كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 2

مەنپەئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
604
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
11865
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
407 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 17:49:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنپەئەت

تۇردى توختى

مەن يۇرتىمىزدا ‹‹پۇل خۇدا ئەمەس ئىكەن ،خۇدادىنمۇ كام ئەمەس ئىكەن ›› دىگەن بىر سۆزنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلىمەن.بەزىلەر بۇ سۆزنى غېنىزات غەييۇرانە{1} دىگەن دىيىشسە يەنە بەزىلەر بۇ سۆزنى خۇدۇمبەردى سېلىم{2} دىگەن، دىگەن رىۋايەتلەرنى قىلىشىدۇ.مەيلى كىم دىگەنلىكتىن قەتتئى نەزەر بۇ سۆزنىڭ ئىنتايىن مۇھتاچلىق ئىچىدە،ئىلاجىسىزلىقتىن دىيىلگەنلىكىدە گەپ يوق.چۈنكى بۇ مەرھۇم تەتقىقاتچىلار خۇدا بىلەن پۇلنى تەڭلەشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىغىنى بىزدىن بەكراق بىلىدۇ.
بۇ سۆزنى ئۇلار مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا تارتىپ چىقىرىلىپ،قاتتىق قىيىن قىستاق ئاستىدا تەھقىپتە ياشاپ،قوساق مىسىلىسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش مەسىلىسىنى زادىلا ھەل قىلىلمىغاندىن كىيىن،بالا-ۋاقىلىرنىڭ تەشنالىق ئىچىدە تەلمۈرۈشلىرىگە قاراپ...ئېيتاقان،چۈنكى يۇقرىقى ئالىملار مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا تارتىپ چىقىرىلىپ،ھەر ئىككىلىسى سۈرگۈن قىلىنغان.
بىز نىمىلا دىمەيلى بۇ سۆزدىن ئىككى خىل مەزمۇندىكى مەنىگە ئىرشەلەيمىز.بىرسى بولسا ئىقدىساتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم قىممەتلىك ئورنىنى بارلىغىنى،يەنە بىرسى بولسا مۇھتاجلىقنىڭ، باشقىلاردىن مەنپەت تەلەپ قىلىپ،ئىساننى ئىلاجىسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىغىنى ھىس قىلالايمىز.
يۇقارقىلاردىن شۇنى چۈشىنىش تامامەن مۇمكىنكى ئىقدىسادى ئامىل كىشىلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا مەنپەئەت چۈشەنچىسىنى  سىڭدۇرۇپ،بەزى كىشىلەردە مەنپەتكە ئادىمىلىكىنى تىگەىشىدىغان رەزىللىكنى پەيدا قىلىدۇ.يانا بەزى كىشىلەر ئۆزى ئىرىشكەن ئىقدىسادى مەنپەتلەرنى ساۋاپلىق ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىشىپ،ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ،پۈتكۈل جەمىيەتكە ئىناقلىق،خۇشاللىق،ئادىمىگەرچىلىكنىڭ ئۇرىقىنى چاچىدۇ.
ماقالىمىزنىڭ ۋەزىپىسى مەنپەئەتنى ئادىملىك بىلەن تىگىشكەن رەزىللىك ئۈستىدە بولغانلىغى ئۈچۈن باشقا تەرەپلەردىكى رولى ئۈستىدە توختالمەي،ئۇنىڭ ئادەم روھايىتىدە شەكىللەندۈرگەن رەزىللىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتىن ئاۋال مەنپەئەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مەنئەت دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بەك كەڭ بولسىمۇ مىنىڭچە تۈۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بىرىشكىمۇ تامامەن بۇلۇدۇ.مەنپەت ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بىرسى ماددىي جەھەتتىكى مەنپەئەت يەنا بىرسى بولسا مىنىۋى جەھەتتىكى مەنپەتتىن ئىبارەت بۇلۇپ،مەنىۋى جەھەتتىكى مەنپەتنىڭ ھەل قىلغۇچ شەرتى يانىلا ماددىي جەھەتتىكى مەنپەت بولغانلىغى ئۈچۈم كىشىلەردىكى مەنپەئەت چۈشەنچىسى كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ماددىي مەنپەئەت چۈشەنچىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بۇلۇپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەكىسى ئەتىدۇ.
مەنپەئەت- كىشىلەرنىڭ ئىقدىسادى چۈشەنچىسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نامايەن بولغان رىيال مەنىسى بىلەن كىشىلەرنىڭ پايدا-زىيان توغرىسىدىكى روھى ھالەت چۈشەنچىسىنىڭ بىرلىگى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۇ-ماددىي نوقتىدىن تەھلىل قىلىنغاندا رىيال نەرسە سۈپىتىدە نامايەن بولسا،روھى ئانالىز نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا كىشىلەردىكى بىر پىسخىكلىق ئاڭ سۈپىتىدە نامەيەن بۇلۇدۇ. شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر شەخسى مەنپەت نوقتىسىدىن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقۇتۇپ،ئۆزىنىڭ ئادىمىلىكىگە ئۆزى جەڭ ئېلان قىلىدۇ،ھەم ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى قانداق يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى بىلمەي كىشىلەرنىڭ ئورتاق يىركىنىدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
بۇنداق ئادەملەر ماددىي مەنپەئەتنى ئادىمىگەرچىلىكنىڭ ئالدىغا قويغان بۇلۇپ،ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن نۇمۇسنى بىر جايغا قايرىپ قويىشىدۇ.
مەنپەتنى دەپ،ئادىملىكىنى يوقىتىدىغان قىلمىشلارنىڭ خارەكتىرى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ مەن،بۇ ماقالەمدە مەرگەزلەشتۈرۈپ بىرننەچچە مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ،ماقالىنىڭ ئەسلى مەقسىدىنى يۇرتۇپ بىرىش ئۈچۈن تىرشىمەن.
1.‹‹ئاش كەلسە،ئىمان قېچىپتۇ››
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھىكىمىتىدىن بىزنىڭ بەزى بىر كىشىلىرىمىزنىڭ مەنپەئەت چۈشەنچىسىنىڭ قانداقلىقىنى ھىسى قىلالايمىز.بۇنىڭدىن بەزى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن ھىممىنى ئۇنتۇپ،ھەممىنى ئۈزىنىڭ قىلىشقا ئۇرنۇشتەك رەزىل مەقسىدى ئىپادىلەنگەنلىكى نامايەن بولىدۇ.بىز ئاش بىلەن ئىمان مەسىلىسىنى باغلاپ چۈشەندۈرسەك،ئەسلى ئاشمۇ ،ئىمانمۇ ئىسلامدا ھالال نەرسىلەر بۇلۇپ،مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھىساپلىنىدۇ.بۇ يەردىكى ئاشنى كۆرۈپ ئىمماننى يوقۇتۇش بولسا شەخسى مەنپەت ئۈچۈن ھەممىنى،ئىماننى ھەتتا خۇدانى ئۇنتۇيدىغان بەتنىيەتلارنىڭ پاسسىقلىقنى بىزگە ئىبرەت قاتارىدۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.يانا بىر تەرەپتىن بىز ئاشنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ چۈشەنسەك ،ئاش يىگەن ئادەمدە ئىمان چۈشەنچىسىگە نىسپەتەن بىزدە باشقىچە تۇيغۇ بولمايدۇ،بىز ئۇنى ھەققى بىر ئىنسان دەپ چۈشىنىشىمىزمۇ مۈمكىن،ھەتتا ئۇنىڭ يۇشۇرۇن مۇرەككەپ روھى ھالىتىدىكى رەزىللىك مەڭگەۈ ئاشكارلانماسلىقىمۇ مۇمكىن.يۇقارقىلاردىن شۇنى كورىۋالالايمىزكى ئادەم ئىنتايىن مۇرەككەپ ،مەخلۇق بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاسانلىقچە بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،بىراق مەنپەئەت ئالدىدا بەزى خىزىر سۈپەت كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ،ئۆزىدىن باشقا ئادەملەرنىڭ بۇ دۇنياغا يارتىلىپ قالغانلىغىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.
بۇلاردىن شۇنى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەنكى-مەنپەت،مەنپەت قۇللىرىنىڭ ئادىملىك پەزىلىتىنى ئۆلچەيدىغان تارازىدۇر.
2.‹‹-توپا يەمسەن ؟-يېغى بولسا يەيمەن ؟{3}
بۇ شەيتان توغرىسىدىكى دىيالۇك ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك.بۇ دىيالۇكتىمۇ مەنپەئەتنىڭ، بەزىلەر ئۈچۈن ۋاستا تاللىماي ئىرشىدىغان بىر مەبۇتقا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ دىيالۇكدىن قارىغاندا بەزى كىشىلەر مەنپەتسىز ئىشنى قىلمايدۇ،باشقىلارنىڭ مەنپەئەتسىز ھاجىتىنى راۋا كۆرمەيدۇ،مەنپەت كېلىدىغان ئىشقا نىسپەتەن ۋاستە تاللىماي ئاتلىنىدۇ.بۇ مەنپەئەتكە ئىرشىش يۇلىدا ئۇ تۇرلۈك رەزىللىكلەرنى قىلىپ ئۇلگىرىدۇ.ئادەم ئۆلتۈرۈش،ئۆت قۇيۇش... ھەتتا بالا-ۋاقىلىرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى سېتىش بەدىلىگە مەنپەتكە ئىرشىش بۇنداق ئادىمىي شەيتان كىشىلەر ئۈچۈن،مۇرادىغا يەتكەنلىكتە تۇيغۇ بىرىپ،بۇ قاباھەت ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
توپا بىلەن ياغنىڭ بىيولوگىيەلىك مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئەمىليەتتە تۇپراق،ياغلىق داننى يىتىشتۈرىدىغان ،ئۇنىڭغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدىغان ئېزىز ماكان.نىمە ئۈچۈن شاياتان توپىنى ئۇلۇغلىماي، ياغققا چۇقۇنۇدۇ؟بۇ نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرسەك بۇ يەردىكى ياغ دەل شەيتاننىڭ ئىبلىس نەپسىنى قاندۇرىدىغان مەنپەئەتكە ۋەكىللىك قىلغان،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىبلىس دەل ياغدىن ئىبارەت مۇ نىممەتنى تاللاپ،ئۆزىنىڭ رەزىللىكىنى ئاشكارلىغان،ئۇلارنىڭ تاماقلىق رولىدىن قارىساق توپا بىلەن ياغ ئەزىلى بىرىكىپ بىرەر تاماق تۈرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ،توپىغا سىڭىپ كەتكەن ياغنى يىيىشنى بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز يىشىشكە بولمايدۇ،ئۇ ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن ھەققىەت.
مۇشۇنداق بىر ھەقىقىەت ئالدىدا كىشىلەر يەنە ئېچىپ كەتكەن تاشلاندۇق ئاشلاردىن ‹‹ياغ›› ئىشلەپچىقىرىپ،يەنە بۇنى ئۆز قېرىداشلىرىغا ئىستىمال قىلدۇرۇدۇ.مانا بۇ ئىنسان!مانا بۇ ئادىمىي ئىبلىس! مانا بۇ مەنپەئەت ئالدىدىكى بىچارە پەسەندىلەر.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدىكى مەنپەئەت-كىشىلەرنىڭ ئىنساب تارازىسىدۇر.
3.‹‹ئۆزى تويسىمۇ،كۆزى تويماپتۇ››
‹‹ئۆزى تويسىمۇ ،كۆزى تويماپتۇ››دىگەن بۇ ماقالدا بەزىلەرنىڭ نەقەدەر ئاچ كۆز بۇلۇپ،ئۆزىدىن ئاشقۇچە مال-مۈللۈككە ئىگە بۇلۇپ تۇرۇپمۇ،يانا باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى مۈلۈككە،ياكى باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە چاڭ سالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر تويماس-ئىنساپسىزنىڭ ماھىيىتى يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.
ئادەملەر چۇقۇم مەيلى ئىنسان نوقتىسىدىن تۇرۇپ بولسۇن،مەيلى مەنپەئەت نوقتىسىدىن تۇرۇپ بولسۇن ئۆزىگە چۇڭقۇر دىياگۇنۇز قۇيۇشنى بىلىشى كېرەك.شۇ ئاساستا نىمىنىڭ ئىنسانىيلىق ۋە ھاللاللىققا تەۋەلىكىنى تۇنۇپ يىتىشى كېرەك.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار كۆپ تەرەپتىن تەربىيلىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئاچ كۆز ،شۇككىرى-قانائەت قىلمايدىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە قىلتاق قويىدىغان ھارامزەدە كىشىلەر بۇلۇپ،بۇنداق كىشىلەردىن ئىنساپ كۆتىرىلىپ،پەزىلەت يوقاب،ئۇلارنى تىنماي باشقىلار بىلەن سوڭەك تالىشىدىغان ئىت مىجەز كىشىلەرگە ئوخشىتىپ قۇيۇدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالدىدا شۇنچە كۆپ سوڭەك تۇرسا،باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى بىر پارچە سوڭەككە كۆز ئالايتىدۇ،ئىپىنى تاپسا نۇمۇسىنى قايرىپ قۇيۇپ،سۆڭەكنى ئۆزنىڭ قىلىۋالىدۇ،ئېپىنى قىلالمىسا شۇ بىر پارچە سوڭەكنى تەڭ يىيىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
بەزى رىيال كىشىلىرىمىزدە مۇشۇنداق تويماسلىق ،قانائەت قىلماسلىق ئىللەتلىرى ساقلانغان،بۇ ئادەملەر ئاللاقاچان كىشىلەرنىڭ‹‹ ئادىل›› باھالىرىغا ئىرشىپ بولغان كىشىلەردۇر.
بىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىمىز ،ھەرقانداق ئادەم ھەركەتتە قانەتسىز،روھى-پەزىلەتتە قانائەتچان بۇلۇش كېرەك دىگەنلىك.باشقىچە دىسەك روھى باي بولۇش دىگەنلىكتۇر.
تويماس كىشىلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارلاپ،خەلىق ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلغانمۇ يانا شۇ مەنپەت.
بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇلۇدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەت كىشىلەرنىڭ مەقسىتىگە دىياگۇنۇز قويىدىغان تىۋىپتۇر.
4.‹‹پۇل جىننىمۇ ئۇسۇلغا سالىدۇ››
دىننىڭ ئەقىدىلەردە جىن چۈشەنچىسى ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك،بۇ دۇنيا ئاۋال جىنلار ئۇچۇن يارتىلىپ،جىنلار دۇنيادىن ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ يىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئادەملەر يارتىلغان،شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيادا جىن بىلەن ئادەم بىرلىكتە ياشايدىغان بولغان دىگەن رىۋايەتلەرمۇ بار.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن جىننىڭ بازىرى،سېتۋېلىپ يەيدىغان مېلى ۋە خەجلەيدىغان پۇلى يوق مەۋھۇم مەخلۇق،مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا جىن ،پۇل ئۈچۈن  ئۇسۇلغا چۈشمەسلىكى كەرەك ئىدى.نىمە ئۈچۈن جىن ئۆزىنىڭ ماھىيەتىگە ماس كەلمىگەن بۇ پۇل دىگەن نەرسىنىڭ ئالدىدا ئۆزنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ ئۇسۇلغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان؟بۇ يەردە شۇنداق كىسىپ ئېيتىيالايمىزكى، كىشىلەرنىڭ قولىدا پۇل بولسا،جىننىڭ مەنپەتلىنىدىغان مەنپەئەتى بار بولىدۇ،چۈنكى رىۋايەتلەردە-جىن ئادەملەردىن ئاشقان سۆڭەكلەردىن،يۇنىدى-چايقاندى تۆككەن يەرلەردىن ئۆزىنىڭ رىزىقىنى ئىزدەرمىش.بۇ بىزگە ئەگەر ئادەملەردە پۇل بولمىسا-ئادەملەردىن ئاشىدىغان ئاشۇ نەرسىلەر بولمىسا جىننىڭ ھاياتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
پۇل بىر ئىقدىسادى بىرلىك بولۇپ،كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىى بىلەن بىردەكلىككى ئىگە بولىدۇ،بۇ ئالماشتۇرۇش ۋاستىسىغا ماددىي نەرسىلەرنىڭ ھەرقاندىقىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.بۇ پۇلنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئاساسلارنىڭ بىرسى.پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن چاغدا ئۇنى قانداق تېپىش،قانداق خەجلەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ياخشى ئويلىنىش كېرەك.نۇمۇسىزلارچە،ئاق-قارىنى،ھالاال ھارامنى ئايرىماي تاقان پۇل،شۇ كىشنىڭ ئېتىقاتىغا قىلىنغان خىرىسى ھىساپلىنىدۇ،ئۇنىڭ ھارام بېسىپ كەتكەن ھەركىتى،ئاخىرقى ھىسابدا ئۇنى ئېتىقادىدىن تانغان مۇناپۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
يۇقارقىلاردىن مەنپەئەتنىڭ-ئېتىقاتنى ئۆلچەيدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى كۆرۋالالايمىز.
5.‹‹نۇمۇسقا نېمە كەلىدىكەن؟››
بۇ ئىدىيۇمدىن بىز كىشىلەرنىڭ نۇمۇس ئېڭى چۈشەنچىسىنى ھىس قىلالايمىز.بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز نۇمۇسنى ئۆزىدىنمۇ ئۇلۇغ ئورۇنغا قۇيۇپ ياشاپ كەلگەن،ھالا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەزى كىشىلىرىمىزدە نۇمۇس تۇيغۇسى بەك سۇسلاپ،مەنپەت ئۈچۈن نۇمۇسىنى،يۈز-ئابرۇيىنى ساتىدىغان كىشىلەرمۇ يىتىشىپ چىقتى.بۇ بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئىنكاسى بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن مەنپەئەت چۈشەنچىمىزنىڭ نەقەدەر زەيىپلىكىلىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز.
بىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ‹‹نۇمۇسقا نىمە كەلدى،تۇرمۇش باياشاتلىقتا ياشىسىلا بولىدۇغۇ...››دىگەنگە ئوخشاش قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىغنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.بىز بۇنداق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت چۈشەنچىسىنىڭ نۇمۇسىزلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىغىنىمۇ چۈشىنىپ يەتەلەيمىز.مەنپەتنى دەپ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يۈزىنى قارا قىلغان بۇ كىشىلەردىن ئىلۋەتتە يىركىنىشلەر ھىس قىلىمىز،بىز ئۇلارغا نالەتلىرىمىزنى ياغدۇرىمىز،بىراق بىز ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ ئازغىنا مەنپەئەتنى دەپ خارەكتىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە،تېخىمۇ يۇشاق باش بولۇشقا يۈزلەندۇق بۇ نۇمۇسىزلىق ئەمەسمۇ؟بىز نۇمۇسىزلارچە ياشىۋاتقان كىشىلەرنى تەنقىت قىلغان چېغىمىزدا ئۆزىمىزدىكى قۇلچىلىق ئۈستىدىمۇ ئويلاپ بېقىشىمىز لازىمغۇ؟
بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىكى بىزدە ‹‹ناننىڭ قۇلى›› بۇلۇش خارەكتىرى كۈچلۈك بولغاچ،ھەم ئۆزىمىز بىچارە،ھەم يۈرىكىمىز پوك-پوك.
مەنپەئەت-ۋاز كىچىش شىجائىتىمىزنى نامايەن قىلدىغان مەنىۋى كۈچ،بىز ئاداققىچە نۇمۇسنى ئادىمىلىكنىڭ ئاساسى قىلىشىمىز كېرەك،بۇ نوقتىدىن ۋاز كىچىش ماھىيەتتە ئىنسانلىقتىن ۋاز كىچىشتۇر.
6.‹‹پورداق كۆتۈرۈشنىڭ دەردىنى بىلەمسەن؟››
كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە دۇنيادا ئاسان ئىش يوق ئىمىش،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ‹‹پورداق كۆتۈرۈش تەس ئىمىش››.بۇ نوقتىدا كىشىلەرنىڭ مۇنداق ئاساسلىرىمۇ بار ئىكەن-پورداقنىڭ كارغا كەلىدىغىنى تاپماقمۇ بەك تەس ئىش ئىكەن،ئېسىدە يوق كارغا كەلمەيدىغان ‹‹پورداقنى››كۆتۈرۈپ سالسا ئەمىيەتسىز بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىرمۇنچە ئىقدىسادى ۋە روھى جەھتلەردىن زىيان تارتىيدىغان گەپ ئىكەن.ئەگەر تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ لازىملىق پورداقتىن بىرەسى ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلماق بەك قىيىن بۇلۇپ،ئادەمگە تۈرلۈك ئازب ۋە تىلقىسىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈدەك،ئەگەر قولۇڭ تېلىپ كىتىپ،كۆتىردىغان چاغدىن ئازراق ئېشىپ كىتىپ قالسا،ئۇ ساڭە قاتتىق تاپا-تەنە قىلغۇدەك،ئۇنىڭ كۆتىرىلگۈسى يوق چاغدا كۆتۈرۈپ قالساڭ ئۇ ساڭا ھاقارەت قىلغۇدەك...قانداقلار.
قانداقلا  بولمۇسۇن مۇشۇنچىۋالا ‹‹تەس ››ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم چىقىپ تۇرۇشتەك رىياللىق بىزگە ‹‹پورداق››بىلەن ‹‹پورداقچى›› نىڭ ئوترىسىدىكى مەنپەئەت مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.بۇنداق كىشىلەردە چىن دوستلۇق بولمايدۇ،پورداقچى ئەسقاتىدىغان پورداق ئەسقاتماس بولۇپ قالغاندىلا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ،يېڭى مەنپەتلىك پورداقنى ئىزدەيدۇ.بۇنداق كىشىلەرنىڭ تەبىيىتى يۈزسىز بولۇپ،ئۇلاردىن ئىنسانغا ياخشىلىق كەلمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇتقان پۈتكىنى بۇلغۇنۇپ كەتكەن ناجىنىسلىقنىڭ مەسئۇلىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەت ئىنساننىڭ ئەركەكلىگىگە دىياگۈنۈز قويىدىغان ھېكىم.
7.‹‹ھارامدىن يىمىسە قانداق بېيىيدۇ؟››
بۇ نوقتىدىن مۇنداق ئىككى نەرسىنى ھىس قىلىش تامامەن مۇمكىن بىرسى بەزلەرنىڭ ھالال نەرسىلىرنى ھارامغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى(ئۆزى قان-تەر بەدىلىگە ياراتقان نىممەتلەرگە ئەجرىسىز كەلگەن نىممەتلەرنى قوشىۋېتىش)،يەنە بىرسى بولسا ھارامدىن قورقىماي باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئۆزىنىڭ قىلۋېلىش مەسىلىسدىن ئىبارەت.
بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدىن باشقىلارنىڭكىنى ھارامدىن يەپ،ئۇنى ئۆزىنى سەمرىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى قىلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئادىمىلىك پەزىلىتىنى ھىس قىماق تەس ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹ھارامدىن يىمىسە قانداق بېيىيدۇ››دىگەن بۇ ئىبارىدىكى مەزمۇنمۇ ئىتايىن روشەنلىككە ئىگە بولغاچقا بۇ نوقتىدا جىق توختىلىپ ئۆتمەيمىز.
@@@                  @@@                  @@@
يۇقىرىدىكى خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم ئىبارىلەر بىلەن مەنپەت مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدۇق،بۇ يەردە سەن نىمە دىمەكچى دىگەندە مەنپەئەت ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى ئاشكارلاپ بېرىدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم.نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئۆلچەم بۇيۇچە ھەق يول قويغان دائىرە ئىچىدە ئۆزىنىڭ رىزقىنى تېپىپ،ئۆز مەنپەئەتنى ئۆزى قوغداپ،باشقىلارنىڭ تىل-قىسىنچىلىقىنى ھەل قىلىش يۇلىدا جاپالار چىكىپ،خىزىر سۈپەت ياشاپ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىنى نامايەن قىلىپ،ئەۋلاتلارغا ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەتمەكتە،يەنا بىر قىسىم نا جىنىس مەخلۇقلار بولسا ھەممە نىمىسىنى دو تىكىپ،ئۆزىنىڭ رەزىل نىيەتلىرى ئۈچۈن مەنپەت چۈشەنچىسىنى ھارام چۇشەنچىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ،نۇمۇسىزلىق بىلەن ياشاش يولىدا ھىچنىمىدىن ھېيىقماي ياشاۋاتىدۇ،بۇ ئەجداتلارنىڭ روھىنى قورۇندۇرۇپ،ئەۋلاتلارغا زەھەرلىك قولىنى ئۇزىتىۋاتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممە مەقسەتنى مەنپەئەت ئۈسىتىگەىلا باغلىۋالماي،مەنپەتنى ئادىمىيلىك چۈشەنچىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرسەك دىگەن ئۈمۈتتە بۇ قاراشلارنى ئوتترىغا قويدۇم،قېرىداشلارنىڭ سېمىمى يەردەم بىرىشلىرىنى سورايمەن
ـــــــــــــــــــــــــــ
{1}مەرھۇم غېنىزات-ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق كمىتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى.
{2}مەرھۇم خۇدۇمەردى سېلىم-مائارىپ نازارىتى تارىخ تەتقىقات ئورننىڭ تەتقىقاتچىسى.
{3}كىشىلەر ئارىسىدىكى رىياۋەتنىڭ دىيالوگى

ئۆز يازمام

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49668
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-24 13:08:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
6825
يازما
604
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
11865
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
407 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 02:01:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىۋېلىكامنىڭ بۇ شىېرنى كۆرماپتىكانمەن،ئىنكاس شېكىلدە بۇ تىما ئاستىدا كۆرۇپ خۇش بولدۇم،سىزگە كۆپ رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش