تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 6371|ئىنكاس: 66

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49174
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 15:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى بارىلىق تورداشلار،سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ قىززىقىدىغان بىر ساھەدە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،مۇشۇ پۇرسەتتە مىنى قولىغان ،دوسلۇرۇم  ھەم  ھەرساھە زاتلارغا رەخمەت ئېيتىۋالاي. ھەممەڭلارنىڭ تىنىغا سالامەت ئىشلىرىغا ئامەت نىسىپ بۇلىشىنى تىلەيمەن.

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز ھىس قىلغانلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.ئەڭ ئاۋال فىلىم ئىدىيىسى جەھەتتە ئورتاقلاشماقچى بۇلىۋاتىمەن.  چۈنكى ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلاشقان تەپەككۇر يۆلىنىشىدە ئۇمۇمىي ئىلغار ئىدىيە بولغاندىلا ئورتاق ئىتقاد ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىرىمىز  ئۈزۈمىزنى كونتىروللاپ ئۆزلۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق بىرلىكتە دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز.

u  ‹‹مىليون گۈل››فىلىمدىن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك ئىشلار.

l     چىن دوسلۇق ھەمدە ھەقىقىي ئەركەكلىك : ئەمىليەتتە ئىككىسى بىر گەپ. چىن دوسلۇق   ئەركەك دىگەن توپلامغا تەۋە تۈركۈم. بۇفىلىمنىڭ دەسلەپكى 4قىسىم بىلال ئوبرازىداچىن دوسلۇق گەۋدىلەندى دەپ قارايمەن.تۈرمىدىن چىققان كۈنى گەرچە دوستىنىڭ نامىزىغا سەل     كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ،بىراق دوستىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا دىگەن سۆزلىرى مىنىڭچە ئۈلۈپ كەتكەن دوستىنىڭ  دوسلۇق ھەققىنى رازى قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.ھەربىر كۈرۈرمەن بىلالنىڭ كىيىنكى ھاياتىنىڭ دوستى ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. (مىنىڭچە ھەربىر ئوغۇل بالا ئۈزىنىڭ شۇنداق ئاغىنىسى بۇلىشىنى ئويلايدۇ، شەخسەن مەن)

l          يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئاز بولمىغان ئەركەزاتلار ياشاپ ئۆتكەن، بىراق بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن جەمىيىتىمىزدە ئىتائەت دىگەن سۆز قوللاشقا ئاملاشتى،بىر تارىخ ھەۋەسكارىمىز يازغان مەلۇم ئەسەردىكى مۇنداق بىر يىغىنچاقلاش ئىسىمدە ‹‹ئەرلىك جاسارەتنىڭ ئورنىنى ئاياللىق نازاكەت ئىگەللەش››. بىرنەچچە ئاي بۇرۇن نەشىردىن چىققان ھەزەرتىئەلىنىڭ   ‹‹مەن بىلەن››ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ھەم شۇنامدىكى ناخشا،م   ت   ۋ نىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆپ قوللاشقا ئىرىشىشى ئىدىيەدە ئوغۇلبالىلىقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىدادەپ قارايمەن ئەلۋەتتە بۇخىل ئىدىيە ‹‹مىليون گۈل››دىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئۇرۇنلانغۇسى.



2-ۋاپا:  نۇرنىڭ  ئايالىي يۇلتۇز دەسلەپتە مەرھۇم ھالاپ جۈپتىگە قارلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئۆيدىن كۈچۈشكە ئۇنمايدۇ،بىراق بىلالنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن پەرزەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاندىن قۇشۇلىدۇ.

   

3-ساپ مۇھاببەت: ئەختەم بىلەن قىز دوستى ئارىسىدا ئەختەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان ئاۋارچىلىقلىرى بولسىمۇ بىراق سەلىمەنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى ئايللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.

4-ئۈمىدۋارلىق : باھادىر تۈرمىدىن چىققاندا گەرچە ئايالىي سوتقا ئاجىرشىش ئەزرى سىۇنۇپ     بالىسى ھەم ئىسكىلاتتىكى نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈمۈتسۈزلەنمەيھەممىنى ئېلىپبەدىن(0دىن)باشلىماقچى بۇلىدۇ. (رىئاللىقتىكى نۇرغۇن قىسمەتداشلىرىدەك ھاراقكەش بۇلۇپ كەتمەيدۇ)

5-رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى : شۆھرەت باي بىلەن ئەزمەت پۇل،مال - دۇنيا ئۈچۈنلا  ياشايدىغان،ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەملەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئادەم باشقۇرۇش  ئۇسۇلى ئۆزگۈچە.(ناھىيىە يېزا بازارلىرىمىزدىكى بىرقىسىم پىچىغى كەسمەيدىغان ھەم دائىملائەتە كەل دەيدىغان باشلىقلىرىمىزدىن ياخشى)

يوقارقىلار‹‹مىليون گۈل››فىلىمىدىكى مەن ياقتۇرغان كۈرۈنۈشلىرى ھەم دىئالوگلار.

        ‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ كۆرگەن بولسىڭىز  ئەسلى نەشىرنى سېتىۋالدىڭىزمۇ قانۇنسىز نەشىرنىمۇ؟نىمە ئۈچۈن؟باھاسى سىزنىڭچە نەچچە    پۇل بولسا مۇۋاپىق؟ مۇشۇ سۇئاللارغا ئىنكاس شەكىلىدە جاۋاپ قايتۇرساڭلار بۇلىدۇ!

  مەن ھۆرىيەت شىركىتىگە ۋەكىللىك قىلمايمەن بەلكى‹‹مىليون گۈل›› د  ۋ د پىلاستىنكىسىغا شۇڭا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرمايمەن.ھەممىىز ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى.

‹‹مىليون گۈل››نىڭ 1-2-3-4- قىسىملىرىنىڭ ھەممىنى تۇلۇپ كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر 3-4-قىسىملىرى قايتىدىن پۈتۈن شىنجاڭدا پارچە سېتىلىش باھاسى20 يۈەندىن بېكىتىلىپ   سىناق تەرىقىدە بازارغا سېلىنسا سېتىۋالامسىز؟ 1-2 قىسىملىرى(پارچە باھا 55 يۈەندىن) ئىلگىرى بەلگىلىك مىقداردا تارقىتىلىپ تۈگۈگەن( بەلكىم ئۇ چاغدا ھارام نەشىر تەرەققىي قىلمىغان ئوخشايدۇ)قايتا نەشىر قىلىشقا توغرا كەلسە ھازىرچە قالدۇق ئېھتىياج ئىنىق ئەمەس،3-4 قىسمىنى شىركەت ئوغۇرلۇچە نەشىر سەۋبىدىن سېتىشنى توختۇتۇپ يىغىۋالغان.شۇڭا بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىدە 20 يۈەندىن سېتىلىشقا پەقەت 3-4-قىسىملار قاتناشتۇرۇلىدۇ.

نىمە ئۈچۈن سىناق دىگەندە ھۆرىيەت شىركىتى فىلىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلاپ بۇلدى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى  5-ئاينىڭ  باشلىرىدا  بىز  بىلەن  يۈز كۆرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قېتىملىق 20 يۈەندىن سىناق تەرىقىدە سېتىش مۇۋاپىق بولسا   بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىمۇ مۇشۇخىل باھادا تاقىتىلىدۇ،ئەگەر بۇ باھامۇ قۇبۇل قىلىنمىسا   

ھۆرىيەت   شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن پىلاستىنكا تارقىتىش پىلانى ھازىرچە  يوق  ئىكەن  داۋاملىق   كارۋان تورى ياكى تاللا تېلىۋىزىيەدە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.                           

مىنىڭچە چۇقۇم پىلاستىنكا بازىرىمىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك.چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ كەڭ بازار،نۇپۇسىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە تور ياكى تاللا تېلىۋىزىيە ئۇمۇمىيلاشمىغان.يەنە كىلپ بۇ كىنونى كومپىتۇرنىڭ ئالدىدا ئەمەس بەلكى قانۇنلۇق نەشىردىكى پىلاستنكىنى   سېتىۋېلىپ ئائىلە بۇيىچە ئۆيدە كۈرۈشىمىز كېرەك،‹‹مىليون گۈل››فىلىمى جەمىيەت تەرەققىياتىمىزدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن تۇنجى فىلىم ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخرقى فىلىم ئەمەس. ‹‹تۈرمدىن قېچىش››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىر يۇرتىمىزغا تاقىتىلىشتىن بۇرۇن  بىزنىڭ ئۈن - سىن بازىرىمىزنىڭ ئاخرىقى باسقۇچى بولسا ئەمدى  ‹‹مىليون گۈل››   يېڭى باھارى بولغۇسى،كىنو كىشلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىر تۈرلۈك كەڭ   ئامىۋىيلىققا ئىگە سەنئەت.ھازىر بىزگە كىنو ئىشلەۋاتقاندىن ھۆرىيەت شىركىتىلا قالدى  . ‹‹مىليون گۈل››شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ئۇفىلىم مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان مىليون خەلىقنىڭ نىمە يەيدىغانلىقى؟نىمە كىيدىغانلىقى؟چىرايىنىڭ قانداقلىق؟مىللىي گۈزەللىك قارىشى ھەم  ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت،سىياىي مۇھىت قاتارلىقلارنى ساقلاپ قالىدىغان جانلق ۋاستە. .

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ 4-قىسىم  14:01 لۇق يېرىدە باش پىرسۇناژ بىلال دەيدىغان     مۇنداق بىر قالتىس سۆز بار‹‹مەن ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار›› توغرا بىز بۇئىدىيەگە  ئەگىشىشىمىز قوللىشىمىز كېرەك،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىمىزگە ئىشىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.  ئۆزگىلەر تەرەققىياتىدىكى يالتىراقلار بىزنى جەلىپ قىلىپ كەلدى،بىز ئۈزىمىزنى ئۇلارنىڭ     تاشلاندۇق فىلىملىرى(سودىگەرگە نىسپەتەن كىنوخانا ياكى تېلۋىزىيەدە قۇيۇلۇپ ئاللىقاچان   پايدىسى چىقىپ بولغان) ئارقىلىق ئەمەس  بەلكى  تارىخ  بېتىدىكى  ئۆز زامانىدا  ئەڭ ئالدىغا كەتكەن  بوستانلىق  مەدەنىيەتلىرىمىز   بىلەن ھاياجان ئىلكىدە پەخىرلىنىش  ئارقىلىق ھىس قىلمىز.   

ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولسا بىزنىڭ نېنىمىز بار،ئۇلارنىڭ ھامبۇروگ بولكىسى بولسا بىزنىڭ گۈش نېنىمىز بار.10 مىليون ئۇيغۇرمۇ ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار.

   كىنوچىلىقتا مەيلى كورىيەپەرەس، ياكى ئامىركا ياۋرۇپاپەرەس  ۋەياكى تۈركىيەپەرەس بۇلۇشىڭىزدىن  قەتتىي  نەزەر  ئۇنتۇپ  قالماڭكى  بىز جۇڭڭۇ  شىنجاڭلىق  مۇسۇلمان  ئۇيغۇر، بىزنىڭمۇ  كىنوچىلىقىمىز بۇلۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

    ئاناتىل ــ ئاسسىلماتسىيەگە(يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بۇلۇش جەريانى) قارشى ئىمونىتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇمۇمىي پىكىر ھالىتىدە ھىس قىلىپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق مەنىۋىيەت بىز ئۈچۈن راستىنلا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ.     ئۈن-سىن بازىرمىزغا نىسپەتەن يىلدا مۇقىم پەقەت  بىرلا  پىلاستىنكا چىقىۋاتقانلىقى(ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېپىزوت كېچىلىكى) بىز دۇچ كەلگەن كىرزىسنى   ئىپادىلەيدۇ.بۇ راستىنلا تارىخىمىزدا قالغۇدەك ئىش،ئاچچىق كىنايە. مەنەۋىيىتىمىز خۇددى ئۇزۇن  يىل قۇرغاقچىلىق بولغان زىمىندىكى سۇسىز ئېتىزدەك چاك-چاك..يېرىلماقتا، بىز بۇنى يۇرۇت-  يۇرۇتلارغا  ئىنتايىن  كەڭ  ئۇمۇمىيلاشقان  ئىلىكتىرونلۇق قىماخانلارنىڭ  كۇنۇپكا  تاختسىنڭ توختىماي بېسىلىشىدىن چىققان تاك-تاك....ئاۋازلاردىن ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

ھازىرقى ئۇمۇمىي ھالەتتىن ئېتقاندا خەلىق تەلىپى يۇقۇرىي بۇلۇپ ئۆزگىلەر ئارقىلىق كىنوچىلىق  ئىستىمالىمىز بەلگىلىك يۇقۇرىي كۆتۈرۈلدى. شۇڭا بىزنى زامانغا ماس ھالەتتە ئىشلەنگەن ئۈلگە خارەكتەرلىك كۈرۈنۈشلەر يىتەكلىشىى كېرەك.‹‹مىليون گۈل››  فلىمىنىڭ  تۇنجى  قىسىم  ئېلان فىلىمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا روھىيەت ۋاراقلىرىم قات-قېتىدىن سۈيۈنۈپ فىلىم ئېلاننىڭ   ئۈزۈنىلا     بىرنەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم.رىقاببەت ۋە ھەرخىل كىرزىسلاغا تولغان بۇ زاماندا  ئوخشاش پىكىر يۆلىنىشىگە ئىگە بۇلالىساقلا سۈيۈنچە ئىلكىدە ياشىيالايمىز، ھەقىقەت  زاماندىن  ھالقىغان ئىتقادىمىز ئۈچۈن ئېتقاندا پەقەتلا بىر. ئوغۇزخاقان قويغان خاس نامىمىزغا پىداكار بۇلىشىمىز كېرەكلىكى  كىملىكىمىزگە يىزىلغان ھايات ھەققىمىزــ قىيامەتلىك قەرەز.ئويغۇر دىگەن سۆزنىڭ   ۋەزنى ھەرگىزمۇ 6 ھەرىپنىڭ قۇشۇلشىدىن بەلكى  10 مىليون خەلىقنىڭ  بىرگەۋدىلىشىدە  ئپادىلىنىدۇ.

مەن ئىلگىرى توردىن بىر ماقالە ئۇقۇغان ئۇنى ئوغۇرلۇقچە نەشىرگە تەمسىل قىلاي:

‹‹بىر يەھۇدى ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرسى ماشىنا  يۇيۇش  ئورنى، يەنە  بىرى  ئاشخانا،يەنە باشقا بىرى مىھمانىخانا،  شۇنىڭ بىلەن ئۇجاي ئاۋات بازار بۇلۇپ شەكىللىنىپتۇ.››

ئەگەر ئۇنى جۇڭڭۇلۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا،بىر جۇڭڭۇلۇق ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچسا     يەنە بىرىمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچىدىكەن،  شۇنىڭ  بىلەن  ئىككىسىدىن  بىرسى  ۋەيران بۇلىدۇ.    مەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باختىم.   چۇقۇم بىر ئۇيغۇر  ماي قاچىلاش  پونكىتى ئاچسا سىزنىڭچە يەنە بىر قېرىندىشىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مىنىڭچە ئۆزەمنىڭ يۇرتىدىن  ئېلىپ ئېتقاندا چۇقۇم ساختا ماي ساتىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى  ئىجدىمائىي رىئاللىق،ھەركىم ئۆز   قازىنىنىڭ،ئۆز تۇرمۇشىنىڭ غېمىدە.

        يۇقارقىي مىسالنى سالاھىيەت جەھەتتى مەدەنىيەت،مەنىۋىيەتكە تەمسىل قىلىشقا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ،بىراق مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئۇنۇڭدىن ياخشى مىسال تاپالمىدىم. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمىغاندەك ھەممە ئىش نۆۋىتىدە بۇلىدۇ.مىنىڭچە ھازىرقى نۆۋەت كىنونىڭ.تورداشلا تاپقان بۇيىلقى ئەڭ مودا سۆز‹‹ئۆزەڭنىڭ تىلىدا سۆزلە!››گە قۇشۇمچە قىلسام ئۆز تىلىلىڭدىكى كىنونى كۆر،ئۆز چولپۇنىڭنى قوللا!!!! «قول قولنى يۇيسا،قول كىلىپ  يۈزنى يۇيۇىدۇ›› .ئەمەسمۇ.

ئەسكەرتىش: مەن  ھۆرىيەت  شىركىتىگە  ۋەكىللىك  قىلمايمەن   بەلكى  ‹‹ مىليون گۈل››    پىلاستىنكىسىغا،بۇقېتىمىلق 20 يۈەندىن بازارغا سېلىشقا پەقەت 3-4-قىسمىلا قاتناشتۇرۇلىدۇ،   (سەۋەبىنى يۇقۇردا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن) مىنىڭچە بۇ  بىزنىڭ ئادەملەرىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان  باھا،قوللاش-قوللىماسلىق  يەنىلا  سىلەرنىڭ  ئىلكىڭلادىكى  ئىش. ئەگەر  بۇقېتىمقى  سىناق  مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا پاتئارىدا چىقىدىغان كىيىنكى قىسىملىرى مۇشۇ باھادا تارقىتىلىدۇ، ئەگەر    يەنىلا قۇبۇل قىلىنمىسا ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش پىلانى ئۇزاق مەزگىلگىچە يوق ئىكەن.

توپ تارقىتىش مەخسۇس لىنيەسى:

15894600441

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 18:48  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49174
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 15:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇيغۇر كىنوچىلىقى توغرىسىدىكى بۇ تېما توغۇرلۇق ھەم ‹‹مىليون گۈل››د ۋ  د پىلاستنكىسى(باھاسى ياكى سېتىلىش) توغۇرلۇق ھەرقانداق پىكرىڭلار بولسا ئىنكاس شەكىلدە قايتۇرشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، مۇۋاپىق بولغان پىكرىڭلار سەمىمىي ئويلۇشۇلىدۇ ھەم ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ.

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 16:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ بۇ پىلاستىنكىنى تېخى كۈرۈپ باقمىدىم . كۆرگەنلەر بەك ياخشىكەن دەيدۇ ، ئەلۋەتتە 100 ئادەمنىڭ ئىچىدىن 80 ئادەم ياقتۇرسا يەنە 20 ئادەمنىڭ ياقتۇرمايدىغىنى ئېنىق ...
كىيىن بىر مەزگىل نەشردىن توختاپتۇ ، كۈچۈرۈلمە نۇسخىسى كۆپىيىپ كەتكەچ ئىقتىسادىي قىممىتى كىنوغا كەتكەن چىقىمنى كۆتۈرەلمەپتۇ دىگەندەك گەپنى ئاڭلىغان ...
لىكىن بۇ گەپ راسمۇ يالغانمۇ بىلمەيمەن ، لىكىن ھازىر بۈگۈن بىر پىلاستىنكا نەشىردىن چىققان بولسا ئەتىسىگىلا شۇنىڭ كۈچۈرۈلمە نۇسىىسى بازاردا تۆكمە بۇلۇپ كىتىدۇ ... بۇنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى ... يەنىلا شۇ ئارمىزىدىكى باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشنى ياقتۇردىغان بىرقىسىم سۈيۈملۈك كىشلىرىمىز ....

شۇڭا ... بىزنىڭ سەنئىتىمىز تەرەققىي تاپمايۋاتىدۇ ، ئەمدى بىر تەرەققىي قىلاي دىسە ... بىرىسى چىقىپلا ئوتتۇردىن نەپ ئېلىپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى يوققا چىقىىرىپ ....ھەي نىمە دىگۈلۈك ...
شۇڭا بىز تۈكىيەنىڭ ، ئامىرىكىنىڭ ، ھىندىستاننىڭ كىيىملىنى بەك كۈردىغان بۇلۇپ كەتتۇق ...
مىنىڭچە بىزنىڭ شنجاڭ فىلىملىرىدىن بەكرەك چەتئەل كىنولىرى ۋە چەتئەللىك كىنو چولپانلىرى بەكرەك كىنو ھەۋەسكارلىنىڭ ئىسىدە بارمىكىن دەيمەن ....

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-16 16:11):
كىنو دىگەن خەت كىيىملىنى بوپ قاپتۇ ...

UID
7940
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
501
تىزىملاتقان
2010-12-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 16:13:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا بۇ فىلىمنىڭ سېتلىش باھاسى ھەربىر قىسمى 10يۇۋەندىن بۇلامدۇ؟بۇ نەچچە قىسىملىق كىنو دۇ؟

UID
13396
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-30
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:00:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن بۇ كىنۇنى ..كۆرمەپتىمەن .كۆرۈپ باقسام بولغىدەك .

UID
33491
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى كۆرگەن، بىر خىل ھاياجان ۋە زارىقىش ئىلكىدە تۇرۇپ كۆرۈپ چىقتىم، مىنىڭچە قىسمەن جايلاردىكى ئۆز ئاۋاز سەل پەس، قۇلاقنى يىقىپ دىگىدۈدەك ئاڭلىمىسا ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن، باھاسىغا كەلسەك بىشىدا 20 يۈەندىن سىتىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ، چەت يېزا بازارلارغا نىسبەتەن 10 يۈەن بولسا بولامدىكىن دەيمەن. قىرىنداشلار ئىنكاسىڭلار قىنى، ئۇنداق قىلماڭلار، ئانا تىلىمىز، ئانا مەدەنىيتىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى، شۇ يولدىكى مەدەت بىرەيلى!

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-16 18:24):
شۇ يولدىكىلەرگە مەدەت بىرەيلى!

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
190
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4450
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
31 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سورەتلەرگە قارساق مەشھۇر ئەرتىسلەرنىڭ ھەممىسى توردىغۇ ؟ ئۆ زىمىزنىڭ مىلىتىنىڭ ،ھەم ئۆ زىمىزنىڭ تۇرمۇش كارتىنسى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ، مېنىڭچە چۇقۇم بەك ياخشى فىلىم ، كۆ رۇپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ ، سىڭلىم بەك ياخشى ئىشلەپتۇ دەپ ماختاۋاتاتتى . ئەمدى بولسىمۇ كۆ رۇپ باقساق بولغىدەك .

UID
47449
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنوغا قىزىقمىدىم ..........
ئامىرىكا ئىشلېگەن ۋلىۋودنىڭ مانچە مىليۇن دوللار سەرىپ قىلىپ ئىشلىگەن كىنولارنى بۈگۈنى ئىلان قىلىپ كىنوخانىلاردا قۇيۇلسا ئەتىسى چاي دەملەپ قۇيۇپ توردا كۈرىمىز ........
ما ئۈزىمىزنىڭ ئادەملىرى ئىشلىگەن كىنونى ھازىرغىچە تۇلۇق بىر قىسىممۇ كۈرەلمەۋاتىمىز .......

باھا سۆز

strella  ۋەەەەەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 23:51:15

UID
39040
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-6-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 19:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى   ، لىكىن  باھاسى مىنىڭچە ھىچ بولمىسا 4-6غىچە قىسىمى 20يۇئەن بولسا مۇۋاپىق  

UID
11177
يازما
226
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1756
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ فىلىنمىڭ بىر قىسىمىنى كۆرۈپ چىققان  مىنىڭچە بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، ئارتىسلارنىڭ رول ئىلىش ماھارىتى ھەم كۆرۈنۈشكە ئېلىش شۇنداق ياخشى ئىشلىنىپتۇ بۇ تەرەپلىرى مىنىىڭچە چەتئەل فىلىملىرىدىن ھەم تۈركىيە فىلىملىرىدىن قېلىشمىغۇدەك ،  ھەم كىنودا چاكىنا كۆرۈنۈشلەر ھەم يوق بۇ كىنونىڭ ياخشى باھاغا ئىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەدى باھاسىغا كەلسەك 20 يۈەن بولسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن ھەم كۆچۈرۈپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش كىرەك .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش