كۆرۈش: 6812|ئىنكاس: 19

ھاراقكەش بوۋاق   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
294
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
296
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-8
توردا
265 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 00:57:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  
                                                   مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى     
   
                                                             (ھېكايە )
  
        مىنىڭ بىر نەچچە دوستۇم بولىدىغان ،بۇ دوستلار بىر يەرگە كەلسەك قىززىق گەپ ،چاقچاق  ،كۈلكە دىگەنلەر ئالدىمىزغا خۇددى ئانام ئەتكەن چۆچۆرىدەك تىزىلىپ كىتىدۇ   . ھەممىمىز يىغىلىپ قالغان گەپلەرنى بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تاماق كۆتۈرۈپ قاراپ تۇرغان  بىچارە جوزىغا  تۆكۈپلاۋىتىمىز . ياتاقتا ئىچىم سىقىلىپ ئولتۇرغان  بىر كۈنى ،بىر كىچىك يىغىلىش بار دەرھال كەل،  دەپ دوستۇم تىلفۇن قىلىپتۇ ،بۇ گەپ ماڭا مايدەك خوشياقتى .تىلفۇننى قويدۇم - دە ، كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپلا يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ ،چاچلارنى تارا -تارىمايلا  ئىشىككە قۇلۇپ سېلىپ ماڭدىم .
ــ ۋوي يولدا جىنغا يولۇقتۇڭمۇ نىمە ئاداش ؟بۈدرە چاچلىرىڭ  جىن يالىۋالغاندەك بەزى يېرى تاراقسىز ،بەزى يېرى تاراقلىق .ــ دېدى زىكىرىيا ئىسىملىك بىر يېقىن دوستۇم ئەمدى كىرگەن ئالدىراش ھالىتىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ .
ـــ شۇنى دىگىنە ،تاكسىدىكى كىراكەش جىنكەن ،چىشى ئوخشايدۇ،سىزنى سۆيۈپ قويايلا دەيدۇ ،ئىزا تارتىپ باشقا يەرگە قارىۋالسام ،يالىۋالدى ئۇ نۇمۇسسىز، ــ دېدىم ئولتۇرغاچ  چاقچىقىنى قايتۇرۇپ .
ــ بوۋاق بالىنى سۆيۈپ قالساڭمۇ ئىزا تارتىسەنغۇ سەن ھە ؟ ــ دېدى ئۇ يەنە چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ  .
ــ بوۋاق مەست بولسا ئىزا تارتماي سۆيىۋىرىمەن .ــ دېدىم- يۇ ،ئىچىمدە «ئاپلا ماۋۇ كوت-كوت ئېغزىمنى ،بۇ گەپنى قانداق يۇغۇشتۇرارمەن ئەمدى،بوۋاق قانداق مەست بولىدۇ ؟ ساراڭمۇ قىلماس بۇ گەپنى ،قانداق كاللامغا كىلىپ قالدى ئەمدى ؟»دەپ  ئويلاپ ئولتۇراتتىم كۈتۈلمىگەن  ئىش راسىت دىگەندەك يۈز بەردى .
ــ مۇنداق دە ،توختا ،بوۋاققا ھاراق ئىچكۈزۈپ مەست قىلىپ سۆيىمەن دىگىنە ؟ مۇشۇنداق قىلىپ بىر بوۋاقنى ھاراقكەش قىلىۋىتىپ ئۇنىڭ ئمىزگىسىنى ئىمىپ  بۇلماق يىيىشنى ئويلاۋاتامسە؟ ــ دېدى زىكىريا  بۇ گېپىمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ مەندىن يەنە  گەپ چىقارماقچى بولۇپ .
ــ بوۋاقمۇ ھاراقكەش بولامدۇ ؟ تۈزۈك گەپ قىلىڭلار بالىلار ،ئالىي مەكتەپ بالسىدەك  .ــ دېدى يېنىمىزدا ئولتۇرغان مەنمۇ كۆرۈپ باقمىغان بىر بالا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ.
ــ توختاڭ ،بار ،مەن دەل  مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان .ــ دېدى نۇرئەلى ئىسىملىك بىر دوستىمىز چىڭراق ئاۋازدا .
    ئۇ پۇشايمان قىلاي ،توختاپ قالاي  دىسىمۇ كىچىككەن ئىدى .بىز شۇنچە كۆزلەر ،ھەتتا بىز ئولتۇرغان ئاشخانا خوجايىنىمۇ بۇ جاۋابقا ھەيران بولۇپ ،بىزنىڭ يېنىمىزغا گەپ تىڭشاشقا كىلىپ  ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى .
  ــ سىلەر كۆپىنچە  غەلىتە ئىشلارنى يىزىدىلا چىقىدۇ دەيسىلەر ،لىكىن شەھەردىمۇ ئاز ئەمەس .
   بىزنىڭ ئائىلە قورۇسىدا ئۆيى بار  بىر  سائادەت ئىسىملىك ئايال  بولىدىغان ،ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن قوشۇلۇپ ئېرى ئالىمكام  قالتىس بىر ھاراقكەش ئىدى ،ئالىمكام بىر ئىدارىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىدى .بىز خۇدانىڭ كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە مەست ئەمەس كەلگىنىنى بىلمەيتتۇق ،ئۇ ئۆيگە كىرەتتى- دە خوتۇنىنىڭ بىر ئۇزۇن تىللىغان ئاۋازىنى ،ئاندىن نىمە بىلەن ئۇراتتىكىن ئۇ كاساپەت خوتۇن ،«پوڭ ،پوڭ» قىلغان ئاۋازلارنى ئاڭلايتتۇق .بىردەمدىن كىيىن ئۇلار توختاپ قالاتتى .ئەتىسى قارىساق ئالىمنىڭ چىرايى يارا بىلەن تولاتتى .
  سائادەت ئاچاش بولسا مەھەللىدە شۇنداق يۇۋاش يۈرۈيدۇ ،يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە دىگەن توغرا گەپكەن ،  دادامدىن ئاڭلىسام سورۇندا شۇنداق  ھاراق كۆتۈرۈپ قويىدىكەن ،ھەتتا ئەرلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بەستلىشىپ ئىچىپ قېلشتىن قورقىدىكەن .سورۇننى قىزتىدىغانمۇ ،ئەڭ ئاخىرىدا بۇزۇپ ھەممىنى سورۇنغا كەلگىنىگە تويغۇزىۋىتىدىغىنىمۇ يەنە شۇ  سائادەت ئاچاش ئىكەن .
    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سائادەت ئاچاشنىڭ قورسىقى يوغناپ قالدى .ئالىمكام گەرچە زابوي بولغىنى بىلەن ،بىزدەك ياش بالىلار بىلەن ئانچۇمۇنچە پاراڭلىشىپ سىر تۆكۈپ قوياتتى .لىكىن ئۇنىڭ ئايالى ئېغىر ئاياق بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇنداق سىر تۆكۈشلىرى ئازلاپ قالدى . لىكىنزە مۇشۇ ھاراقكەشلىكىنى تاشلىمىغان ئىدى . «خوتۇن قورسقى يوغان بولغاندىكىن ئۇرالمايدۇ» دەپ ئويلامدۇ ،ئىشقىلىپ خۇدانىڭ كۈنى مەست كەلگەن .ئالىمام بۇ يولۋاستەك خوتۇننى بوش چاغلاپ قالغان ئىدى .
   بىر كۈنى كەچتە قارىساق ساقچى ماشىنىسى سايراپ كەتتى،ھەممەيلەن بېشىمىزنى چىقىرىپ قارىدۇق،بىر ئەمەس ئىككى جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئىدى  ،كىيىن ئۇقساق ئالىمكامنىڭ بېشىغا سائادەت ئاچاش نۇغۇچ بىلەن ئۇرۇپ ئايلاندۇرىۋىتىپتۇ ،بۇ چاغدا قورسىقىدىكى ئېيى  توشۇپ قالغان بالا دادىسىغا ئىچى ئاغرىدىمۇ ،تولغاق تۇتقىلى تۇرۇپتۇ .شۇنداق قىلىپ سائادەت ئاچاش جىددى قۇتقۇزۇشقا تېلفۇن قىلىپتۇ .
   بالىمۇ تۇغۇلدى ،لىكىن بالا تۇغۇلۇپ نەچچە  ئايدىن كىيىن قاتتىق ھەيران قالارلىق بىر ئىش يۈز بەردى .بۇ ئەر خوتۇن شۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتىكى ،سائادەت ئاچاش بۇرۇنقى قونچاقتەك  مودا تارتىشماق كىيىمنى كىيىپ ،كاسسىىنى دوپپىدەك چىقىرىپ ،تولغاپ قاش كۆزلىرىنى ئوينىتىپ  ماڭىدىغان  ھالىتىدىن ھازىرقى شۇنداق تەقۋا ،ياغلىق تاقايدىغان ئۇزۇن يوپكىلارنى كىيىپ ، بىزنى كۆرسە تۆۋەنچە  سالام بېرىپ ،تىز ئۆتۈپ كىتىدىغان بۇرۇنقى ھالىتى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالدى .بىز« توۋا» دىيىشىپ ياقا چىشلەشتۇق . دادامدىن كىيىن ئاڭلىساق ئۇ سورۇندا ھاراق دىگەن نەرسىنى كۆرسە ئەكىرگەن شۇ كىشىنى تىللاپ ، ھاراقنى قايتۇرغۇزۇپ ،پۇلىنى ئېلىپ ،يەنە كۆپچىلىكتىن پۇل يىغىپ يىتىم-يىسىرلارغا ياردەم توپلاپ ،ياردەم قىلىدىغان ،رۇمكا دىگەننى يېقىن كەلتۈرمەيدىغان ، سورۇندىكىلەرگە ئەخلاق  ،ئىنساب ،دىيانەت ،دىن توغۇرلۇق نۇتۇق سۆزلەپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ . يەنە باشقىلار ھاراق ئىچىشكە چىڭ تۇرىۋالسا ئۇنى شۇ سورۇندا تۇرۇپلا رەسۋا قىلىپ تىللاپ ئادەم بولغىنىغا تويغۇزىۋىتىدىكەن .بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن سائادەت ئاچاش ھەتتا تىلۋىزوردا چىقىپ يۇرتىمىزدىكى مىھرىبان ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .
   ئەمدى گەپنى ئېرى ئالىمكامدىن ئاڭلىساق ،ئۇمۇ ئايالى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىپ ،جامائەتكە قېتىلىپتۇ ،ۋاقىت بولسىلا مەسچىتتە  ناماز ئوقۇيدىغان ،ھەقنى ياقىلايدىغان ،خوتۇنىغا ئوخشاش ھاراققا يېقىن يولىمايدىغان بولۇپ، خىزمەتنى ياخشى قىلغانلىقتىن يېقىندا ئۆسۈپتۇ .ئۇ ئىككىسى  يۇرداشلارنىڭ قىززىق تىمىسىغا ئايلاندى .زادى نىمە بۇلارنى مۇشۇنداق ھالەتتە ئۆزگەرتىۋەتكەندۇ ؟
   بىزنىڭ ئالىمكامنىڭ كەينىدىن نەچچە كۈن يۈرۈپ ئىز قوغلاپ سورىشىمىز نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۇق .
   بىر كۈنى ،بوۋاق  تېخى ئۆمىلەپ يۈرگەن ۋاقىتلار ئىكەن .ئالىمكام مەست ئۆيگە كەپتۇ-دە ،كارۋاتتا ئۇخلاپتۇ .سائادەت ئاچاش بالىنى يەردە ياتقۇزۇپ قويۇپ ،ئالىمكامدىن «ھېساب ئېلىش»ئۈچۈن توشەينى قولىغا ئېلىپ يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ .سائادەت ئاچاش ئۇرۇپ بولۇپ ھاسىراپ چىقسا بالا يوق تۇرغۇدەك ، ئۇ ئىزدەپتۇ ،پەقەت تاپالماپتۇ ،يىغلاپ يۈرۈپ بالىنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ . ئىشىك ئېتىكلىك ،بالىنىڭ قېچىپ كېتىشى مومكىن ئەمەس ، ئەجابا ئۇچۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ ئۇ يىغلاپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ كىتىپتۇ ،تۇيۇقسىز بىر ئىتنىڭكىگە ئوخشاش ئاۋاز ئاڭلانغۇدەك ، ھەيران بولغان سائادەت ئاچاش دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ قېتىپلا تۇرۇپ قاپتۇ.قارىسا بۇ بوۋىقى ھاراق بوتۇلكىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئىچىپ ئولتۇرغۇدەك ،ئۇ يۈگرەپ بېرىپ قارىسا بۇ ئۇنىڭ ئىككىنجى بوتۇلكا ئىچكەن ھارىقى ئىكەن .بۇ بوۋاق قانداق قىلىپ چوڭلاردەك ھاراق ئىچىدۇ ؟ ئۇ ھەيران بولۇپتۇ .شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكى پۈتۈن ھاراقلارنى ئېلىپ ئىگىز يەرگە ئېلىپ قويۇپتۇ .
   ئەتسى تۇيۇقسز  ئالىمكام ۋارقىراپ كىتىپتۇ ،قارىسا بوۋىقى ئۆمىلەپ يوتقان كۆپىلەرنىڭ ئۈستىدىن يامىشىپ .جاۋەنگە چىقىپتۇ-دە ، تامغا يۆلىنىپ چازانى قۇرۇپ  ئۆزىنىڭ  كىچىك ئايقىغا ھاراقنى قۇيۇپ ئىچكىلى تۇرۇپتۇ . تېخى خېلى پەيزى باردەك قىلىپ كۈلۈپ كەتكۈدەك . ئالىمكام دەرھال يۈگرەپ كىلىپ ھاراقنى ئېلۋاپتۇ ،لىكىن ئۇ بوۋاق يىغلاپ كىتىپ پەس بولماپتۇ . ئالىمكامغا نىمىلا بولمىسۇن تۇنجى پەرزەنت ئەمەسمۇ ، بۇنداق ئوغلى ھاراق ئىچكىلى تۇرسا كىممۇ چىدايدۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ئۆيدىكى ھاراقنى ئېلىپ ،بىر ئىشكاپقا سېلىپ قۇلۇپ سېلىپ  قويۇپتۇ ،ئەتىسى ئالىمكام  بالىنى بالدۇرراق كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيگە كەلسە ،سائادەت ئاچاش يىغلاپ ئولتۇرغىدەك ، ئۇلار ئۆينى ئىزدەپتۇ ،ئىزدەپتۇ ،لىكىن تاپالماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ بوۋاقنىڭ تۇغما ھاراقكەشلىكىنى ئەسكە ئالغان ئالىمكام ھېلىقى ئىشكابنى ئاچقان ئىكەن ،سائادەت ئاچاش ئايلىنىپ كىتىپتۇ ،ئالىمكام ئۆزىنى ئاران تۇتىۋاپتۇ .ھېلىقى بوۋاق چاشقان تىشىۋەتكەن ئىشكابنىىڭ كىچىك كامرىنى كىچىك پىچاق بىلەن كامار قىلىپ تىشىپ كىرىپتۇ ، بۇ كامار ئىشكابنىڭ كۆزگە چېلىقمايدىغان يېرىدىن بولغاچقا ئۇلار بۇنى كۆرمەپتۇ .ھېلىقى ھاراقكەش بوۋاق ساپساق ئۈچ بوتۇلكا ھاراقنى بىكارلاپ بولۇپ خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەن .كىچىككىنە بوۋاقنىڭ قانداقسىگە مۇنداق« ئىچەرمەن »بولۇپ كەتكىنىگە ھەيران قېلىشىپ ،دوختۇرغا بېرىپتۇ ،دوختۇرلار:« بۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ئىسپىرىتقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە يۇقرى ئىكەنلىكى ،ئەقلى قابىليىتىنىڭ چىكىنۋاتقانلىقى ، يەنە مۇشۇنداق بولسا بالىنىڭ كىرەكسىز بولۇپ قالىدىغانلىقى »نى دەپتۇ . ئۇلار تۆۋە دىيىشىپتۇ ،يىغلاپتۇ ،كىچىككىنە بۇ بوۋاقنىڭ ھاراقكەش بولۇش سەۋەبىنى ئىزدەپ ئاخىرى ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،شۇنداق توۋا قىلىشىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگىرىشكە قەتئىي بەل باغلاپتۇ .
   بىز جىمجىت بولۇپ قېلىشتۇق ، نىمە دەيمىز ئەمدى .خوجايىنمۇ بىر خىل بولۇپ قالدى . سورۇندىكى ھاراقلارنىمۇ قايتۇرىۋەتتۇق ،بىزغۇ كىچىك ،لىكىن  سەل قاراۋىرىپ ئاستا-ئاستا ھاراققا ئۈگەنسەك ،كۈنلەر ئۆتۈپ زابوي بولۇپ  چوڭ بولساق ،ئەجابا بىزنىڭمۇ ئاشۇنداق ھاراقكەش بىر بوۋاق بەرپا قىلغۇمىز بارمۇ ؟يەنە سەل قاراپ بۇنداق بوۋاقلار  كۆپەيسە ئۇلار  كۈنسىرى ئەقلى يوق بولۇپ،ئەۋلادلار ھاراقنى چاينىڭ ئورنىدا ئىچەر ،بىزنىڭ مىللەت دەپ سۆزلىگنىمىز كىتابلاردىلا قالىدۇ، خالاس .ئۇچاغدا يوقالغىنىمىز يوقالغان ،دىمىسىمۇ مۇشۇنىڭدەك ئەۋلادلار توغۇرلۇق  خېلى-خېلى  ئىشلارنى سەل چاغلاۋاتىمىز ،سەل چاغلىدۇق ،يەنە سەل چاغلىماقچى بولۇۋاتىمىز   . مىنىڭچە بىزلا ئەمەس سىزمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ .
   
                                                
                                                           
                                                        2013.04.18

                                                                                                                            (تىيەنجىن)         

UID
48487
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-23
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:58:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ھەجەپ يازىدىكەنلا ئۇكام!ئالىم-ھەم يازغۇچىمىز مەمىتىمىن ھۇشۇردەكلا يېزىپلا جۇما!يەنە كۆپلەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسىلا.

UID
47045
يازما
146
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
146
تىزىملاتقان
2012-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
299 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرسىيەت قاپتۇدە بىچارىگە

UID
46887
يازما
137
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-20
توردا
195 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 14:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دىگىنىڭىز راس دۇستۇم

UID
8444
يازما
102
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
2713
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-29
توردا
125 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 15:04:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بىچارە ، قانغا ئۆتۈپ كىتىپتۇ-دە.........ھەي توۋا..........

UID
11177
يازما
268
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1798
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2014-8-24
توردا
66 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 17:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، ھەقىيقەتەن بىز تۇرمۇشتا جىق مەسلىلەرگە سەل قارارۋاتىمىز، ئەڭ ياخشىسى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى‹~~!!

UID
47513
يازما
294
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
296
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-8
توردا
265 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:03:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salam234 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 17:21
ياخشى يېزىلىپتۇ ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت ، ھەقىيقەتەن بى ...

كۆپچىلىكنىڭ قوللىغىنىغا رەھمەت ،ئاللاھ خالىسا تېرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تېرىشىمەن .

باھا سۆز

ئادىلەخان  مەدەتلەردىن تېخىمۇ ئىلھام ئالغايسىز.   يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:04:59

UID
47513
يازما
294
تېما
40
نادىر
0
جۇغلانما
296
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2014-7-8
توردا
265 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
orhunogli يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 12:58
يا ھەجەپ يازىدىكەنلا ئۇكام!ئالىم-ھەم يازغۇچىمىز مەمىت ...

ماڭا بەرگەن يۇقرى باھايىڭىزغا رەھمەت ،لىكىن ئەسەرلىرىمنى  مەمتىمىن ھوشۇر نىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا تېخى يىراق .ئاللاھ خالىسا بۇ يازغۇچى ئالىمىزنى ئۈلگە قىلىپ ،مەنمۇ يېڭى بىر ئۇسلۇب يارىتىش ئۈچۈن تېرىشىمەن .

UID
49395
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 15:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مۇنداقمۇ ئىش باركەن ھە جاھاندا

UID
48985
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 18:45:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش