تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1077|ئىنكاس: 6

ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر نۇتۇقلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13103
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر 1-نۇتۇق

                                             تاھىر ئىمىن
        (ئۆز تۇرك شركىتى،بىرلىك كارخانا ستىراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھبەرلەر،ئۇستازلار،ۋە دوسلار!
ئۇيغۇرمىللى ئىگىلىكى-ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ يارقىن بىر بۆلىكى،ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى بولسا-ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەڭ ئەمەلى كۇچ چىقىرىۋاتقان بىر گەۋدە.جەمىيەت قاتلىمىمىز-مەمۇرىيەت قاتلىمى ، ئۇقۇمۇشلۇقلارقاتلىمى، شركەت ۋە يەككە تىجارەت قاتلىمى،قولىدا ئېقتسادى ۋە ئىلمى دەسمايە  بولمىغان ئشسزلار قاتلىمى ۋە دىھقانلار قاتلىمى دەپ قاتلاملارغا بۆلۇنسە،بۇلار ئىچىدە بىزنىڭ بىقىنىش دەرىجىمىزنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۇشۇرىدىغانلار كارخانىچىلىرىمىزدۇر.
ئۇلار ئەڭ جىددى مەسللەردىن بىرى بولغان ئشسزلىقىمىزنى تۇگىتىشكە كۆپ كۇچ چىقىرىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز مىللى ئىگىلىكىمىز،مىللى سانائىتىمىز ۋە مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ سۆڭىكى .ۋەھالەنكى،مۇشۇ كارخانىچلىرىمىز ئىزگۇ ئشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرش ئۇچۇن چۇشنىشكە ۋە قوللاشقا مۇھتاج.
‹بىرلىك كارخانا سىتىراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى› ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ تەرەققىيات سىتراتىگىسنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدۇ،شۇ يولدا ئوتتۇرىغا قويغان‹‹ ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر›› پائالىيتى ئارقىلىق ساھەلەر بويىچە يول ئىچىپ ئىلگىرلەۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزنى مۇناسۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا نەق مەيداندىن چۇشىنىدۇ،بۇگۇنكى دەۋر كىشلىرىگە ۋە كىينكىلەرگە دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر ئېقتسادى تارىخىمىزدىن ئۇچۇر بىرىدۇ،كارخانىچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ،كارخانىچىلار بىلەن كارخانىچىلار ،كارخانىچىلىرىمىز بىلەن ئېقتسادشۇناس مۇتەخەسسلىرىمىز،كارخانىچىلىرىمىز بىلەن كەڭ ئستىمالچى،جۇملىدىن ۋاكالەتچىلەر،كارخانىچىلىرىمىز بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۇچى ياشلار ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۇرۇشنى نشان قىلىدۇ.
كارخانىچى ئۈچۈن ئەڭ بىۋاستە تەشۋىقات پۇرسىتى ئاخباراتچىلار ئارقىلىق، تەرەققىيات ئەندىزىسى –تەتقىقاتچىلار ۋە پىكىرداشلار ئارقىلىق،مەبلەغ ياردىمى-ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ۋە مەبلەغچى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نشان قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق بىر پۇتۇن ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن ئەمەلى مەنپەئەت يارىتىشنىڭ ئاساسنى بەرپا قىلىدۇ.
بىز كۆپ ساھەنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن مىللى ئېقتسادىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىك كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز.كۆپچىلىككە رەھمەت.

                                                      2 -نۇتۇق

                                                  پەخرىدىن قارلۇق
                                    (قارلۇق شركىتى ئىجرائىيە باش مۇدىرى)


ھەر تۈركۈم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيمىز دىيىلگەن.بۈگۈن بۇ يەردە يەنە ئەھۋالىمىزنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغۇچىلارنى كۆردۈم ۋە ئۈمىدلەندىم .بۇنىڭغا جەم بولالىغىنىمدىن ئىپىتىخارلىنىمەن،بۇ سورۇننى تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرغان بىرلىك تەتقىقات مەركىزىدىن تاھىرجانغا ۋە مەغرىپ شركىتى رەھبەرلىكىگە رەھمەت ئىيتىمەن.

بۈگۈن –بارلىق تارىخىمىزنىڭ يەكۈنى،يەنى ئىلگىرىكى بارلىق خىزمەتلىرىمىز ۋە تاللاشلىرىمىزنىڭ يەكۈنى.كارخانا مەنىۋى مەقسىدى ۋە مەدەنىيتى بىز ئشلەيدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.ئۈچ ئادەم ئۇيۇشالايدىغان بىر كوللىكتىپ،مەڭگۈ ئىككى ئادەم ئۇيۇشالايدىغان كوللىكتىپتىن كۈچلۈك بولىدۇ،ھەر كۈن 12 سائەت خىزمەت قىلىدىغان بىر كوللىكتىپ مەڭگۇ 8 سائەت خىزمەت قىلىدىغان كوللىكتىپتىن كۈچلۈك بولىدۇ.
نەزىرىمىزدە،بىر كارخانا ۋەتەنگە ئوخشايدۇ.بىر ۋەتەننىڭ شان-شەرىپى ۋە كەلگۈسى مۇۋەپپەقىيتى ئۈچ تەرەپتىن كاپالەتلىك بولىدۇ.بىرىنچىسى ،ۋەتەن ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى،ئىككىنچىسى،مەدەنىيتى يەنى ئاساسى ئېقىم بىلەن مۇناسىۋەتسز مەدەنيەت كۈچى،ئۈچىنچىسى،يېڭى ئشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى.
مەنىۋى ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى-كۈچلۈك بېغىشلاش روھى بار كوللىكتىپنىڭ قۇرغان قۇرۇلمىسى،ئەخلاق ئاتموسفىراسى،ئادالەت سىتىسمىسى ۋە سىتىراتىگىيسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مەدەنىيتى –ئاساسى ئېقىمگە ئەگەشمەستىن يارىتىلغان خاسلىقىمىز ئاساسىدىكى كۈچلۈك قېزىلمامەدەنىيەت كۈچىمىزنىڭ ھازىرغا ماس رىئاللىشىشى ۋە قوللىنىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
يېڭى ئشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى-زامان بىلەن تەڭ ماڭغان،ئەڭ يېڭى سىستىمىلار –قوللانمىلاردىن پايدىلانغان ۋە ئىختىرا قىلغان،باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ئارتۇق خىزمەت سىجىللىقىدا ئشلىيەلەيدىغان كونكىرىت ئەمگەك كوللىكتىۋى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بىرلىك مىللى ئىگىلىك گۈللىنىشنىڭ ئاساسى.مىللى ئىگىلىك –بارچە ېقتساد،مەدەنىيەت ۋە مائارىپىمىزنىڭ –كەلگۈسىمىزنىڭ ،ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنىڭ ئاساسى.بۈگۈنكى بۇ سورۇندىكى ھەممىمىزنىڭ مىللى ئىگىلىك ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ئەجىر قىلغۇچىلاردىن بولۇشىمىزنى تىلەيمەن.ھەممىمىزگە كۈچلۈك ئۇيۇشالايدىغان روھ،مەدەنىيەت كۈچى ۋە يۇقىرى يېڭى ئشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى نىسپ بولۇشىنى تىلەيمەن.

(ئەسكەرتمە:بۇ نۇتۇقلار تولۇقى بىلەن ئەلكۇيىگە يوللاندى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12592
يازما
17
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2011-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 22:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى شۇ مىللەتتىكى سودا بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىلىرىنىڭ نوپۇستىكى نىسبىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەۋجۇدلۇق ئەمەلىي كۈچى بولسا شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قامداش ئىقتىدارى بىلەن ئەكس ئېتىدۇ. مەيلى ماركىسىزم ۋە ياكى باشقا پىكىر ئىدىيەلەر بولسۇن ھەممىسى ئىقتىساد ئاساس دىگەن ئىدىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئېنىقكى ئىقتىساد تەرەققىي قىلمىسا، باشقا مەنىۋىي تەرەققىيات ۋە مەۋجۈدلۇقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.  
بىراق ئەتراپىمىزغا قارىساق، كىشىلەرنىڭ سودا قىلىشقا نىسبەتەن ئىدىيىسى بىرئاز پاسسىپ، سودا قىلىشقا قارىغاندا بىرەر مۇقىم خىزمەت بولسا شۇنىڭغا بەكرەك يېپىشىدۇ. چۈنكى ئوزۇندىن بېرى سودىگەرلىرىمىزنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سودا دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەرگە ھەقىقىي مەنىدە يەتكۈزۈپ بېرەلمىگەنلىكىدە ۋە ئىقتىساد ئوقۇمىنىڭ ئوڭۇشلۇق توغرا تارقىلالمىغىنىدا. كۆپىنچە سودىگەرلەر يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇششاق تىجارەت باسقۇچىدا توختاپ قالغانلىقىدابولدى.
ئەرقال كاپىتالى دىگەندەك يېڭى تىپتىكى زامانىۋى ئۇقۇمدىكى شېركەتلەرنىڭ قۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ كۆڭلۈم بەك خوش بولدى. ئارتۇق سۆزلىمەي، ھەممەيلەننىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

UID
49240
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي بانكىمىز تىزەرەك قۇرۇلسا بۇلىتى.

UID
2091
يازما
1562
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50516
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 20:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ مىللى كارخانىچىلىرىمىز  تۈركۈملەپ مەيدانغا كەلمەكتە ، دۆلىتىمىز ئىچىدە شىرىكلىشىپلا قالماي چەتئەللەرگىمۇ قەدەم قويماقتا ، بۇ يۈزلىنىش ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتماقتا ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىز بىر قىسىم مۇنەۋۋەر كارخانىچىلاردىن پەخىرلىنىمىز .
   شۇنىڭغا ئەگىشىپ مىللى كارخانىلارنىڭ  ،ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى كىشىلەرنىڭ  چۈشىنىشى ئوخشاش ئەمەس ، مەسىلەن ؛ ئالايلى بازارلارغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە ماركا چاپلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا  بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرلىشى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلار بولۇپ خىزمەتچىلەرمۇ بىزدىن ئەمەسكەن ، ئورالغان سىرتقى قېپىنىڭ ماركىسىنى مىللىچە كارخانىلار بىۋاستە بويرۇتۇپ ئىشلىتىپ  قاچىلىتىدىكەن  دېگەندەك ھەر خىل سۆزلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە ، ‹ جامائەت پىكرى جاننى ئالىدۇ ، دېگەندەك بۇ سۆز چۆچەكلەر داۋاملىق تارقىلىپ يۈرىۋەرسە  مىللى كارخانىچىلىرىمىزغا ھاقارەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، مىللى كارخانچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ  چىقارغان زاۋۇت ۋە ئوراپ چىقىرىش ، بازارغا سېلىش جەريانلىرىنى تارقاتقۇلاردا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلسا  ئۇلارنىڭ تەرەقىياتى تېخىمۇ تېز بولىشى مۇمكىن .

UID
48064
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2013-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-18
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 13:59:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە  بىر  كارخانىنى   تەرەققىي  قىلدۇرۇش  ۋەتۇغرا  بولغان   ئاستىراتىگىيە    بەلگىلەش    بىىر  كارخانا
ئۇچۇن  نۇرغۇن    ئادەمنىڭ   ئەقىل   پاراسىتىنىڭ    ۋە  قولىشنىڭ    نەتىيجىسىدە   بارلىققا   كىلىدۇ

UID
49367
يازما
2
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-11
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقىتسادى بىلىمىلەرگە قىزىقىسىڭىز http://www.taxlapka.com/

UID
34340
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 14:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alma423 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 22:18
مېنىڭچە بىر مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى شۇ مىللەتتىكى سودا ب ...

پىكىرىنى قوللايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش