تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2468|ئىنكاس: 16

گۈلەننىڭ تور دۇنياسىغا پوزىتسىيسى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49650
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نەزىرىمدىكى تور ۋە دۇنيا
ئابدۇۋەلى ئايۇپ



ئوي پىكىرلىرىمنى مەتبۇئاتقا ئەمەس تورغا يېزىشىمدا بىر قانچە سەۋەب بار. بىرى مەسىلىلەرنى ئويلاپ زېرىكىش يەنە بىرى ئويلىغاننى يوللاپ زېرىكىش. ئۈچىنجىىسى مەن ۋە ئەتراپىمدىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىش ۋە بېرىلگەن جاۋاپلارنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش تەقەززاسى. ئويلاپ زېرىكىشىم، ئويلىغانلىرىمنىڭ ئەھمىيەتلىك ياكى ئەمەسلىكى، كىملەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك يەنە كىملەر ئۈچۈن ئەھمىيەتسىزلىكى، قاچانغىچە ئەھمىيەتلىك ۋە قاچاندا ئەھمىيەتسىزلىكى...قاتارلىقلارنى بىلەلمەسلىكتىن بولغان. ئۇندىن باشقا ئۆزۈمدە شۇ ئويلىغاننى يازغۇدەك ۋە يازغاننى ئەمەلدە كۆرسەتكۈدەك ئىقتىدار ۋە جاسارەتنىڭ بار يوقلۇغى ھەققىدىكى  دىلىغولدىلىقمۇ مېنىڭ زېرىكىشىمگە سەۋەب بولغان. ئويلىغانلىرىمنى يوللاپ زېرىكىشىم ژورناللارنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان ئەسەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلماسلىقى، خالىغانچە ئۆزگەرتىشى، قىسقارتىشى، يوقۇتىۋېتىشى قاتارلىق سەۋەپلەرگە باغلىق ئېدى. مەسىلەن، مەن 2006-يىلى جوڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلىغا يوللىغان تۈركىيە ھەققىدىكى بىر يازما 2010- يىلى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر ئەدەبىي خاتىرەمنى مۇھەرىرلەر ئۆزگەرتىپ يوچۇنلا بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشۇپتۇ. 2006- يىلى قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىغا تۈركىيەدە ئويلىغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم ھەققىدە يېزىۋاتقان كىتابىمنىڭ بىرىنجى باپىنى ئەۋەتتىم. سابىق باش مۇھەرىر بەگمەت يۈسۈپ تېلىفون قىلىپ يازمامنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى ھاياجىنىنى يەتكۈزدى ۋە مەندىن مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى سورىدى. ئەپسۇس، ئەسىرىم ۋە ئەۋەتىپ بەرگەن رەسىملىرىمدىن ئىككى يىلغىچە خەۋەر بولمىدى. بۇ ھەقتە ئۇچقۇن  ئىسىملىك مۇھەرىر بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم، قايتا قايتا خەت يازساممۇ جاۋاپ بەرمىدى. تۈركىيە ھەققىدە كىتاب يېزىش قىزغىنلىقىم شۇنىڭ بىلەن كۆمۈلۈپ قالدى. مىراس ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئەسىرىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ، لېكىن ماڭا دەپمۇ قويماپتۇ كىتاب تۈزگەنلەر. ئەسىرىمنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر بوغۇننىڭ قولىغا چىقىدىغىنىنى بىلگەن بولسام قايتا ئىشلەپ مۇكەممەلرەك بىر ئەسەر قىلىپ چىققان بولارىدىم. ژورناللار ماقالەمنى قانداق ئۆزگەرتىپ قانات قۇيرۇقلىرىنى بوغۇچىلغان بولسا دەرسلىككىمۇ شۇ پېتى كىرگۈزۈلۈپتۇ. مەتبۇئاتقا ئەسەر يېزىش جەريانىدا شىنجاڭ سەنئىتى، تەڭرىتاغ، شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق ژورناللار يازمىلىرىمنىڭ يوقۇلىشىغا ’تۆھپە‘ قوشۇشتى. قۇربان مامۇت ئاكام سەمىمىي ئادەم بولغاچقا 2012-يىلى نورۇزدا بىر پاچە ماقالەمنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى تەن ئېلىپ ئەپسۇسلاندى. باشقىلاردىن تېخى بۇنداق بىر ئىنجانىڭ چىققىنى يوق.
مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە يازماقچى بولغىنىمدا بايان قىلماقچى بولغان مەسىلىنىڭ بەك مۇرەككەپ ۋە زىيادە چوڭ بولۇشى جاسارىتىمگە قورۇلغان قىسماقتەك روھىمنى خورىتاتتى. قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا ياكى بارماقلىرىم كومپىيوتىرنىڭ كونۇپكىسىغا تەگكەندە خۇددى غايەت بىر تاغنى تەشمەكچى بولغان چۈمۈلىدەك ھىس قىلاتتىم ئۆزەمنى. ئەگەر يازماقچى بولغان شۇ تېمىلاردا باشقىلار مەن ئويلىغاننى يېزىپ بولغان بولسا مەن ئاۋارە بولمايتتىم، ئەلۋەتتە. چۈنكى تاغنىڭ ئالدىدا يالغۇز چۈمۈلىدەك تىرمىشىپ تۇرۇش ھىچ بىر كىشى ئۈچۈن ھوزۇرلۇق تۇيغۇ بولمىسا كېرەك. مەن مەسىلىنىڭ يازغانغا ھەل بولمايدىغانلىقىنى، كونكىرىت تەدبىرگە ئايلانمىغان تەپەككۇرنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يېزىشقا مەجبۇر ئېدىم. يېزىش جەريانىدا بايقىدىمكى، مەسىلىنىڭ مەۋجۇدلىغىنى بىلىدىغانلاردىن بىلمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن، كىرزىستىن قۇتۇلۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ باققانلاردىن كىرزىسقا كۆنۈپ قالغانلار نۇرغۇنكەن.

كۈندىلىك ھاياتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەخىرسىز ئويلىنىشىمغا ۋە ئويلۇرۇمنى جامائەتكە يەتكۈزۈشكە شاپاشلىشىمغا لەنجودىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ئۇيغۇرنىڭ رىياللىقىغا بىۋاستە يۈزلىنىشىممۇ سەۋەپ بولغانىدى. ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە خەنسۇچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان يىگىرمىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالەم ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنمىدى. يۇرتتىكى كىتاب ئوقۇيدىغان ئاغىنە بۇرادەرلەردىن سوراپ باقسام ماقالىلىرىمنى ئوقۇپ باققانلار يوق ئىكەن. ھەتتا مېنىڭ بىر تۇققان قېرىنداشلىرىممۇ تۈزۈك ئوقۇپ باقماپتۇ يازغانلىرىمنى. دېمەك، يازغانلىرىم بىلەن يا تەدبىر بەلگىلەشكە قادىر ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ پەرۋايىدا يوقكەنمەن، يا ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇشنىڭ ھوزۇرىغا نائىل دوستلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولالماپتىمەن. بۇ ئىشلاردىن كېيىن مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋايى ۋە موللا مۇسا سايرامىغا ئوخشاش بوۋىلارنىڭ كىتابىغا ئۆز قەلمى بىلەن پۈتكەن كىرىش سۆزلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم. بوۋىلار كىتابنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلاپ ئەتراپىدىكىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن، ھايات تېپىشماقلىرىغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، كىتابتىن زوق ئالغانلارنىڭ دۇئاسى ئۈچۈن، قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ئۈچۈن ...يېزىپتىكەن. مەن يازغانلىرىم ئىچىدىكى ھەتتا ئانام داداممۇ ئوقۇمايدىغان، ئۇنۋان ئېلىپ جان بېقىشتىن باشقا بىر كىشىنىڭ دىلىنى شاد ئېتىشكىمۇ يارىمايدىغان قۇرۇق گەپلەر ئۈچۈن ئۆكۈندۈم.

ئەسلى مېنىڭ چۈشەنچەمدە ھاياتىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى نەزەرىيەلەرنىڭ قېلىپلىرىغا سېلىپ چۈشەندۈرۈش زىيالىلارنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچ ئېدى. رەتلەنگەن ۋە تۈرلەرگە ئايرىلغان ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىش ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋېتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە خۇلاسە چىقىرىشتا خۇسۇسىي كەچۈرمىشكە، پەرەزگە ۋە ئادەتلەنگەن يۈزەكى قاراشلارغا تايىنىشقا بولمايتتى. مەندەك تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان بىر كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ھايات ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مەسىلىلىرى ۋە مىللەت، مەدەنىيەت، دىنغا تاقىشىدىغان ئىشلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشى ۋە قەلەم تەۋرىتىشى ئىلمىيلىك سانالمايتتى. ئەمما بۇ مەسىلىلەرگە مۇتەخەسىس ياكى زىيالى سەۋىيىسىدە ئەمەس بىر تەپەككۇرلۇق ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن جاۋاپ بېرىشتە مەسئۇلىيىتىمنىڭ بارلىقى ئېنىق ئېدى. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلمىيلىك ئۆلچىمىگە ۋە كەسپىي سەۋىيەگە توشمايدىغان پىشمىغان قاراشلىرىمنى ئەدەبىي شەكىل، ئىلمىي روھ ۋە سەمىمىي مەزمۇن بىلەن يۇغۇرۇپ تورغا يوللاپ كېلىۋاتىمەن.

توردا ئەسەر ئېلان قىلىش ۋە توردىكى يازمىلاردىن بەھىرلىنىش جەريانىدا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈردۈم ۋە نۇرغۇن قاراشلارغا ئېرىشتىم. بۇرۇن ’پەننىڭ تەرەققىيەتى ئىنسان روھىنى  ۋە ئىددىيەسىنى كىشەنلەردىن ئازاد قىلىدۇ، ئىنسان تەپەككۇرىنى زامان ۋە ماكاننىڭ قەپەسلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ‘ دەپ خىيال قىلاتتىم. ھازىر بۇ خىيالىمغا بىر يەكۈن سۈپىتىدە ئىشىنىمەن. مىسىر خەلقنىڭ ئىستىبىدات ھاكىمىيەتنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇشى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ھۆرلۈك ئۇپۇقلىرىغا يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان ’ئەرەب باھارى‘  بىزگە بۇ يەكۈننىڭ توغرىلىقىنى، يەنى تورنىڭ قۇدرىتىنى تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلاۋاتىدۇ. تور بارلىققا كەلمىگەن زامانلاردا كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت، ۋەزىيەت ۋە ھاكىمىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى، باھالىرى ۋە نارازىلىقلىرى پەقەت ئاممىۋىي غەيۋەت سۈپىتىدە چايخانا ۋە رېستۇرانلاردىن ھالقىيالمايتتى. بۈگۈن تورلاردا ئاۋامنىڭ ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى. كىشىلەر تور ئارقىلىق تەشكىللىنىشكە ۋە ئۆز مەقسەدلىرى بويىچە زېمىننىڭ تەرەپ تەرەپلىرىدە تۇرۇپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى. مۇنبەر قۇرغۇچىلار چېكىلىش قېتىمى بىلەن كىرىم قىلىدىغىنى ئۈچۈن ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئورۇن بەرمەسلىككە ئامالسىز قالدى. بۇ مۇستەبىت مەشھۇلار ۋە ھاكىمىيەت سەرخىللىرىنىڭ كونتروللىقىغا قىسمەن ۋە تامامەن مەھكۇم بولغان مەتبۇئاتلارغا خىرىس ئېلىپ كەلدى. ئىنتېرنېت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى جامائەتكە خىتاب قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان پىكىرچان كىشىلىرىمىزگە تېپىلماس پۇرسەت ئاتا قىلدى. تور بارلىققا كەلمىگەن چاغلاردا ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ توغرا خاتا، ياكى مۇۋاپىق نامۇۋاپىقلىقى ھەققىدىكى باھا كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىلا قېلىپ قالاتتى. بۇلارنى ئېلان قىلىشتا يەنە شۇ ھاكىمىيەت سەرخىلىللىرىنىڭ ياكى مۇستەبىت مەشھۇلارنىڭ ئىجازىتىگە قۇل بولماسلىقتىن باشقا چارە يوق ئېدى. تورنىڭ بارلىققا كېلىشى ئوقۇرمەنلەرنى بۇنداق قۇللۇقتىن ئازاد قىلدى. مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇلىشى خۇسۇسىيلىققا ئىگە بولۇپ ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىلىمىگە، دىتىغا ۋە ئادىتىگە يارىشا چۈشەنچىگە ئېرىشەتتى. تور بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئوقۇش ۋە ھوزۇرلىنىش ئاممىۋىيلاشتى. بىر تورداش ئوقۇپ ھىس قىلالمىغان نوقتىنى يەنە بىر تورداش بايقاپ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ھەسسە قوشتى. تور بارلىققا كەلمىگەن دەۋىردە ئاپتۇر بىلەن ئوقۇرمەننىڭ يۈزمۇ يۈز دىيالوگ قۇرمىقى مۈشكۈل ئېدى. تور يېزىقچىلىقى ئومۇملاشقاندىن كېيىن ئاپتۇر بىلەن ئوقۇرمەن باراۋەر، مەۋھۇم ۋە ئەركىن بىر سورۇندا پىكىرلىشەلەيدىغان ھالەت بارلىققا كەلدى. تور بارلىققا كەلمەستە ئوقۇرمەن قوبۇل قىلىشنلا بىلىدىغان پاسسىپ ئورۇنغا مەجبۇر ئېدى. تورنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئوقۇرمەن پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچىدىن ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغۇچىغا ئۆزگەردى. تور ئوخشاش پىكىر، ئوخشاش چۈشەنچە، ئوخشاش زوقتىكى كىشىلەرنى بىر يەرگە توپلاپ ئوخشاش ۋاقىتتا ئورتاق مەقسەد ئۈچۈن ھەرىكەتلىنەلەيدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلدى. ئۇيغۇرلار تور ئارقىلىق تەۋەرۈك تىلىنى ۋە قەدىناس ئىتىقادىنى قوغوداش، تەرغىپ قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش مۇنبىرىگە ئېرىشتى. ھازىر كىشىلەرگە ئۆگەتكىدەك بىلىمى، دەپ بەرگۈدەك گېپى، يەتكۈزگىدەك ئۇچۇرى بار ھەرقانداق ئۇيغۇر توردىن ئىبارەت بۇ بىپايان بوشلۇقتا ئۆز ئىخلاسمەنلىرىنى تاپالايدۇ.

تورنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملىشىشى نۇرغۇن خەيرىلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە كەلتۈرىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھاكىمىيەت قاتلىمىغا مەنسۇپ مەسئۇل سەرخىللار، كەسپىي  سەرخىللار ۋە مەشھۇرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە ئىتىراپىغا دېگەندەك ئېرىشەلمىدى. 2001-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ تور بېتىنى ئېچىش تەكلىبى ئۈچۈن تېلىفون قىلغىنىمدا ناھايىتى سوغۇق بىر جاۋاپقا ئېرىشكەنىدىم. مان بۈگۈنگىچە مەزكۇر نەشىرىي ئەپكارنىڭ تور بېتى ئېچىلمىدى. ئابدۇكېرەم ئابلىز بىر ئىتوتىدا ئىجاد قىلغان ’تىرىكلىكىڭدە توردا تىللايدۇ، ئۆلۈپ كەتسەڭ گۆردە تىللايدۇ‘ دېگەن سۆزلەنمەمۇ مەشھۇلارنىڭ تورغا بولغا پوزىتسىيەسىنى غىل پال ئەكىس ئەتتۈرگەن بولدى. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەن تورغا كىرەلمەيدىغان ئاتا-ئانامغا ئوخشاش پىشقەدەملەرگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن يازمىلىرىمنى كىتاب قىلىپ چىقارماقچى بولۇپ مىللەتلەر نەشرىياتىغا يوللاپ بەردىم. نەشرىياتىكىلەرنىڭ جاۋابى ’بىز توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ سەۋىيسىدىكى كىتابنى نەشىر قىلمايمىز‘ دىن ئىبارەت بولدى. بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە، ماقال ۋە جاۋابلاردا سەرخىللاردىكى تورغا ۋە تور يېزىقچىلىقىغا بولغان چۈشەنمەسلىك ئەكىس ئېتىدۇ. 2012-يىلىدا مەشھۇرلاردىن يالقۇن روزى ئەپەندى ئەلى غوجاخۇننىڭ رەددىيە ماقالىسىگە توردا ’ئەلى غوجاخۇن نېمە دەيدۇ‘ دېگەن ماۋزۇلۇق قايتۇرما رەددىيە يازدى. ئەمما شۇ بىر قايتۇرما رەددىيەنى يېزىپلا بولدى قىلدى بولغاي، ئەلى غوجاخۇننىڭ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىنى پۈتۈنلەي جاۋاپسىز قويدى. ئوقۇرمەنلەر ئەلى غوجاخۇن بىلەن يالقۇن روزىنىڭ پىكىرلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە سېلىشتۈرۈپ يەكۈنگە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدى. مەن كەسپى سەرخىلىللىرىمىزنىڭ ۋە مەشھۇرلىرىمىزنىڭ تور ھەققىدىكى يۇقارقىدەك قاراشلىرى ۋە پوزىتسىيەسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇنيانى ئۆزگەرتتى. ئەڭ بىۋاستە ئۆزگىرىش شۇكى، تارىم بويىدىكى بىر ئۇيغۇر ۋاشىڭتوندىكى بىر شىركەتكە بىر كومپىيوتىرغا تايىنىپلا ئىشلىيەلەيدىغان بولدى. كورلىدىكى بىر ئۇيغۇر ئامىستىردامدىكى بىر شىركەتنىڭ ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان تەلىپى بويىچە لايىھە ئىشلەپ قىممەت يارىتالايدىغان بولدى. جاھان تەرەققىياتنىڭ مەقسىدى ۋە ۋاستىسى بولغان شەخسنىڭ ھۆرلۈكى، باراۋەرلىكى، قەدىر قىممىتى ھەمدە ئىززىتىنى بەرپا قىلىش ۋە قوغۇداش نىشانىغا قاراپ ئالغا باسماقتا. ئىنساننىڭ غۇرۇرىنى، ئىمانىنى، پىكرىنى، بەختىنى ۋە كېلەچىكىنى بوغۇپ پۇقرالىرىغا ئۆزىنى خۇدا كۆرسىتىۋاتقان ھەر قانداق تۈزۈمنىڭ يوقۇلىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت. ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەرەرلىكى تۇرغۇنلۇقنىڭ مەزگىللىك بولۇشى ئەقلمىزگە ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. بىزگە بېقىندىلىقنى ئۆگىتىلىۋاتقان، بىزگە قورقۇنچنى سىڭدۈرىلىۋاتقان، بىزگە بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بىرلا خىل تەپەككۇرنى تېڭىۋاتقانلارغا ئۆزىمزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. بىز بىلىم ۋە ئىمان ھەرقانداق توسقۇنلارنى يەكسان قىلىدىغان يېڭى دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. زالىملارغا زوراۋانلىق ۋە سەدىقە بىلەن جاھان سوراشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە ئىمانىغا ئىشكەل سالىدىغان كونا دۇنيانىڭ گۇمران بولۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرىش ياكى قىلدۇرالماسلىق بىزنىڭ ۋىجدانىمىزغا باغلىق. مەجبۇرى سىزىلغان سىياسى چىگرىلارنىڭ بەربات بولۇپ  ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە سەپلەرگە ۋە قۇتۇپلارغا ئايرىلىشى يېڭى دۇنيايىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئىدولوگىيەلەر ۋە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئاسارىتىدە پاسىللارغا ئايرىغان كونا دۇنيا كەلمەسكە كەتتى. ئورتاق كومۇنستىك ئىدولوگىيەنىڭ ۋاستىسىدە قورال ئارقىلىق بىر يەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ھازىر مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ياۋۇرۇپا بىرلىكىنىڭ پارچىسىغا ئايلاندى. ئىدولوگىيىلىك پەرق سەۋەبىدىن ئىككىگە ئايرىۋېتىلگەن گېرمانىيە بىر دۆلەتكە قايتىپ كەلدى. مەنىۋىي ئورتاقلىقتىن مەھرۇم سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا، مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا ئىگە تۈرك مىللەتلىرى ۋە دۆلەتلىرىنىڭ  ئالاقىسى بارغانچە قويۇقلاشماقتا. سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە مۇھەببەت بىلەن  قارايدىغان بىر ئەۋلاد مۇئاشلىق زىيالىلارنىڭ ئورنىنى نەپسى بىلەن ۋىجدانى ئارىسىدا سىقىلىۋاتقان، ياكى ئىككىنىڭ بىرىگە مايىل ياشاۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد كادىرلار ئىگىلىدى. مانا بۇ ئۆزگىرىشتۇر. دېمەك ئۇيغۇرنىڭ يېڭى دۇنيادا، تور دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقى ئامەتتۇر، پارلاق كەلگۈسىدىن بىشارەتتۇر.

ھەممىمىز شارائىتىمىزدا بىر ئۆزگىرىش بولسىكەن، ئەتراپىمىز يېڭىلانىسىكەن، رىياللىقىمىزدا ياخشىلىنىش بولسىكەن دەيمىز. ھەممىمىز ئارزۇلىرىمىزنى چۈشەپ تۇرغان بۇرۇختۇرما موھىتتىن، ئىرادىمىزنى قامال قىلغان قاشالاردىن، ئوي پىكرىمىزنى بەنت قىلغان تۈرمىلەردىن قۇتۇلۇشقا تەلپۈنىمىز. مەن ئىنتېرنېت تورىنىڭ، جۈملىدىن توردىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئىرادە ئەركىنلىكى ۋە تەشكىللىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھاياتىمىزنى ۋە ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنچە ئىنساننىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئۇنىڭ قولىدىكى قورال ئەمەس مىڭىسىدىكى تەپەككۇر. بىزنى قۇل قىلىۋاتقىنى كۆكسىمىزگە بەتلەنگەن سۈرلۈك ئاپتۇمات ئەمەس خىيالىمىزنى قاپلىغان ۋەھىمىلىك ئاقىۋەت. چۈنكى بىزنىڭ قورقۇۋاتقىنىمىز ئاللاھ ئەمەس ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. بىزنىڭ مەدەت تىلەۋاتقىنىمىز قەلبىمىزدىكى ئاللاھ ئەمەس ئەتراپىمىزدىكى ئىنسانلاردۇر. بىزنىڭ مەسلەھەت سوراۋاتقىنىمىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشنى ئەمەس ئىھتىياتقا مۇراجەت قىلىشنى تەكىتلەيدىغان پاسىبانلىرىمىزدۇر. مەنچە بىزنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغىنى كۈچىمىزنىڭ قانچىلىك زورلۇقى ئەمەس بەلكى ھەق يولىدا قانچىلىك مۇستەھكەملىكىمىز، نىيىتىمىزدە قانچىلىك قەتئىي، قانچىلىك سەمىمىيلىكىمىزدۇر. مەن ئويلاش جەريانىدىكى دىلىغوللۇقتىن، ئۈمىدسىزلىكتىن ۋە يالغۇزلۇقتىن تارتىپ چىقارغان تورغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. يازمىلىرىمنىڭ ئۆز تەمى ۋە پۇرىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سازاۋەر بولۇۋاتقىنىدىن مەمنۇنمەن. مەن بىزگە بىلىش، بىلدۈرۈش ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىمكانىيىتى ئاتا قىلغان توردىن پايدىلىنىش ھەممەيلەننى خۇرسەن قىلسىكەن دەيمەن .
مەنبە :باغداش مۇنبىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-25 15:27  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49650
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 01:23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
       ئەزىىز قىرىنداشلىرىم مەنچە ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ (گۇلەن )نى سىلىشتۇرۇشنىڭ ھىچ قانداق ئەھمىيتى يوق چۇنكى ئۇلارمۇ سىز بىزگە ئوخشاش ئادەم ئادەم بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ قىزقىشى مەسىللەرگە بولغان كۆز قارشىمۇ ئۇخشاش بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
       بىزگە نىسبەتەن ھازىر بىر گۈلەن بىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بەكلا كەملىك قىلىدۇ،بولسا نەچچە يۇزلىگەن گۈلەن ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىلار كىرەك.

باھا سۆز

tarbohuz  ئەسەر ئىگىسى دىگەننى كورمىلىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 23:04:26
tarbohuz  بۇنى مەنمۇ مىنىڭ دىمىدىم ھاجىمكا‹‹گۈلەن››ئابدۇۋەلى ئايۇپ دەپ ئەسكەر  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 23:03:55
bilim8  قەدىرلەڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:17:24
bilim8  بولدى ئارتۇق گەپ قىلماي ، بەك گۆدەك بالا ئوخشايسىز، باشقىلانىڭ ئەمگىكىنى  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:17:16
bilim8  پەرىقلىق  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:15:52

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
332
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
6692
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 10:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلىقنى سۇغا قىلساڭ، سۇدىكى بىلىق بىلمىگەن بىلەن ، ئاسماننى ئىگىز ياراتقان خۇدا بىلىدۇ.

UID
49265
يازما
58
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
58
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:07:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەملىيەت ئىسپات ،ئۆلۇپ قالغان ئادەمنى  تىرىلدۇرگىلى بولمايدۇ. چوقۇم ئۆلۇشتۇن بۇرۇن داۋالاش كىرەك .

بۇ تېمىنى يوللاپ  كەينىدىن يازغان ئىنكاسىزڭىز  سىزنىڭ باشقىچە  بىر ئىدىيىنى كۆرسىتىپ بىرىپتۇ  .بەك ئەقىلىقمىكى دەي دىسەم  سەل ھاماقەتتەك  قىلسىز؟
قالايمىقان بۇرغۇلماڭ  ؟
بۇ تىمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىد  ھەرگىزمۇ  سىزدىكگەندەك  سىلىشتۇرۇش ئەمەس.

UID
47513
يازما
204
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
204
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
140 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئۈمىدۋار كىشىلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىدۇ .

UID
38308
يازما
184
تېما
8
نادىر
2
جۇغلانما
194
تىزىملاتقان
2012-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-29
توردا
200 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 11:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ بايانلىرىغا قايىلمەن .
بىر ئۇتۇق قازانغان كىشىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئاياللا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئانىسى ، دادىسى ، ئاكىسى ۋە ئۇكا ، ئاچا - سىڭىللىرىمۇ بار بولغان بولىدۇ . ئۇتۇق قازانغانكى ۋاقىتتا ھەقىقەتەن بىر ئايال بولسىمۇ ئەمما ئۇتۇق قازىنىشقا تېگىشلىك قىلىشتا چوقۇمكى ئۇنىڭغا ئۆز ۋە ساماۋىي بولغان ئاتا - ئانىلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولىشى كېرەك .
ئانام ماتادىن كىيىم تىكىپ بەردى ، دادام ئاشۇنداق ماتادىن بايراق قاداپ بەردى . ئانا ئوغلىنىڭ نارسىدە ۋاقتىدىكى ھامىيسىدۇر . ئەمما ئاتا ئۇنىڭدىن كىيىندە يۈكسىلىشىگە قارىتا ھامىيسىدۇر .
قەلەمچىلەرنىڭ ، تىللارچىلارنىڭمۇ شۇنىڭدەك خۇسۇسىيەتلىك مەۋقەلىك تىپىدىكى ئورۇنلىرى باردۇر . بەزىلەر كىشىلەرنى ئىلىم ئېلىشقا زوقلاندۇرسا ، بەزىلەر شۇ زورۇقۇشتىن كىيىنكى مەۋسۈمىدە تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى تىلەيدۇ . ئەنە شۇ ماھىيەتلەردە قەلەمچىلەرمۇ ، ئۆلىمالارمۇ ، جۈملىدىن ھەر بىر ساھەدىكىلەر ھەممىسىدە مەلۇم بىر ئىمتىيازغا ئېرىشكەن ، شۇ ئىمتىيازدىن ئۆز قەۋمىنى قاراڭغۇلۇقتىن ، نامراتلىقتىن ، قاشاڭلىقتىن ئۇنىڭ ئەكسى بولغان تەرەپكە يۈكسەلدۈرۈشكە قارىتا قەدىمىدىن شۇ قەدىمىدىكى  << ئانا >> ياكى << ئاتا >> ۋە ياكى ۋە باشقىلار بولۇش بىلەن نامايەن بولغۇسىدۇر .        
قەلەمچىلەر ئارىسىدىمۇ ئىنتايىن يادرولۇق قەلەمچىلەر بولۇپ ، ئەنە شۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە قارىتا پارتىلاتقىنى بۇيىچە باشقا شۇ يادروغا قاراشلىق بولغانلار ئارقىلىق ئىلىم شۇ قەۋم ئارىسىدا تېخىمۇ ياڭرىغۇسى ، تارالغۇسى ......
ئايال كىشى ئۆزى تۇغالمايدۇ . ئەمما تېگىشلىك بىر ئۇرۇقنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشقىنى بۇيىچە ئۇنى ئۆزىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە رىياللىققا چىقىرالايدۇ . ئاياللار يېڭىچە ئۇرۇقلارغا مۇھتاج . بۇ ئۇرۇق دەل يادرو قويۇپ بەرگۈچى ئاتىلارغا قاراشلىقتۇر .
مۇزىكانتلار ئىنتايىن كۆپ . ئەمما ، كومپوزىتورلار ئىنتايىن ئاز . كومپوزىتۇرلار ئاتىسى ، باشقا ئەگىشىپ چالغۇچىلار چىشىسى . ھەتتا كومپوزىتۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك يادرولۇقلىرى بار . ئۇلار بىر قەۋمدە قانچە كۆپ بولسا شۇ قەۋمنىڭ مۇزىكا سەنئىتى شۇنچە زورىيىدۇ . چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ ئەركىكىدىن چىشىسى كۆپ بولىدۇ . زامان ئاخىر بولغاندا بىر ئەرگە قىرىق ئايال توغرا كېلىدۇ دېگەننىڭ بىر ئاساسىمۇ شۇ .
دىندىمۇ شۇنداق . دىنىي جەھەتتىكى تېما - ئىنكاسلاردا قانچە ياردورلۇق ئۇچقۇنلار چاقنىسا ئىلىمگە تەشنا بولغان كىشىلەرنى شۇنچە جەلىپ قىلغىلى بولىدۇ . ئەمما ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىستىماللىقى ئىنتايىن زەئىپ . چۈنكى چوڭدىن كىچىك ، كونىدىن يېڭىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بېقىندىچىلىقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغان . تۇرغۇنلۇق پاتقىقىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغان . بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىشەنچنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن قار ھالەتتە ئۆتۈشنى تىلىگەنلىكىنىڭ ئاقىۋېتى . بۇ دەل قەغەزدىكى نەرسىلەر گەرچە ھەق بولسىمۇ ، ئۇنى ئەمەلىي يەكۈنلىمىسە يەنىلا ئۇ ئىلىم شۇ كىشىگە چاپلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇ كىشى ئۈچۈن باتىل تۇيغۇ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر . شۇڭا ئىسلام دەلىلگە ئاساسلىنىدۇ ۋە ئاساسلاندۇرىدۇ .

شۇڭا ئى قەۋمىمىز ئاتىلارنى تۇغالمايدۇ دەپ ، ئانىلارنى يەنە بىر نېمە دەپ ۋە باشقىلارنى ئۆزگىچە سۈپەتلەپ ئىدىيەرىمىزدە ئۇلارنى بىر - بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش بىلەن تالاش - تارتىشماق قىلىشتىن چەكلىنەيلى . ھەممىلەرنىڭ ئۆز خۇسۇسىيىتى بولىدۇ .
دەرۋەقە راست ، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن ئاتىلارغا مۇھتاج ! ھەر جەھەتتىن بىزلەرگە ئەركەكلىكنى ، قورقۇمسىزلىقنى ، مەرت - مەردانىلىقنى سېستىمىلايدىغان ، ھەر ۋاقىت ھەر جەھەتلىك ئاتلارغا سىلكىپ چىقىرىشنى تىلەيدىغانلارغا مۇھتاج ! چۈنكى بىز ئۇزۇن مۇددەت تۇرغۇنلۇقتا بولۇش بىلەن مۇشۇنداق مەۋقەسى ئۇچۇق بولمىغان ھالەتكە بېكىنىپ كەتكەن . ئەنە شۇ تەشنالىقىمىزدا ئاپتۇر ( گۈلەن ) نى باشقىلارغا تەڭ قىلماستىن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ قېلىشقان بولىشىمىز مۇمكىن . چۈنكى ئۇنىڭدا ئاتىلارغا خاس مىجەزنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن  ( مەن ئۇنىڭ مۇشۇ بىر تېمىسى تولۇق ئوقۇپتىمەن . بۇ ئوقۇش بىلەن ئۇنىڭ ئاتىلارغا خاس جاسارىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە قايىل بولدۇم ) . بىز ھەممىلەرنى ئۆز ھالىتى بىلەن ئىستىمال قىلىشنى ، ھەر شەيئىگە ئۆزىگە خاس ئىدىيەدە بولۇشنى تاپمىقىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر .

ئۆز ۋاقتىدا، مۇسا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دېدۇق. تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى، (ئۇلارغا) «اﷲ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» (دېدۇق) [60]بەقەر

باھا سۆز

ayqin1022  ئېسىل ئىنكاس !!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 13:17:00

UID
11412
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
659
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-2
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 14:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە سېلىشتۇرە خەق !!!!

UID
49697
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-23
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 19:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuwwat يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 14:05
يەنە سېلىشتۇرە خەق !!!!

بەك ياخشى  تىما  ئىكەن .

UID
49641
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 21:53:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم                         ياخشى  تېما   ئىكەن

UID
49708
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 23:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilim8 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-24 11:07
ئەملىيەت ئىسپات ،ئۆلۇپ قالغان ئادەمنى  تىرىلدۇرگىلى ب ...

سىز ما تور دۇنياسىنىڭ ساقچىسىمۇ يە ؟مەن بۇ تىمىنى بۇ يەگە مىنىڭ ئەسىرىم دەپ يوللىمىغاندىمەن تىما ئىگىسى ،مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتىپ قويدۇم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش