تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 7309|ئىنكاس: 8

كورىيەدە قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان جاسۇسلىق فىلىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

UID
14103
يازما
20
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 18:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئېنتېرنېتنىڭ يەر-شارىنىڭ بولۇق - پۇچقاقلىرىغىچە ئومۇملىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارمۇ تور دەۋرىگە قەدەم قويۇپ،دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىن بۇ يېڭىچە <تاشيول > ئارقىلىق بەھىرمان بولۇپ كەلدى.كۆزىتىشىمىزچە كۆپلىگەن ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشلەر توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلدى ، بولۇپمۇ يېڭى تىخنىكا بىلىملىرى، ئېقىم مەسلىلىرى ، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى ،ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە ئېنتېرنىت تورى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىلىم مەنبەسىگە ئايلاندى.

توردا كىتاب ئوقۇش ، مال سېتىۋىلىش ، ناخشا ئاڭلاش ، كىنو ۋە خەۋەر كۆرۈش قاتارلىقلار كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىىدا مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئايلاندى.بولۇپمۇ توردا كىنو كۆرۈش يېقىنقى بىرنەچچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ، توردا كىنو كۆرۈشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بولسا ۋاقىت ھەم ئورۇن چەكلىمىسى يوق ، خالىغان ۋاقىتتا كىنونىڭ خالىغان بۆلىكىنى بىمالال كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسەن ھەممە كىنولار ھەقسىز بولۇپ بەزىدە باشقا دۆلەتلەردە ئەمدىلا كىنوخانىلاردا قويۇلىۋاتقان كىنولارنىمۇ توردىن ھەقسىز كۆرەلەيسىز.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا چەتئەل تىلى ئۆگۈنۈشكە بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ چەتئەل تىللىرىدىكى كۆپ قىسىملىق فىلىملارنى كۆرۈش مودىغا ئايلاندى ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن نادىر كىنولاردىن ھوزۇرلىنالايسىز يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىڭىزنىڭ چەتئەل تىلى ئۆگىنىشىڭىزدىكى مۇھىم بولغان ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيسىز.

ئېسىڭىزدىمىكىن ، 2005-يىللىرىنىڭ 8-ئايلىرىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان ، ئامېرىكا فوكىس شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى "تۈرمىدىن قېچىش Prison Break" قويۇلىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ھەمدە  "تۈرمىدىن قېچىش" بىلەن تەڭ قەدەمدە خەلقىمىزنىڭ توردىن كىنو كۆرۈش دەۋرى رەسمىي ئوموملاشتى. ئۇندىن باشقا  "ئېزىقىش Lost" ،  "24 سائەت Hours24" ، "غەيۋەتخور قىزلار Gossip Girl" ۋە يېقىنىقى يىللاردىن بېرى قويۇلىۋاتقان "قانشورىغۇچى خاتېرىسى Vampire Diaries" قاتارلىق فىلىملارمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى.2003-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە پانا كىنو فىلىم ئىشلەش مەركىزى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ تارقىتىلغان تۈركىيە تىلۋىزىيە تىياتىرى "كۇرتلار ۋادىسى Kurtlar Vadisi"مۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ مەزكۇر فىلىم ۋە فىلىمدىكى باش پىروناژ پولات ئالەمدار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئىرىشىپ دىيارىمىزدا تۈركىيە قىزغىنلىقىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى،يۇقارقىلاردىن باشقا بىرقانچە كورىيە تىلۋىزىيە فىلىملىرىمۇ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ ئاخىرىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ تىلۋىزورلاردا قويۇلدى ھەمدە چوڭلارنىڭ يەنى توردا كىنو كۆرۈش ئىمكانىيىتى يوق نۇرۇغۇنلىغان كىشلەرنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.

دىمەك ، توردا قويۇلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كىنو ، تىلۋىزىيە فىلىملىرى تورداشلار تەرىپىدىن تاللىنىدۇ ، باھالىنىدۇ ، ياخشىلىرى ھەممە كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈشىگە ئېرىشىدۇ ، مەزمۇن ۋە ئەھمىيىتى ناچار كىنولار ھىچكىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ياخشى كىنولار تورداشلار تەرىپىدىن ئۆز-ئارا تەۋسىيەلىنىدۇ ۋە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ، ھىندىستان،ياپونىيە،كورىيە قاتارلىق  ئەللەرنىڭ كىنولىرىنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات سۈرئىتى،كىنو ئېگىلىگى دۇنيا كىنوچىلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان ۋوللىۋوتنىمۇ بىسىپ چۈشتى.2012-يىلى ئىشلەنگەن كورىيە KBS تېلۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان "유령 ئەرۋاھ" ناملىق 20 قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى تېلۋىزوردا قويۇلغاندىن كىيىن كۆرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە ئېنتېرنېت تورى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تارقاشقا باشلىغان.بۇ فىلىم دۆلىتىمىزدىكى تورداشلارنىڭمۇ ناھايتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ،جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق كىنو تور بېكەتلىرىدىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى يۇقىرى بولغان تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرى بولۇشقا باشلىغان ھەرقايسى تورداشلار ۋە تور بېكەتلەردە بۇ كىنو ھەققىدە تېما ۋە ئىنكاسلار قىززىشقا باشلىغان. بۇ فىلىم ئۆتكەن يىلى مەيلى دۆلىتىمىزدە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن كۆرىلىش سانى جەھەتتە يۇقىرى ئورۇننى ئىگەللەپ ئوزۇن ئۆتمەي كورىيە KBS تېلۋىزىيە قانىلىدا 2013-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ يەنە بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرى  IRIS2 قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى نۆۋەتتە ھەر ھەپتىدە ئىككى قىسىمدىن قويۇلىۋاتقان بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە 18-قىسىمغا داۋام قىلدى،تۈنۈگۈن كەچ كورىيەدە 18-قىسىم قويۇلدى.يەنە ئىككى قىسىم كىلەر ھەپتە كورىيە KBS تېلۋىزىيە قانىلىدا قويۇلىدۇ.بۇ فىلىم ۋەقەلىكىنىڭ قىززىقارلىقى،فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەنلا ئەمەس ھەربىي ئىشلار،ئورۇش،مۇھاببەت ، دوستلۇق ،ئىشىنىش ، ساداقەتنى مۇھىم تېما بىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر تورداشلارغىمۇ ئالاھىدە ماس كىلىدىغان فىلىم بولغاچقا ئەلكۈيى تورى كەڭ تورداشلارنى بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىش مەقسىتىدە بۇ ئالاھىدە تېمىنى تەييارلىدى.بۇ تېما ئارقىلىق بىز IRIS2 تېلىۋىزىيە تياتىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بىرىمىز،بۇ فىلىم بىر قىسىم ئىچىدە قاتمۇ -قات ۋەقەلىكلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئادەم پەرەز قىلغان يەردىن داۋاملاشماي ئۆزگىچە بىر ۋەقەلىك ۋە ئادەملەر چىقىدىغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولۇپ،تۈرمىدىن قېچىش تېلىۋىزىيە تىياتىرىغا ئوخشاش ئادەم قىززىقتۇرۇش رولىغا ئىگە دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ بىر ھەركىتى گەپلىرى ۋەقەلىكلەر ئادەمگە بىر چۈشەنچە ۋە بىلىم ئاتا قىلىدۇ
.



كورىيە 20 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى « IRIS2» نۆۋەتتە كورىيەدە 18-قىسىم قويۇلۇپ بولدى،كىلەر ھەپتە قالغان ئىككى قىسىم قويۇلىدۇ.كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ:

http://kino.alkuyi.cn/play.php?mid=1673


«IRIS2» بولسا كورىيە KBSتېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2013-يىللىق ھەپتىنىڭ3-4-كۈنلۈك(كورىيەدە كۈنلەر تارىخىي ئاتىلىش بويىچە ئاتىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان كىنو ھەپتىنىڭ3-4-كۈنلۈك ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەپتىنىڭ1-2-كۈنلۈك ، ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلۈك دەپ ئايرىلىدۇ) تىلىۋىزىيە تىياتىرى . «IRIS2» بولسا 2009-يىلى لى بىڭشىيەن بىلەن جىن تەيشى باش رول ئالغان كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقۇرى بولغان ھەرىكەتلىك جاسۇسلۇق ئۇرۇش فىلىمى « IRIS» نىڭ داۋامى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن، «IRIS2» ئالدىنقى فىلىمنىڭ ئىشلىنىش كۆلىمى ھەم ئاساسىي ئەھۋالىغا ۋارسىلىق قىلغان بۇلۇپ ، دەسلەپكى قەدەمدە 20مىليارد كورىيە پۇلى ئىشلىتىش مۆلچەرلەنگەن . بۇ تىياتىرغا جاڭ خاۋا ، لى دوخەي ، لى فەنشىيۇ ، ۋۇ يەنشىيۇ ، لىن شيۇشىياڭ قاتارلىق داڭلىق چولپانلار رول ئېلىشقا قاتناشقان ، دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنى NSS بىلەن سىرلىق قۇراللىق تەشكىلات IRIS نىڭ ئەقىل ۋە جاسارەت بىلەن ئېلىشىشىدىن ئىبارەت ھىكايە تەسۋىرلەنگەن ، « IRIS» دە قالدۇرغان سېىغنىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.



فىلىم نامى ئايلىس 2 رىژىسسور لى مىنجۇ
چەتئەلچە نامى 아이리스 2 سىنارىيە يازغۇچى جىن گۈيتەي
باشقا نامى 아이리스 시즌2 باش رولدا جاڭ خاۋ،لى دوخەي،لى فەنشىيۇ،ۋۇ يەنشىيۇ
فىلىم چىقارغان شىركەت TAEWONكۆڭۈل ئېچىش شىركىتى فىلىم تىپى جاسۇسلۇق ئۇرۇشى،ھەركەت فىلىمى
فىلىم ئىشلەنگەن رايۇن كورىيە قويۇلغان ۋاختى 2013-يىلى2-ئاينىڭ13-كۈنى
«IRIS2» فىلىمىدە رول ئالغانلار :
جىن لىيۇجىيەن رۇلىدا : جاڭ خاۋ         چې شىيۇيەن رۇلىدا : لى دوخەي
لىيۇ جوڭيۈەن رۇلىدا : لى فەنشىيۇ       سۈي مىن رۇلىدا : ۋۇ يەنشىيۇ
شۈشىيەنيۈ رۇلىدا : يى دوۋجۈن          جىن يەنخۇا رۇلىدا : لى شىيۇشىياڭ
يى شىشىيەن رۇلىدا : لى جۈن          بەي شەن رۇلىدا : جىن يوڭجې
پۇ جىروڭ رۇلىدا : جىن شىڭيوۋ         جىن شىيەنخۇا رۇلىدا : جىن سۇيەن


تىياتىر ۋەقەلىگىنىڭ چۈشەندۈرلۈشى
«IRIS2» فىلىمىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىگى بولسا «بەيشەن» ئارقىسىدىكى قارا تۈگۈننى يىشىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان بىر يۈرۈش ۋەقەلىكلەر .
جاڭ خاۋ رول ئالغان ساقچى ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان لىيۇجىيەن بولسا NSS TF-A ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى . ئۇ «بەيشەن» نى ئارقا تىرەك قىلغان قارا تۈگۈن ئەنزىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان مۇھىم ئىشقا چېتىلىپ قالىدۇ . جاڭ خاۋ تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا مۇلايىم ، باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان ئەردىن رەھىمىسز لىيۇجىيەنگە ئايلىنىپ ، چەكسىز سىھرى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ .
لى دو خەي رول ئالغان تاپانچا قارىغا ئېتىش چىمپىيونى ئائىلىسىدن كىلىپ چىققان NSS TF-A گوروپپىسىنىڭ ئەزاسى چى شىيۇيەن ھەمدە ھەركەت دىراممىسىدا رول ئالغان . ئۇ ئادەتتە گەرچە تۇتۇرۇقسىز بولسىمۇ ، ئەمما ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ئۆزىنىڭ قالتىس ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ ، بىردىنبىر نەخمەيداندىكى ئايال خادىم بولسا گوروپپا ئىچىدە كەم بولسا بولمايدىغان خادىم ، ئۆزىنىڭ مىسلىسىز سىھىرى كۈچىنى نامەيەن قىلغۇسى .
گۈزەل ئايال ئارتىس ۋۇيەنشىيۇ رول ئالغان شەخس بولسا NSS نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈيمىن . ئۇ ئامېرىكا بەشبۇرجەك بىنا ئائىلسىدىن كىلىپ چىققان قالتىس ئەترەت ئەزاسى . ئۇ NSSنى قايتىدىن مەخپىي ئاخبارات ئورگىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ، زۇڭتۇڭ بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلىشىدۇ ، ئۇ بولسا ئاكتىپ ئىسلاھاتچى NSS كوللىكتىۋىنىڭ مۇھىم ئەزاسى .



قىسىملارغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش
1-قىسىم
NSSنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان جىن شىيەنجۈن ئۆلگەندىن كىيىن ، IRISنىڭ جاسۇسلۇق ھەركىتىگە قاتناشقانلىقىدىن قولغا ئېلىنغان ئىلگىركى NSSنىڭ ئىدارە باشلىقى بەيشەن يالغۇز ئارالغا نەزەربەنىت قىلىنىدۇ . جىن لىيۇجىيەن(جاڭ خاۋ رول ئالغان) ئەسلى بىر ساقچى ، بىر تۈرلۈك باندىتلارنى يوقۇتۇش ھەركىتىدە تۆھپە قوشقانلىقىدىن NSSقا ياراپ قالىدۇ ، ھەمدە تىزلا NSSنىڭ مۇھىم ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ . بىر يىل مەشىق قىلغاندىن كىيىن ، لىيۇجىيەن مەشق تىرىنىرى بولىدۇ ھەمدە چى شىيۇيەن(لى دوخەي رول ئالغان) ، شۈ شىيەنيۈ (يى دوۋ رول ئالغان) قاتارلىق باشقا ئەزالارنى مەشقىلەندۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن لىيۇ جوڭيۈەن (لى فەنشىيۇ رول ئالغان) ئەسلى شىمالىي كورىيەنىڭ جاسوسى بۇلۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە كامبودژادا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ . جىن يەنخۇا (لىن شىيۇشىياڭ رول ئالغان ) بولسا IRIS نىڭ مۇھىم ئەزاسى ، تەكلىپ بىلەن لىيۇ جوڭيۈەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بۇلىدۇ ، ھەمدە بىرلىكتە بىر ۋەزىپە تاماملىماقچى بولىدۇ . لىجوڭيۈەن دەسلەپتە ئىككىلنىدۇ ھەمدە ئاخىرى قوشۇلىدۇ . NSSتا بولسا جىن لىيۇجىيەننىڭ ۋەزىپىسى TF-Aنىڭ ئەترەت باشلىقى . NSSقا يېڭىدىن كەلگەن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈيمىن (ۋۇ يەنشىيۇ رول ئالغان ) ، سىرتىدىن قارىغاندا زىرەك ، قابىل كۆرۈنەتتى . IRISنىڭ ئەزاسى RAYقول ئاستىدىكىلىرى بىلەن NSSنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايرۇپىلانىنى ئىگەللىۋالىدۇ ، ئۇنى بەيشەن قامالغان يالغۇز ئارالغا قوندۇرۇپ ، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بەيشەننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ . ئەمما بەيشەن يېرىم يولدا تىك ئۇچاردىن دېڭىزغا سەكرەپ  IRISتىن ئايرىلىشنى تاللايدۇ . NSS ئۇختۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، بەيشەننىڭ ئېلىپ كىتىلگەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ، دەرھال TF-Aئەترىتىنى بۇ ئارالغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ . بەيشەن تىك ئۇچاردىن دېڭىزغا سەكرىگەندىن كىيىن قىرغاققا چىقىدۇ ھەمدە شىيۇيەننى تۇتقۇن قىلىپ لىيۇجىيەنگە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزمەسلىككە تەھدىت سالىدۇ . لىيۇ جىيەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ مەرگەن شىيەنيۈنى بەيشەننى ئۇجۇقتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ، ئەمما ئوق شىيۇيەننىڭ بىلىكىگە تىگىدۇ . NSS ئاخىرى بەيشەننى تۇتۇپ NSSنىڭ باش شىتابىغا ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۇنى سۇراق قىلىدۇ . NSS TF-Aقىسمىنى بەيشەننى شەھەر ئەتىراپىدىكى بازا KCغا يۆتكەشنى بۇيرۇيدۇ . بەيشەن NSSنى كۈندە گىزىت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ . RAYيىتەكچىلىكىدىكى IRISئەزالىرى بازا KCغا بۆسۈپ كىرىدۇ . پۇشىجاڭ ھۋە لىيۇجىيەن بەيشەننىڭ ئايرىلىشىنى قوغدايدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا پۇشىجاڭنىڭ قۇربانلىق بىرىشى بىلەن لىيۇجىيەن ۋە بەيشەننىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ .
2-قىسمى
شىيۇيەن دوختۇرخانىدا داۋالىنىدۇ ، سۈيمىن ئۇنى يوقلىغىلى بارىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ياخشى ئارام ئېلىشنى ئېيتىدۇ . لىيۇجىيەن شىيۇەننى NSSتىن چىكىنىپ چىقىشقا نەسىھەت قىلىدۇ ، شىيۇيەن ئۆزى بۇنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بىرەلەيمەن دەپ قارايدۇ . ھەمدە NSSقا قايتىدۇ . سۈيمىن بىلەن جېن لىيۇجىيەن NSSنىڭ ئىچكى قىسمىدا جاسوس بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ . سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ شىيۇيەننى يارىلاندۇرۇپ قويغان شىيەنيۈ ئۆزىنى بەك ئەيىپلەيدۇ ، ئاخىرى ئۆزىنى كەچۈرىدۇ . بەيشەن لىيۇجىيەن بىلەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . چۈنكى لىيۇجىيەن ئۆز ھاياتى بىلەن ئويلاشماي بەيشەننىڭ جېىنىنى قۇتۇلدۇرىدۇ ، بەيشەن IRIS نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنى لىيۇجىيەنگە ئېيتىپ ئۇنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكچى بولىدۇ . ھەمدە پات ئارىدا ۋىنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جەنۇب،شىمال كورىيە باشلىقلىرى يىغىنىدا يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى ، NSSنىڭ ھوجۇم قوزغايدىغانلقىنى  ، ئەمما نىشاننىڭ جەنۇب ياكى شىمالىي كورىيە ئەمەسلىكىنى ، لىيۇجىيەننىڭ كۆپرەك ئىھتىيات قىلىشىنى ئېيتىپ بىرىدۇ . ۋىنگىرىيەدە ، پۈتكۈل IRISنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ، جەنۇبى كورىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يەنخۇا ۋە جوڭيۈەن قاتارلىقلارمۇ ۋىنگىرىيەگە يىتىپ كىلىدۇ . شىيەنيۈ كوچىدا كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز RAYنىڭ شەپىسىنى بايقاپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ .
3-قىسىم
شىيەنيۈ ، لىيۇجىيەن ۋە شىيۇيەنلەر قەھۋاخانىغا قەھۋا ئىچكىلى كىلىدۇ . شىيەنيۈ ئالدىدا كىتىۋېتىپ تۇيۇقسىز RAYنى بايقاپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ ، لىيۇجىيەن بىلەن شىيۇيەن كوچا ئايلىنىپ قايتىپ كىلىدۇ ، كەچتە مىھمانخانىغا قايتىپ كەلگەندە شىيەنيۈ لىيۇجىيەنگە ئۆزىنىڭ RAYكۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . جەنۇب ، شىمال كورىيە باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرى باشلىنىدۇ . بىرتەرەپتىن جەنۇب،شىمال كورىيە باشلىقلىرى زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ ، سۈيمىن ئېسىل ياسىنىدۇ . جىن يەنخۇا كۈتكۈچى MEIنى جايلىۋىتىپ ، ئۇنىڭ سىياقىدا مىھمان كۈتكۈچىسى بۇلۇپ ، زىياپەتكە سوقۇنۇپ كىرىدۇ . يەنخۇا زىياپەتتە قەستەن ھاراقنى شىمالىي كورىيە ۋەكىلىنىڭ ئۈستىگە چېچىۋىتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ كۆينىكىنى يۇيۇپ بەرمەكچى بۇلۇپ ياتاققا قايتىدۇ . شىيەنيۈ مىھمانخانىغا مۇلازىمەتچىلىرى تىزىملىكىگە قاراپ ، تىزىملىكىتىكى MEI بىلەن زىياپەتتىكى MEIنىڭ بىر ئادەم ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ . چۈەنخېڭ تەينىڭ قوغدىغۇچىسى پۇجېروڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۇچقاندەك ياتاققا كىلىدۇ . ھالبۇكى ئۇ يىتىپ كەلگەندە چۈەنخېڭ تەي ئاللىقاچان يەنخۇا تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ . چۈەنخېڭ تەينىڭ ياتىقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە NSSنى چۆچۈتۈپ قويىدۇ . يەنخۇا قاچقاندىن كىيىن ، ماشىنا بىلەن مىھمانخانىدىن ئايرىلىدۇ ، ئەمما ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلىنىدۇ ، ئاران تەستە بۇ ساقچىلاردىن قۇتۇلۇپ يەنە بىر بۆلەك ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىدۇ ھەمدە ساقچىلار تەرىپىدىن بىر كۆۋرۈكتە قورشاۋدا قالىدۇ . يەنخۇا كۆرۈنۈشتە تەسلىم بولۇۋاتقاندەك قىلىپ ، ئەمەلىيەتتە لىيۇجوڭيۈەننىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتىدۇ . لىيۇجۇڭيۈەن بىر كىمىنى ھەيدەپ دەل كۆۋرۈك ئاستىغا كىلىدۇ ، يەنخۇا كۆۋرۈكتىن كىمىگە سەكرەپ ، ئىككەيلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلۇپ قالىدۇ .
4-قىسىم
IRIS بىلەن بولغان ئېتىشىشتا ، جاۋمىڭخاۋ ۋەكىل يارىلىنىدۇ . لىيۇجىيەن ۋاختىدا شىيۇيەننى قۇتقۇزىۋالىدۇ . چىڭۋاتەيدە زۇڭتۇڭ ۋە سۈيمىن ئۈچەيلەن يىغىن ئاچىدۇ ، ھەمدە بەيشەننىڭ ئىشتىن بۇرۇن دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى تىلغا ئالىدۇ ، NSSنىڭ ئىدارە باشلىقى بۇ ۋاقىتتا NSSنى دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىگە قوشۇلۇشنى ئېيتىدۇ . لىيجىيەن بىلەن بەيشەن كۆرۈشىدۇ ، ئىككەيلەن كىلىشىم ھاسىل قىلىدۇ . لىيۇجىيەن ئايرىلدىغان چاغدا بەيشەن ئۇنىڭغا RAYدىن ئىھتىيات قىلىشنى ئېيتىدۇ . يەنخۇا شىمالدا ئېغىر قىيىن قىستاققا ئېلىنىدۇ . لىيۇجوڭيۈەن كامبودژاغا قايتىپ كىتىدۇ . لىيۇجىيەن ئىشتىن توختىلىپ دېڭىز بويىغا دەم ئالىغلى بارىدۇ . شىيەنيۈ كامبودژاغا لىيۇجوڭيۈەننى قايتۇرۇپ كىلىشكە ئەۋەتىلىدۇ ، بىر قاتار ئەگرى توقايلىقلاردىن كىيىن شىيەنيۈ لىيۇجوڭيۈەننى تۇتۇپ بىر مىھمانخانىغا قاماپ قويىدۇ ، ئەمما ئەتىسى بىخەستىلىك قىلىپ يەنە قاچۇرۇپ قويىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتتىق دىسكىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ ، قاچقاندىن كيىن لىيۇجوڭيۈەن يەنە پۇجېنروڭغا ئۇچقاپ قالىدۇ ھەمدە شىمالىي كورىيەگە قايتىپ كىتىدۇ . سۈمىن بەيشەن بىلەن بىرلەشمەكچى بۇلغاندا بەيشەننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ . لىيۇجىيەن بىر ئۈزۈكنى ئېلىپ شىيۇيەنگە بىرىدۇ ، خۇشال بولغان لىيۇيەن لىيۇجىيەن بىلەن سەيلىگە چىقىدۇ . ئىككەيلەن دېڭىز بويىدا خۇشال سەيلە قىلىدۇ كەچتە مىھمانخانىدا ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىدۇ . ئىككىيلەن لىيۇجىيەننىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئانىسى ۋە خېجىڭ تاغىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولىدۇ ، تاغىسىنى يوقلاش جەريانىدا Rayنى كۆرۈپ قالىدۇ ، يەنە بىرمەيدان جەڭ بۇلىدۇ ، خېجىڭ تاغا ئۆلتۈرىلىدۇ ، لىيۇجىيەن بىر كۈندىلىك خاتىرە تېپىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن تاساددىبىي ھالدا خېجىڭ تاغىنىڭ بەيشەن توغرىلىق يازغان گەپلىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ . ئايال كاتىپنى NSSنىڭ جاسۇسى دەپ گۇمانلىنىدۇ .
5-قىسىم
لىيۇجىيەن مۇلازىمىتىر كومپىيۇتېر ئۆيىدە ئىدارە باشلىقىنىڭ كاتىپى لىشىيۇجىن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ ، لىيۇجىيەن ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاپشۇرغان ئىشنى قىلىش باھانىسى بىلەن مۇلازىمىتىر ئۆيىگە كىرىدۇ ، لىشىيۇجىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ . شىيەنيۈ شىيۇيەننىڭ ئوڭ قولى بىلەن قەلەمنىمۇ تۇتالمايۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ . لىيۇجىيەن بەيشەن بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭدىن NSSئىچىدە IRISبىلەن قانداق ئالاقە قىلىشقانلىقىنى سۇرايدۇ ، بەيشەن ئۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ ، غەلىتە يىرى ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا ئېيتمايدىغان گەپلەرنىمۇ لىيۇجىيەنگە ئېيتىدۇ ، ئەمما لىيۇجىيەن بەيشەننى ئۆزىنىڭ ئاتسىنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان دەپ گۇمانلىنىدۇ ، بەيشەن ئەسلەپ ئىلگىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئۇچراپ قالغان قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . سۈيمىن بىلەن لىيۇجىيەن بەيشەننى يەمچۈك قىلىپ IRISنى قىلتاققا ئىلىنىدۇرماقچى بۇلىدۇ ، ئۇ ئىككىسى بۇ ئىشنى ھەممە ئادەمدىن يۇشۇرىدۇ ھەتتا ئىدارە باشلىقىغىمۇ دىمەيدۇ . لىيۇشىجىن ئىدارە باشلىقىنىڭ پورتمالىنى ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆپەيتىۋالىدۇ . يەنخۇا ئېلىشىپ چىقىپ كەتمەكچى بۇلىدۇ ئەمما جوڭيۈەن نەسىھەت قىلىپ توسۇپ قويىدۇ . سۈيمىن لىيۇجىيەنگە ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن چۇقۇم IRISنى تەكشۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ ، ئەسلىدە ئۆزى سۆيگەن كشىلىرىنىڭ ھەممىسى IRIS سەۋەبلىك ئايرىلغان ئىدى . يەنخۇا جوڭيۈەنگە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قانداق ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىرىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۆزىنىڭ IRISقا قاتنىشىپ ئىنتىقام ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . شىيەنيۈ شىيۇيەننىڭ قارغا ئېتىش مەشقىگە ياردەملىشىدۇ ، شىيۇيەن ئاخىرى ئۆزىنىڭ قولى تىترەش قىيىنچىلىقىنى يېڭىىپ مۇۋاپىقىيەتلىك قارغا ئېتىش ماھىرى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ ، ئىككەيلەن خۇشاللىقىدىن قۇچاقلىشىپ يىغلاپ كىتىدۇ . بەيشەننى يۆتكەش ھەركىتى باشلىنىدۇ ، IRISنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ، ھەقىقىي بەيشەن ئالماشتۇرىۋىتىلىدۇ ، NSSئىككى يولغا بۆلۈنۈپ يالغان بەيشەن ئارقىلىق IRISنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بۇلىدۇ ، ئەمما لىشيۇجىن كۆپەيتىۋالغان ئىدارە باشلىقىنىڭ كىنىشكىسى ئارقىلىق مۇلازىمىتىر ئۆيىگە كىرىپ لىيۇجىيەننىڭ ئورنىنى بىلىۋالىدۇ . IRIS بىلەن بولغان كەسكىن ئېتىششتا لىيجىيەننىڭ بېشىغا ئوق تىگىدۇ ، جەسىتىنى IRISنىڭ باشلىقى Ray ئېلىپ كىتىدۇ .
6-قىسىم
ئا گوروپپا ئۇرۇش ۋاختىدا لىيۇجىيەننىڭ ئىزىغا چۈشكەن ئادەمنىڭ ئىدارە باشلىقى ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ ، ھەمدە بۇنى بۇ ئىشنى ئاۋال مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا ئېيتماقچى بۇلىدۇ . جەسەت تەكشۈرۈشتە مەخمەيداندىكى نەرسىلەر لىيۇجىيەننىڭ نەخمەيداندا ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . شىيۇيەن لىيجىيەننىڭ ئۆيىدىن لىيجىيەننىڭ بەيشەن بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىشىنى تەكشۈرۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ ، ھەمدە بۇ يەردە بىر مەخپىيەتلىكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ . يىشىخڭ بىلەن سوڭجوڭ مەيخانىغا بېرىپ ھەركەت كۈنى ئىدارە باشلىقى بىلەن لىشيۇجىننىڭ بىرگە ئىكەنلىكىنىڭ سىن ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقىدۇ ، ئا گوروپپا لىشيۇجىننىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ كىنىشكىسىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ ھەمدە ئاۋال لىشيۇجىننى قولغا ئېلىش قارارىغا كىلىدۇ . Ray لىشيۇجىنغا كومپىيۇتېردىكى تېلفۇن ئالاقىسىنى يۇيۇۋىتىشنى بۇيرۇق قىلىدۇ .لىشيۇجىن Rayدىن لىيۇجىيەننىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى بىلىدۇ ، NSS لىشيۇجىننى قولغا ئالىدۇ ، ئەمما لىشيۇجىن ھىچنىمە دىمەيدۇ ، شىيۇيەن سوراق جەريانىدا لىشيۇجىندىن لىيۇجىيەننىڭ ئەھۋالىنى سۇرايدۇ ھەمدە ئاچچىقلىنىپ تاپانچا بىلەن لىشيۇجىننىڭ پۇتىغا ئاتىدۇ ، لىشيۇجىن شىيۇيەنگە لىيۇجىيەننىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . شىيۇيەن بەيشەن بىلەن كۆرۈشىدۇ ، بەيشەن ئۇنىڭغا لىيۇجىيەننىڭ چۇقۇم ئۆلمىگەنلىكىنى ، IRIS نىڭ ئۇنى ئېلىپ كەتكەن بولسا چۇقۇم ھايات قويىدىغانلقىنى ئېيتىدۇ ، سۈيمىن NSSنىڭ IRISبىلەن يۈزمۇ-يۈز ئېلىشىشىنى قارار قىلىدۇ ، ھەمدە چېشىيۇيەننىڭ لىيۇجىيەننىڭ ئورنىغا ئا گوروپپىغا مەسئۇل بۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ . بەيشەن سۈيمىنگە IRISنىڭ ئۇنى ئىزدەشتىكى مەخسىتىنىڭ سىئول ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش يادرو قۇرالى ئورنىنى تېپىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ . بەيشەن ئۆزىنىڭ ياش ۋاىتىدىكى ئايالى ۋە بالىللىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ، ئۇلارمۇ بەيشەننى ئۆلدى دەپ قارايدۇ ، ئوغلىمۇ ئانىسىنىڭ فامىلىسىغا ئەگىشىدۇ ، ئەسلىدە بەيشەن دەل لىيۇجىيەننىڭ ئۆلۈپ كەتكەن دادىسى لىيۇشاڭجۈن ئىدى . شىيۇيەن لىيۇجىيەننىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بېرىپ تۇرماقچى بۇلىدۇ . 9ئايدىن كىيىن شىيۇيەن ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە قارىماي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىدۇ ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شىيۇيەننىڭ غەلىتە مەخلۇقتەك خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ . ياپۇنىيە ، كۈز ، ئەسلىدە لىيۇجىيەن IRISتەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنىپ خاتىرىسىنى يوقاتقاندىن كىيىن IRISئۈچۈن ئىشلەيدىغان بولغان ئىدى . Ray ياپۇنىيەگە لىيۇجىيەننى كۆرگىلى كىلىدۇ . IRISئاخىرى يەنخۇاغا جاۋاپ خەت يوللايدۇ . شىيۇيەن لىيۇجىيەننىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە خېزەيلوڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ .
7-قىسىم
شىيۇيەن كۈندىلىك خاتىرىنىڭ مەزمۇنىنى كۆرگەندىن كيىن دەرھال خاتىرىنى ئېلىپ ئۇ ئۆيدىن ئايرىلىدۇ . Rayبىلەن بولغان گەپ-سۆزدىن لىيۇجىيەننىڭ خاتىرىسىنىڭ ئەسلىگە كىلىۋاتقانلىقى نامايەن بۇلىدۇ ، Ray لىيۇجىيەن ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ مىڭسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ئەھۋالدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ . شىيۇيەن خاتىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كيىن ، لىيۇجىيەن تاپالمىغان بەيشەننىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك ئىسپاتىنى ئىزدەيدۇ . شىيەنيۈ شىيۇيەننىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بىلەن باغچىغا ئوينىغىلى كىلىدۇ ، NSS شىمالدا پۇجىنروڭ ۋە لىيۇجوڭيۈەننىڭ چىگىردىن چىقىپ ياپۇنىيەگە ماڭغانلىقىى بايقايدۇ ، شىيەنيۈ ئۇلارغا ئەگىشىپ ياپۇنىيەگە بېرىش قارارىغا كىلىدۇ . ياپۇنيىدە IRISنىڭ قول ئاستىدىكى خادىم بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان لىيۇجىيەن Kenنامى بىلەن ياشاۋاتاتتى ، Rayئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ ماھارىتىنى سىنايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ماھارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق قالدى ئشىلارنى بىر تەرەپ قىلماقچى بۇلىدۇ . NSS پۇجىنروڭنى دەل لىيۇجوڭيۈەن بىلەن يەنخۇانى قۇتراتقان پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچ دەپ قارايدۇ ، يەنخۇا بىلەن IRIS ئەتىسى كۆرۈشۈشكە پۈتىشىدۇ ، ئەمما Kenئاللىقاچان پۇجىنروڭنىڭ ھوجرىسىغا پىستىرما قويغان ئىدى ، پۇجىنروڭ لىيۇجىيەننى تۇنۇۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن گەپلىشىدۇ ، Ray لىيۇجىيەنگە پۇجىنروڭنى ئۆلتۈرىۋىتىشنى ئېيتىدۇ ، پۇجىنروڭ لىيۇجىيەننىڭ ئىسمىنى چاقىرىدۇ ، لىيۇجىيەننىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ ئوق چىقىرالمايدۇ ، پۇجىنروڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېڭىزغا سەكرەپ قاچىدۇ . Ken Rayدىن لىيۇجىيەننىڭ كىملىكىنى سۇرايدۇ ، Ray ئۇنى ئالداپ پەقەت دۈشمەن دەپلا قويىدۇ .  پۇجىنروڭ قىرغاققا چىقىدۇ ، ھەمدە جوڭيۈەنگە ئۆزىنىڭ لىيۇجىيەننى كۆرگەنلىكىنى ، ئەمما لىيۇجىيەننىڭ ئۇنى تونۇمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ھازىر IRIS ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ .

8-قسىىم
جىنروڭ ئاۋال جۇمھۇرىيەت بىلەن ئالاقلىشىپ ئاندىن يەنخۇانى ئىزدىمەكچى بۇلىدۇ ، ئەمما جوڭيۈەن قۇرال كۆتۈرۈپ جىنروڭنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ ھەمدە جىنروڭنىڭ ئىزنىكىنى ئېلىپ كىتىدۇ . جوڭيۈەن شىمال خادىمى بىلەن كۆرۈشىدۇ ، شىمال تەرەپ خادىمى جوڭيۈەنگە جىنروڭغا ئوق تىگىشتىن ئاۋالقى تېلفۇن خاتىرىسىنى ئاڭلىتىدۇ ، جوڭيۈەن جىنروڭنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . لىيۇجىيەن ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىلگىركى خاتىرىسنى ئەسلىيەلەيدۇ ، ئۇ يەنە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىدۇ . جوڭيۈەن ئاۋمىندا ئالتۇن ئىسكىلاتى ئاچقۇزۇپ ، نۇرغۇن پۇل ، پاسپورت ، تېلفۇن ، قۇرال ۋە بىر ئۆزەك ساقلايدۇ . ............................... فىلىم ۋەقەلىكى موشۇ بويىچە ھەرخىل ۋەقەلىكلەر بويىچە راۋاجلىنىپ ھازىر 18-قىسىمغا قەدەم قويدى

فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانىدىن قىسقىچە ئۈزۈندە
« IRIS 2» بولسا 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا رەسمى قويۇلۇشقا باشلىدىغان ، 2012-يىلى10-ئايدىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان . بۇ فىلىمگە 20مىليارد كورىيە پۇلى (تەخمىنەن 113مىليون يۈەن خەلىق پۇلى) ، ئىشلىنىش راسخوتى ئادەتتىكى كىنولاردىن ئېشىپ كىتىدۇ . فىلىمدە لى دوخەي ، جاڭ خاۋ قاتارلىق چولپانلاردىن سىرىت دانىر.ھېنرىنىڭمۇ رولغا چىقىدىغانلقى بىكىتىلدى .
بۇ فىلىمگە يەنە كۆپ مىقداردىكى ۋىنگىرىيەنىڭ بۇداپىشت مەنزىرىسى كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ، بۇ تەرەپتىن ئالدىنقى بىرىنجى بۆلۈمدىكى ۋەقەلىككە ۋارسلىق قىلىنغان ، ھەمدە « IRIS 2» سۆرەتكە ئېلىنىش جەريانىدا يەرلىكلەرنىڭمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىرىشكەن .
بۇ فىلىم دۆلەت ئىچىدە ئەڭ ئاۋال دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى دەپ ئاتالغان كامبودژادىكى ۋۇگىكۇ بۇتخانىسىدا ھەركەت فىلىمى ئېلىنغان تىلىۋىزىيە تىياتىرى بۇلۇپ قالدى . بۇ ھوللىۋود فىلىمى «قەدىمقى قەۋرىدىكى كۆلەڭگە» فىلىمىدىن كىيىن بۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنغان تۇنجى فىلىم .

ئارتىسلار قۇشۇنى

« IRIS 2» فىلىمىنىڭ ئارتىسلار قوشۇنىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك دىيىشكە بۇلىدۇ ، ئەر-ئايال باش ئارتىس جاڭ خاۋ ۋە لى دوخەيدىن باشقا ، « IRIS » فىلىمىدىكى ئارتىسلاردىن ماجىن يوڭجې ، جىنشىڭيوۇ ، جىنسۇيەن قاتارلىقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئىرىشكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئايال ئارتىس ۋۇيەنشىيۇ ۋە لىنشىيۇشىياڭ قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان . ھوللىۋودقا كىرگەن ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كورىيەلىك ئارتىس دەنىر.ھېنىرىمۇ 9-ئاينىڭ20-كۈنى كورىيەگە قايتىپ ، بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشىغا قاتناشقان .
فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئارتىس ۋە تەشۋىقات رەسىملىرى








شۇنداق  گەرچە بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈنۈشتە بىزدىن يىراق جايلاردا ئىشلەنگەندەك قىلغان بىلەن بۇ فىلىمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە ۋەقەلىكلەردىن بىزنىڭ سىياسىي ئېڭىمىز،ئىشەنچ ۋە ۋاپا-سەمىمىي ساداقەت ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھېچنىمىدىن قورقماي قوربان بىرەلەيدىغان يۈكسەك باتۇرلۇقنى چۈشىنەلەيمىز.ھەر بىر قىسىم ۋەقەلىكلىرىدىن پىرسوناژلارنىڭ ئوبراز يارىتىشىدىن تۇرمۇشتا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلارنىڭ قانداق سىياسىي ئويۇنلار ئىكەنلىكىنى ئازدۇر - كۆپتۇر ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.قېنى دوستۇم سىزمۇ بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ،ھىس قىلغانلىرىڭىزنى مۇنۇ تېما ئاستىغا قالدۇرسىڭىز تورداشلار بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىپ ۋەقەلىكنىڭ چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكە نوقتىلارغا ئېلىپ بارالايدۇ.




بۇ تېما ھەر قانداق سەۋەب ۋە بانا بىلەن باشقا تور بېكەت ، مۇنبەر، بلوگلاردا تارقىتىلىشقا ،سەۋەبسىز يۆتكەپ كىتىلىشكە بولمايدۇ.ئەلكۈيى تورىغا تەۋە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 16:39  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
47232
يازما
158
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
158
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن كورىيەنىڭ  ھازىر تۈركىيەنىڭ كىنولىرى مودا بولاپ كەتتىغۇ...
ماۋۇ ئامېرىكىنىڭ تۈرمىدىن قېچىشتىن كېيىن جەسەتلەر دۇنياسى تېلىۋزىيە فىلىمىمۇ خېلىلا تەسىر قوزغىدى

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-12 19:30):
كورىيەنىڭ شەھەردىكى ئوۋچى فىلىمىمۇ خېلى پىچەتكەن.1قىسىمنى كۆرگەن بولىدىك

Rank: 8Rank: 8

UID
14103
يازما
20
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2011-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
87 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 19:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودا بولۇش سەۋەبى بۇ دۆلەتلەرنىڭ فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ بارغانسىرى ئۆسۈپ كىتىۋاتقانلىقىدا،ھېچكىممۇ ئۆزىگە يارىمىغان كىنو ياكى فىلىمنى كۆرمەيدۇ.ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ كىنو ئىشلەش تېخنىكىسى ھەققىدە ئۈستىدىكى يازمىدا بەلگىلىك چۈشەنچە بىرىلدى.شەھەرلىبك ئوۋچى تېلىۋىزىيە تىياتىرىمۇ ياخشى ئىشلەنگەن بىر ئۆزگىچە فىلىم بىراق قىززىقتۇرۇش كۈچى جەھەتتە ئەرۋاھ ۋە ئەيلىس2 گە يەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە كورىيە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە مەخسۇس مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتكەن.قېنى ئەيلىس2نى كۆرۈپ بېقىڭ،ناۋادا چۈشەنچىڭىز ئايدىڭلاشمىغان جايلار بولسا مۇنبەرگە يازسىڭىز بىرلىكتە مۇنازىرە قىلىشقا تەييارمىز.

UID
47232
يازما
158
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
158
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-19
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
news يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 19:43
مودا بولۇش سەۋەبى بۇ دۆلەتلەرنىڭ فىلىم ئىشلەش تېخنىكى ...

مۇمكىن بولسا سز دېگەن شۇ فىلىملەرنىڭ كۆرۈش ئادىرىسىنى يوللاپ بېرىڭە

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 12:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كورىيە فىلىملىرنى كۈرۈشكە ئامراق ...
بەزى كىشىلەر مۇھاببەتلا تەسۋىەرلىنىدۇ ، مۇشۇ كىنولارنىڭ تەسىرىدن جەمىئەت بۇزۇلۇپ كەتتى دىيىشدۇ ... لىكىن مىنىڭچە ئەسلا ئۇنداق ئەمەس ، بىز ئۆگىنىشكە ئەرشىيدىغان يەرلىمۇ بار بۇلكىشى مۇمكىن ... ئۇنداق دىگەنلىك ئۇلارنىڭ مەدەنيىتىنى ئۆگىنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىڭ دىگەنلىك ئەمەس ....
بىزدە يوق بولغان ياخشى ، تەرەپلىرى بولسا ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ ...
ئەمىلييەتتە بىر نەرسىنىڭ ياخشى يامان ھەر ئىككى تەرىپى تەڭلا مەۋجۇت ...

UID
48980
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 14:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى بۆلۇمىنى تۇرانىم ئۇيغۇرچەخەتلىك فىلىم مۇنبىرى خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ بولدى .
http://www.turanim.com/forum.php?mod=forumdisplay&fid=37
ھەقىقەتەن كۆرگۇچىلىكى بار فىلىم بۇ .

UID
13396
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
95
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-30
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 16:36:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېنۇنى مەنمۇ ئاندا -مۇندا كۆرگەن..بىراق تىل كۇرىيە تىلدا بولغاچقا كۆرۈش خوش ياقمغان ماڭا ..تىگدىغۇ خەنچە تەرجىمسىغۇ باركەن بولمسا ....

UID
18315
يازما
98
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
128
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:27:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا يەنە باشلايدىكەنمەن دە كىنو كۈرۈشنى

UID
44774
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 17:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش