىشنى ھەل قىلسا بولىۋېرىدۇ. بىلمىگەن ئىشنى قىلغانسېرى بىلپ كېتىدۇ…ۋاكازالار. نۆۋەتتىكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە دۆلەت يەنىلا ئېتىبار بىرىش، تەڭ تەقسىماتچىلىق قاتارلىقلارنى بىراقلا بىكار قىلىۋەتكىنى يوق. يەنىلا ماسلىشىش، تەربىيىلىنىش پۇرسىتى مەۋجۇت. شۇڭا، مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى، خەلقنىڭ ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى قاتارلىقلارنى ياخشى مۆلچەرلەپ، جۈرئەتلىك، تىرىشچان بالىلاردىن بولۇشقا تىرىشىش لازىم. بولۇپمۇ يېزىلاردا ئىككى كوچىنىڭ تۇتاشقان يىرىدە توپلىشىپ ئايال كىشىنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇرغان، پاڭ ئويناۋاتقان، بىليارت ئويناۋاتقان يېزا ياشلىرى، كەچلىكى مەدەنىيەتنى بۇرمىلاپ، ئىسپىرىت بىلەن بۆرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا، بىر-بىرىنى سىلىق ئالداشقا بېرىلگەن شەھەر ياشلىرى ئەمدى ئۆزلىرىگە تايىنىشى؛ ئۆزىنىڭ تامىقىنى، كىيىمىنى ئۆزى تەييارلاپ، بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ، بىلىمنى ئىمتاھاندا كۆچۈرمەي، «يول» ماڭماي ئىگىلىشى؛ خىزمەت ۋە ياخشى تۇرمۇشنى رىقابەت يولى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشى؛ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنى، بوۋىسىنى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان «مېڭىسى كۈچلۈك» ئادەم بولالىشى كېرەك.
|
|