كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 5

قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانا «6-نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
38307
يازما
4
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 23:53:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانا «6-نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

قايتماس

2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدا  «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانا ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، تونۇلغان يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى ھەم شائىر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەتكە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەت بىر-نەچچە باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت جەريانىدا يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا كىتابنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى توغرىلىق خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ھەم بۇ توغرىلىق قىسقىچە لىكسىيە سۆزلىدى.  ئوقۇغۇچىلارمۇ كىتابقا بولغان كۆز قاراشلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، تۈرلۈك مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا كۈتۈپخانا مەسئۇلى پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارغا 4000 مىڭ قىممىتىدىكى كىتاب ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى سوۋغا قىلدى.

دانالار سۆزىگە سالساڭ گەر قۇلاق،
ئۇلار دەر كىتابنى شىپالىق بۇلاق،
كىتابنى قەدىرلە، ئەزىزلە ئۇنى،
كىتابتىن ئايرىلساڭ ئىشلىرىڭ چاتاق.

كىتاب ئۇ ئىنسانغا تۈگىمەس بايلىق،
كىتابقا ئاشىق بول كۆرمەيسەن خارلىق.
كىتابقا پۈتۈلگەن جاھان ھېكمىتى،
كىتابسىز ھاياتنىڭ قىممىتى چاغلىق.

...    .....      .....

مەنبە: يېڭى يازما
قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت










































قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
48085
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 15:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭ ئانا يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېسىل بىر ئىش بوپتۇ ،گەرچە مەن ھازىر يۇرتتىن ئايرىلىپ يىراقتا بولساممۇ ئۆز يۇرتۇمدا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كۈرۈپ راسلا بەك خۇشال بولدۇم ھەمدە مۇنداق ئىشلارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ كۆپلەپ بۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !!

UID
25197
يازما
119
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 20:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ سۆيۈندۈم

UID
19619
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2011-12-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-24
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 22:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئادەمنىڭ زىھنىنى ئاچىدۇ،سىلەرگە بىر تور دوكىنىنى تەۋسىيە قىلاي:
تەۋەرۈك كىتابلار دۇنياسى:
http://kitabim.taobao.com
نەشىر قىلىشتىن توخىتىغان ۋە تەستە تېپلىدىغان نادىر رومان، تارىخى كىتابلار سودا شەھەرچىسى

UID
15025
يازما
62
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
302
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 23:20:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مەتنۇرۇى قۇتيار ئەپەندىمنىڭ بىر سائەتلىك كەچلىك دەرسىنى ئاڭلىغاب ئىدىم ، ھەقىقىقەتەن قاراقاش بۈركۈتى دېگۈچىلىكى بار ئادەم ، قەلبىمدە بۇ كىشىگە نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى ، شۇسائەتلىك دەرستە بىزنى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرغاندا مەن بەك تارتىنچاقلىق قىلىپ كېتىپتىكەنمەن !

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن شۇنداق سۆيۈندۈم ، ئۇيغۇر مۇشۇنداق ئويغنىدۇ ، ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن ئۆمەر مۇئەللىم خېلى كۈچدى ، ئاللاھ ئۇنى سالامەت قىلسۇن !~

UID
3644
يازما
24
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 23:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىتاب -ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدىكى ماياك، يولىمىزنى يورۇتقۇچى مەشئەل، يۇقۇرغا ئۆرلىشىمىزندىكى ئالتۇن شوتا. بالىلارنىڭ  كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈ تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش