قىزلار،سىلەرنىڭ ئۇزۇن چېچىڭلار قېنى؟
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش شەرىتى:- ئۆزىگە خاس تىل-يېزىقى بولۇش،ئۆزىگە خاس ئۆرپە-ئادىتى بولۇش، ئۆزىگە خاس تېرتورىيەسى بولۇش، ئۆزىگە خاس مەدەنىيتى بولۇش ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئېدىلوگىيەسى بولىشى ئاساسدا ئايرىلاتتى. شۇڭا بىز جۇڭگۇدىكى باشقا 55 مىللەتتىن ئۇيغۇر ئانا-تىلىمىز،ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن يېزىقىمىز،قىزلار 40 تال ئۇزۇن ئۆرىمە چاچ قۇيۇپ بېشىغا دوپپا كىيىپ ئۇچىسىغا رەڭگارەڭ ئەتلەستىن كۆينەك كىيىش،ئاستىغا ئۆزى ئازادە ھىس قىلغۇدەك ئىشتان(تامبال)،ئوغۇللار چاچلىرىنى پاكىز ئالدۇرۇپ،خەت تاتقان بۇرتى بىلەن بېشىغا دوپپا،ئۇچىسىغا تونچە چاپان كىيىپ بىلۋاق(پوتا) باغلاش ۋە ئورتاق ئىسلام دىنىغا ئېھتىقاد قىلىش قاتارلىق ئۆزگىچىلىكىمىز بىلەن ‹‹ئۇيغۇر›› مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىكەنمىز.
ئەمدە قارايدىغان بولساق قىزلىرىمىز دوپپىنى تاشلاپ چاچلىرىنى كىسىپ قىسقارتىپ، ئېتى ئۇلۇغ سۇپۇرىسى قۇرۇق ساتىراچ خانىلاردا بۈدرە قىلدۇرۇپ خۇددى تۈلكىنىڭ تىرىسىگە ئوخشاش ھەرخىل رەڭلەر بىلەن بۇيۇتۇپ،چاچ كەستۈرۈش جەريانىدا بېشىدىن ئۇچۇپ كەتكەن ياغلىقلىرى جاپاكەش خەنزۇ ئىشلەمچى ئاياللىرىنىڭ بېشىغا ئىلمىشىپ قېلۋاتىدۇ. نۇمۇس ھىس قىلغانلىرى باشقىلاردىن ئۇيۇتىپ، بېشىنىڭ ئوتتۇرسىغا يارشىملىق چېچىنى پوملاپ،ئالقاندەك ياغلىقلىرىنىمۇ بېشىدىن بوينىغا چۈشۈرۈپ يۇرش ئۈچۈن تىرشىپ، ئەتلەس كۆينەكلىرىنى ئۇنتۇپ يالتىراقتەك نىپىز رەخلەردىن كىيىم كىيىپ ئەۋرەتلىرىنى ئوغۇللارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنمىدۇ ئۆزىنى سىقىپ تۇرغىدەك تار كىيىملەر بىلەن كىيىنىپ،تاڭ نىسبىگىچە دىبادا ئويناپ،ئەتىگىنى يۈزىنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ ‹‹قىزلارنى ھۆرىگە ئايلندۇرىدۇ››غان ساختا ئىلان مەسئۇلاتلىرىدىن ئۆزىنى پەدازلاپ، خۇددى پوستەكچىگە ئوخشاش بۇلۇپ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزدىغان تۇزانلار بىلەن ئۆزىنى بىزىشىپ رەستىلەرگە پاتماي قاترىشىپ يۈرۈشسە،بىر قىسىم ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغان زىيالى قىزلار جەمئىيەت ئېھتىياجى ئۈچۈن تىرىشپ ئىگەنلىگەن باشقا تىللار بىلەن دوستلار ئارا سىردىشىپ ئانا تىلىمىزنى دەپسەندە قىلىپ،باشقا تىللاردىن ھۇزۇرلانماقتا.بىر قىسىم ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ بىر قىسمى‹‹ئاق›› چىكىپ، بىر قىسمى ھاراق ئىچىپ ھاجەت خانىلاردا ئۇخلاپ ياكى ئورۇنسىز جىدەل چىقىرىپ قانۇن تورىغا چۈشۈپ ئاتا-ئانىلارنى پۈتمەس-تۈگۈمەس ھەسرەت ئوتىدا باغرىنى داغلاپ، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغاندۇرماقتا.بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ۋە ئەرلىكىمىزنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈرمەكتە. بىر مىللەت ئۈچۈن باشقا تىلنى بىلىش شەرەپ بولسا ئانا تىلنى ئۇنتۇش نۇمۇس ئەمەسمىدى؟ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان قىزلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى چەتئەلچە ياسىنىپ مەدەنىيتىمىزنى،بىر قىسمى مېي خانىلاردا ئىچىپ، داڭلىق مېھمان خانىلاردا پۇلدارلارغا ھەمراھ بولۇپ دىنىمىزنى،زىيالى قىزلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى قانچە ئەۋلات داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى دەپسەندە قىلسا كەلگۈسىدە بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان ئانىلاردىن بىزگە قانداقمۇ ۋاپا كىلەر؟ ئۇلار ئۈچۈن ‹‹ئۇيغۇر›› مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرشى يەرشارىغا ئېغىر كىلەرمۇ؟20-ئەسىرگىچە ياشىغان‹‹ئۇيغۇر››لار 21-ئەسىردە مەدەنىيەتنى ئىسلاھ قىلمىسا جەمئىيەتكە ياراشماسمۇ؟ ئەگەر بىزنىڭ مىللەت تارىخىمىزنى چۈشۈنىدىغان،بىز ئۇلارنى چۈشەنمەيدىغان بىر مىللەت ئۇلاردىن مىللىتىڭ نىمە دەپ سۇرىسا ئۇلار نىمەدەپ جاۋاپ بىرە؟ بەلكىم ئۇلار 57-بىر مىللەتنىڭ نامىنى دىيەلمەسلىكى مۈمكىن.چۈنكى بۇ قىزلىرىمىز ۋە ئوغۇللىرىمىز مەلۇم بىر مىللەتنى دورىغان ئەلۋەتتە.
مىنىڭچە بىر مىللەتنىڭ يوقۇلىشىغا ئادەمنىڭ ئەقىللىق بولغانلىقىدىكى دوراش پىسخىكىسى سەۋەپچى بولىدىكەن.مەسىلەن:- ئۆمۈلەپ ياشايدىغان قۇرۇت قوڭغۇزنى،ئۇچۇپ ياشايدىغان توغاي ئاققۇشقاچنى،ياۋۇزلۇق بىلەن ياشايدىغان شىر يولۋاسنى ئەقىلسىز بولغاچقا دورىيالماي ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالىدىكەن.
بىز ‹‹ئۇيغۇر›› مىللىتى ئەمدە تىل ئۆزگەرتكەنلىرىمىز بىر مىللەت،يېزىق ئۆزگەرتكەنلىرىمىز بىرمىللە،مەدىنىيەت ئۆزگەرتكەنلىرىمىز بىر مىللەت بولۇپ پارچىلانساق تىرتورىيەمىزنى قانداق ئايرىشامىز؟
مەن بالا چاغلىرىمدا ئانىلارنىڭ قىزلارغا :- قىزلىرىم،چېچىڭلارنى كەسمەڭلار بەختىڭلار كىسىلىپ كىتىدۇ دەپ تەربىيە بەرگەنلىكىنى ئاڭلايتتىم.بۇ سۆز ھازىرقى ياش ئانىلارنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەندىمۇ؟ مىنىڭچە ھازىرقى قىزلارنىڭ چېچىنى كىسىشى ئانىلارنىڭ كەچۈرگۈسىز جىنايىتى.قىزلارنىڭ مىللىتىمىزگە قىلغان ئەڭ چوڭ خىيانىتى بولىشى مۈمكىن.ھىلىمۇ چېچى كىسىلگەن بىر قىسىم قىزلىرىمىزنىڭ بەختى ۋە ئەقلى كىسىلىپ‹‹ئاق››قا ئۈگۈنىپ 6/1 نىسبەت بۇيىچە ئەيدىس بىلەن يۇقۇملاندى.سەبى پەرزەنتلىرىمۇ ئاتا-ئانىسىغا چىدىماي ئۇلارغا ئەگىشىپ پانى ئالەم بىلان ياشلا خوشلاشماقتا.ئەينى چاغدا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئادىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەقىقى سىماسىنى كۆرسىتەلمىگەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ رەئىسى تۇمۇر داۋامەت،قىزلارنىڭ مۇشۇنداق مەدىنىيەتتىكى ياتلىشىشىدىن خىجىل بۇلۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىدىغان قىزلارنىڭ چېچى 50 سانتىمىتتىردىن ئاشسا 50 نۇمۇر قۇشۇپ بىرلىدۇ دىگەن ئىدى.بۇ يولداش تۈمۈر داۋامەتنىڭ قىزلارغا بولغان يارىدىمى ئەمەس مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ۋە ‹‹ئۇيغۇر››مىللىتىنىڭ مىللەت ھالىتىدە مەدىنىيتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن توۋلىغان ياڭراق ساداسى ئىدى. ئەمدە بولسىمۇ ئانىلار نىمە ئۈچۈن ‹‹ قىزلار،سىلەرنىڭ ئۇزۇن چېچىڭلار قېنى دىمەيدىغاندۇ؟ مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ۋاختىمدا مەكتەپ خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى مەيدانغا يىغقان ئىدى.يۇقۇرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ چېچىنى كىسىۋىتىپتۇ،بۇ قىز ئۇنى ئوقۇپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنتى. مۇئەللىم سۈرۈشتە قىلىپ ساۋاقدىشىنىڭ چېچىنى كەسكەن قىزنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.
ھازىرچۇ؟ ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپتە باش كىيىم ۋە بۇرۇت ياراشمايدىغان، قىزلارغا ياغلىق ياراشمايدىغان، ئوغۇللارغا دوپپا ياراشمايدىغان ۋە ئورتاق ئانا تىلدا سۆزلەش ياراشمايدىغا بولۇپ قالدى.
ھازىرقى جەمىيەت بۇرۇنقىدەك كۈچلىكلەر ئاجىزلارغا يارىدەم بىرىدىغان جەمىيەت ئەمەس، بەلكىم ئاجىزلار كۈچلىكلەرگە يارىدەم قىلىدىغان،پۇلدارلار نامراتلارغا ئىشلەيدىغان جەمىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىپ،‹‹غۇرا پىش،ئاغزىمغا چۈش››دىمەي مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش شەرتلىرىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ھۆرمەتلىمىسەك باشقىلارنىڭ ئەسلاكى ھۆرمىتىگە ئىرشەلمەيمىز. شۇنۇڭ ئۈچۈن ئورتاق ئانا تىلدا سۆزلەپ،ئوغۇللار دوپپۇللىرىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ كىيىپ،قىزلىرىمىزمۇ ئۇزۇن چاچ چىققان بېشىڭلارنى قەدىرلەپ ئۆرىگىدەك چاچ قۇيۇپ ۋە ئۆرۈلگەن چاچلىرىڭلارنى قۇيۇپ بىرىپ مەدەنىيتىمىزنى جۇلالاندۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ خاتالىقلىرىمىزنى ئورتاق تۈزتىشىمىزگە بەلگۈلىك ھەسسە قوشۇشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن.
غېرىپجان شەيدائى
2013-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 23:02
|