تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 5

«قەپەزدە قۇش باقسا بولامدۇ» غا جاۋاب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48807
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 21:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئائىلەمدە قەپەسگە سۇلاپ بىر قانچە قۇش باققان ئىدىم، بەزىلەر بۇنداق قىلىش خاتا دەيدۇ، سىلىنىڭچە قانداق قىلسام بۇلار؟ قەپەزدە قۇش بېقىش خاتامۇ؟
جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:         
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم              
 
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئەسلىدە قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولىۋالماي ئوچۇق جايلاردا كۆندۈرۈپ بېقىش ۋە ئۇلارغا دان بېرىش ساۋابلىق ئىش، بۇ جەھەتتىن قۇشلارنى بېقىش ساۋابلىق مۇستەھەب ياخشى ئىش قاتارىغا كىرىدۇ.
قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر زىرائەت تېرىپ، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار ياكى ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار يەيدىكەن، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشى سەۋەبىدىن سەدىقە ساۋابى بولىدۇ» دېگەن.(سەھىھەين: بۇخارى 2320-ھەدىس. مۇسلىم: 1553-ھەدىس).
ئەمدى سايرىشىدىن، مەنزىرىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ بېقىشقا كەلسەك، بۇ مەكرۇھ ئىشتۇر. تېخى ھارام بولۇشىمۇ يىراق ئەمەس. نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئاللاھ تائالا ئۇچىدىغان، قاناتلىق قىلىپ ياراتقان بۇ قۇشلارنى تار قەپەسگە سولىۋېلىش ئۇنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ قىيناش دائىرىسىگە كىرىدۇ. قىيناشتا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر قىيناش بولامدۇ؟ ئەركىنلىك، ھۆرلۈك دېگەن ئىنسانلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۇچار-قۇشلارغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ قىممەت ھەم تەبىئىي ھەقلەرنىڭ بىرى.
شۇڭا بەزى ئالىملار مۇنداق دەپ قارىغان: "ئەمدى دەمدەر ۋە بۇلبۇل قاتارلىق سايراپ بېرىدىغان قۇشلارنى سايرىشى ئۈچۈن قەپەسلەرگە سولاپ بېقىش بولسا، ئىماملىرىمىز بۇنى يامان كۆرگەن. چۈنكى بۇ ئېھتىياج دائىرىسىدىكى ئىشلاردىن بولماستىن، ھاكاۋۇرلۇق، چوڭچىلىق ۋە ئارتۇقچە راھەت-پاراغەتتىندۇر. ئۇنى سولاپ قويۇش ئازابلاشتۇر. ئىماملىرىمىز بۇنى مەنئى قىلىپ سولاپ بېقىشنى ھاماقەتلىك دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئۇ ئۇچۇشقا سېغىنىشتىن، ھاۋا بوشلىقىدا پەرۋاز قىلالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىشتىن ئىڭراۋاتقان قۇشنىڭ سايرىشىدىن شادلىنىشتۇر".(ئەلفۇرۇئ 4/7)
ئەلۋەتتە قەپەسگە سولانغان قۇشلارنىڭ سايرىشى ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىش، ئىنسان بالىسىدىن كۆرگەن بۇ زۇلۇمنى پەرۋەردىگارىغا شىكايەت قىلىش بولۇشى چوقۇم. ئەپسۇسكى ئىنسان بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىنى ئاچىمەن دەيدۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بولغان بولسا بەلكى قەپەسلەرگە سولانغان قۇشلارنىڭ ئاھۇ-پەريادىنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولاتتى. بىراق بىز ئۇنىڭ تىلىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ داد-پەرياد، نالە قىلىشىدىن، ئەزىزلىرىدىن ئايرىلغىنىغا ھەسرەت چەككىنىدىن كۆڭلىمىزنى ئاچىمىز.
ئىسلام دىنىمىز ئىنسانلارنى مېھىر-شەپقەتلىك قىلىشنى كۆزلەيدۇ، مۇسۇلمان ھەقىقى ئىسلام تەربىيىسى كۆرگەندە ئەتراپىدىكى بارلىق مەۋجۇداتقا خاتىرجەملىك، ئەمىنلىك بەخش ئېتەلەيدۇ، ھېچكىم، ھېچنېمە، ھېچبىر جانىۋار ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايدۇ.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر سەپەردە بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ ھاجەت قىلىش ئۈچۈن كەتكىنىدە بىز ئىككى چۆجىسى بىلەن تۇرغان قۇشقاچتەك بىر قۇشنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئىككى چۈجىسىنى ئېلىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئانىسى كېلىپ قانىتىنى يېيىپ زارلانغىلى تۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ: «كىم بۇنىڭ بالىسىنى ئېلىۋېلىپ ئۇنى قايغۇغا سالدى؟ بالىسىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىڭلار» دېدى. (سۈنەنى ئەبى داۋۇد 2675-ھەدىس. ئالبانى سەھىھ دەپ باھالىغان).
ئىسلام دىنى پۈتۈن مەخلۇقلارغا رەھمەتتۇر، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پۈتۈن جانلىقلارغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن. يۇقىرىقى ھەدىستىنمۇ شۇ مەزمۇننى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەبۇ نەئىيم سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، سەلەپلىرىمىزدىن سۇفيان سەۋرى ئەينى ۋاقىتتا زالىم پادىشاھلاردىن ساقلىنىپ ئەبۇ مەنسۇر دېگەن كىشىنىڭ بەسرىدىكى ئۆيىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئىدى. ئەبۇ مەنسۇر مۇنداق دەيدۇ: سۇفيان مۇشۇ ئۆيدە قونغان ئىدى. بۇ جايدا ئوغلۇمنىڭ بىر بۇلبۇلى بار ئىدى. سۇفيان بۇنى كۆرۈپ: بۇ قۇش نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە سولانغان؟ قويۇۋەتكەن بولسىچۇ؟ دېۋىدى، مەن: ئۇ ئوغلۇمنىڭ، ئۇ بۇ قۇشنى ئۆزلىرىگە ھەدىيە قىلىۋېتىدۇ، دېسەم. ئۇ: ياق، ئەمما مەن ئۇنىڭغا بىر تىللا بېرىمەن، دەپ قۇشنى ئېلىپ قويۇۋەتتى. قۇش كېتىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ يەنە ئاخشاملىرىدا كېلىپ ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا قوناتتى. سۇفيان ۋاپات بولغان چاغدا قۇش ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ قەبرىسى ئۈستىدە پالاقشىييتى. كېيىن بىرقانچە كۈن ئۇنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. بەزىدە قەبرىسى ئۈستىدە قوناتتى. بەزىدە ئۆيگە قايتاتتى. كېيىن كىشىلەر ئۇ قۇشنى ئۇنىڭ قەبرىسى قېشىدا ئۆلۈك ھالەتتە كۆرگەن. نەتىجىدە ئۇ ئۇنىڭ قەبرىسىگە ياكى قېشىغا دەپنە قىلىنغان.(ھىليەتۇل ئەۋلىيائ 7/58)
جانىۋارلارغا قىلىنغان مېھىر-شەپقەت ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن كاتتا ساۋابلىق ئىشتۇر.
نافىئ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر ئايال ئاچلىقتىن ئۆلگۈچە سولاپ قويغان بىر مۈشۈك تۈپەيلى ئازابلىنىپ دوزاخقا كېرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا-ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر-مۇنداق دېگەن: سەن ئۇنى سولاپ قويغىنىڭدا يا ئۇنىڭغا تاماق بەرمىدىڭ، يا ئۇنى سۇغۇرۇپ قويمىدىڭ، يا زېمىندىكى ھاشاراتلارنى يېيىشى ئۈچۈن قويۇپمۇ بەرمىدىڭ».(سەھىھەين: بۇخارى 2365-ھەدىس. مۇسلىم: 2242-ھەدىس).
بۇ ھەدىسنى بەزى ئالىملار يېمەك-ئىچمەك بېرىپ سولاپ باقسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەدىس سولاپ بېقىشنى قاتتىق چەكلەشكە دەلىل بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىستە سولاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر زۇلۇم سۈپىتىدە چەكلەنگەن ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
قۇشلارنى قەپەسلەرگە سولاپ باققان ئەھۋالدا بەزىدە ئۆيدە يوق بولۇپ قېلىپ ياكى ئۇنتۇپ قېلىپ دان بەرمەي قالسا، قۇشلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، قىشتا سىرتتا قالسا سوغۇقتىن توڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋال.
قۇش بېقىش توغرىسىدا يەنە مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن: ئەبۇتتەيياھ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئارىلىشىپ يۈرەتتى. ھەتتاكى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كىچىك بىر ئۇكامغا: «ئى ئەبۇ ئۇمەير، نۇغەير (بۇلبۇلنىڭ چۈجىسى) نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دەپ ئەركىلىتىپ قوياتتى. (سەھىھەين: بۇخارى 6129-ھەدىس. مۇسلىم: 2150-ھەدىس).
بۇ ھەدىسكە تايىنىپ ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپ ئالىملار: "بۇ ھەدىستە قەپەز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردە قۇشلارنى سولاپ بېقىشنىڭ ۋە قانىتىنى كېسىۋېتىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار، چۈنكى ئەبۇ ئۇمەيرنىڭ قۇشىنىڭ ئەھۋالى ئاشۇ ئىككى ئىشتىن خالىي بولمايدۇ، ئەھۋال قايسى بىرى بولغان بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قىياسەن ئوخشاش ھۆكۈمنى ئالىدۇ." دەپ قارىغان.(فەتھۇل بارى 10/584)
بىراق بۇ ھەدىستە يا قەپەسنى ياكى قانىتىنى كېسىۋەتكەنلىكنى تىلغا ئالمىغانلىقتىن بۇ ھەدىستىكى قۇشنىڭ ئەھۋالىدا بىر قانچە ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن. بەلكى قۇش تېخى قانىتى چىقمىغان كىچىك قۇش بولغاچقا ئەبۇ ئۇمەير ئۇنى ئوينىغاندۇ، ھەدىستە نۇغەير دەپ كىچىكلىتىش سىيغىسى ئىشلەتكەنلىكىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. ياكى ئۇچالايدىغان قۇشنى قولىغا كۆندۈرىۋالغاندۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ ئۇمەير كىچىك بالا ئىدى. ئادەتتە كىچىك بالىلارغا مۇكەللەپ بولمىغاچقا چوڭلارغا بېرىلمىگەن رۇخسەتلەر بېرىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھەدىستە كىچىك بالىلار قۇش ئوينىسا رۇخسەت بار، يەنە چوڭلارنىڭمۇ بالىلارنىڭ ئوينىشىغا يول قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.
يەنە شەرىئەتنىڭ ئومۇم روھىغا، كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، پۈتۈن جانىۋارلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئازار بەرمەسلىك تەلەپ قىلىنغان بىر ئىش.
ئەبۇ سالھ ئەسسەممان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر ئادەم كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئۇسسۇزلۇق يېتىپ، بىر قۇدۇققا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. قۇدۇقتىن چىقىپ ئۇسسۇزلۇقتىن ھاسىراپ نەم توپىنى يالاۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ، ماڭا يەتكەن ئۇسسۇزلۇق ئۇنىڭغىمۇ يېتىپتۇ، دېدىدە، قۇدۇققا چۈشۈپ، ئۆتۈككە سۇنى قاچىلاپ، ئۆتۈكنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ، ئۈستىگە ئۆرلەپ، قۇدۇقتىن چىقىپ ئىتنى سۇغۇردى. ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى» دېگەن ئىدى. ساھابىلار: يارەسۇلەللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلساق، بىزگە ئەجىر بولامدۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەرقانداق جانلىققا ياخشىلىق قىلىشتا ئەجىر بار» دېدى. (سەھىھەين: بۇخارى 6009-ھەدىس. مۇسلىم: 2244-ھەدىس).
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر پاھىشە ئايال ئىسسىق بىر كۈندە ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ بىر قۇدۇق ئەتراپىدا چۆگىلەپ تۇرغان بىر ئىتنى كۆرۈپ ئۇ ئىتقا ئۆتۈكى بىلەن سۇ تارتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىنغان». يەنە بىر رىۋايەتتە: «بەنى ئىسرائىلدىن بىر پاھىشە ئايال» دەپ كەلگەن. (سەھىھۇ مۇسلىم: 2245-ھەدىس)
يۇقىرىقىلاردىن كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قەپەسلەرگە سولاپ قۇش بېقىشنىڭ ئەقەللى تەقدىردە مەكروھ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. شۇڭا قەپەسلەرگە سولاپ قۇش باقماسلىق كېرەك، ئەمما ھويلا-ئاراملاردا ياكى ئوچۇق يەرلەردە كۆندۈرۈپ بېقىشقا بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا خالىغىنىچە ئۇچۇپ ئايلىنالايدۇ، دان بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا قورسىقىنى ئۆزى تويغۇزالايدۇ.
شىشا قۇتا، ئەينەك ساندۇقلارغا سولاپ بېقىلىدىغان بېلىقلارمۇ شۇنداق. ئازادە ئەركىن ياشايدىغان چوڭراق كۆلچەك بولسا، ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ قالمايدىغان بولسا، باقسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
مەنبە:wisalstudio.net/uy
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 16:51  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
42702
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2012-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-4
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 07:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما !!!!!لىكىن ئازراق گەپ با دەۋالاي قىرىىندشىم خاپا بولماڭ!!!!
بېزنىڭ ئارىمېزدىن تېل مەسلېسنى ھەل قىلىش ئۇچۇن يۇرىكى سوقىدىغان، ۋېژدانى ئويغاق ،تېل مىللەت ئۇچۇن جىنېنى پىدا قىلالايدىغان ھەقىقى ئەركەكلەر بارمىدۇ؟راس بۇنى بۇنداق ئېكراندىكې مەۋھۇم دۇنياغا يىزىىپ قويغان بىلەن بولدېغان ئىش ئەمەس !!!ھەممېمىز تورغا چىقساق مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلارنى قىلشېمىز !!!لىكىن ئەمەلى ھەركەت يوق  !!!!
قىنى ھەركەتكە كىلېپ بېزنىڭ سۆيۇملۇك ،كۆيۇمچان،بېزنىڭ گەپ سۆزىمېزنى ئوڭ قۇلقىدا ئاڭلايدىغان پارتىيەگە يۇرەكلىك ھالدا تېل مىللەت توغۇرلۇق سۆز ئاچالايدىغان،مىللەت ۋە تېل ئۇچۇن ۋېژدانى گۇلخان بولۇپ يانىدنغان ھەقىقى ئەركەكلەر بىر يەرگە كىلەلەمسېلەر ؟؟؟ئاڭلاڭ قىرېندېشىم!! ۋەتېنىم ۋېژدانى ئويغاق ئەركەكلەر نەگە كەتتېڭلار دەپ پەريات قىلماقتا.                                          تېل ۋە مىللەت‹‹››

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇخۇ باقساقچۇ ؟ قىشتىغۇ قۇيۇپ بىرىمىز لىكىن يازدا قۇيۇپ بەرسە گۈل ۋە سەي كۆكتاتلارنى ۋەيران قىلۋىتىدىكەن دەپ سولاپ قۇيۇپ باقاتتۇق ....

UID
7538
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېما ئېگىسىگە رەھمەت،  مەن كىيىنچە قۇش بېقىشنى ئويلاشقان ئىدىم،بۇ تېمىنى كۇرۇپ باقماسلىقنى قارار قىلدىم.
  بۇ تېمىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئىسلام دىنى بارلىق جانلىقلارغا زۇلۇم قىلىشقا قارشى،ئەمدى شۇنى سوراپ باقسام،بىز مەكتەپتە تەجىرىبە ۋاقتى تىرىك ھايۋانلارنى تەجىرىبە قىلىمىز،تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆكرىكىنى يېرىپ،يۈرەك سۇقىشىنى كۈزىتىش،قان بېسىمنى ئۆلچەش ..... قاتارلىق بىر قاتار تەجىربىلەرنى ئىشلەپ.ئۇ ھايۋانلارنى يەتكۈچە قىينايمىز،ئاخىردا ئۆلتۈرۈپ تەجىرىبىنى ئاخىرلاشتۇرمىز.بۇنىڭغا ئىسلام قانداق قارايدۇ؟؟ بىىلدىغانلار بولسا،جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار؟؟؟؟؟

UID
48807
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-17
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:01:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-14 09:34
تېما ئېگىسىگە رەھمەت،  مەن كىيىنچە قۇش بېقىشنى ئويلاش ...

مەنغۇ بىلمەيمەن ئامال بار ئۇنداق قىممىغان ياخشى

UID
32070
يازما
39
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
39
تىزىملاتقان
2012-6-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 11:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بىلۋالساق بولغىدەك ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش