- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 81
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 82
- تىزىملاتقان
- 2013-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-2
- UID
- 48034
- يازما
- 81
- تېما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 82
- تىزىملاتقان
- 2013-3-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-2
- توردا
- 113 سائەت
|
دەردىم بار ھېچكىمگە تۆكۈپ باقمىغان
سەيدىمۇھەممەد مېھمان
بىر قەدەھ مەي ئىچىپ مەسىت بولۇپ قالسام،
كاشكى، بىر ئۇنتۇلسا ئاچچىق ئەسلىمە.
تالايلا سۆزلىدى سۆيگۈ ھەققىدە،
مەن دەيمەن-مۇھەببەت ئەمەس ھېچنىمە!
شۇ تاپتا قېنىپ بىر يىغلىۋالغۇم بار،
بىرسىنىڭ قولىنى سىقىپ ئولتۇرپ.
قارىما يۇلتۇزلار بۇنچە غەزەپلىك،
بېرەيمۇ ۋەياكى باغرىمنى يۇلۇپ.
ياشايمەن بىرپاتمان ھەسرەتنى يۈدۈپ،
تەقدىرنىڭ باشقا بىر پۈتمىشى يوقتەك.
دەردىمنى ئاڭلارغا دىلكىشىم بارمۇ؟
تەگدىغۇ جاناننىڭ سۆزلىرى ئوقتەك.
مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، كىبىر-تەمەننا،
سۆيگۈنىڭ ئالدىدا ئىكەن بىر تىيىن.
بىر گەپنى بىراۋغا دېيەلمەي ياشاش،
قىيىنكەن دۇنيادا، ھەممىدىن قىيىن.
ھەققىم يوق ھېچكىمدىن رەنجىشكە بىر رەت،
سىرىمنى تىنماستىن (مەھكەم ساقلىغان).
يۈرسەممۇ ساراڭدەك زورىغا كۈلۈپ،
دەردىم بار ھېچكىمگە تۆكۈپ باقمىغان...
|
|