كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 10

تويى بۇزۇلغان خوراز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
47513
يازما
246
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
246
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 21:15:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
                                            مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى
                                                  
                                                  (مىكرو ھىكايە)

       مەھەللىمىزدە «ئەمەت خوراز» دەيدىغان بىر ئاتا مىراس خورازۋاز بار ئىدى .بىر كۈنى قارىسام مەھەللىدىكى ياش بالىلار بىر ياغاچ ساندۇقتەك نەرسىگە ئىككى ياغاچنى ئۆتكۈزۈپ مىخلاپ ،ئۈستىگە قىزىل لاتا ئارتىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قارا قىزىل خورازنى تۇرغۇزۇپ ،ۋارقىراپ توۋلىشىپ كىلىۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ ئالدىدا كىلىۋاتقان ئەمەتكام خوراز خۇشاللىقىدىن ھېجىيىپ ئوتتۇز ئىككى چىشى چىقىپ قالغىلى تاسلا قاپتۇ .ئەسلىدە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان خوزار سوقاشتۇرۇش مۇسابىقىسىدە ئەمەتكامنىڭ خورىزى چىمپىيون بولغان ئىكەن .ئۇ خوراز تاجىللىرىنىڭ قان بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي شۇنداق غادىيىپ تۇرۇپتۇكى، بوينى يەنە ئۇزۇنراق بولغان بولسا قۇيرۇقىغا تىگىپ قالاتتى .تىزلا بۇخوراز مەھەللىدىكىلەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى .
      «ئەمەتكام خورازغا لايىق تاللايدىكەن »،دىگەن سۆز بىردەمدىلا ھەممە يەرگە پۇر كەتتى .شۇ كۈنلەردە خورازغا لايىق يارىمايۋاتاتتى .ئۇ خوراز ئۆزىمۇ مەھەللىنى پۈتۈن كېزىپ ئۆزىگە لايىق مىكيان تاپالمىغان ئىدى .
         بىر كۈنى ئەمەتكام كوچا دوقمۇشىدا بىرنەچچىمىز بىلەن ئۇچىراشقاندىمۇ ئالدىراشلا ماڭغان ئىكەن،ئۇ قىسقا قىلىپ :«خورازجانغا لايىق ئىزدىشىپ بەرگەن بولساڭلا ئۇكام»دىگەن ئىدى.مەن بۇ گەپتىن كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەھەللىمىزدە خوراز توغۇرلۇق ھەرخىل  غەلىتە ئىشلار تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى.
      بىزنىڭ قوشنا مەھەللىدە بىر تۇغقىنىمىز بولىدىغان ،بىر نەچچە كۈندىن كىيىن مەن ئۇ تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ كىلىپ قارىسام ئەمەتكام ئولتۇرۇپتۇ، مەن ھەيران بولۇپ بىر قۇر ئەھۋال سۈرۈشتۈردۈم.ئەسلىدە ئەمەتكام ئۇلار بىلەن خورازنىڭ توي ئىشى توغۇرلۇق كەلگەن ئىكەن.خوراز لايىق ئىزدەپ مۇشۇ كەمبەغەل تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ئىكەن ،بىر مىكياننىڭ باشقا مىكيانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ كەينىدىن كەپتۇ ،قارىسا ئۇ مىكيان دەل مۇشۇ قوشنىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قەپەسكە كىرىپ كىتىپتۇ .ئۇ خوراز مىكياننى كۈزىتىپتۇ  ،قارىغانسىرى قارىغۇسى كەپتۇ ،يېقىنلىشىپ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپتۇ ،لىكىن يۈركى بىردىنلا تىز سوقۇپ بىر ئېغىز «قىق»دىيەلمەپتۇ .
     شۇ كۇنىدىن باشلاپ ئۇ خوراز ھەركۈنى ئەمەتكامنىڭ ئۆيىدە جىق تۇرماس بولۇپ قاپتۇ .ئۆيدە تۇرسىمۇ  ئۆز-ئۆزىگە بىر نىمىلەرنى دەپ مەستەك يۈرۈيدىغان بولۇپ قاپتۇ . لىكىن بارغانسىرى تاماقنى جىق يەيدىغان بولۇپ كىتىپتۇ .ئەمەتكام كەلسە سەكرەپ كىتىغان خوراز ھېچنىمىگە پەرۋاسىز بوپ قالغانلىقىدىن ئەمەتكام قاتتىق ھەيران قاپتۇ -دە،بىر كۈنى كەچتە خورازنىڭ كەينىگە چۈشۈپتۇ ،ئۇ خوراز دەل ھېلىقى مىكياننىڭ قەپىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ،ئېغىزىدىن تاماقلارنى قۇسۇشقا باشلاپتۇ ،مىكيان «سىزمۇ يەڭ ،بىللە يەيلى»دىگەندەك خورازغا ئىشارەت قىپتۇ ،خوراز مىكياندىن كۆزىنى ئۈزمەي بىللە يىيىشكە باشلاپتۇ .
    ئەمەتكام خۇددى شائىرلاردەك دەپ بەرگەن بۇ ھىكايىسى بىزنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىۋەتكەن ئېدى .شۇنىڭ بىلەن توي ئىشى بىكتىلدى .توي كۈنى شەنبە قىلىنىپ ،«قىز» تەرەپ پولا ئىتىشكە .قالغىنىنى ئەمەتكام ئۆزى قىلىشقا دىيىشىپ ،خورازنى مىكيان بىلەن بىر ئاستىغا گىلەم سېلىنغان چىرايلىق ئىشكى يوق قەپەزگە سولاپ قويىدىغانلىقىنى دەپ قويۇپ چىىقىپ كەتتى.
    بارغاق تارقىتىلىپ، توي قىلىشقا ئىككى كۈن قالغاندا ،مەھەللىمىزدىكى مىكيان ۋە خورازلار تىپىرلاشقا باشلىدى.
كەچتە توخۇلارنىڭ ئانچۇمۇنچە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .بۇ كۈنى كەچتە توخۇلارئۇيقۇسىدىن كىچىپ چوڭ يىغىن ئاچقان ئىدى .بىر نەچچە خوراز ئۇيان بۇيان مېڭىپ  ئاچچىقلانغاندەك ،بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى ،تۇيۇقسىز :
___نىمە ئۇچۈن ئۇ گۇي توي قىلىدۇ؟ بىز بىر ئۆمۈر ئىشلەپ داندىن بۆلەك بىرەرياخشى نەرسىگە ئىرىشەلمەيمىز؟نىمىشقا ھەممە كىشى ئۇنىلا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ،بىز گۆشلا بولىمىز؟ ئويلاپ باقايلى كۆپچىلىك
بۇ توي ئەسلى بىزگىمۇ بولسا بولاتتى،سىلەر قىزلارغىمۇ ئۇۋال بولدى ،ئۇ لاۋزا گۇي تېخى سىلەردەك گۈزەللەرنى ياراتماسمىش ، خالايىق !!بۇ بىرئادالەتسىزلىك!!ــــ دېدى بىر بەسلىكىرەك خوراز ھەممە توخۇلارغا قاراپ ۋارقىراپ .
ــــ توغرا ،توغرا . ــ دەپ باشقا توخۇلار سەكرەپ كىتىشتى .
__ياق ،ياق ، كۆپچىلىك ،نادانلىق قىلماڭلار !!ئۇ ھەممە خورازنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يەڭدى ،بىزچۇ؟ دان يىيىشتىن بۆلەكنى بىلمىدۇق،ئۇ ھەركۈنى تېرىشىپ جاپالىق چېنىقتى ،بىز ئويۇننىلا ئوينىدۇق .ئۇ كۈنسىرى كۈچلەندى بىز ئوخشىاش تۇردۇق .ئەگەر بىز ئۇنىڭدەك قىلغان بولساق  باغلىشىمەنكى چوقۇم بىزنىڭ تويىمىزمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمىغان بولاتتى،ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ئالسا نەرى خاتا؟  ئۇ بىزنىڭ قوۋمىزدىن چىققان بىردىنبىر پەخرىمىز ئەمەسمۇ ؟بىز  ھەتتا ئۇنىڭ تويى ئۈچۈن قۇربان بولساقمۇ ئەرزىيدۇ كۆپچىلىك  !!ــ دەپ بىر جۇغى كىچىكرەك خوزار ئوتتۇرغاچىقىپ.
  توخۇلار سەل  جىم بولۇشتى.
__نىمە؟؟؟!نادانلىق؟؟؟ قۇربان بولۇش؟؟؟!بۇ گۇي قۇرۇق پەلسەپە سۆزلەپ ھەمىشە باش ئاغىرتىدۇ ،ئەجابا مۇشۇ كىچىككىنە بىر سويمىغا ئىسىنەمسىلەر؟مۇشۇنداقلار بولغاچقا  بىزنىڭ تەقدىرىمىز مۇشۇنداق خەققە گۆشلا بولۇش بولىۋاتىدۇ ،چوقۇڭلا بۇنى .....ــــ دەپ سەكرەپ چىقتى بايقى بەستلىك خوزار.
    بىرنەچچە خوراز يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇنى چوقۇپ باش كۆزىنى قان قىلىۋەتتى ،ئۇ يۇمىلاپ  يىقىلىپ قالدى  ،ھېچكىم ئۇ بچارىگە  قاراپ ئىچ ئاغرىتقاندەك ئەمەس ئىدى .
  خورازلار يەنە گەپ باشلىدى :
__توينى بۇزۇش كىرەك ،پىلان تۈزۈپ توينى بۇزايلى .لىكىن ھەممىڭلار ماسلىشىڭلار!!!!!
__بۇزايلى،بۇزايلى....!
     مىكيان خورازلار تەڭ ۋارقىراشتى .يىغىن بىردەمدىن كىيىن شۇنداق ئاياغلاشتى .
    توي كۈنى سازلار چېلىندى ،شۇنداق ھەيۋەتلىك بولدىكى،سىرىتتىن قارىغان ئادەم بىر ئادەمنىىڭ ئىككى ئوغلى تەڭ توي قىلغان ئوخشايدۇ ،دەپ قالاتتى .قىزمۇ كۆچۈرۈلدى ،خوراز كېرىلىپ ئولتۇرۇپ پولانى چوقۇپ يەپ بولۇپ ،ھويلىدا راسا بىر ئۇسۇلغا چۈشتى .ياش بالىلار ئۇنىڭ بۇنچە قاملاشتۇرۇپ ئۇسۇل ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى چەمبەر شەكلىدە ئورىۋالدى .خوراز جىكسوننىڭ ،كوچا ئۇسۇلىنىڭ ،خەلق ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىرىدە قالتىس ئوينىۋەتتى.بالىلار ئويناۋاتقان ئۇسۇلنى قويۇپ ئۇنى قول تىلىفۇن بىلەن رەسىمگە تارتىشقا چۈشۈپ كەتتى.
    قىز يۈزى ئېچىلىدىغان ۋاقتى كەلدى ،ھەممەيلەن جىمجىت بولۇپ خورازنىڭ يۈ ئاچىدىغان قانىتىغا قاراپ قالغان ئىدۇق.دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىككى خوراز يۈگۈرۈپ كەلگەنچە ناھايتى تىزلىكتە «قىز»نىڭ چۈمپەردىسىنى قايرىۋىتىپ  «قىز»نى بىر نەچچىنى چوقىۋەتتى .ئوغۇل خوراز بىر خورازنى بىر ئۇرۇپ يىقتىۋەتتى-دە يەنە بىرسىنى قوغلاپ چىقىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن قىز مىكيان قورىققىنىدىن يۈگرەپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى.توي پاتا-پاراق بولۇپ ،بىز نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدۇق ،بۇ ئىشلار بەك تىز بولغاچقا بىزمۇ توسۇپ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق .
      كىيىن ئاڭلىساق قىز مىكيان باشقا مىكياندىن خوراز يىگىتىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كىتىپ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولۇپ ئۆلىۋېلىش قارارىغا كەپتۇ  .ئەمەتكام يىغلامسىراپ جەسەتنى تېپىپ كەلدى.نەچچە كۈندىن كىيىن كىشىلەر ھېلىقى توينى بۇزغان توخۇلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ،تويى بولغان خوراز ئۈچۈن نەزىرە قىلىشتى .
      ئاڭلىساق ھېلقى مىكيان قايتىدىن ئەمەتكامنىڭكىگە قايتىپ كىلىپ ،ئۇنىڭغا تۇخۇم كاكىلاپ چۆجىلەپ بېرىپتۇ ،كىيىن نەچچە چۆجە ھېلىقى خورازغا ئوخشاش يامان بولۇپ چوڭ بوپتۇ .بىر چۆجە چوڭ بولۇپ بۇ يىل يەنە مۇسابىقىدە بىرىنجى بوپتۇ ،ئەمەتكام شۇنداق بولسىمۇ نىمىشقىكىن يەنىلا ئازىراق غەمكىن بوپقالغان ئىدى ......

                                                                                                                 (ئىجادي ئەسىرىم)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47388
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلمىدىم جۇمۇ مەن ...
بىر قارىسام بۇ تىمىغا يۇشۇرۇن بىرەر مەزمۇن باردەك بىر قارىسام ئۇنداق ئەمەستەك ...
لىكىن ئولۇتۇرپ تازا كۈلۋىتىپ بۇ تىمنىڭ ئارقا كۈرۈنىشىدىن ئازراق گۇمانلىنپ قالدىم جۇمۇ ....

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 18:13:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزقارلىق ئىكەن ،  

UID
11177
يازما
232
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 20:02:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ھىكايىڭىز شۇندق ياخشى يىزىلىپتۇ ، بىر خىل يوشۇرۇن مەزمۇن باردەك يەنە ئويلىسام يوشۇرۇن مەزمۇن يوقتەك . . . . . . .
  

UID
47579
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-3-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 23:08:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشۈرۋېلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي ، ماۋزۇسىلا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن ،مەزمۇنى چوقۇم ياخشى...

UID
47513
يازما
246
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
246
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدا ھەددىدىن زىيادە چوڭقۇر مەزمۇنمۇ يوشۇرۇنمىغان ،ئادىمىيلىكنىڭ بەزى يەرلىرىرى قۇشلارغا يىغىنچاقلانغان .كۆپچىلىك باشقىچە چۈشەنگەن بولساڭلارمۇ بولىۋىرىدۇ ،ئەسەردىن پايدىلىنالىساڭلارلا مەن خۇشال بولىمەن .

UID
47513
يازما
246
تېما
35
نادىر
0
جۇغلانما
246
تىزىملاتقان
2013-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
191 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلبۇل يوللىغان ۋاقتى  2013-4-16 17:04
بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس يېزىشنى بىلمىدىم جۇمۇ مەن ...
بىر ...

بۇ توغۇرلۇق سىزگە پەقەت مەن ئادىمىيلىكنى ھايۋانلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ ،ئنسانلارغا بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى مەقسەت قىلدىم دىيەلەيمەن .  

UID
47388
يازما
68
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
batur72 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 11:27
بۇ توغۇرلۇق سىزگە پەقەت مەن ئادىمىيلىكنى ھايۋانلار ئ ...

مىنىڭ ھىس قىلغىنىم ئاساسەن توغرىكەن ........ چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە ھەم مۇشۇنداق ئىسىل تىمىنى يېزىپ بىز بىلەن كۈرۈشتۈرگۈنىڭىزگە كۆپ رەخمەت .....

UID
32536
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 19:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىمىزنىڭ ئۇسلۇبى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ، ئاپتورغا سالامەتلىك ۋە يېڭى ئىجتىھاد تىلەيمەن

UID
50152
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2013-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 23:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي كۈنۈنى بۇزۇۋىتىلگەن تۇرسا،ئۇ مىكيان قانداقسىگە تۇخۇم تۇغىدۇ.  بۇ ھېكايىنىڭ ئارقىسىدا جەمىيەتتكى بەزى ناچار ئېللەتلەر قامچىلىنىپتۇ.....ھايۋانلارنى ئادەملەشتۈرۈش ئارقىلىق ناچار ئىللەتلەرنى جايىدا قامچىلاپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش