كۆرۈش: 2032|ئىنكاس: 5

قۇرئان كەرىمدە «ئۆلۈم»توغرىسىدىكى ئايەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14082
يازما
8
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
128
تىزىملاتقان
2011-8-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 00:36:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇلارغا: «ئەگەر ئاخىرەت يۇرتى (يەنى جەننەت) اﷲ نىڭ قېشىدا (سىلەر گۇمان قىلغاندەك) باشقىلارغا ئەمەس يالغۇز سىلەرگىلا خاس بولسا (سىلەرنى جەننەتكە ئۇلاشتۇرىدىغان) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار! (جەننەت بىزگىلا خاس دىگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار» دېگىن.
ئۇلار قىلغان يامان ئەمەللىرى سەۋەپلىك ئۆلۈمنى ھەرگىزمۇ ئارزۇ قىلمايدۇ. اﷲ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
ئۆزلىرى مىڭلارچە تۇرۇقلۇق ئۆلۈمدىن قورقۇپ يۇرتلىرىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر دىن خەۋرىڭ يوقمۇ  اﷲ  ئۇلارنى «ئۆلۈڭلار» دېدى (ئۇلار ئۆلدى). ئاندىن كېيىن اﷲ  ئۇلارنى تىرىلدۈردى اﷲ  ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (اﷲ نىڭ نىئمىتىگە) شۈكرى قىلمايدۇ.
پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلەشكەن اﷲ نىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد)نى كۆرمىدىڭمۇ  ئەينى زاماندا ئىبراھىم (اﷲ نىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ بىرىنى ئۆلتۈردى بىرىنى قۇيۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىگىنى كۆرۈپ): «اﷲ  ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەرپتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى اﷲ  زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار (ئەمدى نېمىشقا مەغلۇپ بولۇسىلەر ).
ئى مۇئمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار اﷲ  بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ  تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالمايدۇ). اﷲ  قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
(بۇ يەنە اﷲ نىڭ) ئۇرۇشقا چىقىشنى خالىمىغان (مۇناپىقلارنى ئايرىشى ئۈچۈندۇركى ئۇلار ئۆيلىرىدە) ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇئمىنلەر) بىزگە بويسۇنغان بولسا (يەنى نەسىھىتىمىزنى ئاڭلاپ ئۇرۇشتىن قايتقان بولسا) ئۆلتۈرۈلمەيتتى» دېدى. (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى «(ئەگەر ئۇرۇشقا چىقماسلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بولسا) ئۆلۈمنى ئۆزەڭلاردىن دەپئى قىلىپ بېقىڭلار ئەگەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار».
ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ كىمكى دەۋزەختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ).
اﷲ  قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر اﷲ  ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ اﷲ  ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ئەمدى تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كافىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئىېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق.
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار ناماز ئوقۇڭلار زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ  (يەنى ئۇلاردىن ئەجەپلەنمەمسەن ) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا اﷲ  (نىڭ ئازابى)دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىن بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ  نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ  (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى )» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «دۇنيانىڭ مەنپەئەتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نىئمىتى پانىيدۇر) (اﷲ دىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)».
قەيەردە بولماڭلار (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ اﷲ دىن بولدى» دەيدۇ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىسە «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى)» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ  تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ  ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ اﷲ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ.
ئى مۇئمىنلەر! ئاراڭلاردىن بىر كىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى گۇۋاھ بولسۇن ياكى (ئۆز دىنىڭلاردىكلەردىن گۇۋاھ بولىدىغان ئىككى كىشى تېپىلمىسا) غەيرى دىندىكلەردىن ئىككى كىشى گۇۋاھ بولسۇن ئەگەر سىلەر سەپەردە بولۇپ بېشىڭلارغا ئۆلۈم دەھشىتى كەلگەندە سىلەر (بۇ ئىككى گۇۋاھنىڭ راسىتچىللىقدىن) گۇمانلانساڭلار نامازدىن كېيىن ئۇلارنى ئېلىپ قېلىڭلار ئۇلار:«بىز پايدىسغا قەسەم قىلىدىغان كىشلەرمىز بىزنىڭ يىقنىمىز بولغان تەقدىردىمۇ قەسىمىمىزنى ھېچ نەرسىگە ساتمايمىز خۇدالىق ئۈچۈن بولغان گۇۋاھلىقنى يۇشۇرمايمىز. ئەگەر ئۇنى يوشۇرساق بىز ئەلۋەتتە گۇناھكارلاردىن بولىمىز» دەپ اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن.
اﷲ  بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى اﷲ  بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر) ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان- ئەتكەننى خاتىرلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى)ئەۋەتىدۇ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ.ئۇلار (اﷲ نىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ .
ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزەڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن.
ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلۋاتقاندەك ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چېقىش مەسلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرلىشىدۇ.
(ئۇنىڭ ئاچچىقلىقىدىن) ئۇنى يۇتۇملاپ ئېچىپ تەسلىكتە يۇتىدۇ ئۆلۈم ئۇنى قورشىۋالىدۇ لېكىن ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن.
اﷲ  سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلارنى) قىلىپ بەردى سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يېنىكلىكىنى ھېس قىلىسلەر سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازىلىرىنى (يەنى سىلەر كىيدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (يەنى ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگىچە) پايدىلىندىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى.
ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق ئۇلارنىڭ بىرى«(بۇ غاردا) قانچە ئۇزاق تۇردۇڭلار »دېدى. ئۇلار:«بىر كۈن ياكى بىر كۈنىدىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى.ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق بىز ھازىر ئاچ) بىرىڭلار بۇيرۇڭلار بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ كىمنىڭ تامىقى پاكىز بولسا ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋىلىپ ئېلىپ كەلسۇن ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلىسۇن سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن.
ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز).
ئۇلارنىڭ (يەنى كافىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇركى «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن.
(ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ).
ھەربىر جاندار ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلۇسىلەر.
ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر».
ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا اﷲ  ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دەۋزەخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ.
ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ اﷲ  ئۇلارنى دەۋزەخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.
مۇئمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرە قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى » دەيدۇ جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ئۇلار اﷲ غا سادىق بولۇشقا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى .
ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى (يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ) سەن ئۇنىڭدىن (يەنى ئۆلۈمدىن) قاچاتتىڭ.
بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرىدىن)ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ  ؟
بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق) سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز.
ئۇلار مۇئمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ مۇئمىنلەر: «شۇنداق لېكىن سىلەر ئۆزەڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ لېكىن ئۆزەڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار مۇئمىنلەرگە بالايى ئاپەت كېلىشنى) كۈتتۈڭلار (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار (اﷲ نىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدېدى تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى شەيتان سىلەرنى اﷲ نىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدېدى» دەيدۇ .
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس پەقەت ئۈزەڭلارنىلا اﷲ نىڭ دوستلىرى دەپ داۋا قىلىدىغان بولساڭلار (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تىزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار ئەگەر (بۇ داۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار».
ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ اﷲ  زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.
(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (اﷲ ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر اﷲ  سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن .
بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مىنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارغا رىزق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار .
سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ  ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى اﷲ  غالىبتۇر (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.
(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ  (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۇئمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى تەخىر قىلىپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا (سىلەرگە نېمە پايدا بار) كافىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ ».


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1416
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
43151
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
52 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 12:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،،،،،،ئۆلۈمدىن ھىچقانداق ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،،،ھازىر  ھەممىمىز  ئاخىرەت سەپىرىگە مېڭىش بېكىتىدىكى  بېلەت ساقلىغۇچىلار،،،،

UID
49173
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 13:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرەت توغۇرلۇق  دەرىسلىك :
http://bbs.misranim.com/thread-102383-1-1.html

UID
49173
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 13:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atikam1 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 12:20
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ،،،،،،ئۆلۈمدىن ھىچقا ...

http://bbs.misranim.com/thread-102383-1-1.html

UID
53300
يازما
25
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
25
تىزىملاتقان
2013-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 14:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلىمگە ھەر كۇنى  -   يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىمىز.

UID
2091
يازما
1567
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50521
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 18:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بۇ دۇنياغا پەقەت بىر كارۋان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش