بېيجىڭدا ياشىماق ئاسان ئەمەس
(مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم بىلەن بېيجىڭ ئاساسىي تېما قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسى)

تەھرىر ئىلاۋىسى: بېيجىڭدا ياشاۋاتقان تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرى بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت، ئاخبارات-نەشىرىيات ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن قان-تەر تۆكۈپ، تەڭرىتاغ باغرىدىكى قېرىنداشلىرىغا چەكسىز سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلماقتا. نەچچە ئون يىللار مابەينىدە يۇرت-ماكانىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، پايتەختتەخىزمەت قىلدى، تۇرمۇش كەچۈردى. گەرچە ئۇلار يىراقتا ياشاۋاتقان بولسىمۇ تەڭرىتاغ باغرىدىكى قېرىنداشلىرىنى ھەر دائىم يادىدا تۇتتى. تەڭرىتاغ باغرىدىكى قېرىنداشلارمۇ پايتەختتە ياشاۋاتقان ئاشۇ تۆھپىكارلارغا ئانا يۇرتىنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرىنى يوللاپ تۇردى. پايتەخىتتىكى قېرىنداشلىرىمىز جاپالىق ئەجرى بىلەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە ئانا يۇرتنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاپ كەلدى. پايتەختىمىز بېيجىڭدا ياشاپ، خىزمەت قىلىۋاتقان تەڭرىتاغ پەرزەنتلىرىگە ئائىت ئۇچۇلاردىن ۋاقىپلىنىش تەڭرىتاغ باغرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى. بىز بۇ قېتىم مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم بىلەن بېيجىڭ ئاساسىي تېما قىلىنغان سۆھبىتىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم
مۇخبىر: ئابدۇرۇسۇل، سىز بېيجىڭدا ياشاپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇزۇن يىلدىن بېرى دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىك، مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا تالاي ئاڭلىغۇچىلار قەلبىگە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردىڭىز. جۈملىدىن بىزمۇ سىزنىڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىلىرىڭىزدىن بىرى. سىزنىڭ ھايات پائالىيىتىڭىزگە بىزلا ئەمەس، نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز بەكمۇ قىزىقىدۇ، دەپ قارايمىز. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىڭىز ۋە قانداق بولۇپ بېيجىڭدا خىزمەت قىلغانلىقىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: مەن 1978-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1996-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتېنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. مەن كىچىكىمدىن ئاخبارات كەسپىگە تولىمۇ قىزىقاتتىم. 93-يىللىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىدا ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ئۆسمۈرلۈك چاغلار» پروگراممىسىنىڭ ئۆسمۈر مۇخبىرى، ئۆسمۈر رىياسەتچىسى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆسمۈر دوسىتلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن خەۋەرلەرنى رادىيودا ئاڭلىتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرىنىڭ بىرگە ئايلانغان ئىدىم. 1995-يىلى 8-ئايدا، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»،«تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئاتاقلىق 8 مۇخبىر ۋە 17 نەپەر ئۆسمۈر مۇخبىردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە بېيجىڭغا باردىم. بۇ قېتىمقى پايتەخت سەپىرىدە بېيجىڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا زىيارەتتە بولدۇق. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى... قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىنى كۆردۇق. ئەنە شۇ چاغدىلا مېنىڭ سەبىي قەلبىمدە: بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئاكا-ھەدىلىرىمىز نېمە دېگەن بەخىتلىك-ھە؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى، ئاۋازى ئارقىلىق خەلقىمىزنى تەربىيلەيدىكەن. مەنمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلەپ قالسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟ دېگەن ئارزۇ شەكىللەنگەن ئىدى. ئەنە شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىنكى ئارزۇغا شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى تاللىغان ئىدىم. 1996-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە بولغان بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىدا ئاخباراتقا دائىر بىلىملەرنى ئوبدان ئۆگەندىم. «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»،«شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پراكتىكا قىلدىم. مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان ۋاقىتتا، تەلىيىم كېلىپ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىن پەرھات يۈسۈپ، ئايشەم ھۇشۇر قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز ئۈرۈمچىگە خادىم قۇبۇل قىلغىلى كەلگەن ئىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىم ۋە ئۇستازلىرىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە، كىچىك چاغلىرىمدىن تارتىپ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پراكتىكا قىلىپ يۈرۈپ كەسپىتە ئوبدانلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئىدىم. شۇنداق بولغاچقىمۇ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ئالغان كەسىپ ئىمتىھانىدىن نەچچە يۈز بالىنىڭ ئىچىدە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم. شۇنىڭ بىلەن، 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىمىزدىكى نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولغان مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە قەدەم باستىم.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم
مۇخبىر: سىز شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋېتىپسىز، بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن بېيجىڭ ھەققىدە قانداق تەسىراتلارغا ئىگە بولدىڭىز؟ تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟ بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: بېيجىڭ ئېلىمىزنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق شەھەر. ماترىياللاردىن بىلىشىمچە، بېيجىڭ دۇنياغا داڭلىق ئون چوڭ شەھەر، ئۇندىن باشقا قەدىمىي قۇرۇلۇش، ئاسارە-ئەتىقە قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان دۇنياغا داڭلىق ئون شەھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. مەن 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پايتەخت بېيجىڭغا كېلىپ، ئىستانسىمىزغا تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ تۇرمۇشۇمدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئۈسىتىدە ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەزگىللەردىمۇ ئۆيگە قايتىپ، مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغان، ئاش-تامىقىمنى ئۆيدىكىلەر تەييار قىلىپ بېرەتتى. بىر ئوغۇل بولغاچقا كىيىم-كېچەك، ئىشتان-پايپاقلىرىمنى ئىككى سىڭلىم يۇيۇپ بېرەتتى. ئۆي ئىشلىرىغا گەپنىڭ ئۇچۇقى بەكلا خام ئىدىم. بۇ يەرگە كېلىپ ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى. تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم، كىر يۇيۇشنى ئۆگەندىم، ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگەندىم. خىزمەتداشلار بىلەن، دوسىتلار بىلەن، چوڭلار بىلەن قانداق ئۆتۈشنى ئۆگەندىم. تۇرمۇش دېگەن بەك چوڭ مەكتەپكەن. تۇرمۇشنى ئالدىغا سېلىپ ماڭالىغان ئادەمنى مانا ھەقىقىي ئادەم دېسە بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەمەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ «ھايات دېگەن ئەنە شۇ» دېگەن ناخشىسىدىكى «نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى» دېگەن گەپكە تولىمۇ چىنپۈتىمەن. ئەمدى بىر ئىشنى قىلىپ ئۇھ دەپ تۇرسا يەنە بىر ئىش چىققان، نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايۋاتقان، ۋاقىتنى جايىدا تۇتالمايۋاتقان.... ھازىر شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىشلارنى ئەسلىسەم ئادەم ھەرگىزمۇ كىتاب ئوقۇسىلا ھېساب ئەمەسكەن، ئادەم چوقۇم ئەتراپىدا، رىيال تۇرمۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق مەسىلىگە تەييار تۇرۇشنى، ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلاپ قالىمەن. تۇرمۇشنىڭ تىزگىنىنى ياخشى تۇتۇپ مېڭىش-ھەممە ئىشلارنىڭ ئاساسى دېگەن خىيال ھازىرمۇ كاللامدا يىتەكچى ئوروندا تۇرىدۇ. بېيجىڭ ھەقىقەتەن چوڭ، بېيجىڭدا بىر ئىشنى بىجىرىش ئۈچۈن چوقۇم بىر كۈن ۋاقىت ئاجراتمىسىڭىز بولمايدۇ. شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە بارغىچە نەچچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەيلى مەكتەپ، مەيلى كۈتۈپخانا، مەيلى مېتىرو، مەيلى ئىدارە-جەمئىيەت بولسۇن، ھەممىلا يەرنىڭ بىر خىل ئۆگىنىش مۇھىتى، قىزغىنلىق بىلەن تولغانلىقىنى ھىس قىلدىم. مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە بېرىلگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىرلا نىشانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئالالىدىم. كۈتۈپخانىلاردا 7 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئادەملەر توپى بەس-بەستە كىتاب سېتىۋالىدۇ. مەن بەزى كىشلەرنىڭ ھارۋا-ھارۋىلاپ كىتاپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، بۇنچە كۆپ كىتابنى سېتىۋېلىپ نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ قانداق ئوقۇپ بولىدىغاندۇ؟ دەپ ھەيران قالغان. بېيجىڭ كىشلىرىنىڭ بىلىمىگە، كىتابقا بولغان ئىنتىلىشى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇندىن باشقا، خىزمەت جەھەتتە مەن يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا مەن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان، خەنزۇچە سەۋىيەم ياخشى، دەپ تېرەمگە سىغماي يۈرەتتىم. بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئو ئويۇمنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلدىم. ئىشخانىدا قىلغان تەرجىمىلىرىم ئۇستازلارنىڭ قەلىمىدە قىپقىزىل بويۇلۇپ كېتەتتى، خەنزۇ كەسىبداشلار بىلەن بولغان ھەر خىل تېمىلاردىكى سۆھبەتلەردە مەقسەت مۇددىئايىمنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن زىيادە زورۇقۇپ كېتەتتىم. مەقسەتنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي نەچچە قېتىم يەرگە قاراپ قالغان ئىدىم. ئىشقىلىپ بىرى تۇرمۇش مەسىلىسى، يەنە بىرى خىزمەتنى قانداق قىلىش مەسىلىسى، يەنە بىرى بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەھەردە تىل ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈپ ياشاش مەسىلىسى مېنى ئۇزۇن يىللارغىچە قىينىغان ئىدى. مەن ھازىرمۇ خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇيمەن، خەنزۇچە ئۆگىنىمەن. قاراپ باقسام ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر تولىمۇ كۆپكەن.
بېيجىڭدا توي-تۆكۈن ۋە باشقا ئادەمگەرچىلىك ئىشلىرى نىسبەتەن ئاز، ئۆگىنىمەن دەيدىغان ئادەمگە ۋاقىت كەڭتاشا، گەپ شۇ ئادەمنىڭ شۇ ۋاقىتنى تۇتالىشىدا. ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىگە كەلسەك، بېيجىڭدا تاماق مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەسىلە گەرچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا بىر ئاز ياخشى بولسىمۇ يەنىلا بىر چوڭ مەسىلە. بېيجىڭدا ساناقلىق ئۇيغۇر ئاشخانلىرى بار. بەزىدە بىر تەخسە لەغمەن يىيىش ئۈچۈن پالان پۇل غەجلەپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ قايتىپ كېلىمىز. توي-تۆكۈن يىلدا كۆپ بولغاندا ئالتە-يەتتە قېتىم، بولمىسا بىر ئىككى قېتىم بولىدۇ. توينى قايسى رېستۇراندا قىلىش مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە. بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىشلەيدىغان ئىدارە-ئورگانلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانلىرى تەسىس قىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەر ھالدا ياخشى ھەل بولدى.
خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى دەپ پايتەخىتتە ئىشلىگەن ئىكەنمىز چوقۇم نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك، دەيدىغان خىيال نۇرغۇن ياشلىرىمىزدا مەۋجۇت، دەپ قارايمەن. ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەن. قىيىنچىلىقىنى بۇ بىر پۇتلىكاشاڭ، بۇنى يەڭگىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ كەينىگە داجىيىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن. بۇنى يەڭگىلى بولىدۇ، بۇ ھايات مۇساپەمدىكى نۇرغۇن داۋان، نۇرغۇن مۇشكۈلچىلىكلەرگە نىسبەتەن ھىچنىمە ئەمەس، دەپ ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن. مەن ياش دوسىتلىرىمىزنىڭ ئىككىنىچى پوزىتىسيىىدە بولۇشىنى ۋە ئۆز كەسپىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بېيجىڭدا يۈگۈرۈپ چىقسىڭىز يۇرتىمىزدىكىدەك ئۇنداق ئېسىل تائاملار يوق، بايام دېگەندەك ئېسىل تائام يېيىش ئۈچۈن خېلى قاتىراپ باقىدىغان گەپ، بېيجىڭدا تازا بېرىپ ئەركىلىۋالاي، يوقلاپ كېلەي دېسىڭىز سىزنى باغرىغا باسىدىغان ئاتا-ئانىڭىز يوق، سىزنىڭ ئېغىرچىلىقىڭىزنى يىنىكلىدىغان، شەنبە-يەكشەنبە، ھىيىت-ئايەم كۈنلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ھال-مۇڭ قىلىشىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز يوق. بۇ يەردە پەقەت سىز قىلىۋاتقان خىزمەت، خىزمەتداشلار ۋە مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالغان كىشلەردىن تەشكىللەنگەن دوسىتلۇق مۇناسىۋىتى بار. ئادەم دېگەننىڭ خۈي پەيلى، مىجەزى كۈندە ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەم دېگەن نۇرغۇن ئېھتىياجنىڭ قورشاۋىدا ياشايدۇ. مانا مۇشۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىپ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىدە ياشاۋاتىمىز. نىمىشقا؟
مەن بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقىلى 11 يىل بوپتۇ، مېنىڭ 11 يىللىق تەسىراتىم شۇكى، بېيجىڭدا رىقابەت بەك كەسكىن، ھايات رېتىمى بەك تېز، ھەممىلا يەر ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تولغان. بۇنداق رىقابەت، ھايات رېتىمى بىزگە ئوخشاش ھەم خەنزۇ تىلى ھەم ئۇيغۇر تىلىنى تەڭ قوللىنىدىغان، ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا قارىغاندا باشقا ئىدارە-ئورگان، چوڭ كارخانا-شىركەتلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك. دائىم ھەر قايسى ئىدارە-ئورگان، شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان دوسىتلار بىلەن جەم بولغاندا ئۇلار بۇ ھەقتە خېلى تەسىرلىك سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ نېگىزى: تىرىشىش، قاتتىق تىرىشىش كېرەك. شۇ چاغدىلا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بىزنىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنى مىسالغا ئالساق، ئايدا نەچچە قېتىم ئىستانسىسا خىزمەتچىلىرىگە تۈرلۈك تېمىلاردا لىكىسىيە سۆزلىنىپ تۇرىدۇ، داڭلىق ئالىملار، مۇتەخەسىسىلەر، يازغۇچىلار، دوختۇرلار، خەلقئارالىق ۋەزىيەت تەتقىقاتچىلىرى كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىدىكى نوپوزلۇق قاراشلار ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدۇ. خىزمەتچىلەر كىرىپ ئاڭلايدۇ. بېيجىڭدا يەنە ئارام ئالغاچ كىتاب كۆرىدىغان ئورۇنلارمۇ كۆپ، سىز بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ جايلاردا كىرىپ كىتاب كۆرسىڭىز بولىدۇ، پەقەت چاي پۇلىلا ئالىدۇ. سىز يەنە كىتاب ئارىيەت ئالالايسىز. ئۇلار ئايدا بىر داڭلىق ئالىمنى تەكلىپ قىلىپ لېكىسيە ئۇيۇشتۇرىدۇ. لېكىسيە ئادەتتە ھەپتىنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. سىزگە ئېلخەت ياكى يانفون ئۇچۇرى ئارقىلىق خەۋەر بېرىدۇ، ئاڭلىغۇڭىز بولسا 20 يۈەن تۆلەپ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئالىمنىڭ لېكسىيەسىنى 2-3 سائەت ئاڭلىيالايسىز. ئىشقىلىپ بېيجىڭ ئۆگىنىمەن، نەتىجە قازىنىمەن، ھاياتىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىمەن، دېگەن ئادەمگە نىسبەتەن بىر چوڭ سەھنە ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ۋە باشقا مىللەتتىكى خىزمەتداشلار بىرگە

مۇخبىر: بېيجىڭدا ياشاش جەريانىدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىڭىز، خىزمەت ۋەجىدىن ئۇلار بىلەن تۈرلۈك مەزمۇنلاردا سۆھبەت، مۇلاقەتتە بولدىڭىز. شۇڭا سىزنىڭ پايتەختتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتىڭىز بار. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىڭىز، ئويلىغانلىرىڭىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ئىسلاھات، ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يېڭى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بېيجىڭغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەر كېلىپ، بۇ يەردە تىجارەت قىلىپ، پۇل تېپىپ يۇرتىنى گۈللەندۈرگەن. بەزىلەر ھەتتا مۇشۇ يەردە داۋاملىق قېلىپ ۋە بېيجىڭدىن باشقا ئىچكىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردە ھالال تىجارەت قىلىپ، ھەر قايسى يەرلەرنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ناملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن تىجارەتچىلەر بېيجىڭ ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپىسىنى قوشۇپ، جۇڭگودىكى باشقا ھەر مىللەت كىشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيىتتە، ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشلەر نامدا ئاشخانا ئېچىش، ئەمەلىيەتتە خىروئىن سودىسى قىلىش، دىيارىمىزدىكى كىچىك بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ كېلىپ ئوغرلىققا سېلىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزدى. بۇنىڭ تەسىرىدە ئەزەلدىن تەشۋىقات-ئاخباراتقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بېيجىڭدىكى ھەر ساھە كىشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ، ناتوغرا قىلمىشلىرىدىن ئەپسۇسلاندى ۋە سورۇنلاردا ئاشكارا تەنقىدلىدى. كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بېيجىڭ شەھىرىدە قانۇنسىز ئىش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. لېكىن، «بىرىنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەندەك ئەنە شۇ ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ قىلىپ قويغان ناتوغرا ئىشلىرى كاساپىتىدىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېيجىڭدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان ۋە مۇشۇ يەردە تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقان داڭلىق زىيالى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە گەپ-سۆزلەردە بىلىپ بىلمەي زەرەر يەتكۈزۈپ قويىدىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقىچە چۈشىنىدىغان، باشقىچە قارايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولدى. بېيجىڭدىكى كۆپ ساندىكى كىشلەر بۇنىڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئاز ساندىكى كىشلەر بۇلۇپمۇ بىر قىسىم تاكسى شۇپۇرلىرى بۇ ئىشلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلماي، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ھەم ئالىمى ھەم يارىماس ئادىمى بولىدىغانلىقىدەك ئومۇمىي ھەقىقەتنى بايقىيالماي، گەپ سۆزدە ئۇلارنىڭ غورورىدىغا تېگىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلدى. كېيىن تەشۋىقات ئورۇنلىرىنىڭ مىللەت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇنىڭ جۇڭخۇا ئېلىگە قوشقان تۆھپىسى ۋە زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئالىملارنى تەدىرىجى تونۇشتۇرۇشى قاتارلىق ئىجابىي تەشىۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلار، شۇنىڭدەك بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشىنىش بىر قەدەر ئايدىڭلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قۇرامىغا يەتمىگەن شىنجاڭلىق بالىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشلەر بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ ئالداپ ئېزىقتۇرۇشى ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى. دەسلىۋىدىلا بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىشىمدىكى سەۋەپ بېيجىڭدا ھازىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىنى چۈشىنىدىغان ئامما تەدىرىجى كۆپەيدى، شۇنداقتىمۇ بېيجىڭ خەلقىگە شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارغا دائىر تەشىۋىقاتنى تېخىمۇ كۆپەيتىش، ئۇيغۇلارنىڭ جۇڭخۇا ئېلىگە قوشقان تۆھپىسىنى تېخىمۇ تونۇتۇش، جۇڭگودا ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان داڭلىق تارىخىي شەخىسلەر، زامانىمىزدىكى داڭلىق كىشلەرنى خەنزۇ قاتارلىق ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش-ئىناق جەمئىيەت تەكىتلىنىۋاتقان، مەدەنىيەتتە زور تەرەققىيات، زور گۈللىنىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، تولىمۇ زۆرۈر، دەپ ھېسابلايمەن. مانا، خەير-ساخاۋەت ئىگىسى ئالىمجان ئاخبارات ۋاستلىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ساخاۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى پۈتۈن ئەل بىلىپ كەتتى، شىنجاڭدا، ئىچكىرىسىدە ھالال تىجارەت قىلىپ كاۋاپ سېتىۋاتقان كاۋاپچىلار ئۇنىڭغا قايىل بولدى ۋە خۇرسەن بولدى. مەن بېيجىڭدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدىم، زىيارەت تۈگىگەندىن كېيىن كۆپىنچىسىنىڭ گېپى مۇشۇ تېمىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يەردە بىر مىللەتكە ۋاكالىتەن ئىشلەۋاتقانلىقى ئۈچۈن گەپ-سۆز، يۇرۇش-تۇرۇش، مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دېققەت قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭ، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ يەرگە جۇڭگودىكى داڭلىق ئىقتىساسلىقلار يىغىلغان، چوڭ خەلقئارالىق شەھەر بولغانلىقى، 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەلچىخانلىرى بېيجىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بۇ جەھەتكە ئاجايىپ دېققەت قىلىدۇ.
ھازىر بېيجىڭدە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلار ئىلگىرى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپيىپ قالدى. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن: بېيجىڭدىكى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلار، دۆلەتنىڭ ھەر قايسى مۇھىم ئىدارە ئورگانلىرىدا، ئالىي پەن-تەتقىقات، تەشۋىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، بېيجىڭدا ئاشخانا ئېچىش، مىۋە-چىۋە سودىسى، قاشتېشى سودىسى قىلىش قاتارلىق تىجارەتلەر بىلەن ئۇزۇن يىل شۇغۇللىنىپ بېيجىڭدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتكى تالانتى بىلەن چوڭ-چوڭ، داڭلىق رىستۇرانلاردا ئىشلەۋاتقان، سەنئەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئويۇن قويىدىغان چوڭ-چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان سەنئەتچىلەر، ئالىي مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، بېيجىڭدا قېلىپ دۆلەتنىڭ چوڭ شېركەت-كارخانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار، بېيجىڭدە ياكى ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ھەم چەتئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ ئەلچىخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.
مەن رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغان 11 يىل جەريانىدا بېيجىڭدىكى ھەر ساھە ئۇيغۇرلىرىنى كۆپرەك زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىتىم. ھەر قېتىم مەيلى قايسى ساھەدىكى ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلاي ئۇلارنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ مۇھىم يېرى ئۇلار مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار نۇرغۇن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ پايتەختكە خىزمەت ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئۈچۈن گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۈش ۋە مۇئامىلە جەھەتتە ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى مەنگە ناھايىتى دېققەت قىلىدۇ. چۈنكى، پايتەخىت بېيجىڭ جۇڭگودىكى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارقىلىق ئاھالە، جۇڭگودىكى 56 مىللەت ئەزالىرى تەلپۈنىدىغان بىر جاي، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بېيجىڭدا خەلقئارالىق شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىكلەر تولىمۇ كۆپ، مۇنداق شارائىتتا ئۇلارنىڭ قىلغان ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەركىتى ئۆزىنىڭ ئەمەس، بىر مىللەتنىڭ سۆزى، بىر مىللەتنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە دېققەت قىلماي بولمايدۇ. مانا بۇ جەھەتتە بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مىللەتنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ھەر مىللەت ئارىسىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلاردا ھەممىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭغا خىزمەت كەلگىلى كەلگەن، ھەممىمىز بىر يۇرتلۇق، دەيدىغان ئاڭ تولىمۇ كۈچلۈك، بۇلۇپمۇ ياش زىيالىلاردا. ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ياش زىيالىلار ئايدا بىر-ئىككى قېتىم يىغىلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسسدىن ئولتۇرىدۇ. لېكىن بۇ يەردە سەن ئۇ يەرلىك، مەن بۇ يەرلىك، دەيدىغان گەپ قىلچە مەۋجۇت ئەمەس. ھەممىمىز بىر يەرلىك، ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر، ھەممىمىز پايتەخىتكە خىزمەتنى، دۆلىتىمىزگە، خەلقىمىزگە ئازاراق بولسىمۇ ھەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن كەلگەن، بىز بۇ يەرگە مۇساپىر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈش ئەڭ ئەقەللىي ساۋات، دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك. بېيجىڭدا ھەر يىلى دېگۈدەك ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ نۇرغۇن چوڭ-چوڭ پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا نورۇزلۇق، ھېيىتلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا توي-تۆكۈن، نەزىر چىراق قاتارلىق ئۆرپ-ئادىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.ئىدارە-ئورۇنلار، مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ بار. خىزمەتكە بېرىش ۋە خىزمەتتىن چۈشۈشتەك ۋاقىتنى دېمەي تۇرايلى، مەيلى قانداق بىر پائالىيەت بولۇشدىن قەتئىنەزەر قانچىگە دېگەن بولسا شۇنچىگە دەل ۋاقتىدا بارىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭدىن يېرىم سائەت بۇرۇن بارىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بىز ھەر دائىم دىيارىمىزدىن كەلگەن دوسىتلىرىمىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتە شىنجاڭدا توي-تۆكۈن ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ۋاقىت قارىشىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، 6 دە دېسە، 8 گە بارىدىغان ئەھۋاللارنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىپ، زىيالىلارنىڭ بۇ جەھەتتە خېلى سۆزلەپ بېقىپ ھېرىپ قالغانلىقىنى، ھازىر كىشلەرنىڭ ئاساسەن كۆنۈپ قالغانلىقىنى، بەزى دوسىتلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئادەمگەرچىلىك دەستىدىن قېقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خىزمەتتىن باشقا نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا سەرپ بۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋايسايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ھەم بۇ ئىشلارنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ كېتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ پايتەخىتتە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، يۇرتى شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىرىگە تولىمۇ دېققەت قىلىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى تەرەققىياتلارغا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخىسلەرگە يېقىندىن دېققەت قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ بىكار ۋاقىتلاردا خەلقىمىزنىڭ سەنئەتكارلىرى ئورۇنىدىغان ناخشا-مۇزىكا، كۈلدۈرگە-ئىتوتلارنى كۆرۈش ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىمىز. بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كەسىپىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تىل مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىمۇ كۈچلۈك. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشى خىزمەت، ئۇلار خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. بېيجىڭدا ھەر قايسى ئىدارە-ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدەك مۇشۇنداق چوڭ، رىقابەت كەسكىن شەھەردە تۇرالىشىنىڭ ئۆزىلا كىشلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىشى كېرەك، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنى باشقىلارغا قانداق تەرىزدە چۈشەندۈرۈش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. بىر ئادەم يۇرتىدىن ئايرىلغان ئىكەن، باشقا يۇرتتا تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن شۇ يۇرتنىڭ قائىدىلىرىنى ئوبدان بىلىشى، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى باشقا يۇرتلۇقلاردا ياخشى تىكلىشى كېرەك. ناۋادا ئۇ بۇ ئىشلارنى ياخشى ئورۇندىيالمىسا ئۇنىڭ ئۆز ھۆرمىتى چۈشۈپلا قالماستىن يەنە ئۆز يۇرتىنىڭ نامىغا زەرەر يېتىدىغان گەپ.
مېنىڭ دېققەت قىلىشىمچە، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك. ھەر قانداق ئىشنىڭ بېشى مەسئولىيەتتىن باشلىنىدۇ. ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ قىلغاندا، ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىققاندا ئادەمنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشىدىغان گەپكەن. مەيلى خىزمەت، مەيلى تۇرمۇش، مەيلى كىشلىك مۇناسىۋەت، مەيلى ھەمكارلىق جەھەتتە بولسۇن ئادەمدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ۋە ئايالى شۇنداقلا خىزمەتتىكى ياخشى ھەمرايى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى زۇمرەت ياسىن بىلەن بىرگە ئاڭلىتىش بەرمەكتە

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور-رىياسەتچىسى، مۇخبىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم ۋە ئايالى زۇمرەت ياسىن ئوغلى بىلەن بىرگە
مۇخبىر: يېقىندىن بېرى بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ يازغان ماقالىلىرىڭىز جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى. پايتەختتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىدا ئېلىم تەھىسل قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىم «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن تەشەككۇر تېلىفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئارقىدىن بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەمۇرىي ۋە كەسىپى جەھەتتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ ژورنالدا بېرىش ۋە رادىيو ئاڭلىتىش نەتىجىسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە تونۇش شەكىللەندى. بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلىغان، ياخشى ئوقۇپ نەتىجە قازىنىشىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئوقۇغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ بۇ يەردە قانداق جاپا-مۇشەققەت بىلەن كەلگىنىنى بىلمەي، كۈنلىرىنىڭ قانداق بىكار ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي، ئويۇن-سورۇن، ناتوغرا مۇھەببەت، جەڭگى-جىدەل قاينىمىدا يۈرۈيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. لېكىن ئۇلار ئاز ساندا. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن دائىم كۆرۈشۇپ مۇڭدىشىپ تۇرىمىز، دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيەسى بار، ئۇلار شۇنچىلىك ئاددى-ساددا، تىرىشچان، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كۆپچىنچە كۈتۈپخانا، دەرىسخانىدا ئۆتىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ پاراڭلاشسام، ئۇلارنى شۇنچىلىك ماختاپ كېتىدۇ. «شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاجايىپ ئەقىللىق، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە كەسىپى جەھەتتە ھەر قانداق مەسىلىگە يولۇققاندا شۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنىڭ ئىجادى يوللىرىنى دادىل ئىزدىنەلەيدۇ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر قايسى يىللىقىدا ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەڭ تۇرۇپ نەتىجە قازىنىشى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتىدىكى نۇرئەلىنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا ئۇ ماڭا: مەن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئوقۇش جەرياندا 64-بولۇپ قاپتىكەنمەن، بۇ ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى، بىر يىل ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، ئەتىگەن سائەت بەشتە تۇرۇپ كەچ سائەت 12 گىچە پىلانلىق ئۆگىنىش قىلىش نەتىجىسىدە سىنىپ بويىچە 1-بولدۇم» دېگەن گېپى ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلغان ئىدى. دىمەك، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئەنە شۇنداق ئەتراپلىق پىلان، قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق سىنىپنىڭ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خېلى بار. بۇلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ دەسلەپ ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى، مۇھىمى ئۆزىنى قانداق چۈشەندۈرۈش، باشقىلارنى قانداق چۈشىنىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ يەردە ئوقۇيدىغان كۆپىنچە بالىلارنىڭ نىشانى ئايدىڭ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ پايتەختتە تۇرىۋاتغاچقا، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بېيجىڭدىن ئىبارەت مۇشۇنداق جايدا ئۆزى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە، يىراق، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئانالىز قىلىش، ئويلىنىش ئىمكانيىتى كۈچلۈك بولىدىكەن.
بىر قىسىم ئاز ساندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ياخشى ئوقماي، ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمەي چېكىنگەنلەرمۇ، باشقىلار بىلەن جىدەللىشىپ، مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ ھەيدەلگەنلەرمۇ بولدى. بەزىلەر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇيدىغان، بىلىم ئالىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، مۇھەببەت قاينىمىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. مۇھەببەتنىڭ شىرىن تەملىرى ئۇلارنىڭ ئىككى كۆزىنى كۆرمەس، كاللىسىنى ئۆتمەس قىلىپ قويدى. مەن ھازىرقى ئايالىم ھەم خىزمەتتىشىم زۈمرەت ياسىن بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن تارتىپ مۇھەببەتلەشكەن. ئالىي مەكتەپتە بەش يىل، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدۇق. لېكىن بىز مۇھەببەتنىڭ سەۋداسىدا ئۆگىنىشنى، كەسپىنى تاشلاپ قويماي ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئېلىپ بۈگۈنگە كەلدۇق. شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەردە پالانچى ياكى پوكونچى مۇھەببەتنىڭ سەۋداسىدا ساراڭ بولۇپ قالاي، دەپتۇ، ئاش-تاماقنى، ئىلىم-بىلىمنى ئۇنتۇپ ئاشىقىي بىقارار بولۇپ تۈگىشىپ كېتىپتۇ، دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىسام ھەيران قالىمەن. مەن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھىم ئىشلار بىلەن مۇھىم ئەمەس ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىنى، قىسقىغىنە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نەزەرىيىۋى بىلىم سەۋىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى كەسپىي ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆتكەندە بېيجىڭ ئونۋېرسىتىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە قېلىپ قالغان گۈلجەننەتتىن سورىسام، بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتىدا ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تىببىي ئونۋېرسىتىتىدا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق، باكلاۋېر ئونۋانى بويىچە ئېلىم تەھسىل قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر چىڭخۇا ئونۋېرسىتىدا ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. جۇڭگو خەلق ئونۋېرسىتىتى، بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتوتى، پايتەخىت پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى، قاتناش ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىلىم-تەھىسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. ئۇلار ئېنىقكى، ۋەتىنىمىزنىڭ پەخرى. ئۇلار بۇ مەكتەپلەرگە ئۇنچە ئاسان ئۆتمىگەن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە قان-تەرى بەدىلىگە يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. ياخشى ئوقۇغان ئادەمنى ھەممە يەرنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكۈسى كېلىدۇ. قانداق ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاللاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى، مەيلى قايسى يەردە خىزمەت قىلىشتىن قەتئىنەزەر ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە يۈز كېلەلەيدىغان ياراملىق ئادەم بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە.
مۇخبىر: يۇرتىمىز شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنى سېلىشتۇرغان چېغىڭىزدا قانداق روشەن پەرقلەرنى ھېس قىلىسىز، بىزدە نېمىلەر كام؟ يېتىشسىزلىكلىرىمىز نېمە؟ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئارتۇقچىلىق نېمە؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: بېيجىڭدا تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلاپ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ قۇرۇلتايلىرى ئېچىلىپ تۇرىدۇ. چوڭ-چوڭ كاتتا پائالىيەتلەر دائىم دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلىدۇ. چەتئەللىكىلەرمۇ بېيجىڭدا كۆپرەك. ھەممە يەر ئۆگىنىش، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلاشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن تولغان شارائىت، مانا مۇشۇنداق مەدەنىي مۇھىت ئادەمنىڭ ھەركەتلىرىگە، ئوي-پىكىرىگە داۋاملىق ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بېيجىڭغا جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق زىيالىلار توپلانغان، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرى بىز ئاڭلايلى ياكى ئاڭلىمايلى ئانچە-مۇنچە قۇلاققا كىرىپ تۇرىدىكەن. مېنىڭچە، بېيجىڭدىكى مەدەنىي مۇھىت كىشلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن، دەپ ھېسابلىدىم. بېيجىڭدا كەڭتاشا ئۆگىنىش مۇھىتى بار ئىكەن، ئەگەر سىز ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىكەنسىز. مەن شىنجاڭدىكى دوسىتلىرىم بىلەن دائىم ئالاقىلىشپ تۇرىمەن، رەھمەتلىك دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى، ئەل-ئاغىنلىرى بىلەنمۇ تېلىفونلىشىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە، توي-تۆكۈن، تۈگىمەس ئولتۇرۇش، ھەر خىل قائىدە-يوسۇنلار ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئېلىپ كېتىدىكەن.
مەن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن زىيالىلارنى زىيارەت قىلىپ رادىيودا ئاڭلاتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدىم. ئۇلارنى قىلغان زىيارەتنى ئومۇملاشتۇرغاندا مۇنداق خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن: ھەر قانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىنىڭ ئاساسى ئېنىق نىشان ۋە ئەتراپلىق پىلاندىن ئىبارەت. پىلانى يوق، نىشانى يوق ئادەمنىڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىككىنچىسى، ۋاقىتنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىش مەسىلىسى. نۇرغۇن كىشلەر ۋاقتىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بىز ياشاۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە بىز ياشاش جەريانىدا پۈتۈنلەي ۋاقىت بىلەن ئېلىشىۋاتقان بولىمىز. ۋاقتىمىزنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرالغان چاغدىلا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچىسى، ھەر قانداق ئىشقا قانداق قاراش، قولىدىكى ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يەنى ئەستايىدىللىق مەسىلىسى. كونىلاردا «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ماقال-تەمسىل بار. بىر ئىشقا مەيلى ئۇ قانچىلىك جاپالىق، قىيىن ئىش بولسۇن كۆڭۈل قويىدىغانلا بولساق چوقۇم ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلەيمىز.
مۇخبىر: بېيجىڭ شىنجاڭغا ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئاز سانلىق. بېيجىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش بېيجىڭدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقان ئىشمۇ قانداق؟ ئۇنىڭدىن باشقا ئۆي سېتىۋېلىش، بالا تەربىيەلەش ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر بار. مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: توغرا ئېيىتتىڭلار، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بۇ يەردە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ۋە ياشلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان يەنە بىر ئىش-ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرىغا، ياشىلارنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق لايىق تاللاش مەسىلىسى بولۇپ تۇرماقتا. بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، نىكاھدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە جىددى قاراپ بالىلىرى قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇلارنى بىر-بىرگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرى كېلىشىپ توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. ياشلار بولسا ئايدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ كۆرۈشۈش مەشىرىپىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىز-ئوغۇللارنىڭ تونۇشۇپ توي قىلىپ قېلىشى ئۈچۈن بىر سەھنە ھازىرلىدى. بۇلار سان جەھەتتە ئاز بولغان ئۇغۇل-قىزلارنىڭ يۈز كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، ئاخىرىدا بىر بەخىتلىك بىر ئائىلە كىلشىرى بولۇپ قېلىشىدا ئوبدانلا ئىجابى رول ئوينىدى. لېكىن، قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بولسۇن، بېيجىڭدىكى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز-ئوغۇللارغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكىدەك ئۇنداق كەڭرى ئوبىكىت تاللاش ئىمكانىيىتىغا ئىگە بولمىغاچقا، ئاز ساندىكىلىرى تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بىلەن كۆپ ساندىكىلىرى تۇرمۇشتىكى بۇ ئەڭ مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
بېيجىڭدا ئاتا-ئانىلارنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆيلىشىدە ۋە ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ توي قىلىشىدا بۇنداق قىيىنچىلىقىنىڭ بۇلۇشىدىكى سەۋەپ: بىرىنچىدىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنىڭ شىنجاڭدىكى ئوبىكىت تاللاش ئىمكانىيىتى كىچىكىرەك. چۈنكى، بۇ يەردە بېيجىڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىش، نوپوس مەسىلىسى ۋە قارشى تەرەپنىڭ قايەردە خىزمەت قىلىش مەسىلىسى، ئەر-ئايال بىر يەرگە جەم بۇلۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچى ئۆي مەسىلىسى (بېيجىڭدا ئەڭ بازارلىق جايلاردىكى ئۆينىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىنىڭ باھاسى 50 مىڭ يۈەندىن ئەڭ ئەرزانلىرىنىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىنىڭ باھاسى 25 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ) ۋە ئىقتىساد مەسىلىسى مەۋجۇت. بېيجىڭغا كەلگەن ھەر قانداق ئادەم بۇ يەردە مال باھاسىنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ. مانا مۇشۇ مەسىلىلەرمۇ توي قىلىش يېشىدا تۇرغان بېيجىڭلىق بالىلارنىڭ قاتتىق باش قېتىنچىلىقى بولۇپ تۇرماقتا.
بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان، يېڭىدىن بالىلىق بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقىمۇ خېلى بار. ئالدى بىلەن بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۇ بالىنى قانداق بېقىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. رىقابەت كەسكىن، تۇرمۇش رېتىمى تېز شارائىتتا بالىنى بېقىش ئۈچۈن چوقۇم شىنجاڭدىن ئاتا-ئانىلىرى بېيجىڭغا كېلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىنى بېقىشىنىڭ ھەر قانداق مۇشەققەتلىرىگە چىدىسىمۇ، لېكىن ئەتىسى ئاخشىمى قوشنىلار بىلەن مۇڭدىشىش، ئۇيغۇرچە قاناللارنى كۆرۈش، ئۆرپ-ئادەت يۇسۇنلىرىنى كەڭتاشا ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيەتلىرىدىن سەل مەھرۇم بولغاچقا، ئېنىق ئېيىتقاندا قاتتىق ئۇيغۇرسىراپ كەتكەچگە بۇنىڭ مۇشەققەتلىرىدە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى ياشلار يۇقىرى مائاش بىلەن شىنجاڭدىن ئائىلە خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىشقا كەتكەندىن كېيىن بالىغا قارايدىغان، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ، ئەمەسمۇ؟ ئائىلە خىزمەتچىلىرىمۇ بىر نەچچە ئاي بالىلارنى بېقىپ بېقىپ، بۇ يەرنىڭ زېرىكىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ۋە باشقا باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئىشقلىپ بالىلار يەسلىگە كىرگۈچە بولغان ئارلىقتا ئۇنى قانداق بېقىش مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. سەۋەبى، ئۈرۈمچىلەردە ياكى شىنجاڭدىكى باشقا يۇرتلاردا بالا يەسلىگە كىرگۈچى بولغان ئارلىقتا بالىغا چوڭلار، ياكى قوشنىلار ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئازراق بولسىمۇ قاراپ بېرىدىغان شارائىت بار. بۇ يەردە ئۇنداق شارائىت پەقەت يوق، دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزنى بىز ئادەتتە پۈتۈنلەي بالىمىزنى خۇشال قىلىدىغانغا تاپشۇرىمىز، لېكىن ئىشلەيدىغان چاغدا بالىنى تەڭ ئىشقا ئاپىرىشىنىڭ ئورنى يوق بولغاقچا بۇمۇ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن بىر باش قېتىنچىلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بېيجىڭدا خىزمەت قىلىشىنىڭ ياخشى تەرەپلىرى نۇرغۇن، بىز ھەر قېتىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا پارتىيەنىڭ-فاڭجىن سىياسەتلىرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم خەۋەرلەرنى ئۇنىڭدىن باشقا رادىيودىن ئىبارەت خەلققە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئالغان مۇشۇ ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقى ئۈچۈن ئارزاق بولسىمۇ كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ قاتتىق ئىشلەپ كېتىمىز. ئۆزۈمگە كەلسەم: مەن بۇندىن كېيىن «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»،«جۇڭگوغا نەزەر»، «دۇنياغا نەزەر» پروگراممىلىرىغا ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىپ، «رومان ئاڭلىتىش پروگراممىسى»نى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى پروگراممىلارنى ئىشلەپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.
مۇخبىر: ناھايىتى ئەتراپلىق سۆزلەپ بەردىڭىز، رەھمەت.




(بۇ سۆھبەت خاتىرىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ئەلكۈيى تورى تەرىپىدىن رەسىملەر بىلەن رەتلىنىپ توردا ئېلان قىلىندى)
سۆھبەت ئۆتكۈزگۈچى لئەسقەر ياسىن، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم