كۆرۈش: 2503|ئىنكاس: 15

ئاقسۇدا مىڭدۇ( 名都)شىركىتى قاچان جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

مۇراجەت:-ئادەمدە

UID
9883
يازما
4
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-3-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 14:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇدا مىڭدۇ( 名都)شىركىتى  قاچان جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟
ئاقسۇ شەھىرى جەنۇبى چوڭ كوچىدىكى ۋىلايەتلىك 1–ئوتتۇرامەكتەپنى خېلى كۆپ كىشى بىلىدۇ.مانا مۇشۇ مەكتەپنىڭ  كۈن پېتىش تەرىپىگە قارايدىغان بولساق 29قەۋەتلىك "海峡南苑“نامىدا ئېگىز بىر بىنانىڭ يېڭىدىن قەت كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.   بۇ بىنانى قەشقەر مىڭدۇ (名都)ئۆي مۈلۈك ھەسسە دارلىق شىركىتى مەبلەغ ۋە كۈچ  چىقىرىپ سالغان بولۇپ قاتناش ،بازار،مەكتەپ ، دوختۇرخانا قاتارلىق شارائىتلارنىڭ  ياخشىلىقى تۈپەيلى شەھەر ئىچىدىكى ئىستىمالچىلار بۇ ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئۆيلەرگە تىزلا تىزىملىتىپ توختام تۈزۈشۈپ سېتىۋېلىشقان ئىدى .بىراق كۈتۈلمىگەندە توختام بۇيۇنچە ئۆينىڭ پۈتۈش ،ئاچقۇچ تاپشۇرۇش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ ئەمما ئۆي ۋاختىدا پۈتمەي 150كۈن كىچىپ پۈتتى .شۇنىڭ بىلەن مىڭدۇ(名都) شىركىتى توختامدىكى "ئۆينىڭ پۈتۈش مۇددىتى  بىركۈن كېچىكسە سېتىۋالغۇچى تاپشۇرغان ئومۇمى پۇلنىڭ xx%تى  سېتىۋالغۇچىلارغا قايتۇرىلىدۇ"دىگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن 480نەپەر ئۆي مۈلۈك ئىگىلىرىگە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قارىتا ھەر بىر ئىستېمالچىغا  15000 -30000يۈئەنگىچە پۇلنى قايتۇرۇشقا توغراكىلەتتى. بىراق شىركەت تەرەپ تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ھازىرغىچە جاۋابكارلىقتىن ئاساسەن ئۈزىنى قاچۇرۇپ كەلدى .بۇ ئۆيلەرنى سېتىۋالغان مۇتلەق  كۆپ  ساندىكى ئىستىمالچى مۇشۇ ئاي كۈنلەردە شەھەرلىك ،ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ،ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۈكۈمىتى ،ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى  قاتارلىق ئورۇنلارغا قاتراپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغدىماقچى بولغان ئىدى . ئەپسۇس ...ئەرزىيەت ئورۇنلىرى مۇرەسسە قىلىپ شىركەتنىڭ ھەر بىر ئىستېمالچىغا ئاران1500يۈئەن پۇل قايتۇرۇپ بېرىدىغانغا كىلىشتۈردى (قايتۇرۇشقا تېگىشلىكسوممىنىڭ 5%تىگە ئاران يىتىدۇ) ئاقسۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىمۇ "يۇقۇرىدىن بېسىم"بار دىگەننى باھانە قىلىپ بۇ ئەنزىنى قوبۇل قىلمىدى ياكى قوبۇل قىلىشنى تاھازىرغىچە كىچىكتۈرۈپ كەلدى .ئالاقىدار ئەرزىيەت ئورۇنلىرى نېمىشقا ئىستېمالچىلارنىڭ50 %بولسىمۇ مەنپەتىنى ئويلاشمايدۇ ؟سوت نېمىشقا ئەرز قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ ياكى  كەينىگە سۆرەيدۇ؟ئەسلى مىڭدۇ (名都)شىركىتى ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتىدىن نەپ  ئالغان ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن نىزامغا ئاڭلىق بوي سۇنۇشى،بۇ جەھەتتە ئاقسۇ خەلقىگە ئۈلگە بۇلىشى لازىم ئىدى .بىراق بۇ شىركەت ئۆزى تۈزۈپ  قول قويغان توختامغا ،توختام قانۇنىغا ئەمەل قىلماي ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى كىشىلەرئىچىدە كەڭ كۆلەملىك بەس-مۇنازىرە ،نارازىلىق ،غۇل-غۇلىغا سەۋەپ بولۇپ شەھرىمىزنىڭ تىنچ ئىناق ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى .ئەمدىلا ئاياقلاشقان  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن پاكلىق قانۇنچىلىق ساداسى ياڭراۋاتقان ،ئىستىمالچىلار ھوقۇق  مەنپەتىنى قوغداش ئېيى بولغان بۇ مارت ئايلىرىدا 480نەپەر ئىستىمالچى  پۈتكۈل جەمىيەتكە شۇنداق خىتاپ قىلغۇمىز كەلدى؛"توختامغا خىلاپ قىلمىش ئىنىق ،جاۋاپكارلىق ئېنىق تۇرۇپ نىمىشقا بۇ ھەق تەلەپ ئەرزىنىڭ داۋاسىنى سورايدىغان ئورۇن چىقمايدۇ ؟قانۇن،سوت ،ئەرزىيەت تارماقلىرى ئاز ساندىكى پۇلدار شىركەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدامدۇ؟ ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ،ئاۋامنىڭ مەنپەتىنى قوغدامدۇ؟ مىڭدۇ (名都)شىركىتى نىمە ئۈچۈن ئۇچۇق ئاشكاراھالدا  توختامغا ئەمەل قىلمايدۇ ؟بۇ شىركەت ئاقسۇغا قانۇننى دەپسەندە قىلغىلى ، قانۇنسىزلىق ،ئىجتىمائى زىدىيەت پەيدا قىلغىلى كەلگەنمۇ؟ بۇ ھەق تەلەپ داۋاسىنى زادى قايسى ئورۇن سورايدۇ ؟زادى  بۇ جاۋاپكارلىقنى  مىڭدۇ (名都)شىركىتى  قاچان ئۈستىگە ئالىدۇ ؟!! بىز ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالاقىدار شەخسى ۋە ئورۇنلارنىڭ جەمىيتىمىزنىڭ تىنىچ ئىناقلىغى  ،قانۇننىڭ ئادالىتى ئۈچۈن بە ھەق تەلەپ ئەنزىسىگە كۈڭۈل بۈلىشىنى ،بىزگە ياردەم بىرىشىنى ،يول كۆرسىتىشىنى ئالاھىدە مۇراجەت قىلىمىز .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 17:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدا قانۇن قاچانمۇ قەغەزگە يېزىلغىنى بۇيىچە ئادىل ئىجرا بۇلار ؟بىزنىڭ زادى نىمە كۈچىمىز يىتىدۇ .قاچانغىچە جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى بىكتىپ بەرگەن ،قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن ھۇقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغدىيالماي يۇرىمىز.480كىشلىك بىر توپمۇ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان يەردە ،بىر ،ئىككى ئادەم قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى كۈچكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىنمۇ ؟شەھەرلىكلەر مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كىلىۋاتسا ،يېزىلاردىكى ساپاسى تۈۋەن دېھقان قېرىنداشلىرىمىز قانچىلىك بېسىم ۋە خورلاش ئىچىدە ياشاۋاتقاندۇ ؟يۇرتۇمدىكى دېھقانلار تا ھازىرغا قەدەر ھۈكۈمەتنىڭ زورلىشى بىلەن بىكارغا ھاشار سېلىقىغا چىقماقتا ،مەنمۇ دېھقان ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا دادامدىن مىراس قالغان 14مو دىگۋار يىرىم بار ،يىللىق ھاشار پۇلىغا 3000يۈەن تۈلەپ بىرەي دىسەممۇ كەنىت كومتىتى قۇشۇلمىدى .ئاڭلىسام باشقا دېھقانلار ئۆكتە قىلارمىش ،مەن يە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلماي ھاشارغا بېرشىم ياكى بولمىسا يرىمنى كەنىتكە تاپشۇرۇپ بىرشىم كىرەكمىش .يەرنى تاپشۇرۇپ بەرسەم مەن بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىلەن ئائىلىدىكى نەچچە جان ئادەمنى قانداق باقىمەن دىسەم ،ئۇنى بىز ئۇقمايمىز دەيدۇ ،بىر نەچچە ئايغىچە داۋالىشىپ يۇرۇپ ،ئاخىرى نەۋرە ئىنىم ھاشار مەجبۇرىيتىمنى ۋاكالىتەن تۈگىتىدىغانغا دىيشىپ كىشتۇق .بۇنداق ئىشلار قاچانمۇ تۈگەر.
ياردەم قىلالايدىغانلار بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشقا ياردەم قىلىڭلار .

باھا سۆز

yearn  بۇ يەرگە ئاز دىگەندىمى 30.000 تۆلەم بىرىدۇ ... تۇغۇندى بولسا باشقىچە ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 19:14:58

UID
15385
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 19:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇننىڭ بىزنىڭ رايۇنلاردا ئىجرا بولىشى بەك تەس ئوخشايدۇ،بىزنىڭمۇ 35يىللىق كۆتۈرە ئالغان يەر بار ئىدى،ھازىر بازار قۇرلۇشىغا لازىم بوپتۇ،يەرنىڭ ھەرمورىغا ئاران 300يۈەن تۆلەم بىرىمىز دەپ ئېلۋالدى،دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇشۇ توغرىسدىكى قانۇن سىياسەتلىرىنى كۆرسەتسەك،بۇنى كۆزىگىمۇ ئىلىپ قويمىدى.

UID
12794
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
83
تىزىملاتقان
2011-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 22:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم باشقا ۋىلايەتلەرگە بىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ.ئەھۋال قانداق؟سىلەرنىڭ قولوڭلارغا ئۆي تىخى ھەقىقەتەن ئىتتىك تىگىپتۇ.بىرەر يىلدىن كىيىن تەگسىمۇ ئامال يوق.

باھا سۆز

yearn  كىنىشكام چىققان بولسا ئۆزەم دەۋا ۋاكالەتچىسى بولدىكەن ....  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 19:13:00

UID
4242
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
534
تىزىملاتقان
2010-8-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 23:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە شۇ 480 ئادەم نوچى ئادۇۋكاتتىن بىرنى تېپىپ شۇنىڭغا دەت ئېيتىڭ ، ئادۇۋكات نوچى بولمىسا بىكا زادى ، ھەم قاتلاممۇ قاتلام ئەرز قىلىڭ ، ئوتتۇرا خەلق سوتقا ،ئاندىن يۇقىرى خەلق سوتقا ، ئالى خەلق سوت دىگەندەك ....  ئەڭ مۇھىمى ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ....

UID
49122
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-4-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 13:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىچاقنىڭ پىچاققا ئۇتىشى تەس ، لىكىن ياغاچقا ئۈتىۋېرىدۇ !!    خەن ، خەننىڭ قاياشى !!!

ئۈمىدلىك ئەزا

چۈشەنمىدىم

UID
16396
يازما
30
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
270
تىزىملاتقان
2011-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-23
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 17:27:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ،،،،

UID
47388
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 20:23:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ ئاقسۇدىكەنسىزھە .....
توۋە دىمىسىمۇ ئۇ بىنا نىۋاق قۇرلۇش باشلىغىلى بەك ئۇزاقتا پۈتتى دىسە .....
ئگەر شۇنىڭ ئورنىدا بىرەر ئاددىي پۇقرا بولغان بولسا بۇ ۋاققا نىمە قىلسا قانداق ۋاستە قوللىنىشتىن قەئىينەزەر جەرىمانە بولسا ئېلىپ بىر تەرەپ قىپ بولىدۇ ......
كونلىار توغرا دەپتىكەن ھاكىم ئوت قويسا كارى يوق پۇقرا شام ياقسا گۇناھ دەپ ....
ئىشقىلىپ ھەي سىزچۇ بەك بولمىسا شۇنداق قانۇن كلىتاپتىن بىرنى سېتۋىلىپ شۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇن نىزاملارنى كۈزىگە تىقىپ كىتاپنى كاللىسىغا ئېتىڭ تازا .....
قانۇن مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ...... نەدە ئۇنداق پۇلى بار ئادەمنىڭ ئازراق پۇلىنى خەقلاپ قۇيۇپلا دەۋەنى سورىمايدىغان ئىش بار ... چۇقۇم بىرەرسى ئوتتۇردىن نەپ ئالغان گەپ ..... شۇڭا يۇقىردىن بېسىيم بار دەيدۇ .....
قانۇننى نىمىشقا تۈزىدۇ ئۇنداق بولسا .....
سىزنى ئاپىرىپ بىر يەرگە سولاپ قۇيالمايدۇ ........ بەك بولمىسا بىر نەچچە ئادەم ۋەكىل بۇلۇپ ئاپتۇنۇم رايۇنغا ، مەركەزگە بېرىڭلار .... بۇ نۇقۇل پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس ، بەلكى ئىستىمالچىلارنىڭ ھۇقۇقىنى دەخلى تەرۇز قىلغانلىق .........
ئىستىمالچىلارنى ئۇنداق قووغدايمىز مۇنداق قوغدايمىز دەيدۇ مۇشۇنداق يەرگە كەلگەندە .... نۆلگە تەڭ ھەممىسى ........
بۇ قېتىم سىلەر يول قويساڭلار كىيىن يەنە باشقىلارنى بوزەك قىلىدۇ ... بىز بەك يامانكەنمىز دەپ ... باشتىلا يول قويماسلىق كىرەك ئۇنداق ئادەملەرگە .......

UID
10578
يازما
75
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
825
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 11:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنيىسى تېلىفۇنىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ باقمىدىڭلارمۇ ؟ ھازىر بۇ پىروگىرامما نۇرغۇن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى،سىلەرمۇ تېلېفۇن ئۇرۇپ سىناپ بىقىڭلار،
http://uygur.chinabroadcast.cn/7350/2007/06/27/1350@378718.htm
http://uygur.chinabroadcast.cn/7280/2012/04/06/Zt1349@436614.htm
0991-2572757
ئاڭلىتىلىش ۋاقتى:ھەركۇنى شىجاڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت7:30---8:30 غىچە

UID
49635
يازما
36
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2013-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-23 19:11:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   بۇ توختام ماجراسى .....

     
  توختامدا  ئالاقىدارلار  نىمە دىيىشكەن بولسا شۇ ھىساپ ..  ئايرىم بەلگىلىمە بولسا بۇنىڭ سىرتىدا ...

سىلەر .  ئەڭ ياخشىسى ..  دەلىل ئىسپاتلارنى تولۇق توپلاپ  سوت مەھكىمسىنىڭ مۇرەسسەسىگە

قوشۇلماي ئەرز قىلىڭلار ، سوت مەھكىمسى كۆپچىلىكنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ ..




                كۆپچىلىككە سەمىمىي تەكلىپىم ....

        بۇ يەردە قانۇن توغۇرسىدا ئۇنى ، بۇنى دىيىشمەڭ ،،،


             خاتالىشىپ قالىسىز ...


   قانۇن ھۆكۇمران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى بەلگىلەيدۇ ... قانۇنغا خەلق ئۆزى غوجا بولىدۇ ...

   قانۇننى ئىلان قىلغان مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىي داھىمىي كومتىىتى ۋە يىپىق كومتىىتى

   ھەرگىزمۇ ئىقى قەغەز ، قارىسى سىياھ  ئاقمايدىغان قانۇنلارنى ئىلان قىلمايدۇ ...

   



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش